مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1707|ئىنكاس: 17

باشلىق كېلىدۇ ‹‹ھېكايە››ئاۋازلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 21578
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 4639 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 07:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشلىق كېلىدۇ


(ھىكايە)


پەرۋىن


بوۋاينى قاتناش ساقچىسى تۇسۇۋالدى:
ـ بۇ يولدىن ئۇتۇشكە بولمايدۇ،-دىدى ئىگىز بوي،قاتناش ساقچىسى قوناق شېخىدەك ئۇزۇن قولى بىلەن بوۋاينىڭ ئالدىنى تۇسۇپ تۇرۇپ.
ـ نىمىشقا ؟- دىدى، بوۋايمۇ ھەيران بۇلۇپ.
ـ بىزدە بۇيرۇق بار! باشلىق كېلىدۇ.
ـ لېكىن مىنىڭ ئۆيۈم يولنىڭ ئۇ چېتىدە تۇرسا،
ـ باشلىق ئۈتۈپ بولغىچە ساقلاپ تۇرۇڭ.
ـ قانچە ئۇزۇن ساقلايمەن؟
ـ مەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىمەن،ئارقىڭىزغا يېنىڭ.
ـ خەلقنىڭ يولىدىن خەلق ماڭماي كىم ماڭىدۇ،باشلىق كەلسىمۇ بالامچىلىك چوڭ باشلىق كەلمەس.
بوۋاينىڭ سۆزىگە قاتناش ساقچىسى ئىرەن قىلمىدى.
بىكاردىن ئۇيۇن بار دىسە،ئاتىسىنىڭ ئۈلۈمىنى كېپەنگە يۆگەپ قۇيۇپلا ئۈچىدىغان بىكارتاپلار،ساقچى بىلەن بوۋاينىڭ بىر-بىرسىگە چۆجە- خورازدەك ھۆرپۈيۈشىدىن بىردەمدە ئادەم تۆپى شەكىللەندى.بوۋاي گەپ يەيدىغاندەك ئەمەستى،ئۇ ئالدىغا مېڭىشقا ئۇرۇناتتى.ساقچى ئىگىز بەستى،ئۇزۇن قولى بىلەن بوۋاينى ئالدىغا ئىلگىرلەتمەيتى.نەسىھەت بىلەن ھىچ ئامال قىلالمىغان قاتناش ساقچىسى بوۋاينى بىر تەرەپتىن تۇسۇپ،بىر تەرەپتىن بۇيرۇق قىلدى:
ـ مەن سىزگە ئەڭ ئاخىرقى رەت ئەسكەرتىش بىرىپ قوياي! بۇ يولدىن ئۈتۈشكە بولمايدۇ،ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلسىڭىز ئەمدى يۈز-خاتىرە قىلمايمەن!
ـ ئۇنداقتا مەن ئۆيۈمگە ئۇچۇپ ئۆتەمتىم،باشلىق كەلسىمۇ مىنى دەپ كېلىدۇ.
_ساراڭمۇ سىز،باشلىق سىزنى دەپ كېلەمدۇ،ساقالغا تۇشلۇق گەپ قىلىلى...
ـ ساراڭ؟،ئۆزەڭ ساراڭ! مىنى دەپ كەلمەي،كىمنى دەپ كېلىدۇ.ئۇمىنىڭ ئوغلۇم تۇرسا...
ـ ساناتوريەدىن قېچىپ چىققان ساراڭ ئوخشىمامدۇ ئۇ؟...
قاتناش ساقچىسىنىڭ ‹ساراڭ›سۆزى بىلەن بوۋاي قاتناش ساقچىسىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى...
كىشىلەر توپى ئاينىشقا باشلىغان ئىدى.قاتناش ساقچىسى نەسىھەت بىلەن بوۋاينى ئارقىغا چىكىندۈرۈشكە ئامال تاپالماي،ياردەم سوراپ تېلىفۇن قىلدى.بىرە مىنوت قالماي ،بىر ساقچى ماشىنىسى ئۈچقاندەك كېلىپ بوۋاينى سۆرىگەندەك ماشىنىغا سېلىپ كىشىلەر توپىدىن غايىپ بولدى.
بوۋاينى بىر ئاش پىشىم ساقلىغان موماي تىت-تىت بۇلۇپ ئولتۇراتتى.ئادەتتە بوۋاي كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتسە بۇنچە ئۇزۇن ھايال بولمايتى،چۈنكى كۆكتات بازىرى يولنىڭ ئۇ چېتىدىلا.«ئارزۇلۇق ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بۈگۈن كېلىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋاقتىدا كەلمىگىنىنىڭ نىمىسى،موماي ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى؛ نەلەردە يۈرۈيدۇ ئادەمنى ئەنسىرتىپ،ئۆز قۇلۇم بىلەن ئۈگرە ئېتىپ تۇرمىسام مەندىن چوقۇم رەنجىيدۇ... ،ئۆز قولىڭىز بىلەن ئەتكەن تاماقنى شۇنداق سېغىندىم ئاپا دەپ ماڭا تېغىچە ئەكىلەپ يۈرسە...ھەي،بالا دىگەن مەڭگۈ بالىكەن...بىر ئولكىگە باشلىق بولغاندىمۇ...بوۋاينىڭ دىۋەڭلىك كېسىلى قوزغىلىپ قالمىغاندۇر-ھە» ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇرغان موماي كەنجى ئوغلىغا تېلىفۇن قىلىپ ئاتىسىنى ئىزدەپ بېقىشنى تاپىلىدى.كەنجى ئوغلى چاقماق تىزلىگىدە بوۋاينىڭ بېرىش ئېھتىمالى بولغان يەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ تاپالمىغاندىن كىيىن،موماي،باشلىق ئوغلىغا تېلىفۇن قىلدى:
ـ بالام،مەن ئاناڭ.
-بىلدىم ،ئانا.مەن ھازىر كەلدىم،بىرە سائەت قالماي ئۆيگە بارىمەن.مەندىن ئەنسىرمە...
- سەندىن ئەمەس،ئاتاڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم بالام...
- ئاتامغا نىمە ئىش بولدى
- ئىنىڭ ئاتاڭنى ئىزدەپ تاپالمىدى،كۆكتات ئالغىلى چىقىپ كەتكەن ،بىرە سائەت بولدى ئىز-دىرىگى يوق .
تېلىفۇندا موماينىڭ يىغىسى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى
- نىمە؟...مەن ھازىر بارىمەن ئانا...يىغلىما.مەن بار ئانا...
شەھەرنىڭ تۇسۇۋېتىلگەن داغدام يولىدا ھەيۋەت بىلەن كېتىۋاتقان رەئىسنىڭ ماشىنىسى ماشىنا توپىدىن ئايرىلىپ تىزدىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.تۇيۇقسىز بۇ ۋەقەدىن ئېسىنى يوقاتقان شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى شوپۇرغا ماشىنىنى ئارقىغا قايتۇرۇپ رەئىسنىڭ ئارقىدىن يېتىشىشكە بۇيرۇق قىلدى.يول باشلاپ مېڭىۋاتقان قاتناش ساقچى ماشىنىسدىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىغى نىمە قىلىشنى بىلەلمەي شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىگە تېلىپۇن قىلدى:
- شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى قانداق قىلىمىز،
- قانداق قىلاتتىڭ، رەئىس نەگە بارسا ئارقىدىن ماڭمامسەن!
رەئىسنىڭ ماشىنىسى چوڭ يولنىڭ قىرغىدىكى بىر ئائىلىكلەر قوروسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.ئىز بېسىپ كەلگەن ماشىنىلارمۇ رەئىسنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقىغا كېلىپ توختىدى.
رەئىسنىڭ شوپۇرى تاماكا چىكىپ ماشىنىىڭ يېنىدا تۇراتتى.بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشكەن شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى شوپۇرنىڭ قېشىغا كەلدى:
- رەئىسكە نىمە بولدى،
- دادىسى يوقاپ كېتىپتۇ
- نىمە ؟ رەئىسنىڭ ئاتا-ئانىسى بىزنىڭ شەھەردە تۇرامدۇ؟مەن ئەجەپ بىلمەيدىكەنمەنيا؟ سىز بىلەمسىز شەھەر باشلىغى...
- ياق،مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن
- رەئىس باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئاۋارە قىلىشتىن ئەنسىرەپ،ئىككى يىلدەك بولدىغۇ دەيمەن.بۇ شەھەرگە كوچۈرۈپ ئەكەلگەن-دىدى شوپۇر .
- مەن چىقىپ كىرەي
- بولمايدۇ،باشلىق،رەئىس تاپىلاپ قويغان
پۇت قولىدا جان قالمىغان شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنى شوپۇرنىڭ بىر ئېغىز سوزى بىلەن جايىدا توختاپ قالدى.ئولكىدىن كەلگەن ئەمەلدار شۇنداقلا شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرى يوغان قوساقلىرىنى سىلىشىپ،كىنوخانا ئىشىگىگە تەلمۈرگەن سەرگارداندەك بوينىنى سۆزۇپ، بىر-بىرسىگە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي داڭقېتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى.
...
چايخانىدا قىزىق-قىزىق پاراڭلار بۇلۇپ تۇراتتى:
- رەئىسنىڭ ئويى بىزنىڭ شەھەردىكەن،چوققىسى قاتتىق ئىشلەيدىغان نىمىكەن ئۇ،شەھەرنىڭ باشلىقلىرىدىن ھىچقايسى بىلمەيدىكەن،سەن بىلەمسەن-يا
- خۇدا بىلىدۇ ئاداش.-دىدى-كەپكىلىك قولىدىكى قەرتنى چۈشۈپ تۇرۇپ،-بەك ئۇۋال بوپتۇ.ساقچى باشلىغىدا نىمە گۇناھ،بىكاردىن بىكار چامغۇر تامغىسىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ،ھىلىقى بوۋاينى تۇتۇپ كامىرغا سولاپ قويغان ساقچىغانىنىڭ باشلىغى مامۇت بارغۇ.ئەڭ يىراق يېزىغا يوتكەپ ئادەتتىكى ساقچى قىلىپ قۇيۇپتۇ.
ـ ئەڭ يامىنى رەئىسنىڭ ئەتىسىلا، ئاتا –ئانىسىنى ئولكە مەركىزىگە ئەكەتكىنى بولدى.ئىنىمنىڭ دەپ بېرىشىچە شەھەرنىڭ باشلىقلىرى ساراڭ بولاي دەپ قاپتۇ .ئىككى ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىپ ئېرىشكىنىمىز شۇ بولدىمۇ دەپ شەھەرنىڭ ئىككى بىرىنچى قول باشلىغى يۇرتىمىزنىڭ داڭدار يەرلىك مەھسۇلاتىنى ماشىنىسىغا بېسىپ باشلىقنىڭ ئارقىدىن كەتكەن گەپ.
-رەئىسنىڭ دىۋەڭ دادىسىنى سولاپ قويغىنى بولماپتۇ
-سەن بىلەمتىڭ،سەنمۇ ئىشەنمەيسەن! مەن ئولكە باشلىغىنىڭ دادىسى دىسە،
-بالام كەلمىسە چىقمايمەن دەپ تۇرۋالغىنىچۇ؟
-شەھەر باشلىغى بارلىق ساقچى شۇنداقلا بارلىق كادىرلارغا بوۋاينى نەدىن بولسىمۇ تېپىپ چىقىشنى بۇيرۇق قىلغان گەپ
- تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىمالى بار دەپ ئولكىدىن ساقچى قۇشۇنى يوتكىگىنى بەك قىزىق تېغى
-ئولكە بويىچە ئېچىلغان نەق مەيدان يىغىن قايرىلىپ قېلىپ،ئادەم ئىزدەش نەق مەيدانى ئاچقان ئوخشىمامدۇ؟
-ئىزدە-ئىزدە پۇتى كويگەن توخۇدەك پۈتۈن شەھەر بىر بوۋاينى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ يۈرسە مامۇت سوجاڭ «ساقچىخانىمىزدا ساقچىنى ئۇرغان بىر بوۋاينى تۇتۇپ قالغان شۇمۇ يا»دىگەن خىيال بىلەن بوۋايدىن سورىسا« مەن شۇ دەپتۇ»...
-باشلىق كېلىدۇ دەپ يۇرتتىمىزغا بالا قازا كەلگىنى قىزىقتە
- ئاشۇ بىچارە باشلىقلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ...
- يىتىملارغا ئىچىڭنى ئاغرىت،-دىدى ئارىدىكى بىرسى،- ئەمەلدارنى سۆرەپ يۈرگەن ھەر بىر كوڭكا يىلدا قانچە مىڭ يىتمنىڭ ھەققىنى يەيدۇ،چەككەن تاماكىسىنىڭ،ئىچكەن ھارىغىنىڭ بىر شىشە،بىر تالنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىگىنى بىلىشەمسەن.ئاز گەپ قىلىپ قەرتتىڭنى چۈشە!
....
چايخانىدا قىزىق-قىزىق پاراڭلار بۇلۇپ تۇراتتى. گاھىدا بۇ پاراڭلار كۆپتۈرۈلگەن بولسا گاھىدا راست بۇلۇپ قالاتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 07:10 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
orhunogli + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

♥دىلىم سەۋىر قىل♥

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92800
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 07:28:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بىرئادەم يەنە بىرئادەمنى قانچىلىك ۋاقىتتا چۇشۇنەلەيدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 08:19:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 08:20:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەملىرىڭز راستىنلا ئۆتكۈركەن جۇمۇ...بىر خىللا بوپ قالدىم دىسە.......

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 08:29:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22704
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7033
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 08:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زوررو

^_^سۈبىھى ^-^

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2651
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15029
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 4089 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 09:35:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى پەرۋىننىڭ ھېكايسىمۇ ....؟   ئۇزۇن بولدى ئۇنى مۇنبەردە ئۇچراتمىدىم...

مەن قايتلانمايمەن...ھاياتىم قايتىلانمايدۇ، قايتىلىندىغىنى يېڭى ئارزو ،يېڭى  ئارمانلار...



كۈلۈپ  تۇرۇپ خوشلاشتىم يەنە ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 09:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەن نىمە دىيىشنى بىلمىدىم

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89923
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 256
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:05:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق بىر ئادىىل باشلىقمۇ بارمىدۇ بۇ جاھاندا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

سەيپۇلا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69013
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-12-7
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:26:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس بولخان ئشمۇيا....................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش