مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1212|ئىنكاس: 0

[ دولان ] بىزگە قانداق ئەركىنلىك كىرەك؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 04:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزگە قانداق ئەركىنلىك كىرەك؟

گو رۇيى

دولان تەرجىمىسى


  كومپىتۇرنى ئاچسام مىكرو بىلوگدا، تىەنجىن شەھرىنىڭ جىشەن ناھىيەسىدە تورنى ئۇزىۋىتىپ مۇخبىرلارنى تۇسىۋالغانلىقىنى دەپتۇ.راس-يالغانلىقىنى بىلمىدىم، بىراق مەن بۇ ئىشنىڭ راسلىقىغا ئىشىنىمەن چۇنكى تىئەنجىن شەھىرى ئەزەلدىن ئاخباراتنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ، ھۆكۇمەتنىڭ خەۋىرىدە بىرقىتىملىق ئوت ئاپىتىدە 10 ئادەم ئۆلگەن دىيىلدى، سىز ئىشىنەمسىز بىلمىدىم، مىنىڭچەھەچكىم ئىشەنمەيدۇ، سەۋەبى شاڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىسى بۇ ۋەقەدە 300 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى دەپ خەۋەر بەردى، كىشىنى تەخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى مەملىكىتىمىزدىكى باشقا چوڭ ئاخبارات ۋاستىسى بۇ خەۋەر تىلغا ئېپقويمىدى ھەمدەبىرەر كىشىمۇ تىئەنجىن شەھرىدىن بۇ ئىشنىڭ ئەملىي ئەھۋالىنى سۇراپ باقمىدى.

  « خەلق گىزىتى » دىكى لۇ شىننىڭ بىيجىڭ ئونۋىرسىتىتىنى پۇتتۇرىش مۇراسىمىدا ئوبرازلىق قىلىپ « بۇ گۇمانىي جەمىيەتتە بىزھەقىقى پاكىتقا بەكمۇ ئىھتىياجلىق » دىگىنىدىن پارتىيە گىزىتى بۇلىم مۇدىرىنىڭ كوڭلىنى بىلىۋالالايمىز. راستىنى دىگەندە بىز ئاخباراتنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىمىز، ھۆكۇمەتنى مازاق قىلىمىز، چىرىكلىكنى ھاقارەتلەيمىز. مۇرەككەپ زىددىيەتكەتولغان بۇ دەۋىردە، كانىيىڭىزنى بۇغۇۋالسا، قانداق زۇۋان سۇرەلەيسىز؟، ئەقەللىسى كۇزىڭىز بىلەن كۆرگەن ئەمىلىيەتنى يۇرەكلىك بايان قىلاماسلىق، بىر مىللەتكەنىسبەتەن بىر پاجىئە.

  ھەرنىمە بولسا زۇۋانىمىز تىخى تۇلۇق ئىتىلىپقالمىدى، يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر ئەۋاز چىقىرالايدۇ، شۇ سەۋەپتىن چىقارغان سادا بەكلا تۇۋەن بۇلىۋاتىدۇ.

  ئامىرىكىنىڭ « ئىتنىڭ ئادەمنى چىشلىگىنى خەۋەرئەمەس، ئادەمنىڭ ئىتنى چىشلىگىنى ھەقىقى خەۋەر » بۇلىدۇ دىگەن ئاخبارات ئۆلچىمى جوڭگودا ئاقمىسا كىرەك، سەۋەبى بىزنىڭ ئاخباراتىمىزمۇ جوڭگوچە ئالاھىيدىلىككەئىگە. چۇنكى دۆلىتىمىزدە ئادەمنىڭ ئىتىنى چىشلىگىنى بىمەنىلىك ياكى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ. يىقىندا ئاڭلىسام بىيجىڭ شەھرى « بىيىجىڭ شەھەرلىك پارتىيەقۇرۇلتىيى » مەزگىلىدە بىيجىڭغا ئائىت سەلبى خەۋەرنى بىرىشنى چەكلەپ قۇرۇلتاينىڭ ئۇڭۇشلىق ئىچىلىشىنى تەكىتلىگەن، بۇ چەكلەش بۇيرىقى ھازىرغىچە ئىجرابۇلىۋاتامدۇيوق بىلمەيمەن. ئەمەلدارلاردىن ئاڭلىشىمچە، دۆلەت بىخەتەرئىشلەپچىقىرىش ئىدارىسى « 18-قۇرۇلتاي » مەزگىلىدە دەرۋازا ئالدىغا مەخسۇس ئادەم قۇيىپ « خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك » قىلغان. قارىغاندا دۆلىتىمىزدە ئادەمنىڭ ئىتنىچىشلىگىنى ھەچنىمە بولمىسا كىرەك. ھەر خىل كۆرسەتمىلەر بۇيىل ھەقىقەتەن بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى، كۆپلىگىدىن ئادەمنىڭ بىشى قىيىپ كىتىدۇ.

  « زەھەرلىك كاپسۇل » ۋەقەسى بىر مەھەل ئاخباراتۋاستىسىنى قىززىتىۋەتتى، بۇ ۋەقەدە سىنا، تىڭشۇن بىلوگى « جامائەت پىكرىنى باشقۇرىشتا ماھىر بولمىغان » دەپ قارىلىپ 3 كۇن تاقىۋېتىلىپ، پاراكتىكا قىلىۋاتقانبىر سىتودىنىت خىزمەتتىن ھەيدەلدى. شاڭگاڭنىڭ ئاخبارات خەۋىرىدە بۇ ئىشقا چەتىشلىق رەھبەرنى قاتتىق ئەيىپلەپ، ھۆكۇمەتنى ئۇسال ئەھۋالغا چۇشىرىپ قويدى. مەن جوڭگونىڭ ئىنتىرنىت تۇرىنى دىمۇگىراتتىيەنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئالغا سۇردى دىيەلمىسەممۇ،بىراق دىمۇگىراتتىيەنىڭ بۇ خىل ئىپادىسىنى چوڭ ئىلگىرىلەش دىمەيتۇرالمايمەن. بەزى ئاتالمىش مەنئى قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشلار پايدا-زىيان بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلسىمۇ ئادەتتىكى ئىشنى چوڭايتىۋىتىدۇ. قاتتىق تىزگىنلەش ئالدىدا جوڭگودىكى ئىنتىرنىت ۋاستىسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، بىز پەقەت بەزىگەپلەرنى دىيەلىسەكمۇ، بىراق نۇرغۇن گەپلىرىمىز ئىچىمىزدە سېسىپ كىتىۋاتىدۇ.

  « نىۋيۇرك ۋاقىت گىزىتى » نىڭ خەنزۇچە نەشرىدەچوڭ قۇرۇقلىقتىكى بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا « خۇشاللىقىنىمۇ، قايغۇسىنىمۇ دىيەلمەسلىك» دەپ باھا بەرسە، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىنى چەكلىدى، راستىنى دىسەم ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل كۆرسەتمىلەرنى كۆرىپ ھاڭۋىقىپ قالغان ئىدىم، ئادەتتە سەن ۋەھىمە قىلىدىغان نەرسىلەر كۆپ بولسا، ئەقەللىيسى سەن ئىشىنىدىغان بەزى ئىشلارمۇ يۇقاپ كىتىدىكەن. ئەگەر ھەقىقەت دەپ قارىغان نەرسىنىندادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيىپ، ئاۋامنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكەيىتەكلىيەلمەي، قۇلاقنى يۇپۇرىۋەلىپ ئۇزىنى ئالداش، ئىچكى ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ،جوڭگونىڭ ئىشەنىچ دەرىجىسىنى تۇۋەنلىتىدۇ. « شىنخۇا گىزىتى » ئەينى چاغدىكى چوڭچىڭ شەھرىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاخباراتنى مونۇپۇل قىلىش قىلمىشىنى ئاشكارىلاپ،ئاۋامغا ياخشى تەسىر بەرگەن ئىدى.

  ئەگەر بۇنى دەرىسلىك كىتاپلارغا كىرگۇزگىدەكۈچوڭ جاسارەت دىسەك، ئۇنداقتا بۇگۇنكى جوڭگو دائىرلىرىگە شۇنداق دىيىش كىرەككى،نۆۋەتتىكى ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك ئىشلارنى چۇقۇم ئاشكارىلاش كىرەك، ئەگەرسەن ھەقىقەتنى بۇرمىلىماقچى بولساڭ، ئاۋام ساڭا ئىشىنەرمۇ؟، تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەينى يىللاردىكى قەھرىمانلىقنىڭ قۇيرىقىنى قۇم باستى.

  جوڭگونىڭ قۇدرەتتەپىشىنى ئۇمىد قىلمايدىغان بىرەر جوڭگولىق بولمىسا كىرەك، بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىشەنچ كىرزىسىگە تولغان دەۋىردە، بۇ خىل ئۇمىد ئاۋامغا ئىشەنىچ تۇرغۇزىدىغان بىردىن-بىرئىتىقاد بۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۇچىن باراۋەرسىزلىك، بىسىم، قاراڭغۇلىق ۋە بىمەنىلىككە بەرداشلىق بىرەلمىگەندە، ھامان بىرى دەس تۇرىپ ئۇنلىك خىتاپ قىلىدۇ. مەن شۇنىڭغائىشىنىمەنكى ئاشۇ نۇرغۇنلىغان ئۇنلىك خىتاپلار ئاۋامنىڭ يۇرەك ساداسىنى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ، يۇرۇقلىققا ئىنتىلمەيدىغان بىرەر جوڭگولىق بولمىسا كىرەك، مەن ئەقەللىي ئىدراكنى قەھرى-غەزەپ قىلىشنىڭ باھانىسى دەپ قارىمايمەن، ئەگەر ئىدراك بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە ساختا تەسىرات بىرىپ، جوڭگونىڭ ئىسلاھاتتىكى جاسارىتى ۋە ھەركىتىنى توغرا ئەكىس ئەتتۇرەلمەيدۇ.

  باي-كەمبىغاللىق ئىغىر بۇلىنىش ھاسىل قىلغان بۇگۇنكى كۇندە، ھەممىمىز ئاددىي بىر جوڭگولىق بۇلىش سۇپىتىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ گۇللىنىشى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىگىنى ئۇمىد قىلىش بىلەن بىرگە بىرەر ھەقىقى خەۋەر بەرگەن مۇخبىر، مۇھەرىرنى تۇتۇپ كەتمەسلىكىنى، قالايمىقان جەرىمانە ئالماسلىقىنى ئۇمىد قىلىمىز، يىمەكلىكنىڭ بۇلغانماسلىقىنى، زەھەرلىك كاپسۇل، يۇندا ياغنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن يوقۇلىشىنى، ساقچىلاردىن، شەھەر باشقۇرغۇچىلاردىن قورىقماي خاتىرجەم گەپ قىلىشنى ئۇمىد قىلىمىز. پەقەت ناخشا-ئۇسۇللا بىزگە بىرىلگەن دىمۇگىراتتىيە ۋەئەركىنلىك بۇلۇپ قالمىسۇن، ھەممە كىشى ئەركىنلىك ئايال ئىلاھىغا تەلپۇنىپ،ئامىرىكا جاھانگىرلىگىنىڭ خۇرىگىنى ئۆستىرىپ قۇيمىسۇن، بىزمۇ ئادەمدەك ياشايلى!

  بۇ تەلەپلەر ئېشىپكەتمىگەندۇ؟


  بۇ يازما « جوڭخۇا فىلياتۇن تۇرى » دا 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۇنى ئىلان قىلىنغان.


  ئەسكەرتىش: ئىملا خاتالىقى بولسا كەچۇرىڭ



ئىنكاس يېزىش چەكلىندۇ


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 05:11 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
a.sayrami + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
KURAX.JAN + 10 ھەق سۆز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 60   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش