مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1061|ئىنكاس: 35

بالىلارغا تەن جازاسى بىرىشكە قانداق قارايسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10067
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 03:54:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       مانا نۇرۇز ھارپىسىدا ئەتىكى نۇرۇزغا تەييارلىق قىلىپ ئاغىنەلەر ،تۇققانلارغا تىلفۇن ،ئۇچۇلارنى ئىۋەتىپ تۇرۇشۇمغا قەشقەر توققۇزاقتا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ساۋاقدىشىم تىلفۇن ئۇرۇپتۇ .بۇ ساۋاقدىشىم بىلەن ئالىي مەكتەپتە تۇنۇشقان ئىدىم ،ساۋاقدىشىم ئىغىر بىسىق ،كەم سۆز ،ئەقىللىق دەل مۇشۇ ئۇقۇتقۇچى كەسپىنىڭ ماتىرىيالى ئىدى .
      تىلفۇن مەزمۇنى مۇنداق،ئۇ دەرس بىرىدىغان سىنىپتا بىر ئۇقۇغۇچىغا قول تەككۈزۈپ قويغان ئوخشايدۇ .ئاندىن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى ئەرز قىلىش بىلەن بىرگە بالام ئىغىر يارىلاندى دەپ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە داۋالاتقاندىن كىيىن ئۇنى ئۇرۇمچىدىكى ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا يوتكەپ ئەكەلگەنلىكىنى ،قەشقەردىكى دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىتتا 4مىڭ يۇئەن ئاپىرىپ بەرگەنلىكىنى يەنە كۆڭلى ئۇنىماي ئۈرۈمچىگە چىقىپ كۆرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىنى ئىيتىتى .بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ مەندە ئۇنى ئۇ بالىنى بەك ئىغىر ئۇرىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن ؛
-زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئۇرغان ئىدىڭ؟ دىسەم
-مەن ئۇرمىغان مورىسىدىن سىلكىشتۇرۇپ تەربىيە قىلدىم .كىيىنكى سائەت دەرسىدە بۇرنى قاناپ ،كۆڭلى ئىلىشىپ ھۆ قىلىپ كىتىپتۇ ،پەن دەرس ئۇقۇتقۇچىسى نىمە بولدى دەپ سۇرىسا   X مۇئەللىم ئۇرغان ئىدى دەپ ئىنكاس قىپتۇ .ئاندىن مەن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي دىسەم ،-بولدى مۇئەللىم ھازىر ياخشى بوپ قالدىم دەپ ئۆيگە كەتتى .ئەتىسىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن يوق مەكتەپكە كەلمىدى .ئۈچىنجى كۈنى چۈشتە ئاپىسى تىلفۇن قىلىپ بالىسىنىڭ ھازىر دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ھەم مىنى ئەرىز قىلغانلىقىنى ئىيتتى .بۇ ۋاقىتتا كۈزلۈرۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى ،كاللام قۇپقۇرۇق نىمە قىلارىمنى بىلمەي بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم ئاندىن ،مەكتەپ مۇدىرىدىن ئەتىكى رۇخسەتنى ئالدىم ھەم ئىشنى دەپ مە  سلىھەت ئالدىم .
       دوختۇرخانىغا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىللە باردىم .   4مىڭ يۇئەننى ئاپىسىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇق .ھەم مىنىڭ ئەپۇ سورايدىغانلىقىمنى بىلدۇردۇم .ئاندىن مەكتەپ مۇدىرىمۇ بۇ ئىشقا ئەستەيدىل قارايدىغانلىقىنى كىيىن بۇنداق ئىشلارنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ،بۇ ئوقۇتقۇچىغا تەكشۇرۇشنامە يازغۇزدىغانلىقىنى ھەم مەكتەپتە ئىلان قىلىغانلىقىنى بىلدۇردى .ئاپىسىمۇ بالا ساقلا بولسا بىزدىمۇ باشقا گەپ يوق دەپ چىرايلىق ئۆزرىسىنى ئىيتقان ئىدى .بەش كۈندىن كىيىن ساقچىلار كىلىپ ئەينى ۋاقىتتا ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ مەن بىلەن يازما خاتىرە ئىلىپ كەتتى .ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇ بالىنىڭ ئاپسى ماڭا تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇرۇمچىدە بالىنى داۋالىتىۋاتقىنى ئىيتتى .
      -ئاداش مانا مەن مۇشۇ كۈنلەردە ،ئەتە يولۇم بولسا ئۇرۇمچىدە كۆرىشىمەن .سىنى بىرقانچە كۈن ئاۋارە قىلاي ئەمدى دىدى .
