مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 8

ئىگىلىك سەھنىسى پروگراممىمىزغا قاتنىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89688
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 01:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوستلار. ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىگىلىك سەھنىسى ئالاھىدە پروگراممىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ھازىرغىچە 12 سان پروگرامما ئىشلەپ كۆرۈرمەنلەرگە سۇندۇق. ئىگىلىك سەھنىسى پروگراممىمىز كۆرسىتىلىشى بىلەن جەمئىيەتتە خېلى ياخشى تەسىر قوزغاپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بىز بۇ ئەھۋالدىن بىر تەرەپتىن خۇش بولغان بولساق يەنە بىر تەرەپتىن ئىگىلىك سەھنىسى پروگراممىمىز ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ئېھتىياج تەلەپلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئىزدىنىشىمىز ۋە كۈچىشىمىز كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتىمىز. شۇ ۋەجىدىن كۆپچىلىكنىڭ پروگراممىمىزغا تەكلىپ-پىكىر، مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.    ئىگىلىك سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى سانلىرىنى بىز تۆۋەندىكىدەك مەزمونلاردا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق.
   بىز ئالدى بىلەن يىللىق تىجارەت ئوبروتى ئىككى مىليوندىن بەش مىليونغىچە بولغان تىجارەتچى-كارخانىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىگىلىك سەھنىسى پروگراممىمىزنىڭ مىليونىرلار سانىنى ئىشلىمەكچى. قاتناشماقچى بولغان ماھىرلارغا قويۇدىغان شەرتلىرىمىز يللىق تىجارەت ئوبروتى ئىككى مىليوندىن بەش مىليونغىچە بولۇشى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇشى، تاللىغان تۈرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقۇرى، ئاپتونوم رايونىمىزغا كېڭەيتكىلى بولىدىغان، تېخىمۇ جىق كىشىلەر مۇشۇ تۈرلەر بويىچە ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان تۈر بولۇشى قاتارلىق شەرتلەر بار. ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت، ھۈنەر-تېخنىكا كەسىپلىرى بولسا ئالدىن تىزىملايمىز.
  يەنە بىر ساننى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلارنى ئاساس قىلىپ ئىشلىمەكچى. شەرتلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇشى كېرەك.ئىگىلىكىڭىزنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس ئەڭ مۇھىمى تاللىغان ئىگىلىك تۈرىڭىز يېڭىلىق ياراتقان، ئىستىقباللىق، باشقىلارغا مەنپەئەت تىگىدىغان تۈر بولسىلا بولىدۇ.
  يەنە بىر ساننى يېزا ھەمكارلىق كوپراتىۋى قۇرۇپ، دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلىۋاتقانلارنى ئاساس قىلىپ ئىشلىمەكچى. شەرتلەر ھەمكارلىق كوپراتىۋى قۇرغان بولۇشى، ھەمكارلىق كوپراتىۋى ئىلمىي باشقۇرۇلغان، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىش نىسپىتى يۇقۇرى بولغان، ھەمكارلىق كوپراتىۋىغا ئەزا بولغان دېھقانلارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرگەن بولۇشى كېرەك.
  ھەر بىر سان پروگراممىمىزغا ئالتە نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى قاتنىشىدۇ. مىليونىرلار سانى ۋە ھەمكارلىق كوپراتىۋى سانلىرىغا ئىگىلىك لوڭقىسى مۇكاپات بېرىلىدۇ ۋە ماددى بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۈرىدە چىمپىيون بولغۇچىغا 20مىڭ يۈەن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ.
  ئەڭ مۇھىمى باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، باشقىلارنىمۇ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىيالايدىغان تۈرلەر بولسا ئالدى بىلەن تىزىملىنىدۇ.
  ئەگەر سىز يۇقۇرىقى شەرتلىرىمىزگە چۈشىدىغان بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولسىڭىز پروگراممىمىزغا قاتنىشىپ، ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ. سىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرالايسىز، تۈرىڭىزنى تەشۋىق قىلالايسىز، باھالىغۇچىلاردىن ئېسىل تەكلىپ-پىكىر ئالالايسىز، بەلكىم مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيسىز.
  ئەگەر سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا بۇ شەرتلەرگە چۈشىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولسا بۇ خەۋەردىن ئۇلارنى خەۋەرلەندۇرۇپ قويۇشىڭىزنى ياكى بىزگە شۇ كىشى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
  ئالاقىلىشىش تېلېفونى  0991-7808990       ، چ چ : 289451281

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73156
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3471
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 06:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پروگراممىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمەن .  مۇشۇنداق پروگراممىلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىگە تىلەكداشمەن .

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 649 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 07:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچۇركەن بۇ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويساڭ بولغۇدەك..

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12120
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2667 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 09:06:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىن كۆپلەپ چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز .

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34915
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6877
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 09:34:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا بۇ پىروگىراممىنىڭ ھەبىر سانىنى تورغا يوللاپ قۇيۇلسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگىراممىسىنى پەقەت ئۈرۈمچىدىلام كۆرگىلى بۇلىدۇ،باشقا يۇرىتتىكىلەرنىڭ كۆرۈش ئىمكانىيتى بولمايدۇ،شۇڭا ھەر سانىنى تورغا يوللاپ قۇيۇلسا بىزدەك ئىچكىرى ئۆلكىدە،چەتئەللەردە ئوقۇيدىغان  ياشلارنىڭمۇ كۆرۈش ئىمكانىيتى بۇلاتتى.ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84482
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cctv520 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 09:34 PM
بولسا بۇ پىروگىراممىنىڭ ھەبىر سانىنى تورغا يوللاپ قۇي ...

غۇلجىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ

مەن كىم؟؟؟

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1441
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1278 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:28:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچى تىلۋزيە ئىستانسى .

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91246
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 11:14:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىگىلك سەھپىسنىڭ تىخمۇ  تەرەققىى قىلشنى ئومۇت قىلمەن .مىنىڭ بەكمۇ قاتناشقىم بار ئىدى تولمۇ ئەپسۇسى،،،،،،،،،،،،،،،،،تىخىچە مۇستەكەم ئىگىلك تىكليەممدىم،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92814
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 10:45:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تولىمۇ خەيرىلىك ئىش بوپتۇ ،ئەپسۇس مەن تىخى مەكتەپ پۈتتۈرمىدىم ،ئاللا خالىسا  كىيىنچە  مەنمۇ چۇقۇم قاتنىشىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiyamat131 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 10:46 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش