|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار !! پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى بولغان ھەرەم مەسچىتى ھەممىمىز ئوتتەك تەلپۈنىدىغان ،ئۆمرىمىزدە بىر قېتىم بولسىمۇ بېرىپ تاۋاپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇقەددەس جاي. ھەر خىل ئىرىق ،ھەرخىل مىللەت ،ھەرخىل دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوخشىمايدىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمانلار پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ،تەۋبە قىلىپ ئۆز گۈناھلىرىغا مەغفىرەت تىلەش ئۈچۈن يىراق -يېقىن ،جاپا -مۇشەققەت دىمەي مۇشۇ جايغا توپلىشىدۇ ،بەلكىم دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ كاتتا مۇراسىم بولمىسا كېرەك! بەلكىم ئاشۇ مۇبارەك جاي بولغان بەيتۇللاھدا كۆزلىرىگە ياش كەلمەيدىغان ،قەلىبلىرى ئىرىمەيدىغان ، ئاللاھنىڭ بۈيۈك مۆجىزىسىنى كۆرمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمىسا كېرەك ! ! ئاللاھ بىزلەرنى ھەم مۇراد -مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگەي! ھەممىڭلار اﷲنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى اﷲنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار ئايرىلماڭلار(يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك دىندائىختىلاپ قىلىشماڭلار) اﷲنىڭ سىلەرگە بەرگەن نىئمىتىنى ئەسلەڭلار ئۆز ۋاقتىداسىلەر ئۆز- ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى اﷲنىڭ نىئمىتى بىلەن ئۆز- ئارا قېرىنداش بولدۇڭلار سىلەر دەۋزەخ چوقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار اﷲسىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ. سۈرە ئال ئىمران 103-ئايەت
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ھەج مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا 2012-يىلى جەمئىي 3مىليون 160مىڭدىن كۆپ كىشى ھەج قىلغان ،دىمەك بۇنچىلىك كۆپ كىشى بولغان ئىكەن ،تازىلىق مۇھىت مەسلىسى ھەممە كىشنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ. ھەرەم مەسچىتىنىلا مىسالغا ئالغاندا مەسچىت ھەر قايسى قەۋەتلىرىدىكى گىلەم ۋە تاۋاپ مەيدانىدىكى مەرمەر تاشلارنى تازىلاش ئۈچۈنمۇ كۆپ كۈچ كېتىدۇ ،قېنى تۆۋەندىكى قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ باقىلى ،ھەرەم مەسچىتىنى زادى قانداق تازىلايدۇ؟؟
فىلىمدىن كەسمە رەسىمەلەر ،فىلىم ئەڭ سۈزۈك ئېنىقلىقتا
يەنە بىر فىلىم ھەرەم مەسچىتىدىكى يامغۇر
ھەرەم مەسچىتىنىڭ كونا رەسىملىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-20 05:44 PM
|
|
|
|
|
|