مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 39718|ئىنكاس: 219

« نۇرىمان » پوۋسىت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 04:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نۇرىمان

ئىشىكنىڭ جالاقشىپ ئېچىلغان ئاۋازىدىن ئىرىنىڭ قايتىپ كەلگنلىكىنى بىلگەن نۇرىماننىڭ  جايناماز ئۈستىدىكى نازۇك تىنى تىتىرەپ كەتتى .

《خىڭ، تېخى بىر چىرايىلىق جايناماز ئۈستىدە ئۇلتۇرۇپ كىتىشلىرىنى قانداق قىلاي》

.قايسىدۇر بىر رەڭلىك سۇرۇندىن كۈپ كۈندۈزدىلا  مەس قايتىپ كەلگەن قەدىردان شۇنداق دىدى- دە دەلدەڭشىگىنىچە كىلىپ  نۇرىماننى چېچىدىن تارتىپ دىگۈدەك جاينامازدىن چۈشۈرۈپ تامغا نەچچىنى ئۈستۈرۈۋەتتى ، ئارقا ئارقىدىن تىگىۋاتقان مۇش پەشۋادىن ئۈزىنى قاچۇرۇپمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن نۇرىمان قاتتىق چىقىرىغىنىچە يەرگە يىقىلدى .

《يالغاندىن يېتىۋالساملا قۇتۇلىمەن دەپ قالدىڭما ؟》قەدىردان شۇنداق دىگىنىچە باش كۈزى ئاللاقاچان قانغا بۇيۇلۇپ كەتكەن نۇرىماننىڭ قۇرسىقىغا يەنە بىرنەچچىنى تىپىۋەتتىدە كەينىگە قاراپمۇ قۇيماي ياتاق ئۆيگە كىرىپ كارۋاتقا ئۈزىنى تاشلىدى .

خىلىدىن بىرى ئىشىك تۈۋىدە ئۆي ئىچىدىكى جىدەلنى ئاڭلاپ تۇرغان قەدىرداننىڭ ئۇدۇل  خۇشنىسى ئەسئەت نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ،ئەسئەت  پەلەمپەيدىن قەدىردان بىلەن تەڭ چىققان بۇلۇپ قەدىرداننىڭ ئەلپازىدىن ئۇنىڭ بۈگۈن يەنە جىدەل چىقىرىدىغانلىقىنى پەملىگەچكەئۈيىگە  كىرمەي ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ئىدى ، ئۇ يا ئىشىك چىكىپ كىرىپ جىدەلنى ئارچىلىۋېلىشنى يا ئۈيىگە كىرىپ كىتىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرغاندا نۇرىماننىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۈي ئىچى جىمىپ كەتتى  .

《قانداق قىلىش كېرەك ، يا نۇرىماننىڭ ئۈيىدىكىلىرىنىڭ تىلغۇن نۇمۇرىنى يا قەدىرداننىڭ ئۈيىدىكىلىرىنىڭ تىلغۇن نۇمۇرىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەگەر كارىم بولمىسا نۇرىمانغا بىرەر كىلىشلمەسلىك كىلىپ قالسا كۈرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزمىغان بوپ قالمامدىمەن ، قانداق قىلسام بۇلا؟ ساقچىغانىغا تىلغۇن قىلايمىكىن يا ؟》ئۇ شۇنداق بىر قارارغا كىلەلمەي تۇرغان پەيىتتە پەلەلمپەيدىن ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى ،

《ئۇھ ئاخىر كەلدۇق 》 . دىدى 50ياشلارنىڭ قارىسىنى  ئالغان تەمبەل بىر ئەركىشى قەدىرداننىڭ ئىشىگى ئالدىدا تۇختاپ .

- بالام ئېلشاد  تىز بول ئىشىكنى چەككىن چىقىپ بۇلاللماي بەك ھېرىپ كەتتىم .

-- سىلىدىن سۇراپ باقسام سىلى قەدىردانلارنىڭ تۇققىنى ئۇخشىماملا ؟

-- شۇنداق مەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تاغىسى بۇلىمەن ھازىرلا كىلىشىم ، بۇمىنىڭ ئۇغلۇم  .

---ھە بەك ياخشى بولدى ئۇنداقتا تىز كىرسىلە ئۇلار بايا جىدەللىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ .

ۋاي خۇدايىم نىمە دەيدىغانسىز ؟

ئۇلار ئىشىكنى خېلى ئۇزۇن چەككەن بولسىمۇ بىراق ھېچكىم ئىشىكنى ئاچمىدى .

--بلام ئۇلار ئۆيدە يۇقمۇ نىمە؟

--ياق ، ئۇلار ئۈيىدە بار ، مەن بايىلا قەدىردان بىلەن بىللە كىرگەن ئۇ ئۈيىگە كىرىپلا جىدەل

باشلىنىپ كەتتى،شۇڭا مەن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قېلىشىم ، مىنىڭچە نۇرىمانغا بىرەر ئىش بولدىمىكىن .

-- ئەستا ئەمىسە قانداق قىلامىز بۇ بالا يا ئىشكىنى ئاچمىسا  .

-- دادا مەن پاتەمخان ئاچامنىڭ ئۈيىگە بېرىپ باقاي ئۇنىڭدا ئاچقۇچ بۇلىشى مۇمكىن .

-- ھە باغىن بالام تىز باغىن .

-- ھايال بۇلمايلا ئىلشاد پاتەمخاننى يۈلەشتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى .

-- 《ۋاي ۋۇي ئاكا كەلگەن ئادەم ئۇدۇل بىزنىڭ ئۆيگىلا كەلسەڭ بۇلمامدۇ ، بۇ تەتۈر پىشانىلەرنىڭ ئۈيىدە نىمە بار ساڭا ؟ بۇ ئۆيدە يا بىر جىدەل قۇرىمىسا . 》دىدى پاتەمخان چىرايىنى بىزارلىق بىلەن پۈرۈشتۈرۈپ ئىشىكنى ئاچقاچ .

-- ئابدىكېرەم ھاجىمنىڭ سىڭلىسىغا گەپ قىلاي دەپ ئاچقان ئېغىزى يەردە قانغا مىلىنىپ ياتقان نۇرىماننى كۈرۈش بىلەن تۇختاپ قالدى.

ۋاي خۇدايىم بۇنىمە ئىش ئەمدى ، بۇل بالام تىز يۈلە، ئۇنى كارۋاتقا ياتقۇرزغىن ، ئىنسان بالىسىنى مۇشۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ ، قارا بۇ بىچارە قىزغا ، قۇلىدىكى تەسۋىرىمۇئۈزۈلۈپ كىتىپتۇ بىچارىنىڭ. غەزەپلەنگەن ئابدىكېرەم ھاجىم قەدىرداننى سىلكىشلەپ ئۇيغاتتى ،

--ھەي ھايۋان بۇ نىمە قىلغىنىڭ خەقنىڭ قىزىنى مۇشۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ ؟يەنە خىيالىدا يوق ئۇخلاپ كەتكىنى قارا ئەپتىڭگە كۈپ كۈندۈزدە مۇشۇنداق مەس ئەلەس يۈرەمسەن ، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ بولىدىغان ئۇخشايسەن ، تازىمۇ بىر .

--ۋاي ۋۇي ئاكا بولدى ئۇغلۇمنى ئۇنداق ئەيىپلە ۋەمە ئۇنىڭ بۇ ساراڭ خۇتۇنى ئۇنى مۇشۇنداق قىپ قويدى بولمىسا مىنىڭ ئۇغلۇم ھەرگىزمۇ بۇندا بالا ئەمەس ئىدى.

--شۇنداقمۇ تېخى كىمنىڭ قانداقلىقىنى مەن ئۇبدان بىلىمەن .

بولدى دادا تالاشماي تىز نۇرىماننى دۇختۇرخانىغا ئاپىرايلى قارىسام ئۇنىڭ ئەھۋالى بەك ناچاردەك

تۇرىدۇ ---دىدى ،ئىلشاد سەل تىرىكىپ .

ھە ھە  بۇلە شۇنداق قىلىلى .

ئۇلار نۇرىماننى كۈتۈرشۈپ دۇختۇرخانىغا ئەكەلدى .بىرقۇر تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن

-<ئۇنىڭ بىر تال قۇۋرىغىسى سۇنۇپ كىتىپتۇ ، بۇيىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ ، يەنە بېشىمۇ قاتتىق زەغمىلىنىپتۇ ، ئېغىر ئاياق ئايالنىمۇ مۇشۇنداق ئۇرغان بارمۇ ؟ كىم ئۇنىڭ ئىرى؟ >  دېدى دوختۇر ئىچ ئاغرىتىش غەزەپلىنىش ئارلىشىپ كەتكەن بىرخىل تەلەپپۇزدا .

--- دۇختۇر ئەمدى قانداق قىلامىز ئۇ ئۇ ئۈلۈپ كىتەمۇ ؟

---سىز نىمە دەۋاتىسىز نىمىشقا ئۈلۈپ كەتكۈدەك ، ئۇبدان داۋالىنىپ ياخشى كۈتۈنسە تىزلا ياخىشى بوپ كىتىدۇ .قانداق ئانا بۇ --دىدى دۇختۇر .ئاچىچىقلىنىپ .

بۇ چاغدا قەدىردان زالدىكى ئۇرۇندۇقتا ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك شۈمشۈيۈپ ئۇلتۇراتتى ،

ئۇنىڭدىن ۋە سىڭلىسىدىن قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەن ئابدىكېرەم ھاجىم ئۇغلىغا :

بۇلە بالام دەرھال بالنىستا يېتىش رەسمىيىتىنى بىجىرىۋەت ، بۇ بالا بۇنداق قىيلىنىپ يېتىۋەرمىسۇن

- مانا نۇرىماننىڭ دۇختۇرخانىدا يېتىۋاتقىنىغىمۇ بىر ھەپتە بولاي دەپ قالدى ،ئۇ ئىرىنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدى ، قېيىن ئانىسى پاتەمخان ئىككى كۈندە بىر كىلىپ ئۇنىڭغا سۇغۇق گەپ بىلەن دەككە بەرگەندىن باشقا بىرەر پىيالە ئىسسىق ئاش ئەكىلىپ باقمىدى ،

-  پەقەت ئابدىكېرەم ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئۇغلى ئىلشادلا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ھالىدىن

-ئۇبدان خەۋەر ئىېلىۋاتاتتى .

- نۇرىماننىڭ ئاتا ئانىسى ياشىنىپ قالغان ھەم ئىككىلىسىنىڭ يۈرەك كىسلى ھەم يۇقىرى قان بېسىم كىسلى بولغاچقان نۇرىمان ئەنسىرەپ بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلىرىگە ئېيتمىغان ، قەدىردان تەرەپتكىلەر بولسا قۇدىلىرىغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي ، ئەنسىرەپ ئۇلارغا ئيتمىغان،نۇرىمان ئىككى ئەركىشىىنىڭ ئۈزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئەپسىز كۈرۈپ  بۇئشنى پەقەت سىڭلىسى نۇرسىمانغىلا ئيتقان ئىدى  ..

-   --ئاچا ئۇنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ئەمدى ئاجرىشىپ كىتىڭ سىزنىڭ زادى نىمە گۇناھىڭىز بار ئۇنىڭ ئالدىدا ، نىمىشقا بۇنچە خۇرلۇققا چىداپ ئۈتۈشكە رازى بۇلىسىز زادى ؟ قاراڭ سىزنى ئۇرۇپ مۇشۇنداق قىپ قۇيغان ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۈرۈنمىسە ، بىر قېتىم بولسىمۇكىلىپ <ھالىڭ نىمەن> دىيىشكىمۇ يارىمىغان ئادەمنىڭ تارتىشقىدەك زادى نىمىسى بار --   دىدى نۇرسىمان بىركۈنى ئاچىسىغا تاماق يىگۈزىۋېتىپ .بۇ گەپلەردىن يۈرەك زىدىسى تېخىمۇ ئېچىشقان نۇرىمان بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى .

- راس ئۇ قەدىرداننىڭ ئەمدى نىمىسگە تارتىشدۇ  ، تۇي قىلغىنىغا تۆت يىل بولدى ئۇنىڭ كۆرمىگەن كۈنى ئازمۇ ؟

- قەدىردان ئىلگىرى ئۇنداق ئەمەس ئىدى ئۇلارنىڭمۇ بەخىتلىك كۈنلىرى بولغان ، ئۇلار بىريىلدىن ئارتۇق مۇھەببەتلىشىپ تۇي قىلغان ، تۇيدىن ئىلگرى قەدىرداننىڭ ئاپىسى نۇرىماننى <سەھرالىق> دەپ ياراتماي تۇيغا قۇشۇلماي نۇرغۇن كۈڭۈلسزلىكلەر بولغان بولسىمۇ ئەمما تۇيدىن كىيىن ئۇلار شۇنداق بەخىتلىك خۇشال خۇرام ئۆتكەن ، < ئۆي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنى ئۆز ئاتا ئانامدەك كۈرۈپ ھۆرمەتلىسەم ، مىھرى مۇھەببىتىم ئارقىلىق تەسىرلەندۈرسەملا قېيىن ئاناممۇ ھامان بىركۈنى مىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ > دەپ ئۇيلايتتى نۇرىمان ، تۇي قىلغان دەسلەپكى يېرىم يىلدا ئۇلار بىر ھويلىدا تۇردى ، ئەسلىدە بۇ يېڭى ئۆي قەدىردانلارغا سېلىنغان يېڭى ئۆي بۇلۇپ ئىككى ئېغىز ياتاق ئۆي بىر ئېغىز مىھمانخانىسى بىر ئېغىز ئاشخانىسى بار ئانچە چوڭمۇ ، بەك كىچىكمۇ دەپ كەتكىلى بۇلمايتتى ، پاتەمخان< كىلىنىنىڭ راھىتىنى كۆرىمەن >دەپ ئېرىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قۇيماي  تۇينىڭ ئەتىسلا كۈچۈپ كىلىۋالغان ئىدى ، بۇئىشتىن قۇلايسىزلىق ھېس قىلغان قەدىردان خاپا بولغان بولسىمۇ ئەمما ئاپىسىنىڭ مىجەزىنى ئۇبدان بىلگەچكە گەپ قىلالمدى ، نۇرىمانمۇ< مۇشۇنداق بىللە تۇرساق قېيىن ئانا كىلىن ئۇتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بالدۇرراق يېقىنلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ ، دائىم بىللە تۇرساق ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلسام  بالدۇرراق بىر ئائىلە كىشلىرىگە ئايلىنىمىز ئەمەسمۇ  دەپ ئىرىگە نەسىھەت قىلدى ، ئايالىنىڭ ئاق كۈڭۈل ئۇڭلۇقلىقىدىن سۈيۈنگەن قەدىردان نۇرىمان بىلەن تۇي قىلىپ تۇلىمۇ تۇغرا قىلىغىنىدىن خۇشال بولغاچقا باشقا گەپمۇ قىلمدى . بىراق ئىش نۇرىماننىڭ ئۇيلىغىدەك بولمىدى .

نۇرىمان ھەركۈنى ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن قېيىن ئانىسىدىن چۈشتە نىمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سۇراپ ئازتۇلا تەييارلىق قىلپ قۇيۇپ كەتسە چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپلا ئالدىراپ كىلىپ تاماق ئىتەتتى ، بەزىدە سەل كىيىن ئشتىن چۈشۈپ قالسا قېيىن ئانىسى بىرمۇنچە يامان گەپ قىلىۋالاتتى ،

- -- ئاپا ئۆيدە بىكا بۇلغاندىكىن سىز قىلغاچ تۇرسىڭىز بولمامدۇ ؟

-- شۇنى دەيمەن كۈندە بىكار تەلەت خۇتۇنلار بىلەن غەيۋەت قىلىشماي بۇرۇنمۇ قىلغان ئىش بولغاندىكىن قىلغاچ تۇرۇڭلا ، ئىشتىن ھېرىپ كەلگدە كىلىنىمىزگىمۇ ئاسان ئەمەس.

-- ھە  شۇنداق قىلاي دادىلىرىم ، شۇ بۇرۇندىن مەن قىلىپ كەلگەن ئىش بۇ ، ئەمدى بولسىمۇ ئۇھ دەپ راھەت كۆرەمەن دىسەم ، ئۇغۇل دىگەننى نىمىگە باقىدۇ ، چۇڭ بولسا ھالىمدىن خەۋەر ئىېلپ ۋاپادارلىق كۆرسىتەرمىكىن دىمىسە ، ئۇنىڭغا بىكارغا خۇتۇن ئېلىپ بەرمىدىم مەن .

--بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسا بىچارە نۇرىمان خىجىلچىلىقتا نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالاتتى ،ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىسىغۇ مەيلىدى تاماق ئىتىلىپ تاكى يەپ قاچا قۇچىلار يۇيۇلۇپ بولغىچە بۇ گەپلەر ئۇزۈلمەيتتى ، < كۆردۈڭمۇ ئالما دىسەم ئۇنىماي ئالغان خۇتۇنۇڭنىڭ ھالى شۇ ، ئىشلدىم دەپ بىرۋاق تاماقنى ۋاختىدا ئەتمەيدۇ ، قارا ئەتكەن تامىقنى تاماق دىگىلى بۇلامدۇ ؟

- ئاپا ھېلىمۇ ئىشلەپ تۇرۇپ شۇنداق ئۇبدان قىلۋاتمامدۇ ، ئەسلەپ بېقىڭە سىز قاچان كىر يۇغىنىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز ، ئۇ كەلگەندىن بىرى قۇلىڭىزنى سۇغا تىقىپ كىر ياكى قاچا يۇيۇپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇ كەلمىسە ھەتتا چاي ئىچكەن داستىخاننىڭ ئۈستىنىمۇ ياپمايسىز ئاپا ، سىزمۇ بەك ئاشۇرۋەتتڭىز جۇمۇ ؟ دىدى قەدىردان بىر قېتىم تېرىكىپ ، ئۇغلىدىن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشنى ئۇيلاپمۇ باقمىغان پاتەمخان غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدى

--< سەن ئەلسى تۇي قىلىشقا ئۆي تۇتۇشقا كىيىن قالغان نىمىكەنسەن  قارا سىنى بىر بالا دەپ كۈزۈڭنىڭ ئىچىگەقاراپ ، يىمەي يىگۈزۈپ چوڭ قىلسام ئەمدى خۇتۇن ئېلىۋېلىپلا مەندىن يۈز ئۆرىمەكچىمۇ سەن ، ۋۇ ۋاپاسىز دۆد، شۇ خۇتۇنۇڭغىىمۇ تۇيارسەن بىركۈنى ، كۈزۈڭگە كۆرسەتمىگىنىنى بىر كۆرەي.  >

ھاي ھاي ئاغزىڭلىنى يىغىڭلا ئانىسى كىلىنىنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق سەتلەشكەن بامۇ ؟ ---

--ئىشڭنى قىلە ساراڭ بىرنىمە ئۇقمىغان نىمەڭگە كىلىننىڭ ئالدىدىلا خۇتۇنىدىن تىل ئىشكەن ئاللانىڭ بۇ مۆمىن بەندسى ئىلاخۇن خىجىل بۇلۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .

--<ئەمدى مىنى دەپ ئاپام بىلەن ئازارلاشماڭ> -- دىدى نۇرىمان كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۈيىگە قايتىش يولىدا قەدىردانغا  .ئۇنداق قىلسڭىز ئاپام سىزنى يۈز ئۆرىدى خۇتۇنىغا بۇلىشۋاتىدۇ، دەپ ، كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن ، شۇڭا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ، مەن ئىش قىلغانغا ھېچ نىمە بولمايمەن ياش بولغاندىكىن بىردەم ئارام ئېلىۋالساملا بولدى ، مىنى دەپ ئاپىڭىز بىلەن ئازارلىشىپ قالسڭىز  بۇ ئائىلىدىكى ئىناقلىقنى مەن بۇزغاندەك بىئارام بوپ قالىدىكەنمەن . ھېلى ئۆيگە قايتقاندا ئاپامدىن كەچۈرۈم سۇراڭ . يەنە ئاپامنىڭ ئامراق يىمەكلىكلىرىندىن ئېلىۋالايلى .

--سىزنى ئاپام ئۇنداق قىينىسا مەن بئارام بۇلىدىكەنمەن ، دىدى قەدىردان ئايالىنىڭ گىپىدىن تەسىرلىنىپ خىجىل بۇلغان ھالدا .

-- سىزنى جاپادا قۇيدۇم . مەن ئاپامغا دەي ئۇلار ئۈيىگە كۈچۈپ كەتسۇن.شۇنداق قىلساق سىزگە خېلى ئارامچىلىق بولاتتى ھەم ، قۇلىقىمىزمۇ تىنجىپ قالاتتى .

- بۇلمايدۇ ھەرگىز بۇ گەپنى دەپ سالماڭ ، بولمىسا ئاپام تېىخىمۇ خاپا بولىدۇ ، مەندىن ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ ، ئاپام مىنى ھەرقانچە تىللىسىمۇ مەيلى مەن ھەرگىز ئاغرىنمايمەن چۈنكى ئۇسىزنىڭ ئاپىڭىز ، مەن سىزنى ياخشى كۆرگەنكەنمەن ئاپىڭىزنىمۇ چۇقۇم ياخشى كۆرىمەن ، ئاپا ئەمەسمۇ دەسلەپتە مىنى ياقتۇرمىغاچقا شۇنداق قىلىدۇ ،  كىين مىنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرىم بارلىقىنى

-   بىلسە مۇئامىلىسى ئۆزگۈرۈپمۇ قالا ، شۇڭا ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئەمدى سىز ئارلاشماڭ .

-  قەدىردان ئايالنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەندى ئۇنى چۇڭ كۇچىدىلا قۇچاقلاپ كۈتۈرىۋالغۇسى كەپ كەتتى .

-  رەھمەت خۇتۇن سىز بەك ياخشى جۇمۇ مۇشۇ ئاق كۈڭۈللۈگىڭىزنى دەيمەن ئەمەسمۇ ، پەرىشتنىڭ ئۈزىدە سىز ، ئەمما جاپا تارتىدىغان بولدىڭىز ، بىراق بۇ ئىشلار ۋاقىتلىق سىزنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىمەن . سىزگە ۋەدە بىرەي .

-  كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردەى ، نۇرىمان قانچە تىرىشقانچە پاتەمخان رازى بۇلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ھەدىسىلا< سنى ئالما دىسەم گىپىمنى ئاڭلىمىدىڭ ، نەدىكى سەھرالىقنى ئېلىپ يۈزۈمنى چۈشۈردۈڭ ، قانچىلىك بەخىتلىك بوپ كىتىسەنكىن مەن بىر كۆرەي> ئۇ ئوغىلىنى

-    نۇرىماننىڭ كۈزىچىلا تىللاپ قاغىسا نۇرىمانغا <ئۇغلۇم ياخشى كۆرىمەن دىگەچكە مەن ماقۇل بولغان ئۇنى پادىشاھ ئورنىدا كۈرۈپ خىزمىتىنى قىلالىسڭىز ئۇلتۇرىسىز بولمىسا ھەر باي ئەمەلدارلارنىڭ قىزلىرى بار  ھازىرلا ئوغلۇمغا تىگىشكە تەييار  >دەپ ، نۇرىماننىڭ دىلىغا ئازار بىرەتتى ، بۇنداق چاغلاردا نۇرىمان ئازابلىنىپ بەزىدە قەدىردانغا تەككىنىگە پۇشايمانمۇ قىلاتتى ، < مىنىڭ ئۈيۈم يېزىدا بولغان بىلەن ئاتا ئانام يەنىلا يۇرتنىڭ ئالدى ، مال- دۇنيادا نۇرغۇن بايلاردىن قېلىشقىچۇلىكى يۇق ، چاقىرسا ئېتى ، تۇتسا سېپى بار ئابرۇيلۇق ئادەملەرنىڭ قىزى تۇرۇپ نىمىشقا قېيىن ئانامغا يارىمايمەن زادى > دەپ ئويلاپ ئازابلىناتتى نۇرىمان ،ئەمما يەنە ئىرىنىڭ مىھرى مۇھەببىتىنى ، كۈيۈنۈشلىرىىنى ئۇيلىسىلا كۆڭلى پاللىدە يۇرۇپ قەدىرداننىڭ ئاشۇ تەڭقىسلىقتا قالغان بىچارە ھالىتى كۆز ئالدىغا كىلىۋالاتتى ، قەدىردان دائىم نۇرىماننىڭ زورى بۇيىچە ئاپىسى تەرەپتە تۇرۇپ نۇرىمانغا كايىغان بۇلۇپ بۇ جىدەلنى بېسىقتۇرۇپ ئاپىسنىڭ كۆڭلىنى ئالاتتى ، ئۇ گەرچە ئامالسىزلىقتىن شۇنداق قىلىۋاتقان بولسىم ئايالىنىڭ ئالدىدا  بۇ ئىشلاردىن ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلاتتى .ھەم يالغۇز قالغاندا ئايالىدىن قايتا قايتا ئەپۇسۇراپ ،كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئۇرۇناتتى ،دەل شۇنداق بولغاچقىلا بۇ ئىشلارنى نۇرىمانمۇ بەك ئېغىر ئېلىپ كەتمەيتتى ،ئەمما پاتەمخان يەنىلا ھېچ رازى بولىدىغانداك ئەمەس ، ئۇ ئەمدى يالغانچىلىققا ئۆتتى ، ئۇ دائىم قەدىردان ئۆيدە يۇق چاغلاردا نۇرىماننى خالىغانچە ھاقارەتلىگەننى ئازدەپ تىللىمىغان ئۇنىڭ ئاتا ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرى قالمايتتى ، بىردەم بىكار تۇرغۇزماي ئىشقا سالاتتى ، كىر ئالغۇ بار تۇرۇپمۇ ئىلشەتمەن نۇرىماننى قۇلىدا يۇيۇشقا مەجبۇرلايتتى ، بىچارە نۇرىمان ئۈن تىنسىز ، قېيىن ئانىسىنىڭ دىگىنىنى قىلاتتى ،قەدىردان قايتىپ كەلگەندە بولسا ئىش باشقىچە پاتەمخان نۇرىمانغا باشقىچىلا ئامراپ بوپ كىتەتتى ، < قەدىردان ئۆز كۆڭلىدە خۇش بۇلۇپ ئاپام ئاخىرى ئايالىمنى قۇبۇل قىلدى >دەپ ئۇيلاتتى ،بىراق نۇرىماننىڭ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك ئازار يىگىنىنى قانچىلىك ھېرىپ چارچىغىننىنى ئۇ سوراپمۇ قۇيمايتتى ، دەسلەپت نۇرىمان < مەيلى قەدىردان بىلمگەندىكىن مەنمۇ بۇ ئىشلارنى دەپ ئۇلتۇرماي ، ئۈزۈملا تارتاي ، ئۇبولسىمۇ كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزسۇن بىچارە ھېلىمۇ مىنى دەپ ئاپىسى بىلەن كۆپ ئازارلاشتى ،ئانا بالا مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ قويماي ، ئەينى ئەھۋالنى دىسەم قەدىردان بىلەن ئاپىسى ئۇتتۇرىسىدىكى مىھرى مۇھەببەت ،ئۆز ئارا ھۆرمەتكە تەسىر يىتىپ قالمىسۇن .ئىرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كۈيىنىۋاتقاندىن كىين مەن ئۇنچىلىك ئازار يىسەم مەيلى > دەپ ئويلاپ قىيىن ئانىسى بىلەن ئۇتتۇرىسىدىكى كۈڭۈلسۈزلۈكلەرنىڭ بىرىنىمۇ ئيتمىدى .

-بىراق پاتەمخان بۇئىشلار بىلەن بۇ ئىككىسنى ئايرىۋىتەلمەيدىغىنىنى بىلىپ ھەدىسلا قەدىردانغا ،< خۇتۇنىڭ سەن بار چاغدا ۋاي ئاپا، دەپ قۇيۇپ سەن بولمىساڭ مىنى پەقەت كۆزگە ئىلمايدۇ ، گىپىمنى ئاڭلىمايدۇ ، يەنە گەپ ياندۇرىدۇ . >دىگەندەك گەپلەر قىلىپ نۇرىماننى يامان كۈرسىتىدىغان بولۋالدى.

-   قەدىردان دەسلەپتە ئانچە ئىشەنمىگەن بولسىمۇ ئەمما بارا بار ئۇنىڭ نۇرىمانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىم ئۆزگۈرۈش بۇلۇشقا باشلىدى ، ئۇ بەزىدە ھېچبىر سەۋەبسىزلا كايىپ قالاتتى ،يەنە بەزىدەتۇيۇقسىز تۇتۇلۇپ قالسا ئۇزۇنغىچە چىراي ئاچمايتتى ، لىكىن ئاق كۈڭۈل نۇرىمان ئىرىنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى ئېغىر ئالماقتا يۇق ھەممىنى ئۈزىدىن كۈرەتتى < بىچارە مىنى ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈن

-  يەتكۈچە ئۇۋالچىلىق تارتتى ، مىنى دەپ بىرەر كۈنىمۇ خۇشال ئۆتمىدى مەن ئۇنىڭغا بېسىم بوپ قالدىم > دەپ ئۈزىنى ئەيىپلەيتتى ئىرىگە ئىچى ئاغرىپ بىئارام بۇلاتتى .

-  بىر كۈنى نۇرىمان ئۈزىىڭ ھامىلدار بوپ قالغانلىقىنى بىلدى. ئۇ شۇنچىلىك خۇش بولىدىكى كۈلۈپ تۇرسىمۇ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى ئۈزۈلمەي چۈشەتتى ، ئۇ بالدۇراق ئىشتىن چۈشۈپ بېرىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئىرىگە يەتكۈزۈشكە ئالدىرىغانسىرى ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت توشمايۋاتاتتى ئۇ ئاخىرى ساقلاۋىرىشكە تاقىتى قالماي ئىرىنىڭ ئىدارىسىگە باردى . ئۇ خىيالىدا قەدىردان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسا چۇقۇم بەك خۇش بۇلىشى كىچىك بالىلاردە سەكرەپ كىتىشى مۇمكىن دەپ ئۇيلىغان ئىدى ، لىكىن قەدىردان ئۇنداق قىلمىدى ئۇ ھېچ بىر خۇش بۇلغانغا ئۇخشىمايتتى ، ئۇ خۇددى تارىختا بوپ باقمىغان ئىشنى ئاڭلىغاندەك ھەيران قالدى ،خۇددى  تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، ئۇنىڭ بۇنداق جىمىپ كەتكىنىنى كۆرگەن نۇرىمان < قەدىردان خۇشاللىقىدىن خۇدىنى يۇقۇتۇپ قۇيدى ، ئۇ ئۈزىنىڭ دادا بولىدىغانلىقىغا تازا ئىشەنچ قىلالمايۋاتقان بولسا كېرەك > دەپ ئۇيلىدى .

-  قەدىردان بۇنداق ھاڭۋېقىپ تۇرماڭە ،يۈرۈڭ ئۆيگە قايتايلى ،بۇ خۇش خەۋەرنى ئاپام دادامغا ئېيتايلى ئۇلار نەۋرىلىك بۇلىدىغىنىنى ئاڭلىسا چۇقۇم خۇش بۇلىدۇ .

-  ئۇلار ئۈيىگە قايتىپ كەلگەندە ئۆيدە ئادەم يۇق بۇلۇپ چىقتى ،قەدىردان شۇ چاغدا سەل ئۈزىگە كەلگەن بۇلۇپ چىرايىدىن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىرخىل خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى ، ئۇ ئالدىراپ ئاپىسىغا تىلغۇن ئۇردى .

- ئاپا ، ئاپا سىز نەدە ؟

-ھە نىمە دەيسەن دىدى پاتەمخان قۇپاللىق بىلەن .

-ئاپا قاچان قايتىپ كىلىسىز ؟

--مەن بولمىسام ئاچ قالدىڭما ؟خۇتۇنۇڭ دىگەن ساراڭ ...... پاتەمخاننىڭ يەنە ئاغزى ئېچىلدى .نۇرىمان ئىرىنى تەڭقىسلىقتا قالمسۇن دەپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى بىراق تىلغۇننىڭ ئاۋازى يۇقىرى بولغاچقا نۇرىمان ئاشخانىدا تۇرۇپمۇ پاتەمخاننىڭ ئۈزى تۇغرىسدا قىلۋاتقان  يامان گىپىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇردى .

--<ۋاي ۋۇي ئاپا تۇختاڭە سىزگە بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزەي دەپ تىلغۇن قىلىشىم .

ئاپا نەرۋە باققۇڭىز بارمۇ ؟ ئاپا نەۋرىلىك بۇلىدىغان بولدىڭىز، ئەمدى نەرۋرە بېقىشقا تەييارلىق قىلىڭ .> دىدى قەدىردان بالىلارچە خۇشاللىق بىلەن ئاپىسىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ شۇ تۇرقى شۇنچىلىك سەبى شۇنچىلىك بەختىيار ئىدى .

-- ھە شۇ گەپمىدى ، نىمانچە كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ سىنىڭ قارا خۇش بوپ كەتكىنىڭنى ،ئەمدى

ئۇبدان بوپتۇ ياپ - ياش تۇرۇپ بالام كالام دەپ ئۆيگە باغلانغۇدەكسەن ، ھۇ دۆت ،قارا دۆتلۈگۈڭنى بۇنچە بالدۇر بالىلىق بۇلۇپ نىمە قىلىسەن ھە ؟ سەن تېخى ياش تۇرساڭ ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ، بىزنىڭ بارىمىزدا ئۇيناپ كۈلۈپ يايرىۋالاي دىمەي قىلىۋاتقان گىپىنى .دەرھال بىرتەرەپ قىلىۋەت .

گەپ ئۈزۈلدى . پاتەمخان گىپىنى تۈگۈتۈپ بۇلۇپلا قەدىرداننىڭ ئىنكاسىنىمۇ كۈتمەستىن تىلغۇننى قۇيىۋەتتى .

ئاشخانا ئۆيدە تۇرۇپ بۇ گەپلەرنىڭ ھەمىسىنى ئاڭلىغان نۇرىماننىڭ كۆز ياشلىرى ئاللا بۇرۇن يامغۇردەك تۈكۈلۈشكە باشلىغان بۇلۇپ  ،ئۇنىڭ باياقى خۇشاللىقلىرى ئاللا قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى ، يۈرىكى چىدىغۇسىز بىرخىل ئازابتا قاتتىق ئاغرىپ كەتتى   ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئاقكۈڭۈل قىز دەرھال ئۈزىنى تۇتىۋالدى ئۇ يەنە ئىرىنى ئۇيلاپ قالدى، ئۇ كۆڭلىدە < قەدىردان يىغلىغىنىمنى كۆرسە كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولمىسۇن ، مەن بولساممۇ بېشىنى ئاغرىتماي > دەپ ئۇيلاپ ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى .

قەدىرداننىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن بۇلۇپ چىرايى غەلىتە قارىداپ كەتكەن ئىدى ،

ئىرىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن نۇرىمان تېخىمۇ ئازابلاندى ، ئۇ ئۈزىىنىڭ ھامىلدار بۇلىشنىڭ ئىرىگە خۇشاللىق ئەمەس بەلكى بېسىم ئېىلىپ كەلگىنى ئۇيلاپ بىر تەرەپتىن ئىرىگە ئىچى ئاغرىسا بىر تەرەپتىن قىېيىن ئانىسىنىڭ گەپ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ  تۇلىمۇ ئازابلاندى.

لىكىن يەنىلا بۇ بالىنى ئالدۇرۋەتكىسى يۇق ئىدى ،ئۇ قەدىرداننىڭ ،< ئاپام نىمە دىسە مەيلى بالىمىزنى ساقلاپ قالايلى > دىيىشنى ئارزۇ قىلاتتى .ئەمما قەدىردان بالا تۇغرۇلۇق قايتا ئېغىز ئاچمىدى .بىر كۈنى ناشتىدا پاتەمخان نۇرىماننى دۇختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كەلگۈسى بارلىقىنى ئيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان قەدىرداننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى ، ئۇ ئاپىسىنىڭ يەنە نىمە ئۇيۇن ئۇينىماقچى بولغانلىقىنى بىلمەيتتى ، مۇشۇ كۈنلەردە قەدىردانمۇ ئاپىسنىڭ نۇرىمانغا قىلىۋاتقان ساختا مۇئامىلىسىنى سىزىپ ئۈلگۈرگەن بۇلۇپ ئائىلىسىدىكى ئشلارنى ئۇيلىسلا ئۈستىگە بىرسى ئېغىر بىر تاش ئارتىپ قۇيغاندەك تۇيغۇدا بولاتتى ،يۈرىگى سىقىلىپ تىنىقى يىتىشمەيۋاتقاندەك بوپ قالاتتى ،ئۇ لەپپىدە نۇرىمانغا قارىدى، نۇرىماننىڭ كۆزلىرى ئىپادىسز بىر نوقتىغا تىكىلگەن بۇلۇپ چىرايدىن ئۇنىڭ خۇشال ياكى خاپا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.بىر پەس جىمجىتلىقتن كىيىن نۇرىمان ئېغىز ئاچتى .

- ئاپا سۇغۇقتا سىز جاپا تارتماڭ بىز ئۈزىمىز بېرىپ تەكشۈرتەيلى .

---شۇنداق ئاپا سىز بولدى ئاۋارە بولماڭ ، دىدى قەدىردان ئالدىراپ .

-                   --بولمايدۇ مەن بىللە باراي دۇختۇرنىمۇ كۈرۈشۈپ قويدۇم .

-                   ئاپىسىنىڭ مىىجەزىنى بىلگەچكە قەدىردانمۇ نۇرىمانمۇ رەت قىلشقا ئامالسىز قالدى .

-           --ھىم بالا بىلەن ئۇغلۇمنى باغلىماقچىمىدىڭ ئۇخلىماي چۈش كۈرۈپسەن ، مەن يامانمىكەنمەن ياكى سەنمۇ بىر كۆرەي .

-- ئاپام نىمە قىلماقچىدۇ ئاپام بۈگۈنلا بالىمىزنى ئالدۇرۋەت دەپ تۇرىۋالارمۇ ؟ بۇ ئىشلارنى نۇرىمنغا تېخ قانداق دىيشنىمۇ بىلمىگەن تۇرسام ئۇ ئاڭلىسا قانداق بوپكىتەر ؟

-- قەدىردان بارلىق ئۈمۈدۈم سىزدە  بالىمىزنى سىزگە تاپشۇردۇم ئۇنىڭغا ئىگە بۇلالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن .

ئۈچەيلەن مانا مۇشۇنداق ئۈچ خىل خىيالدا دۇختۇرخانىغا كەلدى ،تەكشۈرۈش ئاياقلاشقىچە ئۇلار بىر بىرىگە بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلشمىدى ،نۇرىمان ئەتراپىدىكى ئىغىر ئاياق ئاياللارغا قارىغانسىرى كۆڭلى يېرىم بۇلاتتى ،ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئەتراپىدا پاي پىتەك بۇلۇپ كۈيۈنۈشلىرىنى

چىرايىدىكى رازىمەنلىك بەختىيارلىق تۇيغۇلىرىنى كۈرۈپ يىغلىغىسى كەلسىمۇ  بىراق يەنىلا قانداقتۇر بىر ئۈمۈدنىڭ، تۈرۈتكىسدە ئۈزىنى تۇتىۋالاتتى ،ئايالىدىن كۈزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان قەدىردان بو ئىشلارنى ھېس قىلپ يەتتى ئەلۋەتتە ، ئۇ ئاستا بېرىپ نۇرىماننىڭ مۈرىسىنى تۇتتى ،

بۇ نۇرىمانغا  خۇددى< ئەنسىرىمەڭ يېنىڭىزدا مەن بار > دەۋاتقاندەك بىلىنىپ كۆڭلى تەسكىن تاپقاندەك بولدى .

پاتەمخان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈرۈپ چىقىپ نۇرىماننى دوختۇرنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى

ئىيتتى .

بۇ بالىنى ئالامسىز ؟ دىدى دوختۇر ئىنتايىن سۇغۇق تەلەپپۇزدا .--

ئالىمەن ئەلۋەتتە ئالىمەن .

--بىراق ئۇبدان ئۇيلاشمىسڭىز بولمىغىدەك بۇ بالا نۇرمال ئەمەسكەن.

--نىمە نىمىشقا نۇرمال بولمىغىدەك ، دوختۇر مەن نەتىجىنى كۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ .

--نىمە ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىز ؟ سىز كۆرسىڭىزمۇ بىلەلەمتىڭىز ،نۇرمال ئەمەسكەن شۇ ئەگەر

بۇ بالىنى ئالىمەن دەپ جاھىللىق قىلسىڭىز ،بالا ساق تۇغۇلسىغۇ تەلىيىڭىز مىېيپ ياكى باشقىچە تۇغۇلۇپ قالسا قانداق قىلىسىز ، ھازىرقى بەزى كىسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقىلى بۇلىدۇ دەپ كىم كىسىپ ئېيتالايدۇ .شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ بالىنى چۈشۈرۋىتىڭ ، سىز تېخى ياشكەنسىز پۇرسەت دىگەن جىق .

--نۇرىمان ئىرىگە قارىدى ، خۇددى ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك قېتىپ تۇرغان قەدىرداننىڭ كۆزلىرىدىن نىمە ئۇيلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى .قەدىردان كەينىگە ئۆرۈلۈپ گەپ سۆزسىزلا چىقىپ كەتتى .

پاتەمخانمۇ نۇرىمانغا مەنسىتمىگەندەك قاراپ قۇيۇپ دوختۇر بىلەن كۆز بېقىشتى دە  ئۇغلىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.بىچارە نۇرىماننىڭ كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئاقتى ،ئۇنىڭ بۇ بالىنى زادىلا چۈشۈرۋەتكىسى يۇق ئىدى ، بۇ بالىنىڭ بىنۇرمال بوپ قېلىشغا پەقەت ئىشەنگۈسى كەلمىدى ، دوختۇرنىڭ دىئاگۇنىزىنىڭ خاتا بوپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى ، ئۇ شۇنداق بىر ئۇۈمۈد بىلەن دوختۇرغا قارىدى.  

بىراق دوختۇر ئۇنىڭغا يەنە شۇ بىرتالاي كونا گەپنى تەكرالىدى < ھامىلە نۇرمال ئەمەس ئۇ مېيىپ بوپ قالىدۇ > بۇ سۆزلەر نۇرىماننىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ ئۇنىڭ كاللىسىنى تۇرمۇزلاپ قۇيغان ئىدى .

--- ماڭايلى نۇرىمان  ئاپام بىزنى ساقلاۋاتىدۇ .

نۇرىمان ئىرىگە غەزەب بىلەن تىكىلدى ،ئۇ تۇنجى قېتىم ئىرىدىن نەپرەتلەندى ، شۇنداقتىمۇ

ئۇ يەنىلا رايىشلىق بىلەن ئىرىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .نۇرىمان ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغىنى بىلەن كۆڭلىدە باشقا بىر پىلان سوقىۋاتاتتى  .

قەدىردان ئىككى تاشنىڭ ئارىسدا قالدى ،ئۇ كىچىكىدىن ئاپىسىنىڭ سىزغان سىزىغىدىن چىقماي چوڭ بولغان بولغاچقا 26يىلدىن بىرى ئاپىسنىڭ ھەرقانداق پىكرىنى يوللۇق دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى ، ئاپىسىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپىنى دائىم ماختايتتى ئەمما توي ئىشدا ئۇنداق

بولمىدى قەدىردان ئاپىسى بىلەن قارشىلىشىپ بۇ توينى قىلدى ، شۇندىن ئىتىبارەن ئاپسىنىڭ قەدىردانغا بولغان مۇئامىلىسدە ئىنتايىن رۇشەن ئۆزگۈرۈش بولدى ،بۇنىڭدىن قەدىردان خۇددى ئۈزىنى ئاپىسغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندەك،ئانىلىق مىھرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغاندەك ھېس قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولدى ئۈزىنى گۇناھكار ھىساپلاپ بۇندىنى كىين ھەرقانداق ئىشتا ئاپىسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئۇنى قايتا رەنجىتمەسلىك شۇ ئارقىلىق ئاپىسنىڭ بۇرۇنقى مىھرى مۇھەببىتىگە  قايتىدىن ئىرىششىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى ،بىراق بالىنىڭ ئىشى ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويدى ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ بۇ بالىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يۇق ، لىكىن ئاپىسى نەۋرىلىك بولىدىغىنىغا خۇش بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بۇ بالىنىڭ تۇغۇلشىغا  قەتئي قارشى تۇرىۋاتاتتى ، ئۇ دوختۇر ئىشخانىسدا ئاپىسنىڭ ئالدىدا بالا تۇغرۇلۇق ئېغىز ئېچىشتىن نۇرىماننىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بىرىشتىن قۇرقتى ،ئەگەر ئۇشۇنداق قىلسلا پاتەمخان  دوختۇرنىڭ ئالدىدىلا ئۇنى ئوغلۇم دەپ ئاياپ ئۇلتۇرماستىن  تىللاپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا ئۇ قاتتىق ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە ئازابلانغىنىچە گەپ سۆزسىز چىقىپ كەتتى ،ئۇ نۇرىماننىڭ غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرغان كۆزلىرىدىن < ئۆز بالاڭغىمۇ ئىگە بۇلالمىدىڭ > دەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ  يەنىلا بىر قارارغا كىلەلمىدى .

كەچۈرسىلەر داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ

                                                       مەنبەسى: يۇلتۇز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 05:17 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
gazir-koz + 30 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 129   باھا خاتىرىسى

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:05:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالنىڭ نادىر تىمىلار قاتارىغا كۆتۈشكە كىلەكشمەن يۇلتۇز

ئالتۇن

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 4100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19602
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:19:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەل كېچىكىپ قاپسىز بولمىسا مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ باقىدىغان ئەسەر ئىكەندۇق.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 2202
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 45894
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6879 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچتە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇقۇپ كۈرەي.. ئاندىن ئىنكاسىمنى تەھرلەيمەن .

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:25:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 05:19 PM
سەل كېچىكىپ قاپسىز بولمىسا مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالى ...

رەھمەت سىزگە بۇ ئىنكاسىڭىز مەن ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئىلھام ، ئۇقۇرمەنلەر ياقتۇرسا شۇ  ئەڭ چوڭ مۇكاپات ،يېزىقچىلىققا قىزىقىمەن بىراق ئىقتدارىم ئىنتايىن چەكلىك شۇڭا سىز ۋە سىزدەك ئىلغار ئىدىيىلىك  ئىقتىدارلىق  تۇرداشلىرىمنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىگە مۇھتاجمەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2505 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:49:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز . قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . رىئال تۇرمۇشتىن بىر كارتىنا بوپتۇ . ئاخىرىغا تىلەكداشمەن .

سىرداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:50:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق تاش يۈرەك قېينانا ئۇ ، توۋا  ~~

[color=Navy]ئەزىز كۈسەن دىيارى  . [/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:50:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    نۇرىماننىڭ تەقدىرى ئاخىرى قانداق بولا؟
   بىر مىللەتنىڭ ساباسىنىڭ يۇقۇرى-ېۆۋەن بولىشى ، ئانىلارغا باغلىق.
   ئەسەر ئىگىسىگە رەھمەت!

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 06:05:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئايالىنى ئۇرىدىغان ئەرلەرنى كۆرسەمزە  بېشىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ ئېسىپ قويغۇملا كېلىدۇ ۋۇ ھايۋاندىن تۆرەلگەن ئىنسانلار.................. بۇنداقلار ھازىر جەمئىيتىمىزدە بەك كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ......

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ھەمىسى ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7030
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 06:24:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق نۇر ئىمانلارنىڭ بەختىنى بىر ئاللا ئۆزى بەرسۇن،  نۇرئىماندىن ئايرىلغانلارغا ھەمراھ بولغىنى بىرلا  ئارمان  خالاس،  .

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش