مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2846|ئىنكاس: 32

( دولان ) كىم خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 01:28:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىم خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟

مىن لىئاڭجۇ

دولان تەرجىمىسى



1

خەلققە كىم ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ كىم خەلقنىڭ ۋەكىلى؟ دىگەن بۇ قائىدىنى بەزىلەر بىر ئۇمىر دىيىشكە جۇرئەت قىلالمىدى.
  نەچچە ئون يىلدىن بويان جوڭگودا بارلىققا كەلگەن ۋەكىللەر پەقەت « يىغىن ۋەكىلى » بولۇپ پەقەتلا يىغىنغا قاتنىشىشقا ۋەكىللىك قىلدى.
  ئەگەر ئامىرىكىلىق پارافىسور فارىت دورنىڭ « دىمۇكىراتىيە تەلىماتى » دىگەن كىتاۋىدىكى « جوڭگونىڭ بەشمىڭ يىللىق شانلىق تارىخىدا ئەزەلدىن دىمۇكىراتىك ھۆكۇمەت مەيدانغا كەلگەن ئەمەس » دىگىننى ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا بەشمىڭ يىل ئەمەس بەلكى 1949-يىلدىن ھازىرغىچە جوڭگودا ئەزەلدىن ھەقىقى خەلق ۋەكىلى مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. مانىبۇ جوڭگونىڭ نۆۋەتتىكى رىئالنى ئەمىلىيېتى.
  بۇ يەردىكى ئەڭ ياخشى پاكىت شۇكى، بىز بارلىق « خەلق قۇرۇلتېيى ۋەكىلى » نى چىرىك ئۇنسۇر دىمىسەكمۇ بىراق بارلىق چىرىك ئۇنسۇرلار « خەلق قورۇتېيى ۋەكىلى» دىيەلەيمىز. ئۇلار مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى شۇنداقلا يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق قورۇتېيى ۋەكىلى ( بەزىسى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ياكى ھەيئىتى يەنەبەزىسى تەخىمۇ يوقۇرى ). بۇنىڭ ئىچىدە بو شىلەي، ۋاڭ لىجۇن، لىۇ جىجۇنلەر مەملىكەتلىك خەلق قورۇتېيى ۋەكىلىغۇ؟ ئۇلار خەلققە ۋەكىللك قىلامدۇ؟ ئۇلار قاچان خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ئۇلار خەلققە قانداق ۋەكىللىك قىلىدۇ؟.
  قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلانمايدىغىنى شۇكى، ئىسلاھاتتىن بۇيان قانچىلىك « خەلق قۇرۇلتېيى ۋەكىلى » گە سوت قېلىنىپ، قانچىسى تۇرمىگە كېرگىننى بىلمەيمىز. باشقىلارنىڭ ئاشنىسى بولغان ساھىپجامال دوكتۇرنىڭ 120 مىڭ خەتلىك پاش قىلىش ماتىرىيالىدا مۇنداق بىر بۇلەك بار « ئوقۇتقۇچى ئەخلاق تەربىيەسى بىرىش ئۇچۇن باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرنى تۇرمىگە ئېلىپ بارىدۇ، كىين ئوقۇغۇچىلاردىن قانداق تەربىيە ئالغانلىقىنى سورىسا بىر ئوقۇغۇچى ‹ ھازىرقى تۇرمە ئازاتلىقتىن بورۇنقى گومىنداڭ تۇرمىسىگە ئوخشايدىكەن › دىگەن، ئوقۇتقۇچى ھەيران بولۇپ ‹ نىمە ئۇچۇن مۇنداق دەيسىز؟ › دەپ سورىسا، ئوقۇغۇچى ‹ قامالغاننىڭ ھەممىسى كومپارتىيە كادىرلىرى ئىكەن › دەپ جاۋاپ بەرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىگەن سەبى بولغاچقا ئەلىۋەتتە راس سۆزلەيدۇ.
  كەمىنە قەلەم ئىگىسى گاھىدا شۇنداق ئويلاپ قالىمەن « ناۋادا جوڭگودا بالىلاردىن ھۆكۇمەت تەشكىللەپ، بالىلار سوتچى بولۇپ رەھبەرلىك قىلسا، جوڭگو ھازىرقىدىن تەخىمۇ گۇزەل، خەلق تەخىمۇ بەخىتلىك بولارمىكى » دەيمەن.

2

  2013-يىلى 3-ئايدا ئىنتېرنېتتا مۇنداق خەۋەر تارقالدى، بۇلتۇرقى ئىككى يىغىندا بو شىلەي قىززىق نوقتا ئىدى، بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا شىڭ جىلەن قىزىق نوقتا بولدى؛ 80 نەچچى ياشلىق ئاددىي « ساۋاتسىز» مۇماي سەنشى خەلقىگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىغا قاتنىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىدەك 21-ئېسىردىكى « بىمەنىلىك » نۆۋەتتىكى جوڭگودا ھەقىقى يۇزبەردى.
  بۇ ئىشقا قارىتا سەنشىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئىنتېرنېتتا ماقالە ئىلان قىلىپ، سەنشىدىكى ئەمەلدارلاردىن « شىن جىلەننى سەنشىدىكى قايسى خەلق سايلاپ چىققان ۋەكىل؟ » دەپ سورىدى؛ كەمىنە قەلەم ئىگىسى بۇ ئوقۇتقۇچىغا شۇنداق جاۋاپ بىرىمەنكى « شىن جىلەننى سەنشى خەلقى ئەمەس بەلكى سەنشىدىكى ئاساسلىق غۇجاملار سايلاپ چىققان ».
  كەمىنە بۇ يەردە بو شىلەي، شىن جىلەننى بازارغا سالماقچى ئەمەس، پەقەت جوڭگودا زادىكىم خەلققە ھەققى ۋەكىلىك قىلىدۇ، قايسى خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى قايسى خەلققە ۋە ئۇنىڭ مەنپەتىگە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ سورىغىم كىلىدۇ.
  بىزنىڭ خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلىمىز بارمۇ؟
  كەمىنە بۇ ئۆمرىمدە جوڭگودا شۇنى ئېنىق كۇرىپ يەتتىمكى، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغانلار خەلق ئەمەس بەلكى ساپلا ئەمەلدارلار ئىكەن، ھەچقانداق بىر خەلقنىڭ ئۇلارنى بىزگە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيتىگە ئىگە دىگېننى ئاڭلاپ باقمىدىم، ھەقىقى خەلق بۇنداق دىيىشكە پىتىنالمايدىكەن، دىيىشكە پىتىنغىنى خەلق ئەمەس ئىكەن. تاسادىپىي بىرەر يەرىم ھەقىقى خەلق ۋەكىلى سايلىنىپ قېلىپ، خەلق تەرپتە تۇرۇپ ھەق سۆزلىسە، كىلەركى نۆۋەتتە بىكار قىلىۋىتىدىكەن. خېنەن جوۋزو شەھەرلىك ۋەكىل ياۋ شۇروڭ ئەسلى جاۋزو شەھەرلىك ئېغىر ماشىناسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئايال ئىشچىسى بولۇپ ئۇدا 10 يىل مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى بولغان، كىشىلەر ئۇنى « پۇخرالارنىڭ باۋ چىڭتەنى » دەپ تەرىپلەيتى، ئاخىردا يەنىلا « پەرىقلىق » سايلامدا قالدۇرىۋەتتى. پەقەتلا يىغىندا قارشى بەلەت تاشلىمايدىغان، « كومپارتىيە چىرىك ئەمەس پەقەت چىرىك ئۇنسۇرلار كومپارتىيەگە سوقىنىپ كىرىۋالغان، كومپارتىيە ئەڭ ياخشى، كومپارتىيە ئەڭ ئۇلۇغ، پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ » دەپ قارايدىغان شىن جىلەندەك ۋەكىللەر ئىزچىل خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

3

  بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ئازراق ئۆزگېرىش بولغانمىش، ھەقىقى ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى ( ئۆلكە باشلىقى، ھاكىم، يىزا باشلىقى ) سالاھىيتىدىكى « كۆرسىتىلگەن » ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى ئازراق تۇۋەنلىگەنمىش، ئىستستىكىغا ئاساسلانغاندا 30 نەچچە پىرسەنتى ئەمەلدار ئىكەن. مىنىڭ بىلىشىمچە قېپقالغان 60 نەچچە پىرسەنت ئىچىدە كۆپ قىسمى يەنىلا ئەمەلداردۇر.
  شىن جىلەننى ئالساق خەت تۇنىمايدىغان ساۋاتسىز بولسىمۇ يەنىلا چاڭجى شەھەرلىك خەلق قورۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، نازارەت دەرىجىلىك كادىر، ئادەتتە نازارەت درىجىلىك كادىر دىگەن ئەلىۋەتتە ئەمەلدار ھىساپلىنىدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىسى ناتايىن، چۇنكى شىن ئاغىچا ئادەتتە ھۆكۇمەتكە ئىشقا بارمايدۇ، پەقەت بىر كەنىت ياچىكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دىگەن نام ئېسىغلىق بولغاچقا، بەلكىم ئىستاستىكىدا غەيرىي ھۆكۇمەت سالاھىيتىدىكى « خەلق ۋەكىلى » ھىساپلانسا كىرەك، چاڭجى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىگەن نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلنى دىمەي تۇرايلى، ئاشۇ ئاتالمىش « كەنىت ياچىيكا مۇئاۋىن شۇجىسى » دىگېنى ئەمەل ھىساپلانماسمۇ؟
  ئەگەر جوڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلققە ۋەكىللىك قىلىش سالاھېيىتى باردىسە، مەن ئۆلسەممۇ ئېتىراپ قىلمايمەن، بۇ خۇددى شەھەر باشقۇرغۇچىلار ئۇششاق ئېلىپ-ساتارمەنگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگەنگە ئوخشاش بىرخىل بىمەنىلىكتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا جوڭگودىكى ئەمەلدارلارنىڭ زادى خەلققە ۋەكىللىك قىلىش سالاھېيتى بارمۇ؟ ئەگەر كىمدىكىم بەلەت تاشلاش ئارقېلىق ئەلرايېنى سىنىسا، پېقىر چۇقۇم قارشى بەلەت تاشلايمەن، بۇنىڭ سەۋەبى تۇۋەندىكىچە:
  ئاتالمىش خەلق ۋەكىلى ئەمىلىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ھېچقانداق قورقۇتىش بولمىغان، ھېچقانداق ئەمەلدارلار ۋەكىل سايلاشقا ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا، ئەركىن بەلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلاپ چىققان كىشى ھەقىقى ۋەكىل ھىساپلىنىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەم بۇيىچە، سالاھىيتى توشقان كىشىنى جوڭگونىڭ خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى سايلاشقا بولىدۇ، مەسىلەن شەھەر پۇخراسى، ئادەتتىكى ئىشچى، ئاددىي دىھقان قاتارلىقلار. گەرچە جوڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى غەرىپنىڭ پارلامىنتى بولمىسىمۇ، بىراق ئاۋام سايلاپ چىققان پۇخرا خەلققە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدۇ، شۇنداق ئىكەن بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە ۋەكىللىك قېلىش سالاھېيتى يوق دىگەن گەپ.
  ئادەتتە ئەمەلدارلار خەلققە ۋەكىللىك قىلارمۇ؟ ئۇ پەقەت ئەمەلدارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يوقۇردا دىيىلگەندەك بىر شەھەر باشقۇرغۇچى يايمىكەشكە قانداق ۋەكىللىك قىلسۇن؟ ئۇنىڭ مەخسەت-مۇدداسى يايمىكەش بىلەن بىردەك بولامدۇ؟ بۇ يەردە چوڭ قائىدە سۆزلەش بىھاجەت.
  شۇنى سوراپباقسام، ئاشۇ ئاتالمىش 30 نەچچە پىرسەنتنى ئىگەللەيدىغان ئەمەلدار سالاھىيتىدىكى « خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى » نى دىمەي تۇرايلى، قېپقالغان 60 نەچچە پىرسەنتنى ئىگەللىگەن « خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى » نىڭ قانچىسى يوقۇردا دىيىلگەن سايلام ئۆلچىمى بويىچە سايلانغاندۇ؟ كىسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى بىرسىمۇ يوق. بۇ جوڭگوچىلقتا سەن « قورقۇتىش بولمىغان » بىرەرمۇ سايلام مۇھىتىنى مەڭگۇ تاپالمايسەن. بۇنداق شارايىت ھازىرلانمىغان ئىكەن ئۇنداقتا بىزنىڭ خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلىمىزنى ھەرگىز خەلق ۋەكىلى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ، پەقەت ھۆكۇمەت ئارزۇ قىلغان « يىغىن ۋەكىلى » دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپپىق.

4

  ئەڭ مۇھىمى، جوڭگونىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپمۇ ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ خەلق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. كومپارتىيەنىڭ تەشكىلى پىرىنسىپتا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگۇچىنى تەكشۇرىش، كۆرسىتىش، ئاشكارىلاش ئارقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ياكى قالدۇرىدۇ دىيىلگەن بولسىمۇ، لىكىن ھازىرقى ئەمىلىيەت مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەمەلدارلار ھۇقۇقنى پۇلغا سەتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خەلق بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىيادى ئۆزىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئورگانغا چىرايلىق كۆرىنىپ ياخشىچاق بولۇپ، ئەمەل سەتىۋالغان پۇلنى نەچچە ھەسسە خەلقتىن تىرىلدۇرىش تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ خەلققە ۋەكىللىك كىلسۇن!
  يېقىندا ئىنتېرنېتتا كۆپچىلىك سەنشى ئۆلكىلىك پارتىكۇمنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خوۋ ۋۇجى ئۇستىدە بەس-مۇنازىرە قىلدى بۇ ئىش ئاۋامغا شۇنى ئاشكارلىدىكى، خوۋ ۋۇجىنىڭ ۋەزىپىسى توختىتىلغاندىن كىيىنمۇ نۇرغۇن ئەمەل ساتقان. ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋىرىدە سەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۇرىش خادىمىنىڭ دىيىشىچە، خوۋ ۋۇجى نۇرغۇن كادىرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، « چۇشتىن بورۇن ۋەزىپىسىدىن توختىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان، ئەسلىدە كادىرلار ھۆقۇقىمۇ توڭلىتىلاتتى، بىراق خوۋ ۋۇجى چۇشتىن كىيىن كادىرلار يىغىنى چاقېرىپ زەربىدارلىق بىلەن  100 دىن ئارتۇق كادىرنى ئۆستۇرگەن بولۇپ ئۇلار ئىقتىساد، مەدىنىيەت، ج خ، سوت، تەپتىش قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنغا چەتىلىدىكەن». ئۇندىن باشقا خوۋ ۋۇجى ئەنزە بىجىرگۇچىلەرگە « ئەگەر مەندىن چاتاق چىقسا، سەنشىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلار ماڭا ئەگىشىپ موللاق ئاتىدۇ، ئۇلار 200-300 دىن كەم ئەمەس » دەپ تەھدىت سالغان. كىيىنكى ئەنزىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق ئاخىردا ئاشۇ 200-300 نەپەر « دۆلەتنىڭ بايلىقى » نى قوغداپ قالالمىغان. بۇنداق ئەھۋال غەرىپتىكى دىمۇكىراتتىك دۆلەتلەردە ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.

5

  ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەل سېتىشتىن باشقا، ئاۋامنىڭ نەزىرىدە پۇتۇنلەي ئىشەنچىسى يوقالدى، ئىككىيىل بورىن خەلق گىزىتى « ھەسرەتلىك ئېچىنىش » دىگەن تىمىدا « بۇگۇنكى جوڭگو پۇخرالىرىدا ھۆكۇمەتكە قارىتا ئومۇميۇزلىك « ئىشەنمەسلىك » شەكىللەندى، سەۋەبى ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدى، نىمە ئۇچۇن ھەريىلى نۇرغۇن ئامما بىيجىڭغا ئەرىزگە بارىدۇ؟ بىرىنجىدىن يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەلقىلمىغان، ئىككىنجىدىن ئاشۇ ئەرىزقىلغۇچىلار ئاللىبورۇن يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئىشەنمەس بولغان » دەپ خەۋەر بەردى.
  ئەلىۋەتتە ئەمەلدارلار ئىشەنچ دەرىجىسىنى يوقاتسا، پۇخرالار ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ بەرىبىر موللاق ئاتىدۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە كۆپلىگەن ئەمەلدارلار نەزىرىدە خەلقنىڭ دۇشمەنگە ئايلىنىپ قالغانلىقى. يېقىنقى يىللاردا شەھەرنى چېقىش ئىشلىرىدا، پۇخرا بىلەن ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تىركىشىشى « ھايات-ماماتلىق » دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، بىر شەھەرنىڭ ئاساسلىق باشلىقى سىياسىي نەتىجە ئۇچۇن، شەھەرنى ئۆزگەرتىشتە پۇخرا بىلەن توقۇنىشتىن خالىي بولالمىسىمۇ، ئاقىۋەتتە يەنىلا بىچارە پۇخرالار باش ئىگىۋاتىدۇ، بۇ خىل تىركىشىشتە ئەمەلدارلار دائىم پۇخراغا دۇشمەندەك مۇئامىلە قىلىدۇ، چۇنكى پۇخرالار ئۇلارنىڭ نەتىجە كۆرسىتىشىگە تەسىريەتكۇزگەن. بۇنداق ئىشتا چىڭدۇدىكى تاڭ فۇجىن ئۆزىنى كۆيدۇرىپ قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، شۇ جايدىكى يەرلىك ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى پەيلىدىن يانماي، تاڭ فۇجىن ئۆزىنى كۆيدۇرىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىكىلەرنى سولاپ قويغان. يەنە تەخى چوڭچىڭ شەھرى جاڭجىن رايۇنلىق پارتىكۇم شۇجىسى ۋاڭ يىنفىڭ تەپتارتماستىن « مانىبۇ ھۆكۇمەت بىلەن قارشىلاشقاننىڭ ئاقىۋىتى » دىگەن، ئۇندىن باشقا لاۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھرىنىڭ باشلىقى سۇن گوشاڭ بىرقېتىملىق يىغىندا ئۇچۇق-ئاشكارە « پۇخرالارغا مۇئامىلە قىلىشتا رەھىمسىز بولۇپ، ئۆلتۇرىشكە تىگىشلىكنى ئۆلتۇرىش كىرەك! » دەپ جارسالغان.
  مانىبۇ خەلقنى دۇشمەن كۆرىشتىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېشىپكەتكەنلىك، مەن كۆرگەن يېڭى ئىشلەنگەن « قىزىل قوياش » دىگەن تىلىۋىزىيە تىياتىردا گومىنداڭنىڭ مەغلۇپ بولغان گېنىرالى جاڭ لىڭفۇ « پىرقە دۆلەت ئۇچۇن » ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدۇ، كومپارتىيە ئارمىيەسى مىڭلاڭافۇنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن، ئازاتلىق ئارمىينىڭ چوڭ باشلىقى « ياخشى تاۋۇت تەپىپ، ياپونغا قارشى قەھرىمان گىنىرال جاڭ لىڭفۇنى دەپنى قىلىڭلار » دەپ ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئىپادىلەيدۇ. مەن شۇنى ھېچ بىلمىدىم شەھەر باشلىقى سۇن گوشاڭ شۇ جايدىكى خەلققە نىمانچە ئۆچلىك قىلىدۇ؟ مۇشۇنداق ئادەم خەلق ۋەكىلى بولسا ئەڭ ئەقەللىسى خەلققە ئاپەت بولماسمۇ؟
  بىراق ئەمەلدارلار بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ بۇنداق قېلمىشىنىڭ ئاقىۋىتى ۋەكىللىك سالاھىيتىنى پۇتۇنلەي يوقىتىدۇ، نىمە ئۇچۇن ھەرقانداق بىر ئاممىۋى سورىندا، پەقەت ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىشەملىكى ئاممىۋى ھادىسە پەيدا قېلىپ ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ؟ بۇنداق ھادىسە غەرىپتىكى دىمۇكېراتىك جەمىيەتتە ھەرگىز يۇزبەرمەيدۇ، شۇنداقلا خەلىقنى دۇشمەن دەيدىغان كىشى ھەرگىز شەھەر باشلىقى بولىشى مۇمكىن ئەمەس.

6

ئۇنداقتا كىم خەلققە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
  خەلق دىگەن نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان توپتىن تەشكىللەنگەن بولىدۇ، ھەرقانداق بىر توپنىڭ باشقا بىر توپقا ۋەكىللىك قىلىش سالاھېيتى بولمايدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ توپ ئىچىدىكى ئاتالمىش ئەمەلدارنىڭ مۇشۇ توپقا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيتىمۇ بولمايدۇ، مەسىلەن يېزىلاردا ھەقىقى دىھقانلار ۋەكىلىنى سايلاش ئۇچۇن، چوقۇم ئاشۇ ئېتىزدا ئىشلىگەن ئەمگەكچىلەر توپى ئىچىدىن، ئەركىن بەلەت تاشلاپ سايلىغان ۋەكىللا ھەقىقى دىھقانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ھەممىسى ئالدامچىلىق خالاس.
   كىمنىڭ خەلققە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى خەلققنىڭ كۆڭلىگە ئايان. يوھانمىر « پارلامېنىت تۈزۈمىدىكى ھۆكۇمەت » دىگەن كىتاۋىدا « ھەربىر سايلىغۇچى ئۆز ۋەكىلى بىلەن بىردەك بولىشى، ۋەكىلمۇ سايلىغۇچى بىلەن بىردەك بولىشى لازىم، شۇنداق بولغاندا سايلىغۇچى ئۇنىڭ ئۇچۇن بەلەت تاشلايدۇ ياكى پارلامىنىت ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىقتىدار، پەزىلەت جەھەتتە ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگەن بىرىگە بەلەت تاشلايدۇ» دىگەن.
  بىز گەرچە 21-ئەسىردىكى ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان بولساقمۇ، بىراق جوڭگودىكى سانسىزلىغان كىشىلەر بىيجىڭدىكى « خەلق سارىيى » دا ئولتۇرغان نەچچىمىڭلىغان ئاتالمىش « خەلق قورۇلتېيى ۋەكىلى » نىڭ ئىچىدىكى قايسى بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلىشىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، مۇشۇ ماقالىنى يازغان كەمىنە قەلەم ئىگىسىمۇ بىلمەيمەن. مانىبۇ جوڭگو خەلقىنىڭ تابۇگۇنگىچە ھەقىقى دىمۇكىراتتىيە، ئەركىنلىكنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىكى تۇپكى سەۋەپ. شۇنىڭ ئۇچۇن جوڭگودا ھەقىقى خەلقنىڭ ۋەكىلى يوق!


مەنبە:
http://www.21ccom.net/articles/d ... 3/article_78894.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 01:34 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kahazyolwas + 39
yawaat0998 + 100 تەرجىمە ئېسىل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 139   باھا خاتىرىسى

ئۇلۇغ ئاللا ھەمم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39098
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4366
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 02:15:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەمەسمۇ

مەدنيتىمىزنى قوغدايلى ،ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى ،ئوزىمىزنخڭ يولىنى تىپىپ ئەجدادلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2781 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 02:26:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پويىز مايسىراپ ، رېلىستىن چاتاق چىققىلى تۇردىمۇ نىمە ؟ تاشقى كىسەلنى داۋالىغىلى بولغان بىلەن ئىچكى كىسەلنى داۋالىغىلى بولمايدۇ .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92463
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 02:38:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى گەپتىن بىرسى بوپتىغۇ مايەدە......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86577
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1584
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1406 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 02:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دولان ئەپەندى بۇ تىمىنى ساقلىۋېلىپ ئاندىن ئۇقاي ،ھىلى مۇنپەردىن ئۆچۇرۈلۈپ كەتمىسۇن...  بۇندىن بۇرۇنقى نەچچە تىمىڭىزنى ئۇقۇپ بولۇشۇمغا ئۆچۈپ كەتتى.

قوچقارنىڭ  كەينىگە يانغىنى  ئۇنىڭ  قورققىنى  ئەمەس  -  ئەلتېكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1904
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 02:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭ ئۇچۇن جوڭگودا ھەقىقى خەلقنىڭ ۋەكىلى يوق!




قۇشىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 03:25:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5000 يىللىق چىرىكلىكىنى 50 يىلدا ئوڭشاپ بۇلۇش مۇمكىنمۇ؟!

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 03:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qayan444 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 02:56 PM
دولان ئەپەندى بۇ تىمىنى ساقلىۋېلىپ ئاندىن ئۇقاي ،ھىلى  ...

مەن ھەجەپ ساقلىيالمايمىنا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 03:41:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە قىلغاننىمۇ بوسا تەستىقلاپ بىرىپتۇ. ئەگر بىز يازغان بولساق تەستىقلىمايتتى.چۈنكى بىز يازساق ‹‹ئۇلۇغ كومپارتىيە››گە بەتنام چاپلىغان بۇلىمىز.چۈنكى كومپارتىيە مەڭگۈ ئازماس پارتىيە.   ھەقسىز سىياسەت توغرۇلۇق شىكايەت يوللىسام تەستىقلىمىدى.ئەلكۈيى،مىسرانىم،باغداش ھەممىسى تەستىقلىمىدى.شۇنىڭغا قاراپ سەۋىيەم خالانىڭ ئاستىدا قالغان ئوخشايدۇ دىدىم. قۇرغۇچىلار بېيجىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.ھەقسىزلىقتىن داتلايدىغان تىمىلار قۇرغۇچىلارنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.چۈنكى ‹‹ئۇلۇغ پارتىيە ھۈكۈمەت›› بۇنداق تىمىلارنى ياختۇرمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 03:47:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەششە،قالايمىقان ھەق يىغىش،يول-يوللاردا تەكشۈرۈش،ئەمەلدارلارنىڭ يۇغانچىلىقى،پارىخورلۇق،ساقال-بۇرۇت،كىيىم-كىچەككە ئارلىشىش،نەچچە كۈنلەر يول مېڭىپمۇ كىچىككىنە ئىشنى ھەل قىلغىلى بولماسلىق....................... ئەركىنلىك نەگە كەتتى زادى؟؟؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش