(1)
بەزىلەر جوڭگۇلۇقلاردا يۇمۇرستىك تۇيغۇ كەمچىل دىيشىدۇ .
ئەمما نەچچە ئون يىلدىن بۇيان سىمىزلىكتىن ماڭالماي تەختىرۋاندا ئولتۇرغانلار ئۆزىنى <<چاكار>> دەۋاتىدۇ ،باش كۆزى توپا -چاڭغا مىلىنىپ ،تەرلەپ پىشىپ تەختىرىۋان كۆتۈرگەنلەر بولسا<< خوجايىن>> ئاتىلىۋاتىدۇ .ھەر ئىككى تەرەپ ئوچۇق -ئاشكارە سورۇنلاردىمۇ بىر -بىرىنى يۇقىرقىدەك ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كىتىۋاتىدۇ -يۇ،بۇنىڭدىن خاۋاتىرلەنمەيۋاتىدۇ ،ئەجەبلە-نمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى بىر يۇمۇر ئەمەسمۇ ؟؟؟ !!!
(2)
بەش ۋاق ناماز ئۆتىگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولۇشى ناتايىن ؛ زۇۋان سۈرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى گاچا بولشى ناتايىن ؛بىزگە <<سەمىمىيلىك>>بىلەن نەسىھەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى دوسىت بولۇشى ناتايىن ؛ ئېغىزىدىن چوڭ قائىدە- زاكونلارنى چۇشۇرمەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى دانا بولۇشى ناتايىن ؛ ئۇزۇن چاچ قويۇۋالغانلارنىڭ ھەممىسى سەنئەتكار بولۇ-شى ناتايىن ؛رادىئو-تىلۋىزورلاردا ماختىغان دورىلارنىڭ ھەممىسى شىپالىق بوپكىتىشى ناتايىن؛ قىممەت كىتابلارنىڭ ھەممىسى ياىشى بوپكىتىشى ناتايىن .
(3)
باراۋەر ئورۇندىكى كىشىلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەسلىكى تەڭسىزلىك ؛ باراۋەر ئورۇندا تۇرمىغان كىشىلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرشىشى تەڭسىزلىك ؛ كەتمەن چاپقاننىڭ جىگدەيەپ ئوڭدا ياتقاننىڭ گىردە يىيىشى تەڭسىزلىك؛ ھوقۇق ۋەقانۇننىڭ پۇقرالارنىڭ ھوقۇق مەنپئەتىنى قوغداشتىكى قورال بولماستىن ھوقۇقدارلار ۋە قانۇن ئىجراچىلارنىڭ پۇقرالارنى قورقىتىشتىكى ۋاستىسى بولۇپ قېلىشى تەڭسىزلىك ؛ <<چاكار>> نىڭ <<خوجايىن >>ئۈچۈن خىزمەت قىل-
ماستىن، <<خوجايىن >>دىن ئۆزىگە خىزمەت تەلەپ قىلىشى تەڭسىزلىك ؛ئۇنۋان -دەرىجىلەرنىڭ ئەمەلي-ئىقتىدار،نەتى-
جىگە قاراپ بېرىلمەستىن مۇناسىۋەتكە، ساقالغا قاراپ بېرلىشى تەڭسىزلىك ؛ تۇزنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان شەھەر-
لىكلەرنىڭ ئاش-نان بەرگەن جاپاكەش ،مىھنەتكەش دىھقانلىرىمىزنى پەس كۆرىشى ، كەمسىتىشى تەڭسىزلىك .
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلى 2012-يىللىق 3-سان