         تىلفۇننىغۇ قۇيۋەتتىم .ئەمدى خىيالىم زادى بالىلارغا تەن جازاسى بىرش كىرەكمۇ يوق ؟بۇ خاتا ئىشمۇ ؟بىز ئوقۇغان ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تايىقىنى يىمەي چىققان بالا بارمۇدۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم .باشلانغۇچتا بىر كەپسىز ئوقۇغۇچى بار بولىدىغان ئۇنى ئۇرمايدىغان ئوقۇتقۇچى يوق ئىدى .بىركۈنى ئۇ تاڭ قوشىقىنى يادقا ئىلىش ۋاختىدا ئۇ قوشاقنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەسكەرتىشىگە پەرۋا قىلماي گەپ ياندۇرغان ئىدى .ئۇقۇتقۇچىنىڭ جۇدىنى ئۆرلەپ تەتۈر كاچات بىلەن بىرنى ئۇرغان ،ئۇنىڭدىن -چاڭ قىلغان ئاۋاز ھىلىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە ئاڭلىنىدۇ .ئەتىسى ئاتا -ئانىسى كىلىپ ئەمىلى ئەھۋالنى ئۇقۇپ ،سىنىپقا كىرىپ
-بۇ بالا دەرس ئاڭلىمىسا ،باشقىلارنىڭ دەرس ئاڭلىشىغا تەسىر قىلسا ئۇقۇتقۇچى ھەقلىق رەۋىشتە ئۇرسا ئارتۇق گىپىم يوق .سىلەرمۇ شۇنداق ،ئۇلار سىلەرگە ياخشى بولسۇن دەيدۇ .ئۇقۇتقۇچىنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭلار !ھۆرمەت قىلىڭلار دەپ بالىنى ئوقۇتقۇچىغا تۇتقۇزۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى . كىيىن ئۇمۇ ياراملىق ئادەم بولدى مانا ھازىر شاڭخەيدە ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ تۇمشۇق شەھرىدە خىزمەتكە چۈشتى .
          ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ باشقىلار دەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقىنى بىلگەن ھەرقانداق ئاتا -ئانا ئاچىقلايدۇ ،خاپا بولىدۇ .
مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ -ئويلاپ بالىلارغا تەن جازاسى بىرىشكە بولامدۇ بولمامدۇ؟دىگەن سۇئالغا جاۋاب تاپالمىدىم .
          ئەمدى ئاساسىي گەپكە كەلسەك ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى خاراكتىرى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش قانۇنغا خىلاپ ھەم ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ،مۇشۇ گەپ بويىچە ئىيتقاندا ئۇ ساۋاقدىشىم ئىشتىن قىلىشى مۇمكىن .يەنە ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بىرخىل قارشى ھىسياتتا بولۇپ قالدىم .بالىنى قوغدىشىنى توغرا چۈشەندىم لىكىن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئىشنى چوڭايتىپ كىتىشى بىر ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزكەسپىدىن ئايرىلىشىنى ،ئۆز مىللەتدىشىنىڭ بىر خىزمەتتىن ئايرىلىپ قىلىشىنى ئويلىمامدىغاندۇ؟
         مۇشۇ ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەي ئۇ ساۋاقدىشمغا تىلفۇن ئۇردۇم
-سەن چىققاندە ئىككىمىز بىللە  ئۇلارغا خىزمەت ئىشلەپ باقايلى ئۇلار بىر گەپ چۈشەنگۈدەك كىشىلەرمىكەن دەپ سورىدۇم .
-ساڭا ئىنىق دەي ،ئۇ بالىنىڭ دادىسى بىر يىزىنىڭ سىكىرتارى ،ئاپسى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ باشلىقىكەن .
           بۇ ئەھۋاللارنى بىلەنگەندىن كىيىن ئۇ ئىككى ئاتا-ئانىنىڭ نىمە ئويلىغانلىقىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن چالا ئۈگەنگەن ئۇيغۇرچىنى بىرخەت -بىر خەتتىن قاراپ يىزىپ چىقتىم .
          بۇنداق ئەھۋاللار كەڭ ئوقۇتقۇچى كىشىلەرنىڭ بىشىغا كەلگەن ياكى كەلمىگەن ياكى كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ .مۇشۇ ھەقتە ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىنى ،نىمىنى ئويلىشىشى كىرەكلىكىنى ،مىسرانىمدىكى مۇشۇنداق بالىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقان  ،ھەم ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەن جازاسى بىرىش ئىشىدا ئوبدان ئويلۇشۇپ ،مۇنازىلىشىپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .      



مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 11:33:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى پارتىيەنىڭ ‹‹ئۇلۇغ›› چاكارلىرى ئىكەن. قەشقەردىكى ئەمەلدارلارنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. بۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئەھۋالى چاتاق بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3809
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8388
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 11:33:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياكى  باشقا بىر  سەۋەپ  باردۇ  .

ئازراق  مۈرىسىدىن  ئىتتىرىپ  قويغانغا ئۇششۇقلۇقمۇ  قىلماس  ئۇنچىۋالا  .
لىكىن  ئازراق  مۈرىسىدىن  ئىتتىرىپ  قويغانغا  .كىيىنكى سائەت دەرسىدە بۇرنى قاناپ ،كۆڭلى ئىلىشىپ ھۆ قىلىپ كىتىپتۇ .
گەپ  مۇشۇشۇ  يەردە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3809
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8388
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 11:37:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش :
        بۇ  تىمىغا   بارلىق ئوقۇتقۇچى  ئۇندا  ساپاسىز  ، ئەخلاقسىز .  ئوقۇغۇچىلارمۇ بەك  كەپسىز ھەممىسى ئەسكى  .  دەيدىغان   يەنە  2  -  قەۋەتتىكى  دەلدۈشلەرگە  ئوخشاش  ئىسپات  يوق .
غاجايدىغان ، تىللايدىغان  ماڭقۇرتلار  يۈندەڭنى  ئىچىش  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 12:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچ بولماق قىيىن بىز ئادەتتەبىر بالنى تەربىلەش ئۇچۇن شۇنچلك جاپا تارتىمىز .لىكن ئاشۇ مۇئەلىم بىر سىنپتا 40بالنى تەربىلەيدۇ بەكمۇ جاپالىق  ئاتا-ئانىلار بۇنى چۇشۇنشمىز كىرەك ،مەنچە شۇ بالىنڭ بىرەر كىسلى بولشى مۇمكىن،ئەگەر ئوقۇتقۇچ ئۆزگە ئشەنسە بالنى چوڭ دوختۇرخاندا تەكشۇرتىپ بىقشى كىرەك،مىنڭ قىزمنىڭ سنپدا يۇرەك كىسلى بار  بىر ساۋاقدشى بولۇپ  ئاتا-ئانسى مۇئەلىمگە ئەسكەرتىپ قويغان ئىكەن ،

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19503
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 12:02:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارغا تەن جازاسى بىرىشكە قانداق قارايسىز ؟
  بالىلارغا تەن جازاسى بىرىشكە بولمايدۇ. بولوپمۇ ئوقۇتقىۇچىلار.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3401
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 12:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە تەن جازاسى بېرىشكە بولمايدۇ ، ئەمما ئۇقۇغۇچلار دەرىس ئېنتىزامىغا خىلاپلىق قىلسا ئەلۋەتتە ئۇقۇتقۇچىنىڭ تەنبىھ بېرشى تۇغرا .ئەمما ئاۋۇ ئاتا -ئانلارمۇ قاملاشمىغان ئىش قىپتۇ ھىلىمۇ دۇلەت كادېرى بوپ قاپتۇ ،ئۇنداقلاردېن قارا قۇرساق دىھقان ياخشىراق بېرەر ئېشلارغا ئەتراپلىق قاريالايدۇ ،كۆڭلىىڭزنى يېرىم قىلماڭ ئاللاھ ئاسانلىقنى بېرەر ..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4916
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 12:44:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچۈنجى تەكلىپ:ئوقۇغۇچىلارغا بولغان جازا تەدبىرى توغرىسىدا.
جازا-قىلمىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئىجابىي مەجبۇرلۇق.ئۇ يامان ھەركەتلەرگە قارىتىلغان مەمۇرىي ھەركەت بولماستىن بەلكى تۈزەشنى مەقسەت قىلغان ئۆزگەرتىش كۈرىشى بولىشى كىرەك.جازا-پەرزەنىت تەربىيىسىدىكى  ھالقىلىق تەركىب.جازانىڭ ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق بولۇش بولماسلىقى پەرزەنىت كەلگۈسىگە بىۋاستە چېتىشلىق مەسىلە.ئوقۇغۇچى مۇنەۋۋەر بىلىم بەرگۈچى بولۇشتىن تاشقىرى ئەتراپلىق قانۇن تۈزگۈچى بولىشى شەرىت.ئوقۇتقۇچى چىقارغان قانۇنىي بەلگىمىلەر دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئۆلچىمىگە تۈپتىن ئوخشىماسلىقى كېرەك.دۆلەت ئۆز ۋەكىللىكىدىكى سىنىپنىڭ مەنپەئىتى ۋە جەمىيەت ئامانلىقى ئۈچۈن قانۇن دەستۇرىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈمنى  ھىسياتتىن ئايرىپ تۈزۈپ چىقىدۇ.ئەمما ئوقۇتقۇچىلىق ھىسيات ئامىلىنى چىقىش قېلىپ،ئادىمىيلىك ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈزۈم ۋە بەلگىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىشى كىرەك.چۈنكى ئوقۇغۇچى يىتىلىش باسقۇچىدىكى مەنىۋىي گەۋدە.يۇمران ھالەتتىكى مايسىنى جەمىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ،جاپاغا چىداملىق قىلىپ يىتىشتۈرىمىز دەپ بوران بىلەن چىنىقتۇرساق،مايسىدىكى مايسىلىق خۇسۇسىيەت يوقۇلۇپ،تەمسىل بولغان بالىلاردىكى ئادىمىيلىك تۇيغۇسى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى ئەڭ كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان سورۇن بولىشى مومكىن.ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدىكى سەۋەنلىكلىرىمنى يىزىپ چىقىشقا توغرا كەلسە بىر ئۆمۈر ئولتۇرۇپ يازساممۇ ئازلىق قىلدۇ.ھىلىمۇ سەھۋەن خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەسمەن.ئەمما خاتالىقلىرىمنى تۈزۈتۈش ۋە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ئادەم بولۇش يولىغا قەدەم قويالىشىمغا ئىشىنىمەن.ھەرقانداق ئادەم خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،خارەكتىر ۋە ئادەت يىتىلدۈرۈش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تىخىمۇ شۇنداق.ئوقۇتقۇچى بىلىم بىرىش دائىرىسىدىن ھالقىپ،ياخشى خارەكتىرگە قاراپ يىتەكلەش باسقۇچىغا يەتسە،ئەنە ئۇ ھەقىقى ئوقۇتقۇچىلىق مۇقامىغا يەتكەن بولىدۇ.ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە توغرا مەمۇرىي جازانىڭ ئۆزى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئۈنۈملۈك خارەكتىر يېتىلدۈرۈش دەرىسى ھىسابلىنىدۇ.
ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە جازا تەدبىرى ئۈستىدىكى ئۈچ چوڭ داشقال:
)مىنىڭ سىنى ئۇرۇشقا ياكى تىللاشقا ئانامنىڭ ھەققى يوق.مەن سىنى سىنىپتىكى ئورۇندۇقتىلا ئۆزگەرسۇن دىمەيمەن،پۇتكۈل ئۆمرىدە شۇ ئۆزگۈرۈشنىڭ پايدىسىنى تېتىپ ياشىسۇن دەيمەن.)
--------بىر ئەر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئاغزىدىن.
بىرىنجى: تەن جازاسى .
ئىككىنجى: جەرىمانە.
ئۈچۈنجى:سۆز جازاسى
تەن جازاسى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم.
تەن جازاسى ئىپتىدايىي جەمىيەتتىكى غالجىر قورال.ئۇ ھايۋانلارچە خارەكتىرنىڭ مەھسۇلى.تەن جازاسى  -قايىللىقنىڭ دۈشمىنى .مەدەنىيەتلىك جەمىيەتنىڭ كۈشەندىسى.ئۇ ئەڭ پەس كىشىلەرنىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى يوشىرىدىغان چۈمپەردىسى.تەن جازاسى مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغا زىدىيەتنىڭ ئىپادىسى.دىمەك ئۇ ئىنسانلىق خارەكتىرگە قىلىنغان ئاسىيلىق ۋە پەسكەشلىك.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىشى  ئۆز پىكرىنىڭ ئۆز قارىشىنىڭ ئوقۇغۇچىنى قايىل قىلالماسلىقىدىن بولغان ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋىلىشتىن ئىبارەت ئوقۇتقۇچىلىق مىزانىغا چۈشمەيدىغان خارەكتىرى بارلىقىدىن بولغان..ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەندە ئوقۇغۇچىغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى توندۇرالماسلىقى ئۈستىگە ئوقۇغۇچى ئىدىيىسىگە زوراۋانلىق مەسىلە ۋە شەيئىنى قايىل قىلىدىغان ۋاستە دىگەندەك پاسسىپ ئۇقۇمنى بىللە سىڭدۈرۈپ قويىدۇ.شۇنۇڭ بىلەن ئوقۇغۇچى كاللىسىدا زوراۋانلىق ۋە زومىگەرلىكنىڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەڭ ئاقىل ئامال  ئىكەنلىكىدەك خاتا قاراش شەكىللىنىپ قالىدۇ.دىمەك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا بەرگەن تەن جازاسى ئوقۇغۇچىغا تەربىيە ئۈنىمى بولماي بەلكى خاتا كۆز قاراش بويىچە سىڭىدۇ.

ئىككىنجىسى جەرىمانە .
جەرىمانە-ئەسلىدە بەلگىلىك ئىشلەش ۋە پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان،تەربىيلەش باسقۇچىدا بولمىغان كىشىلەرگە بېرىلگەن ئىقتىسادىي جاز تۈرى.بۇ ئەقىلنىلا كۆزدە تۇتۇپ ھىسياتنى چىقىش قېلمىغان راتسىئونالىزىملىق كۆز قاراش بويىچە جازانىڭ ئوبىيكتىپلىقلىقنى مۇتلەقلەشتۈرۇپ سۇبىيكىتىپ ئۈنۈمىنى كەمسىتكەن جازا ۋاستىسى. ئەلۋەتتە بۇ خىل جازا ۋاستىسى يۇقرى دەرىجىلىك تەشكىلات ۋە دۆلەت كاتوگورىيىسى ئىچىدە توغرا.ئەمما تەربىيلىنىشنى ئاساس قىلغان مەكتەپ موھىتى ئىچىدە جەرىمانە تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىق كالا كۆتىگە لاي سۇۋىغاندەكلا بىر ئىش.ئوقۇغۇچىلارغا جەرىمانە قويغانلىق ئوقۇغۇچىغا پۇلدىن ئىبارەت كاتالىزاتورنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىپ،ئوقۇغۇچىنى پۇل ھەرقانداق نەرسىنىڭ تەغدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دىگەن بىرتەرەپلىمە يەكۈنگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.دىمەك جەرىمانە جازاسى پەقەت ئوقۇغۇچىنى شۇ ئىشتىن مەلۇم مەنىدىن قارغۇلارچە توسقان بىلەن ھەقىقى قايىللىقىنى ئويغاتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈنۈمسىز ۋە ئەھمىيەتسىز بولۇپلا قالماي بەلكى ئوقۇغۇچىنى سەلبىي تەربىيە باسقۇچىغا ئاپىرىپ قويىدىغان خاتا تەدبىر.
ئۈچۈنجىسى سۆز جازاسى.
ئوقۇتقۇچىلىق سۇبىيكتىپ پائالىيەتچانلىقى كۈچلۈك كەسىپ.ئوقۇتقۇچى ئادەتتە سۆزنى ۋاستە قىلىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.سۆزلەش ئىنسانىيەتنىڭ يىڭى بىر تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى بولسا قانداق سۆزلەش ئىنسان مەنىۋىي تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر پەللىسىنى يارىتىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق سۆزلەش كىرەك.مانا بۇ ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ جىنى .ئەگەر قىلدىن قىيىق كېتىپ قالسا سىزنىڭ ئاران تىكلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق ئابرويىڭىز ئوقۇغۇچى قەلبىدە بىر تىيىن بولىدۇ.بولسا قەتئىي تەكلىپ ئۆزىڭىزنى ئوقۇغۇچىغا تۇتقۇزۇپ قويماسلىقىڭىز ئۈچۈن مۇنبەردە شەخسىي تۇرمۇشىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق گەپ بولۇنمىسۇن.بۇ دىگىنىم دەرىسكە ئىجدىمايىي تۇرمۇشتىن مىسال كەلتۈرمەڭ دىگىنىم ئەمەس.مىسال چىن بولسا ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىس ئۆزلەشتۈرىشىگە غايەت زور رولى بار. كۆپۈنچە پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار دەرىسكە تۇرمۇشتىن مىسال ئېلىپ سۆزلەيدۇ.مېنىڭچە بولسا ماتىماتىكا دەرىسىدىمۇ تۇرمۇشتىن مىسال ئېلىپ دەرىس سۆزلەش كىرەك.بۇنداق بولغاندا چەتئەل مائارىپىنىڭ ئۈگەنگەننى ئىشلىتىش نەزىريىسىگە ئاز بولسىمۇ يەتكەنلىك بولىدۇ.گەپ شاخلاپ كىتىپ قالدى.ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك سۆز جازاسى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي خارەكتىرى ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەنە بىر موھىم ئامال.
سۆز جازاسىنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمسىز ۋە سەلبىي خارەكتىرنى ئالغان بولمايدۇ.مەن سەلبىي خارەكتىرنى ئالغان سۆز جازاسى بىلەن ئىلمىي سۆز جازاسىنى ئايرىپ باقتىم.
① سىسىق گەپ     
② تىللاش
③ كەمسىتىش خارەكتىرىدىكى سۆز
④ ئارتۇقچە كايىش
⑤ ۋايساش.
ئىلمىي سۆز جازاسى.
1)        تەنقىت بىلەن ئىلھاملاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەش.
2)        ئۇددۇللا دىمەي ئەگىتىپ دىيىش.
3)        مىسال كەلتۈرۈپ تەنقىتلەش .بۇنۇڭغا سىلىشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمەيمەن .دىمەكچى بولغۇنۇم خاتالىقىنى تۈزۈتۈشنى ئادەمگە ئەمەس نەرسە ۋە تەمسالگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش.
بۇلارنى بىرمۇ بىر يىشىشنى مۇۋاپىق كۆرمۈدۇم.



جازا ئۈستىدە تەكلىپ
ئىككىنجى ئانا دەپ تەرىپلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى تەسۋىرلىگۈسىز قۇدرەتكە تولغان بولىدۇ.جازا ئەنە شۇ روللارنىڭ ئىچىدە تەسىر قىلىش نۇقتىسى بىرقەدەر مەركەزلىك،ئۈنىمى چوڭقۇر بولغان تۈر.جازانىڭ قايىل قىلارلىق ،ئىلمىي بولۇش بولماسلىقى ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە.ئوقۇتقۇچىنىڭ جازا بىرىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى ئەڭ ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرىتنى ھازىرلاش كىرەك.
1)        قايىل قىش(بۇ ئەڭ موھىمى)
2)        ئادىمىيلىك تۇيغۇغا ھۆرمەت قىلىش.
3)        سىلىق سۆز ۋە ئاقىل جازا بىلەن ئىشقا ئىشىش.
قايىل قىلش ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىكى مىزان خارەكتىرلىك پىرىنسىپ.ئوقۇغۇچىغا قايىل قىلارلىق جازا بىرىش ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىغا نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى ۋە نىمە ئۈچۈن خاتا قىلغانلىقىنى بۇلدۈرۈشتىن ئىبارەت.ئەگەر بۇ نۇقتا ئايدىڭلاشمايدىكەن كېسىپ  ئىيتىمەنكىن،ئوقۇتقۇچىنىڭ بەرگەن جازاسى ئۈنۈمسىز ۋە ئەھمىيەتسىز.شۇنۇڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىغا جازا بەرگەندە ئۇنۇڭدىن سەمىمىي ھالدا سوراپ بېقىش كىرەك قىلغىنىڭ خاتامۇ ؟ئەگەر ئۇ قىلغىنىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ئېيىتسا سىز ئۇ تونىغانغا قەدەر ئۇنۇڭغا سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەنچە بىرىڭ.ئاندىن ئۇ خاتالىقىنى تونۇپ بولۇپ ھە خاتا قىلىپتىمەن دىگەن ئويغا كەلگەندە ئاندىن ئۇنۇڭغا خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭ چوقۇم جازالىنىشى كىرەكلىكىىنى بۇلدۈرۈڭدە ئۇنۇڭغا جازا بىرىڭ.ئەگەر ئۇ قايىل بولمىغانلىقىنى ئىيتسا سىز قايناپ كەتمەي مىھرىبانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.ئىشىنىمەنكى ئۇ جازانى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل كۆرىدۇ.
ئادىمىيلىك تۇيغۇسىغا ھۆرمەت قىلىش دېگىنىمىز ئىنساننىڭ فىزولوگىيىلىك ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت.بۇ يەنە شارائىت ۋە تۇيۇقسىزلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سىز ئوقۇغۇچىنى جازالاشتىن ئاۋۋال سەۋەبىنى چوقۇم ئاڭلاپ بىقىپ ،سەۋەبىي ئورۇنلۇق بولسا ئۇنۇڭغا جازا بىرىشنىڭ ئورنى يوق.
تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاقتىمدا بىر مۇئەللىمىمىز بىزنىڭ سىنىپتىكى سەل كېكەچلەيدىغان بالىنى ئورنىدىن قوپقۇزۇپ سوئال سورىدى.يىڭى كەلگەن بولغاچقا ئىزا تارىتتىمۇ،بۇ بالا ئورنىدىن  تۇرۇپ ئىنتايىن بوش ئاۋازدا سوئالنى ئوقىدى.مۇئەللىم بىر نەچچە قىتىم چىڭ ئوقى دەپ ئاگاھلاندۇردى.ئەمما ئۇ بوش ئاۋازى بىلەن سەل كىكەچلەپ تۇرۇپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى.مۇئەللىمنىڭ(ئوتتۇرە ۋا بىرنىمە)دەپ بىر گەپلەرنى قىلىپ كىتىشى بىلەن ئۇ شەلپەردەك قىزىرىپ ئارانلا ئولتۇرۋالغان ئىدى.بەلكىم  ئۇ ئوقۇتقۇچى قەستەن قىلمىغاندۇ،لىكىن  ئۇنۇڭ شۇ سۆزى ھىلىقى بالا بىلەن نەچچە يىل قىرىشىپ ئۆتىشىگە سەۋەب بولدى. مۇئەللىم ھەتتا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىنمۇ چۈشۈپ كەتتى.ئەمەلىيەتتە بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشۈنۈش تۇيغۇسىنىڭ كەملىكى ۋە سالماق ،مىھرىبان خارەكتىرىنىڭ يوقلىقىنىڭ نەتىجىسى.(ئىلاھىم بۇ غەيۋەتكە كىرمەس .)
ئوقۇغۇچى خارەكتىرىنى چۈشەنسىڭىز ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھەرگىز يامان گېپىڭىزنى قىلمايدۇ،سىزنى ھۆرمەت قىلغان قىياپەتكە كېرىۋالىدۇ.ئۇنۇڭ ھەقىقى ھۆرمەت قىلغان قىلمىغانلىقىنى  يەنىلا سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى گەپلىرىدىن تاپقىنى بولىدۇ.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى بىلمەي بۇ بالىلار بەرىبىر بىلمەيدۇ،ئوتتۇرىشى شۇ،گەپلىرىمگە ھەيران قالىدۇ دەپ پونى زەي سالماي ئاتسىڭىز،سىزنىڭ ئالدىڭىزدا سىزگە تەڭ ماسلاشقان بىلەن تۆتى بىر يەرگە كەلسە سىزنىڭ ھېلىقى  تىتىقسىز گەپلىرىڭىزنى دېيىشىپ بولسا دورىشىپ سىزنى تازا زاڭلىق قىلىپ كۇلىدۇ.بۇنى سىز بىلمەيسىز ئەمما ھەممىسى بىلىدۇ.ئويلاپ باقايلى ئۆزىنىنىڭ كۈلكىگە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي يەنە بۇرۇنقى ھالىتىدە يۈرۈش نەقەدەر ئىچىنىشلىق ياق ئىچىنىشلىقلا ئەمەس خەتەرلىك.يەنە گەپ ئارلاپ كىتىپ قالدى.

سىلىق سۆز جازانىڭ ئەمەلگە ئىشىشىدىكى موھىم ۋاستە.سىلىق سۆز قىلىش ھەرگىزمۇ جازانى يەڭگىللىتىش دىگەنلىك ئەمەس.جازانى چوقۇم بېرىش كىرەك،ئەمما سىلىق سۆز بىلەن بېرىش كىرەك.يۇقۇردا ئىيتىپ ئۆتكۈنۈمدەك خاتالىقىنى تونۇتۇپ بولغاندىن كىيىن،قوپال گەپ بىلەن ئەمەس،سىلىق سۆز بىلەن جازانى ئىجرا قىلدۇرۇش كىرەك.ئەمدى ئاقىل جازاغا كەلسەك ئاقىل جازا ئومۇمىي جازانىڭ خۇسۇسىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل.ئاقىل جازا مۇنۇ ئۈچ تۈرلۈك شەرىتنى ھازىرلىغان بولىدۇ.
1.        بۇندىن كىيىن جازاغا ئۇچراشتىن قورقىدىغان بولۇش.
2.        جازانىڭ سۇبىيكتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش.
3.        جازانى قارشىلىشىش باسقۇچىغا ئاپىرىپ قويماسلىق.
جازاغا ئۇچراشتى قورقۇش دىگىنىمىز  ئوقۇغۇچىنى بۇدا ماۋۇ خاتالىقنى تەكرارلىسام ھەرگىز بولمايدۇ،دەپ ئۆزىگە بىسىم ئىشلەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.ئەگەر ئوقۇغۇچى خاتالىق ئۆتكۈزسە،ئۇنى ماڭ ئۆيۈڭگە بىرىپ خاتالىقىڭنى تۈزۈتۈپ كەل ياكى  فورمىسىنى كىيمىگەن بولسا فورماڭنى كېيىپ كەل دەپ قايتۇرۋەتسە،بۇ  ئۇنۇڭغا جازا ئەمەس بەلكى مۇكاپاتتەك تۇيۇلىشى مومكىن.ئۇ بۇنداق مۇكاپات ئالدىدا ھەتتا قەستەن خاتالىق ئۆتكۈزۈش دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدۇ.
جازانىڭ سۇبىيكتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش دىگىنىمىز جازانىڭ ئوقۇغۇچىنى خاتالىقى ئۈستۈدە ئويلاندۇرۇپ خاتالىقنى تۈزۈتۈش باسقۇچىغا يىتەكلەش مەقسىتىگە يىتىشتىن ئىبارەت.جازانىڭ ئۈنىمىنى قوغلىشىش جازا بىرىشنىڭ تۈپكى مەقسىتى بولغانلىقى ئۈچۈن موھىم مەسىلە بولۇپ سانىلىدۇ.
جازانى قارشىلىشىش باسقۇچىغا ئاپىرىپ قۇيماسلىقى جازانىڭ ئەكىس تەسىرىنى كونتۇرۇل قىلىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.جازانىڭ بالىلارغا ئەمەلىيەتتە كۆيۈنۈش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرالىغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلىق سەنئىتى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ جازا بېرىشى كۆيۈنۈش بولدۇ.(مۇتلەق بولمىسىمۇ كۆپ ساندا.)لىكىن شۇ خىل كۆيۈنۈشنى ھىس قىلدۇرۇش سەنئەت  ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش.جازانى ئوقۇغۇچىلارغا مەن بىلەن قىرىشىۋاتىدۇ دەپ سىڭدۈرۈپ قويۇش ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇندىن كىيىنكى باشقۇرىشغا پايدىسىز.
ئەسكەرتىش:گەپنى مېغىزلىق قىلىش ئۈچۈن ئامال بار يىغىنچاقلاشقا  ئۇرۇندۇم.ئوقۇتقۇچى مىللەتنىڭ مىڭە ئاپراتى.مىڭىدىن چاتاق چىققان ئادەم قۇل دىمەكتۇر.ئۇ نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىدىغان ئادەم دىگەنلىك.بىز مەدەنىيەتلىك ھەم ئىسىل نەسەبلىك مىللەت.ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مائارىپنىڭ ئۈنۈمىنى توغرا  تونىغان خەلىق ،قەشقەرنىڭ تارىختا بۇخارا بىلەن تەڭ ئورۇندىكى ئالىي بىلىم يۇرۇتلىرى ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم.لىكىن بەزىبىر ماددىي سىياسىي ۋە ئىدولوگىيىلىك سەۋەبلەردىن بىز بىرنەچچە ئەسىر قىڭغىر مىڭىپ سەھۋەن ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋىلىپ خىلى كۆپ ئىچ ئاغرىقى تىپىۋالدۇق .بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مىللىتى بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ نۇقتىنەزىرى بويىچە ئىيتقاندا يىڭى يىپەك يولىنىڭ ئىچىلىشى بىزگە ئۆمۈت ۋە جاسارەتلا بىغىشلاپ قالماي ئۇلۇغ ئاللاھ بۇيرىسا نەتىجىمۇ بىرىدۇ.بىرىنجى ۋە ئىككىنجى تەكلىپنى يېزىپ بولۇپ،ئۈچۈنجى تەكلىپنى بۈگۈن تاماملىدىم.خۇدايىم بۇيرىسا ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلغار مىللەت ئەزاسى يىتىشتۈرگۈچى بولىشىنى تىلەيمەن .چۈنكى ئۆز خەلىقىنىڭ غايىسىنى چۈشەنمىگەن،ئۆز مىللىتى بىلەن بىللە ئازاپ چەكمىگەن مىللىي ئەزا ھەقىقى مىللەتپەرۋەر ئەمەس.

بۇ مىنىڭ يۈرەك سۆزۇم!ئىلگىرى يوللانغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈچ تەكلىپنىڭ بىرسى ئىدى يوللاپ قويدۇم!

زۇلمەت كىرسە جاھانغا باسسا تۈن قارا،
مەيلىتى قۇياشنىڭ قەدرى ئۆتۈلسە.
ھىلىغۇ بىر جانكەن مىڭ جىنىم پىدا.
رازىمەن ۋەتەن دەپ قىنىم تۆكۈلسە!
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6325
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 753 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 01:22:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەن جازاسى بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ دەپ،  قانۇندا شۇنداق دېيىلگەن بىراق سىزمۇ بىلىسىز،كەڭ دائىردىن ھەممە ئادەم قانۇنلارغا بويسۇنۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان بىلەن تار دائىردىن قانۇن تۈزگىچىلەرمۇ رىئايە قىلىپ بولالمايدىغان ئىش،چۈنكى بۇ جەمىيەتنىڭ قېلىپى ھەركۈنى ھەرخىل بولىدۇ،قالغىنى ئىمان،ۋىجدان بىلەن ئىش قىلسا بولىدۇ.
مەنمۇ ئامال بار تەن جازاسى بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمەن،قالغىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان زىخمۇ كۆيمەيدىغان تەدبىرىدىكى ئىش بولۇپ قالدى شۇنداققۇ؟؟!
ئەمدى بۇ ئىشقا كەلسەك ئەگەر راستلا دولىسىنى نوقۇپ قويغان بىلەنلا بۇرۇنلىرى قاناپ كەتكەن بولسا بۇ بىر (شەخسەن كۆز قاراش)ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش،دوستىڭىزنىڭ دېگەنلىرى راست بولغان بولسا بۇ قىل سىغمايدىغان ناھەقچىلىك،بىمەنىلىك،ئۇششۇقلۇق بوپتۇ. ھەييييييي دەپ كەلسەم گېپىم تۈگىمەيدىغان چىراي،قالغىنىنى ئۆزۈڭلار ئويلۇشۇپ ياخشى كېلىشىپ مەسلىھەتلەشساڭلار بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 01:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستاز زالىم بولسا شاگىرت ئالىم بولىدۇ دىگەن ماقال تەمسىل بار بىزدە ،ئۇلامۇ ئەرىز قىلىپ نىمە قىلا بوغۇلۇق بوپ بولۇپتۇ،چىرايلىق كىلىشسە بولمامدۇ ،ئۇ بالنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىپ قانچە ياخشى كۇن كۆرۇپ كىتەر ،ئادەم دىگەن ئەپۇچان بولۇشى كىرەك ، ئۇ بالا خىزمىتىدىن ئايرىلسا ئۇلارنىڭمۇ خىزمىتىدىن ئايرىدىغان ئادەم چىقدۇ ،بەك قايغۇرۇپ كەتمەڭ ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلا،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش