مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1947|ئىنكاس: 28

ئانا قاتىللار... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 02:07:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[tr][/tr]

جۇڭگودىكى سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈرىۋاتقان قىزلار







دۆلەتلىك نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت كومىتتىتىنىڭ جاكارلىغان بىر گۇرۇپ سانلىق-مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى ئاز دېگەندە 13مىلىيون قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈلىدىكەن، بۇلار تېخى 10مىلىيون دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش ھەم تىزىملاتمىغان شەخسىي ئامبۇلاتورىيەلەردە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەنلەرنى قوشمىغاندىكى سانلىق-مەلۇماتكەن، ھامىلە چۈشۈرۈش سانى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. جۇڭگودا، پىلانلىق تۇغۇت ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، ھامىلە چۈشۈرۈش قانۇنلۇق ھەم ئەركىنلىك. بويتاق قىز-ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلدار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ھامىلىنى چۈشۈرىۋىتىش بىردىنبىر چىقىش يولى ھېسابلىنىدۇ.


2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش خانىسى سىرتىدا، مايكىسىدىكى قىزنىڭ سۈرىتىدەك چىرايلىق قىز ھامىلە چۈشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا تۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈدىغان قىزلارنىڭ يېشى بارغانسىرى كىچىكلىككە قاراپ يۈزلەنگەن، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىغانلاردىن 25ياشتىن تۆۋەنلەر %50نى ئىگەللەيدىكەن، %65ى بولسا توي قىلمىغان ئاياللاركەن، %54.3بولسا ھېچقانداق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش چارىسى قوللانماي كۈتۈلمىگەن ھامىلدار بولۇپ قالغانلاركەن، قايتا-قايتا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈدىغانلارنىڭ نىسبىتى%50گە يېتىدىكەن.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش خانىسىنىڭ سىرتىدا رەتكە تىزىلىپ ھامىلە چۈشۈرۈشنى ساقلاۋاتقان قىزلار، بۇلار ھەممىسى مودا كىيىنىۋالغان بولۇپ، ساقلاۋاتقاندىكى ھالىتى ناھايىتى ئالاقزادە بولىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. نۇرغۇن قىزلارنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ساۋاتى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلار سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ بولالمايدۇ، نۇرغۇن قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلغۇزغانلار ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش چارىسى دەپ قارايدۇ.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش خانىسى سىرتىدا، قىزنىڭ سومكىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ئەر.  سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندە، چوقۇم بىرى ھەمراھ بولۇشى كېرەك، يىگىتى، ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستى بولسىمۇ بولىدۇ. بۇ يەرگە ھامىلە چۈشۈرگىلى كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دوستلىرى بىلەن كېلىدۇ، چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى توخۇ يۈرەكلىك قىلىدۇ، خىجىل بولىدۇ، يۈزسىزلىك قىلىدۇ.  قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولسا بۇ ئىشلاردىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسىدىن بۇرۇن، تەكشۈرۈش كارىۋىتىدا ئولتۇرغان قىز، دوختۇر ئاۋۋال ئوپراتسىيە قىلىنىدىغان رايوننى يۇيىدىغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ھامىلە چۈشۈرگىلى كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشلەمچى قىزلار، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ساۋاتى كەمچىل بولغاچقا، يۇرتىدىن يىراق بولغاچقا ناھايىتى ئەركىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ باشقۇرۇشى يوق، شۇڭا ھامىلە چۈشۈرگەندە ئويلىشىدىغان ئىشلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندە، تەكشۈرۈشتىن تارتىپ، ئوپراتسىيە ھەققى، دورىلىرىغىچە 1000يۈەن ئەتراپىدا چىقىم قىلىدۇ، بۇ دوختۇرخانا ئاتچوت قىلىدىغان دائىرە ئىچىدە ئەمەس. ھامىلە چۈشۈرگەنلەر ئۈچۈن، بۇ روھىي، تەن ھەم ئىقتىساد جەھەتتىن زور بەدەل ھېسابلىنىدۇ.


2012-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، بىر قىز ئوپراتسىيە خانىسىنىڭ ئالدىغا ئايىغىنى سېلىپ قويغان، ئوپراتسىيە سۇپىسىغا تۇنجى چىققان، تۇنجى قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلماقچى بولغان قىزلار نۆۋەتتە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، قورقنۇچقا تولىدۇ، لېكىن تولا ھامىلە چۈشۈرۈپ باققانلار بولسا، كېيىن ئائىلىلىك بولغاندىن كېيىن، بالا ئالالماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، تېخى تولۇق ئوتتۇرادا ئوقىۋاتقان قىز، ھامىلدار بولۇپ قالغىنىغا 12ھەپتە بولغان بولۇپ، ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ئۇ ناركوزلانغان بولۇپ، ناركوزلانغاندىن كېيىن سېزىمىنى يوقاتقاچقا، سېستىرا ئۇنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قولىدا تومۇرىنى كەسكەن ئىز تۇراتتى (ئۈستىدىكى رەسىم).
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، تۇنجى قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا كەلگەن 14ياشلىق قىز، قولىدا «نەپرەت»دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇ سىنىپىدىكى ئوغۇل دوستى بىلەن كارا OKخانىدا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغاندىن كېيىن ھامىلدار بولۇپ قالغان، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئوغۇل ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان، قىز بەكمۇ ئازابلانغان ھەمدە ئوغۇلدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن، مۇھەببەت ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي ئۇنى تاشلاپ كەتكىنىگە غەزەپلىنىپ، نەپرەت دېگەن خەتنى ئويىۋالغان، بۇ قىز ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا يۈزۈم قالمىدى دەپ مەكتەپ يۆتكىلىش قارارىغا كەلگەن.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش خانىسى سىرتىدا، ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئوپراتسىيەدىن بۇرۇن بىمار ناركوزلىنىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل ئوپراتسىيە ئون نەچچە مىنۇتتىلا تۈگەيدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش: دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرۈش، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش، ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشكە بۆلۈنىدۇ، دورا ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈش ھامىلدار بولۇپ ئالتە ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش بىلەن ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشتە ئۈسكۈن ئارقىلىق ھامىلىنى تەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، پەرقى بولسا، ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەندە، ناركوزلىنىدۇ، باشتىن-ئاخىرى ئاغرىقنى سەزمەيدۇ.


2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، بىر قىز Bتىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قىزنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا سەككىز ھەپتە بولغانلىقى، شەكىلگە كىرمىگەن ھامىلە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، مانا بۇ كىچىك جان ئۈسكۈنە ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلىش جەريانىدا ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلار، ھامىلىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە، بىر قىسىم مۇنتىزىم بولمىغان دوختۇرخانىلار سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسىگە قارىتا يالغان تەشۋىقات تارقىتىپ يۈرگەن. 2012-يىلى 4-ئايدا، شىجاجۇاڭدىكى يەتتە ئانا ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق «ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش»تەشۋىقات قەغىزىنى يىغىپ، قارا نىيەت دوختۇرخانىلارنىڭ پۇل ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى جىنسىي ئەركىنلىككە باشلاشتىن قوغداپ، ئۇلارنىڭ قارا نىيتىنى خەلق-ئالەم ئالدىدا چىتقا يايغان.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەخانىسىدا، ھامىلە چۈشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان، بالىياتقۇ بوينىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب.


2012-يىلى7-ئاينىڭ 9-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، ئوپراتسىيەدىن كېيىن بوتۇلكىغا ئېلىنغان تىۋىتچىلىق قان، ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بار، ھەر بىر چۈشۈرۈلگەن جان مانا مۇشۇ بوتۇلكىدىكى قاننىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن، ئۇلار يۇندى يولىغا ئۇزۇتىلىدۇ.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى تاماملانغان بولۇپ، دوختۇر تىۋىتچىلىق قاننى تۆكىۋاتىدۇ، سۈزگۈچتە كاللەكسىمان نەرسىنى سۈزۈۋالىدۇ، تۈزۈمگە ئاساسەن بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، قان بولسا يۇندى يولىغا تۆكۈلىدۇ.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى ئەخلىتى، ئوپراتسىيەدىن كېيىن، ئەخلەتلەر دوختۇرخانىنىڭ تۈزۈمى بويىچە بىر تۇتاش پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ، تازلىنىدۇ.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، ئوپراتسىيە ئىشىكىدە، ھامىلە چۈشۈرگۈچى ئايالغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئەر، ئوپراتسىيەدىن چىققان ئايالنى كۆتۈرىۋالدى، ئەمەلىيەتتە «ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش» ئاغرىتمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. جۇڭگو نوپۇس جەمئىيتى چىقارغان «جۇڭگونىڭ تۇغماسلىق ھالىتى تەكشۈرۈشى» نەتىجىسىدە، داۋالىنىۋاتقان تۇغماس ئايال بىمار ئىچىدە، 20ياشتىن ~30ياشقىچە بولغانلار ئەڭ كۆپ. تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردا، «سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى توسىۋىلىپ، تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ بىرىكىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىش»ئامىلى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.


2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، يېڭى تەسىس قىلىنغان ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسىدىن كېيىنكى مېھىر-مۇھەببەت ئامبولاتورىيەسى، كەسپىي سېستىرالار بۇ يەردە بىمارلارغا مەسلىھەت بېرىدۇ، سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. رەسىمدە، مەسلىھەت سوراۋاتقان ئايالنىڭ سومكىسىدىن چىقىپ قالغان، ناچار سۈپەتلىك كاندون، بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى خالىمىغانلىقتىن، ئۇ سېستىرادىن يەنە باشقا خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى سوراۋاتىدۇ.


2012-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەخانىسى دەم ئېلىش زالىدا، تامدىكى تېلىۋىزوردا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاتارلىق ساغلاملىق تەشۋىقات فىلىملىرى قويۇلىۋاتىدۇ، جۇڭگو نوپۇسى تەشۋىق ۋە تەربىيە مەركىزىنىڭ سانلىق-مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، %74 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلىرى بىلەن جىنسىي ساۋات توغۇرلۇق پىكىرلىشىپ باقمىغانكەن، %49 ياش-ئۆسمۈرلەر بولسا ئاساسلىقى ئېنتىرنىت تورىدىن بۇ خىل ساۋاتقا ئىگە بولىدىكەن.



2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، جېجىياڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانا، دوختۇر ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيە قىلدۇرماقچى بولغان ئايال بىلەن پىكىرلىشىۋاتىدۇ، ھامىلە چۈشۈرۈش يېشىنىڭ كىچىك بولۇش ئاقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، جۇڭگولۇقلاردىكى جىنسىي ساۋات تېمىلىرىغا بولغان «ئىزا تارتىش» ھەم جىنسىي تەربىيەنىڭ «كەمچىللىكى» ئەڭ نېگىزلىك بولغان تەربىيەدىن پەن-تېخنىكىلىق تەربىيەگە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا ناھايىتى پايدىلىق ھەم ھالقىلىق باسقۇچ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا جىنسىي ساۋاتلارنى كۆپرەك ئۆگىتىشى، جەمئىيەت بولسا ئەنە شۇنداق بىگۇناھ جانلارغا كۆپرەك مېھىربانلىق يەتكۈزۈشى لازىم.                   مەنبە؛ قاشتىشى مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadam1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 02:08 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-21 10:06 PM):


تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-22 09:52 PM):

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92524
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 03:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەربىر بەندىسىنىڭ كۆڭلگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.   

ھايات-شام،ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،كەلدىڭمۇ جاھانغا،كەتمىشىڭ ئېنىق،شۇ‹كىلىپ-كەتمەك›نىڭ ئۆزى بىر سۇئال،جاۋاپقا ھازىر بول،ئۆچكىچە تىنىق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89877
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 03:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامان تەرەققى قىلغانسىرى ‹‹قاتىللىق››نىڭ تۇرىمۇ كۆپ بۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە؟

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 04:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ۋەجىدىن تۇغماسلارمۇ كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ، بىرىنىڭ ئۇۋالىغا بىرى قالمىسىلا بولاتتىغۇ............ بارلىرى يوقىتىپ بولالماي ئاۋارە، يوقلىرى بار قىلىپ بولالماي ئاۋارە........ ھەي بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى............... ئاللاھىم بۇنداق قەبىھ گۇناھتىن يىراق قىلغاي، شۇ ئانا قاتىللار بىگۇناھلارنىڭ خۇنىنى قانداقمۇ تۆلەپ بولار.......

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 04:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا، بېچارە قىزلار... مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر.........

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ھەممىسى ئىمانسىزلىقنىڭ كاساپىتى ؟

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:17:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخىشى تېمىكەنتۇق خېتى سەل سولغا چىقىپ قاپتۇ . دىمىسىمۇ ھازىر بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:38:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبان ئاللادىن قىز قېىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيلى ، كۆڭۈل بۆلەيلى

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:46:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
katran يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 04:05 PM
شۇ ۋەجىدىن تۇغماسلارمۇ كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ، بىرىنىڭ  ...

توغرا دەيسىز،،،،،،،،،،،،،

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 05:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇختۇرلارمۇ پۇلغىلا ئامىراق ئىكەن ،،،مۇسۇلمان يۇرتى بولغان بولسا بۇنداق بولمايتتى

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش