|
|
|
|
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىللىگەن «سەييارە سوت قىلىش» پائالىيىتى دېھقان چارۋۇچىلارغا ئەملى نەپ بەردى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان جۈمە خەۋىرى: دېھقان چارۋۇچىلارنىڭ دەۋا ئىشلىرى ئۈچۈن يەنىمۇ قۇلايلىق يارتىش، ئەدىليە ئادىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن ئوبرازىنى نۇرلاندۇرۇش، «ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، سەييارە سوت قىلىش» پائالىتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل يىل بىشىدا بىر نەپەر مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىڭەشمە سوت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئاساسى قاتلامغا ئىۋەتكەن ئىدى. بۇ گۇرۇپپىدىكى ئەزالار ناھىينىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ۋە دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقىلىش ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ھەر قايسى يېزا–بازار كەنىتلەرگە يۈزلەندى. يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە 15 يېزا- بازار بار بۇلۇپ بىر قىسىم كەنىت مەھەللەر بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارلىقى 80 كىلومىتىردىن ئارتۇق كىلەتتى شۇڭا بۇ گۇرۇپپىدىكى يولداشلار ناھىيە تەۋەسىدىكى 12 يېزا- بازار، 9 مەيدان، 25 نوقتىغا بىرىپ، بىر تەرەپتىن «ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، سەييارە سوت قىلىش» پائالىيىتى جانلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ھەق تەلەپ قانۇنى» « ھەق تەلەپ دەۋا قانۇن» قاتارلىق قانۇن ۋە بىر قسىم نىزاملارنى ئاممىغا تەشۋىق قىلدى. ئۇلار بارغانلا يەردە ھەر مىللەت ئاممىسىنى زىيارەت قىلىپ، دېھقانلار ئاممىسى بىلەن ئەتراپلىق سۆھبەتلەشىتى. زىيارەتتە خاتىرە قالدۇرۇش، خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ خىزمەتلىرىگە قارتا پىكىر ئىلىش، ئاممنىڭ ئىنكاس كۈچلىك بولغان مەسىللەر ۋە مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇش دائىرسىدە ساقلىنىۋاتقان تۇرلۇك مەسسىلەرنى بايقاپ كەسپى خىزمەتتە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىشقا ئاساس سالدى. 2013-يىلى 1-ئايدىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملاشقان بۇ پائالىيەت جەريانىدا 37 پارچە دىلوغا نەخ مەيداندا سوت ئىچىپ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتتى. دىلو تۇرغۇزۇشقا تىگىشلىك زىددىيەتتىن 21 پارچە دىلو تۇرغۇزدى. ئۇزۇندىن بىرى ئىجرا قىلىشقا مۇمكىن بولماي توختۇتۇپ قۇيۇلغان ئىجرا دىلولىرىدىن 18 پارچە دىلونى ئىجرا قىلىپ، ئىجرا نىشانىدىكى 570 مىڭ يۈەن قىممەتتىكى پۇل مال- مۈلۈكنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ ئىجراسىنى ئاخىرلاشتۇردى. مۇرەككەپ چىگىش بولغان مەسىللەرسىدىن 150 تالاش تارتىشنى مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلدى. بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت دېھقان چارۋۇچىلىرنىڭ تۇرلۇك داۋا پائالىيىتىدە مەھكىمىگە كىلىپ ئەرز سۇنۇش داۋامىدىكى قاتناش راسخۇتى،ئىشتىن قىلىش ئاۋارچىلىقى، دىلو قوبۇل قىلىش راسخۇتى قاتارلىق يۇكنى تىجەپ بەردى. زىيارەت قىلىش سەييارە سوت قىلىش پائالىيىتىدە نەپكە ئىرىشكەن نۇرغۇن ئامما سوت مەھكىمىسنىڭ خىزمەتلىرىدىن سۈيۈندى. يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن :- ئەخمەتجان جۈمە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا deldax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-20 09:14 PM
|
|
|
|
|
|