مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 630|ئىنكاس: 1

نۇرۇز قوشىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 297
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11164
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 3121 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 02:56:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

XOHTEKIN

ئەركە پەسىل خۇشبۇي ئەلچىسى،

قۇياش ئىچرە ئاچتى خۇشچىراي.

پاك زىمىندا ئويغىتار ئۈمۈد،

ئەجەپ كۆركەم ئويغاق نەۋباھار.

يۇرۇق كېچە يۇلتۇزلۇق ئاسمان،

ئاي تۇماننىڭ باغرىنى يارار.

زىمىستاندىن خوشلىشىپ ئىقلىم،

يېڭى يىلغا ئىز سېلىپ بارار.

ياپراق ئاچسا كۆزىنى روشەن،

گىياھ،مايسا ياشىرار كۈلۈپ.

چوكانتاللار ئېتىدۇ تەزىم،

زۇمرەت سۇنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ.

تەڭرىتاغدىن، پامىر، نىلغىچە،

نۇرۇز ئەھلى تويدا،مەشرەپتە.

گۈزەل كۈيدىن كۈلۈپ زوقلىنىپ،

بەزمە باشلار يېڭى غەيرەتتە.

تاغ پەدەرگە باقار مەنىلىك،

نۇرۇز ئېشى ئەتكەن ئانىلار.

نەۋرىلەرگە ھېكمەت ئۈگىتەر،

نۇرۇز سۈپەت قىران دادىلار.

ئات بەيگىدە يەڭگەن يىگىتكە،

سوۋغا سۇنار قىزلار تالىشىپ.

گۈل-چىچەكنىڭ مېھرىگە قانماي،

خەندان ئۇرار قۇشلار سايرىشىپ.

ئۇز تەبىئەت- ماھىر ناخشىچى،

شىئېر ئاقار نۇرۇز  بولاقدا.

قايناق ئەمگەك چىللار مەردانە،

گۈزەل دۇنيا، يېڭى ھاياتقا.

(دىيارى كەلپىن)

.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 11:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92786
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 849
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 424 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 06:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىلىپتۇ. ﺋەتىگەن ﺋىشقا ماڭسام  باشلانغۇچ مەكتەپ بالىرنىڭ ھەممسى  دوپپاكىيشىپ  شۇنداق  چىرايلىق  مەكتەپكە  مېڭپتىكەن   بىرسىدن :نېمىشقاھەممىڭلار دوپپا  كەيدىڭلار  دېسەم  بۈەۈن  دېگەن  نورۇز ،شۇڭا  كىيمىز  ،تېخى   نورۇز   ﺋېشى  ﺋىچىمىز  دەيدۇ  شۇنداق  خوش  بولدۇم    مانا نۇرۇز بايرىمىىڭ نەرى  بولمايدۇ ،  بىرچىرايىلىق دوپلارنى  كىيىشىپ  باش باھارنى  تەبرىكلەشنىڭ  نەرى يامان

مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنەر يۈرەك ،
رازى بولماس بۈگۈندىن ئىنسان .
ئۈتۈپ كېتەر ھەممە بىر پەستە،
ئۆتكەنلىرى بۇلۇپ قەدىردان .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش