ياشاپ كەت، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار
)غەزەل)
(بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2011-يىللىق نەۋرۇز مەشرىپىنى كۆرگەندىن كېيىن)
توختى گايىت(باي ناھيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن))
توي قىلپسەن كارامەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار،
نەۋرۇز دەپسەن ياشاپ كەت، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
جاھاننامە ئەينەكتىن سىمايىڭنى كۆرگەندە،
يازدىم ساڭا ئۈچبۇ خەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
تۈركداشلار بايرىمى نەۋرۇز ئىدى ئەزەلدىن،
بىلدى سەندىن جامائەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
نەۋرۇز دېگەن بايرامنىڭ يەتمىگەنتۇق قەدرىگە،
قەلبلەردە ئاچتىڭ بەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
‹‹ئۆرۈپ-ئادەت ھەم سەنئەت،مەدەنىيەت بابىدا›› ،
دېدىڭ‹‹ ئۇيغۇر پاراسەت›› بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
كېچىلىكتە نەۋرۇزنىڭ ئۇيغۇرۇمنىڭ شەنىنى،
كۆككە ئاتتىڭ ئالامەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
سۆيۈندى بۇ بايرامدىن، سەندىن ھەتتا يات ئەللىك،
بولدى قايىل ھەم ھەيرەت، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
‹‹دوپپا بىلەن خاسلىقىڭ،ئايان كەيسەڭ ھەرقاچان››،
دېدىڭ بىلمەي ساڭا سەت ،بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
مۇقام- مەشرەپ مۇڭىنى پايتەخىتتە ياڭراتتىڭ،
ئەجرىڭ ئولۇغ ساخاۋەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
چوڭ-كىچىك،سەن-مەن دېمەي،ئۇيۇلتاشتەك بولۇپسەن ،
سەندە يوقكەن ئاداۋەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
مىللەتلەرگە ئىناقلىق بولغاچ كەپسەن باراۋەر،
تەڭسىزلىكتىن سالامەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
ئىزھار ئەيلەپ جەملەپسەن مەشرىپىڭدە دىلىڭدىن،
تىلەپ بىزگە پاراغەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
سۈيۈندۈردۈڭ ئەسلىتىپ‹‹ئەزىزى››...دةك زاتلارنى،
ئانا يۇرتقا بەك قەۋەت، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
ھەر ساھەنىڭ ئەھلىنى پايتەختتىكى ئۇيغۇرنىڭ،
تونۇشتۇردۇڭ رەتمۇ-رەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
ستودىنت ۋة باغۋەننى ساقىت قىلماي ھەم دېدىڭ،
‹‹دېھقان ئولۇغ تا ئەبەد››بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار.
نەۋرۇز روھىڭ خەلقىمگە بولدى بىلىم، كۈچ، ،مەدەت،
ياشاپ كەتكىن،ياشاپ كەت، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار!
2011-يىل مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-20 11:39 PM