سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ
سەبىي
باھار يېتىپ كەلدى ئۈرۈمچى،
يېشىللىقتىن خەۋىرىڭ يوققۇ.
چېچەكلەمدۇ قاردا دەرەخلەر،
بۇ باھارنىڭ خىلى ئەمەسقۇ.
بار باغاشلاپ ئۇخلامسەن يەنە،
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ.
قىشنىڭ سوغۇق كېچىلىرىدىن،
زەپ زېرىكتىم ، زېرىكمىدىڭمۇ.
ۋىچىرلايدۇ قۇلاق تۈۋىمدە،
شۇنچە تاتلىق باھار قۇشلىرى.
ئېقىپ كىلەر ئەگىزنى بويلاپ،
خىيالىمدا باھار سۇلىرى.
لېكىن سەھرا ئەمەس سەن شەھەر،
سەندە يوقتۇر ئەگىز ، كەڭ دالا .
لېكىن نورۇز بۈگۈن كۈتىۋال،
سەن باھارنى قېلىپ خۇش ناۋا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sebiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-21 01:22 PM