مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3391|ئىنكاس: 23

ئابدۈقادىر داموللامنىڭ بىر يىغىلىشتا سۆزلىگەن نۇتىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5926
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 07:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

          ئابدۈقادىر داموللامنىڭ بىر يىغىلىشتا سۆزلىگەن نۇتىقى


مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەربىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى .ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم.ئەپۇ قىلىشالا!ھالا بۈگۈن،ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم.مۇددىئا نىمە ؟دەپ سورالسا،شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى ،مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي-زىياپەتلەر ئىچىدە ،مەست-مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن!چۈنكى مەدت-مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ،ۋەتەن ،مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر،ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر.خەلىق نادانلىق ،جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە .ھەممە ئىش كونا قېلىپ،كونا ئىزغا چۈشۈپ،يىڭىلىققا يول بەرمەي،ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا.ۋاقتىمىز،دەۋرىمىز،ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس.بۇ مىللى خارابەت،مىللى مۇنقەرزىلىكتىن بىشارەت بىرىدىغان خەۋىپلىك ھادىسە.ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋىپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن!بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى-مۇددەرىسلىرىمىز،داموللىلىرىمىز،ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋىپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما،قۇلىقىنى گاس قىلىپ ،قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن!شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى،ۋەتەن،مىللەتنىڭ غىمىنى يىيىش،خەلىقنىڭ بىشىنى ئوڭشاپ،بەخىت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ دەستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر.ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق،بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلىقنى نادانلىق،جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ،سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر.ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق،ئۇ چاغدا بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،خەلىق ئۈچۈن ،ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن!بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ ،مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!......بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چىكىپ ،ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز.نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟خەلىقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلىققا،جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق.خۇداغا شۈكرى،ئوقىغانغا يارىشا ،بىرىمىز قازى،بىرىمىز داموللا،بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ ،يۇرت-خەلىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق.ئەپسۇسكى بىز بۇئىززەت-ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋىلىپلا ،ئەسلىدىكى مەقسەت-مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ،نوقۇل ھالداھوزۇر-ھالاۋەت،راھەت-پاراغەتكا بىرىلىپ،مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق.يۇرت بولسا نادانلىق ،جاھالەتتە،خەلىقىمىز خار-مۇزەللەتتە قالدى.يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى،خەلقىمىزنىڭ ئىستىقپالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق.يۇرت ۋە خەلىقىنىڭ غېمىنى قىلش،يۇرتنى تەرەقىياتقا،خەلىقنى ئىلىم-مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق.تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ،ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقنى ئىنكار قىلدۇق.بىز نىمە ئۈچۈن بۇقەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ،ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز!بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق ،چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟......نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك،مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا،مۆھۈر ھەققىگە ،نەزىر-چىراقتىكى سەدىقە-ئىھسانغا،ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا،شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا،ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ،تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكىۋالغانلىقىغا،ۋەتەن،مىللەتنىڭ،خەلىقنىڭ داد-پەريادى،نالە-پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي،كۆز يۇمۇپ گاس-ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ!قېنى نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ھازىرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ،قېنى؟.....بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ،تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز.بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ،ئاچ-يالاڭاچلىق ئازابىنى تارماقتا.بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ،توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز.ئۇنىڭ ھىسابىغا،كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە.ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ئۇلارنىڭ بىشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ياق ھېچنىمە قىلمىدۇق،بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق.شۇ سەۋەپتىن،يىتىم-يىسىر،تۇل خوتۇن،يىتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا.نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟مەكتەپلەر ئېچىپ،دارىلىتام-دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ،كوچىدا ئاچ-يالاڭاچ،خارۇ-زارلىقتا قالغان بالىلارنى،ئاجىز-مىسكىنلەرنى نىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ئۇلارنىڭ بېشىنى سيلاپ،غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى،خەلىقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق،خەلىقنى بەخىت-سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن،پۈتۈن ئىەشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يولىغا ماڭساق،قولغا كىرگەن تىللا-تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق،ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟قېنى،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ!....ئەپسۇسكى بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادىن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا.ئىنگىلىز-شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ،داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغرىلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە،ئايىماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا.بىز بولساق ،بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز .ھە دىسە دەررە ئۇرۇپ،ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز،ئەل رايىنى چىكىندۈرمەكتىمىز.بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ھېلىمىۇ كەچ ئەمەس،پۇرسەت بار،ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت-نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!....ئىنگىلىز،شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس،مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.ئۇلار جاھانگىر،تاجاۋۇزچى،ئۇلار ئوغرى،بۇلاڭچى.باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن،ئاستا-ئاستا پېيىمىزنى قىرقىپ،بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان،گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ،بىزنى داقبورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر.بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت!ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ،ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرىۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر.   ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسىنى چېچىپ،ئۆز قولىمىز بىلەن قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخۇرلاردۇر.ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر
....
قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار!بىز ئەزەلدىن قابىل،باتۇر خەلىق ئىدۇق،تاكى پامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر-بارىگاھ تىكىپ،سەلتەنەتلىك ئوردا-تەخىتلەرنى قۇرۇپ،دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى، بىزگە جاھالەت،نادانلىق،خۇراپاتلىق،ئىتىپاقسىزلىق،ھەسەتخورلۇق،مەنمەنلىك،شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى،شۇ كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا،خار-زەبۇنلىققا يۈزلەندۇق .ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار،ئويلاپ كۆرەيلى،مۇلاھىزە قىلايلى ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس،غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق،ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق،پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ،ئىستىقپالىمىزنى يورۇتىشقا،ۋەتەن ،مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز
!!!!.........>>
قۇشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم،بۇ تەخمىنەن 80 يىل ئاۋۋالقى مىللىتىمىز ھالىتىنىڭ ئەينەن ئىپادىلىنىشى،ئەمما ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن داموللا بۇۋىمىز قاخشىغان ،سۆككەن باتىللىق ،نادانلىق،بىلمەسلىك نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە تۈگىمەيدۇ؟ئەجىبا داموللا بۇۋىمىز(ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن(بۇ سۆزلىرىنى ئىچى پۇشۇپ قىلىپ،ئاڭلاپلا قويۇشقا دىگەنمۇ؟نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز ھەقىقەتلىرى بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگىمۇ ماس كىلىدۇ؟ توۋۋا !...بۇۋام ماڭا ھازىرمۇ شۇنداق دەۋاتقاندەك قىلىدۇ
...


------------------------------------------------------------


ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ،ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ،ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ،ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﯩﻚﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


مەنبە:ساقلانمىلىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ihsanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 07:48 PM  


‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 482
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 09:43:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا تىلمىزنى دىلمىزنى يۇلمىزنى بىر قىلغاي ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92182
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:33:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار،ئويلاپ كۆرەيلى،مۇلاھىزە قىلايلى ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس،غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق،ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق،پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ،ئىستىقپالىمىزنى يورۇتىشقا،ۋەتەن ،مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز!!!!.........>>

سەن تىزلىنىپ باش ئىگىشكە ئادەتلەنگەن بولساڭ، سىنىڭ بۇ ئىتائەتمەنلىگىڭ زوراۋانلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تەخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپەتكە ئايلىنىدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 572
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يوللاپسىز. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90705
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق سەركىمىزدىن يەنە بىرىنى چىقىرىپ خەلىقىمنى تۇغرا يولغا يىتەكلىگەيسەن ئىگەم!!!....
   بىز ھەقىقەتەنمۇ سەركىسىز پادا، سەركىسىز پادىنىڭ ھالى قانداق بولماقچى ؟

ئۇلۇ غ ئاللاھ دۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44953
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3428
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1295 سائەت
تىزىم: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10761
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئېسىل ئادەملىرىمىز قەدىرسىز ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن، بىزنىڭ ئەمدى بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگىنىمىزنى نېمە دەپ چۈشەنسەك بولار؟

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن 3. ئېشەك دەرمىش: كاللام ئامان بولسىلا دېڭىزغا بېرىپ سۇ ئىچىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10036
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 11:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kahazyolwas يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 10:33 PM
قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار،ئويلاپ كۆرەيلى،مۇلاھىزە قىل ...

قوللايمەن

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 11:27:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار ھىچ قاچان ئىسىللارنى قەدرىنى بىلمەيدۇ ! ئەزەلدىن شۇنداق ! ئچىم قاينايدۇ قاينايدۇ قازاندا قاينىغان چايدەك ! ئاھ ئۇيغۇرۇم

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90482
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 11:32:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   نىمىدىگەن ھىكمەتلىك، نىمىدىگەن پاساھەتلىك سۆزلەر ھە!.
   ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ھەر بىر ئىنسان ئويلىنىپ توغرا تەپەككۇر قىلىپ،ئۆزىنىڭ ماڭىدىغان يولىنى توغرامىڭىشى زۆرۆر ،ھەتتاكى مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلبەتتە .

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش