مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 565|ئىنكاس: 4

مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش-ئاخىرقى قىسمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89101
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 407
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 03:19:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

            مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش-ئۈگىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قىسمى         

ئۈگۈنۈش قىسمى:

1.بالىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ كىتاپ ئوقۇڭ،گىزىت كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ،بالىڭىز ئۈچۈن ياخشى ئۈگۈنۈش ھەمراھى ناھايىتى مۇھىم.

2. بالىڭىز ئۆيدە ئۈگۈنىش قىلىۋاتقاندا سىز  ھەرگىز كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماڭ. بالىڭىز ئۈچۈن بىر راھەت ئۈگۈنىش مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم.

3. بالىڭىزنى ئۆزى ياختۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئۈگۈنىشكە قىستىماڭ.

4. بالىڭىزنىڭ ئۈگۈنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىشى تۈپەيلىدىن بالىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ.

5.بالىڭىزنىڭ ئىمتىھان قەزىدىكى نۇمۇرىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قالغانلىغى تۈپەيلىدىن بالىڭىزنى دىتى يوق دەپ قارىماڭ.

6.بالىڭىزغا يىتەرلىك مۇھەببەت تۇيغۇسى ئىلىپ كىلەلەيدىغان بىلىملەرنى ئۈگىتىڭ. مەسىلەن قەدىمى شىئېر،ھىكايە،ئۇيناش ،دوست تۇتۇش دىگەندەك .

7. بالىڭىزغا ياخشى كىتاپنى تاللاپ  ئوقۇشنى ، قىتىرقىنىپ ياخشى  ئوقۇشنى ئۈگىتىڭ.

8.بالىڭىزنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىگە ھەدىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلمەڭ،بولمىسا بالىڭىز ئۈگۈنىشتە جىدىدىلشىپ بىسىمى ئارتىپ كىتىدۇ.

9.بالىڭىزنىڭ ئۈگۈنىش نەتىجىسىنى باشقا بالىلارنڭكى بىلەن سلىشتۇرماڭ.بۇنداق ئەھۋال كۆرىلىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ بىرىڭ،ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئويلۇنۇپ باقسۇن.

10.بالىڭىزنىڭ ئۆيدە ئۆزىنىڭ كىتاپ ئۈستىلى بولسۇن،ئۈگىنىش ئۈستىلىدە ئۆزى ياختۇرىدىغان بىرنەچچە كىتاپ بولسۇن،مەسىلەن ئۇيغۇر خەلىق بالىلار مەسەللىرى،چۆچەكلىرى دىگەندەك.



كۆڭۈل ئىچىش قىسمى:

1.بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كارتۇن فىلىملەرنى بىللە كۆرۈشىپ بىرىڭ،بالىڭىز ياختۇرۇپ ئاڭلايدىغان ھىكايىنى بىللە ئاڭلاڭ.

2. بالىڭىز بىلەن بىللە ئويۇن ئويناڭ،بەدەن چىنىقتۇرۇڭ.

3. بالىڭىزنىڭ تىلىۋىزۇر كۆرىدىغان ۋاختىنى كونتۇرۇل قىلىڭ،ھەر كۈنى يىرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولسۇن.

4.بالىڭىز بالىلار پىروگىراممىلىرىنى كۆپرەك كۆرسۇن،مەسىلەن كارتۇن فىلىم،پاراسەت ئاشۇرۇش پىروگىراممىلىرى دىگەندەك. ھەركەت فىلىم ۋە تىلىۋىزىيە تياتىرىنى ئازراق كۆرىشى كېرەك.

5.بالىڭىز تىلىۋىزۇر كۆرىۋاتقاندا  سىز يىنىدا ئولتۇرۇپ بىللە كۆرۈڭ،ھەم كۆرگەن بەزى ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ ۋە بىللە مۇنازىرە قىلىڭ.

6.باھار پەسلىدە بالىڭىز بىلەن ۋەلسىپىت مىنىپ شەھەر ئايلىنىڭ،يازدا بالىڭىز بىلەن بىللە دەريا بويىغا ياكى پاكىز  سۇ ئۈزۈش  مەيدانىغا بىرىپ سۇ ئۈزۈڭ،كۈز پەسلىدە لازىمەتلىكلەرنى ئىلىپ دالا تامىقى يەڭ، قىش پەسلىدە قار دۆۋىلەپ،قار بوۋاي ياساپ ئويناڭ.

7.بالىڭىزنىڭ ھەرخىل تاشلىۋىتىلگەن نەرسىلەرنى يىغىپ ساقلىشىغا يول قويۇڭ.

8.   بالىڭزىنىڭ دوستلىرى ئۆيگە مىھمان بولۇپ كەلگەندە قارشى ئالىدىغانلىغىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

9.بالىڭىز بىلەن بىللە شاخمات ئويناڭ،بالىڭىز ئۇتتىرىۋەتكەندە يىڭىش-يىڭىلىنىشنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىغىنى، يەڭگەندە كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكنى، يىڭىلگەندە مەيۇسلىنىپ كەتمەسلىكنى بىلدۈرۈڭ، بالىڭىزغا ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى مەسئۇل بولۇش جەھەتتە  كۆپرەك تەربىيە قىلىڭ،يېڭىلىپ قالسا يېڭىلگەنلىگىنى ئىتىراپ قىلدۇرۇڭ،بەزىدە بالىڭىزغا قەستەن بىر-ئىككى قول ئۇتتۇرۇپ بىرىڭ،بۇ بالىڭىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.



بالىڭىزغا دىمىسىڭىز بولمايدىغان گەپلەر:

1.سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان ئادەمگە ئاداۋەت ساقلىماڭ،ھاياتىڭىزدا بىز ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا ھىچقانداق ئادەمنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان مەجبۇرىيىتى يوق،سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئادەمنى چوقۇم قەدىرلەڭ،مىننەتدارلىغىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

2.ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان ئادەم يوق،چوقۇم ئىگە بولۇشقا تىگىشلىك نەرسىمۇ يوق،بۇ نۇختىنى ياخشى چۈشەنگەندىلا ،كەلگۈسىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندىمۇ،  كارايىتى چاغلىق ئىش بۇ دەپ  چۈشىنىپ تەسەللى تاپالايسىز،ھەم مۇشۇنداق چۈشۈنىشىڭىز كېرەك.

3.ھاياتلىق تولىمۇ  قىسقا،بۈگۈن بەلكىم ئۆمرىڭىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقانسىز،ئەتە ئۆمرىڭىزنىڭ ئازراقلا قالغانلىغىنى ھىس قىلىسىز،شۇڭلاشقا ھاياتىڭىزنى قانچە بالدۇر قەدىرلەشنى باشلىسىڭىز، ئوبدان ياشايدىغان كۈنلىرىڭىزمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

4.مۇھەببەت بىر خىل ھىس-تۇيغۇ،بۇ خىل ھىس-تۇيغۇ ۋاقىت ۋە روھى-كەيپىياتقا ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ناۋادا سىز ئەڭ سۆيىدىغان كىشى سىزنى تاشلاپ كىتىپ قالسا  ۋاقىتنىڭ ئاستا-ئاستا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىشىنى،ئازاپلىرىڭىزنى بارا-بارا  يەڭگىللىتىشىنى سەۋىر قىلىپ ساقلاڭ. مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىگىنى ھەددىدىن زىيادە  كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ،بۇزۇلغان مۇھەببەتنىڭ ئازاپلىرىنىمۇ ئارتۇقچە كۆپتۈرۈۋەتمەڭ.

5.گەرچە خىلى كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەملەر ئانچە كۆپ تەربىيەلەنمىگەن بولسىمۇ،بۇ تىرىشىپ ئوقۇمىسىمۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىغىدىن دىرەك بەرمەيدۇ ،سىز ئۈگەنگەن بىلىملەر سىزگە تەۋە بولغان قوراللاردۇر،ئادەم قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ،ئەمما قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىسا قەتئى بولمايدۇ،شۇڭا بىلىم ئىگەللەش ئىنتايىن زۆرۈر، بۇنى ئىسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ.

6.سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ،ئەمما باشقىلاردىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ،ئەمما باشقىلارنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا ئىنتىزار بولۇپ ساقلىسىڭىز بولمايدۇ. سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز ،باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى ناتايىن، بۇنۇختىنى چۈشۈنۈپ يىتەلمىسىڭىز،ئۆزىڭىزگە زۆرۈرىيىتى يوق ئاۋارىچىلىقلارنى تىپىۋالىسىز.

7. نەچچە ئون  يىل لاتارىيە بىلىتى ئىلىپ بىرەر قىتىم ھەتتا ئۈچىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقىمۇ ئىرىشەلمىگەن ھەم كەمبەغەللىكتىنمۇ قۇتۇلالمىغان ئادەملەر خىلىلا كۆپ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى ،ئادەم تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن،چوقۇم تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە خىزمەت قىلىشى كېرەك،بۇ دۇنيادا باكالىق  تاماق يوق.

8.بۇ ئۆمرىمىزدە مەن ۋەسىز مەيلى قانچىلىك ۋاقىت بىرگە بولالىشىمىزدىن قەتئى نەزەر، بىللە ياشىغان مۇشۇ مىنۇتلارنى ئوبدان قەدىرلىشىمىز كېرەك،  چۈنكى ھاياتلىق ئادەمگە پەقەت بىر قىتىملا كىلىدۇ.


تۈگىدى.


بۇ ماقالىنىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلىكى:

مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش-تەربىيە قىسمى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-101178-1-1.html

مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش-ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە تۇرمۇش قىسمى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-101534-1-1.html


ئەسلى مەنبەسى: ئىنتېرنىت  تورىدىكى مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەر مۇنداق تەربىيىلىنىدۇ دىگەن ماقالە،تىما ئىگىسىنىڭ كىملىكى ئىنىق بولمىسىمۇ  ماقالە مەزمۇنى  ئەمىلى  پايدىلىنىشچانلىققا ئىگە ئىكەن دەپ قاراپ ،تەرجىمە قىلىپ تورداشلارغا سۇندۇم.


ئالىمجان مەخمۇت (ساغلام)



بۇ ماقالە يەنە كىلەچەك بالىلار تورىدا ئىلان قىلىندى.

http://www.kilaqak.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3273

ئۈندىدار ئۇيغۇرچە ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسى-‹ساغلام›دا ئاڭلىتىلدى(ئىزدەش نۇمۇرى:Saghlam).ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىمدا تارقىتىلىدى.http://alkuyi.cn/saghlamliq


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 03:28 PM  


ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2662
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1611 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 06:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap yatkudak esel tema ekan...

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7775
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6457 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 12:03:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن تېما ئىكەن. بىزگە مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىلار لازىم.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8779
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 02:45:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

kulka0001@hotmail.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1888
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10565
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 4031 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:30:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش