مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3702|ئىنكاس: 40

ئىمامى شافىئينى غەمگە قويغان 8 تەلەپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 04:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىمامى شافىئينى غەمگە قويغان 8 تەلەپ

بىر كۈنى ئەتىگەندە ئىمام شافى رەھىمىئاللاھۇ ئەلەيھى مەسجىتتىن ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا يولدا ئۇنىڭغا ئۇچراشقان بىر ئادەم ئۇنىڭدىن : ئى ئىمام! سىز يولدا كىتىۋاتقاندا ئىنتايىن چوڭقۇر بىر خىياللارغا چۆككەندەك مېڭىۋاتىسىز. سىزنى بىئارام قىلغان بىرەر ئىش بارمۇ؟ دەپ سورايدۇ.
ئىمام مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ: شۇنداق، ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەندىن تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەر ھەققىدە ئويلىنىمەن، ئويلانغانسېرى مۇشۇنداق ھالغا كېلىپ قالىمەن. بۇ جاۋاپتىن ھەيران قالغان ئادەم قىزىقىپ: ھەر كۈنى ئەتىگەن سىزدىن بىر نەرسىلەر تەلەپ قىلىنامدۇ؟ سىزدىن نېمە تەلەپ قىلىنىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
ئىمام: ھەر كۈنى سەھەردە مەندىن مۇنداق سەككىز تۈرلۈك نەرسىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
بىرىنچى: رەببىم مەندىن پەرزلىرىنى ئورۇنلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۈچۈنچى: ئائىلەم مەندىن ھالال نەپەقەلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ.
تۆتىنچى: ئىمانىم ۋە ئەقلىم ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بەشىنچى: نەپسىم ۋە شەيتان ئۇلارغا ئەگىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئالتىنچى: ئىككى مۈرەمدە بولغان كىرامەن كاتىبىن پەرىشتىلەر مەندىن ساۋاپلىق ئىشلارنى يازدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
يەتتىنچى: يېڭى باشلانغان ھەر بىر سەھەر مېنىڭدىن بىر كۈن قېرىغانلىقىمنى ئەسلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.
سەككىزىنچى: ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۇنىڭغا يەنە بىر كۈن يېقىنلاشقانلىقىم ھەققىدە ئويلىنىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.
مانا بۇلارنىڭ مەندىن تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلغان ھالدا كۈننى باشلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يولدا ماڭغاندىمۇ خىيالغا پېتىپ كېتىمەن، دەيدۇ.
بۇلارنى ئاڭلىغان ئۇ ئادەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن: ئى ئىمام! بۇلار پەقەتلا ساڭىلا خاس تەلەپلەرمۇ ياكى مەندىنمۇ تەلەپ قىلىنامدۇ؟
ئىمام تەبەسسۈم بىلەن: بۇ سېنىڭ چۈشەنچەڭگە باغلىق. مەن ھەر كۈنى بۇ تەلەپلەرنىڭ مېنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلىپ يەتتىم. خالىساڭ بۇ ھەقتە سەنمۇ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆرگىن. بەلكىم سەندىنمۇ تەلەپ قىلىنىدىغانلار بولۇشى مۆمكىن.
بۇنى ئاڭلىغان ئادەم بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن ئىمامنىڭ ئارقىسىدىن باش لىڭشىتىپ: توغرا دەيسەن، ئى ئىمام بۇلار پەقەتلا سەندىن تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەر بولۇپ قالماستىن مەندىنمۇ ھەتتا ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغان ھەر كىشىدىن ئورتاق تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردۇر. بىز بۇلارنى ئويلاپ يېتەلمىگەنلىكىمىز بىزدىن تەلەپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ، بىزنىڭ غەپلەتتە قالغانلىقىمىزدىندۇر، دەيدۇ.



مەنبە:ساقلانمىلىرىم

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YAZR + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
tawghaq + 100 ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:05:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر مۇسۇلمان ئويلىنىشقا تېگىشلىك  تەلەپلەر   
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 561
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 06:11:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئالىملىرىمىزنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79465
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3165
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 06:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ...  شۇڭلاشقا «ئەزەم»دەپ ئاتىلىدۇدە بۇ خىسلەت ئىگىسى، ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىككەن!

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3086
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31486
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2665 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 06:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        بۇلارنىڭ  ھەممىسى ئەمەلىيەتتە  ئورۇندىماق  ئۇنچە  تەس ئەمەللەرمۇ  ئەمەس،    بىراق   بىراق ئىمامى  شافىئىينى  تونىمايدىغان  بىرەيلەن    قانداقتۇر  كاپىتال  بىرىنچى ئامىل  ،  ئوغرى مۈشۈك، توغرى مۈشۈك، چاشقان تۇتقان نوچى  مۈشۈك.  دېگەندەك   پەلىپەتىش  بۇيرۇقلار بىلەن   نۇرغۇن   ئەقلى  كەمتۈك  ئادىمىزاتنى    ھالال بىلەن  ھارامنى،  ياخشى - ياماننى،  پەرق  قىلمايدىغان   ھالەتكە  چۈشۈرۈپ  قويۇپ.   ھىدايەت  يوللىرىغا  توسالغۇ  بولىدىغان   پۇتلىكاشاڭلارنى  ئاينىتىۋەتتى........
       شۇ  سەۋەپتىن  بەشىنچى   تەلەپنى   بىلىدىغانلار كۆپ  ئەمەل  قىلىدىغانلار  بەك  ئاز  بولۇۋاتىدۇ. لېكىن   تىرىشساقلا   بۇ  پۇتلىكاشاڭلار  ھامان  بىر كۈنى  بىردىن  بىردىن  تىپىلىپ    چۆرىۋېتىلىدۇ،   چۈنكى   ياراتقۇچى  ئەزەلدىن  ئۆز يولىدا  ماڭغۇچىلارنى  قۇرۇق قول   قويغان ئەمەس.  ئىشىنىمىزكى    شۇنداق  بىر كۈنلەر كېلىدۇ............   

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93380
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2013-3-15
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 06:40:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر مۇسۇلمان چوڭقۇر ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك....

بۇ دۇنيا بىر سىناق دۇنياسىدۇر،ھەي قېرىنداشلىرىم!بىلىپ قويايلىقكىن،بىر مىنۇت ۋاقىت ئۆتسە،بىر مىنۇت ئۆلۈمگەيىقىنلاشقان بولىمىز.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21269
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6449
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 07:18:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يو ئاللا , مانداق ئىسىل تىمىغا ئىنكاس يازىدىغان ئادەم يوق ,  نەدىكى ناخشا ئۇسۇل توغۇرلۇق تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ كۆپلىكىگە ئادەم ھەيران قالىدۇ...

سىز ئىسراپ قىلغان بۈگۈن،تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئەتىسى، سىز بىزار بولغان ھازىر ، كەلگۈسى مەڭگۈ قايتالمايدىغان ئەسلىمە...
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93566
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2013-3-19
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 08:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 08:13:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەربىرىمىزدىن تەلەپ قىلىنغان ئىشلاركەن ، خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75926
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنىمىز ئۆتسە ئەزرائىل ئەلەيىھسالامغا بىر كۈن يېقىنلىشىمىز .......
ئىسىل تېما ئىكەن ، رەھمەت قېرىندىشىم ، ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش