كۇتۇپخانىلىرىمىز قوللاشقا مۇھتاج
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۆھتىرەم دوستلار!
كىتابخۇمارلارغا بىر خۇشخەۋەركى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ ئىتتىپاق يولىدىكى تارمىقى شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپى (ئاق بوز ئات رېستۇرانىنىڭ يان ئۇدۇلى)دە قايتا ئېچىلىپتۇ. ئىتتىپاق يولى تۆت دوقمۇشىدىكى ئارمان تاللا بازىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ دەرۋازىدىن كىرىپ، ئوڭ تەرەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىگە كىرسەك، كۇتۇپخانىنى تاپالايمىز.
مەزكۈر كۇتۇپخانىنىڭ باش ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولىدا بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش- ئارىيەت ئېلىشىغا قولايسىز بولۇپ كەلگەنىدى. ئىتتىپاق يولى كۇتۇپخانا تارمىقى بۇرۇنمۇ (2005-يىللىرى بولسا كېرەك) بىر نۆۋەت ئېچىلغان بولۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغان ۋە ئارىيەت ئالىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئاز بولۇشى سەۋەبلىك، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
بۇ قېتىم كۇتۇپخانا تارمىقىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۈرۈمچىدىكى كىتابخۇمار دوست-بۇرادەرلەر ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر، بىر سىناقتۇر. ئەگەر بۇ قېتىم يەنە بۇ ئىشنى قوللاپ بەرمىسەك، بەلكىم ھۆكۈمەت كۇتۇپخانىسىلا ئەمەس، بەلكى شەخسىي كۇتۇپخانىلىرىمىزنىڭمۇ كېيىنكى تەرەققىيات يوللىرى تەسلىشىپ كېتىشى، بەلكىم ئېتىلىپ قېلىشى مۈمكىن. بۇ قانداقتۇر باشقىلارنىڭ ئىشى بولماستىن، نەقلا ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دەپ جار سېلىۋاتقان، ئانا تىل-يېزىقىمىزنى قوغدايلى دەپ ھەممەيلەن كۈچ چىقىرىۋاتقان، پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىلدا بولسىمۇ يەسلىدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن قىلمىغىنىمىز قالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشىدۇر.
كۇتۇپخانىدا كىتاب-ژۇرنال ئوقۇش ھەقسىز. ئارىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ، ئەمما ئارىيەت كىنىشكىسى بېجىرىش ئۈچۈن 50 ياكى 100 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرىمىز. بۇ كاپالەت پۇلىنىمۇ ئەگەر ئەزالىقتىن چېكىنمەكچى بولساق، قايتۇرۇپ بېرىدۇ. كىتابلارلا ئەمەس، يەنە ئەڭ يېڭى سان ئۇيغۇرچە ژۇرناللارمۇ ئارىيەتكە بېرىلىدۇ.
كۇتۇپخانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ۋە ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە گېزىت- ژۇرناللار ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق، يېڭى سانلىرى دەل ۋاقتىدا كېلىپ، تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. كۇتۇپخانىدا يېڭى كىتابلار يوق، دەپ قاقشايدىغانلارغا دەيدىغىنىمىز شۇكى، ئەگەر شۇ 30 كۇادرات مېتىر كېلىدىغان تارماق كۇتۇپخانىمىزنى ئۆچىرەت بىلەن كىرىدىغان قىلىۋەتسەك؛ ئۆزىمىزگە، پەرزەنتلىرىمىزگە، چوڭلىرىمىزغا، ئاياللىرىمىزغا، ئىشقىلىپ ئائىلىدىكى خالىغان بىرەيلەنگە بىر كىنىشكا بېجىرىپ قويساق؛ شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنلىرى پەرزەنتلىرىمىز بىلەن شۇ كىچىككىنە ماكاننى تولدۇرۇپ، شاتلاندۇرۇپ، ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرساق؛ كۇتۇپخانىدىكى خىزمەتچى قېرىنداشلىرىمىز ئالدىراشلىقىدىن سۆيۈنۈپ تۇرسا ھەم رەھبەرلىكىگە ئىشەنچ بىلەن كۆلەمنى كېڭەيتىش، يېڭى كىتابلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېلىپ كىرىش تەلەپلىرىنى قويۇپ تۇرسا... ئىشىنىمىزكى، ئۇزاققا بارماي كۇتۇپخانا رەھبەرلىرى بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار دېگەن كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەتكەن دەپ، يىلىغا چىقىدىغان بار يوقى نەچچە يۈز يېڭى كىتابنىمۇ ئەكىرەلمەيدۇ ئەمەس، ئېلىپ كىرمەيدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىدۇ.
«خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك». مىليونلاپ مەبلەغ سېلىنغان كۇتۇپخانا خەۋىرىنى يېقىندا ئاڭلىدىڭىز، دۆڭكۆۋرۈك «قىران بۇركۈت سارىيى»نىڭ 4-قەۋىتىدىكى «بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى»نى كونسۇل كوچىسىدىكى پائالىيەت ئېلانلىرىدىن بىلىپ تۇرۇۋاتىسىز. شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ يېكەنكۆل (نەنخۇ)دا ئىكەنلىكىنى بىلەمسىزكىن. ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ كىچىككىنە تارمىقىنى مەن سىزگە دەپ بېرەي ـ ئاق بوز ئات رېستۇرانى (مۇشۇنى دېمىسەم بەلكىم تاپالمايسىز)نىڭ يان ئۇدۇلىدا، مەدەنىيەت- سەنئەت مەكتىپى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدە. پەقەت تاپالمىسىڭىز، دەرۋازىۋەن دەپ بېرىدۇ.
كىتابلارنىڭ قىممەتلىكىدىن قاقشاۋاتقان، تېخى يېقىندا نەشرىياتلار «كىتاب بورداپ، ئىلمىي بۇلاڭچىلىق» قىلىۋاتىدۇ دەپ ئاغرىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا، شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچىدىكى ساناقلىق كۇتۇپخانىلار، كۇتۇپخانا قۇرغۇچىلىرى، كۇتۇپخانا خىزمەتچىلىرى كونا-يېڭى بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلىرىنى تىزىپ قويۇپ، كۈنىگە ئونغا بارمايدىغان، ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئادەممۇ كىرمەيدىغان ھالەتلەردىن ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە...
قېنى ئۈرۈمچىدىكى دوستلار، مۇشۇنچىلىك ئىشقا بولسىمۇ، بىر ھەرىكەت كېلەيلۇق! ئۈندىداردا، مۇنبەردە، مۇڭداشقۇدا ئانا تىل-يېزىقىمىزنى قوغدايلى دەپ شوئار توۋلىغاندىن كۆرە، دەم ئېلىش كۈنىڭىزدىكى بىر سائەتلىك ئەھمىيەتلىك قەدىمىڭىز بىلەن كۇتۇپخانىلىرىمىزنى ئاۋاتلاشتۇرايلى، پەرزەنتلىرىمىزنى كىتابقا، كۇتۇپخانىغا كۆندۈرەيلى! ئۆزىمىز ئوقۇيلى، پەرزەنتلىرىمىزگە ئوقۇتايلى، ئەزىزلىرىمىزگە ئوقۇپ بېرەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-21 02:22 AM