ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر ، ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن سىلەرگە نورۇزلۇق ئالىي ئېھتىرام، ئەزىز مۇنبەرداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن. ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ،ئەتە3- ئاينىڭ 21-كۈنى قۇتلۇق نورۇز بايرىمى،مەكتىبىمىزدە ئەتە نورۇزلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈمەكچى،شۇڭا بۈگۈن پائالىيەت تەييارلىقى بىلەن جىددىي بولۇپ كەتتۇق،ئەتىكى مەكتىبىمىزدە ئۆتكۈزىلىدىغان نورۇز پائالىيىتىنى ئويلاۋېتىپ، مۇنبەردە نورۇزلۇق مۇشائىرە ئۇيۇشتۇرۇش خىيالىغا كېلىپ قالدىم،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشقان ھالدا، مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇشائىرە سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ئەمسە،ئىختىيارى قىلغانلار مۇشائىرەگە مەرھەمەت قىلايلى.....
يېشىل توننى كىيدى تەبىئەت، ئەتراپلاردا يېشىل مەنزىرە، ھەممە كۈلگەن قۇتلۇق نورۇزدا، يېشىل ھايات قىلىدۇ جىلۋە.
‹‹ئۇيغۇر››سۆزى‹‹ئۇيۇشماق›› ئەسلى، بىز ئەمەسمىز ئۇرۇشقاق نەسلى، ئىناقلىقتا كۆكلىسە ھايات، نۇرغا تولار بۇ باھار پەسلى.
ئەسكەرتىش : يۇقارقى ئىككى كۇبلىت شېئىر ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر، مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ، قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت... مۇشائىرىدە بىر –بىرىڭىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ –سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلانغايسىلەر.....
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-20 11:26 PM
|