|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم << مىسرانىم مۇنبىرى >> نىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ،كەمىنە << بىر مىسقال مۇنبىرى >> دىن ھەممىڭلارغا ئىگىلىپ سالام !!!،ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!
ھەممىڭلارغا بەخىت، ئامەت ،ئاسايىشلىق تىلەيمەن ،چىھرىڭلاردىن مەڭگۈ كۇلكە ئۇزۇلمىگەي !!!
بۇ قۇتلۇق بايرام خاسىيتى بىلەن ھەممە شاتلىققا چۈمدى . بۈگۈن ئەزىزانە قەشقەر دىيارىدا نۇرۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن ھىيتگاھ مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى ساما ئۇسۇلى ئوينۇلۇپ نۇرۇز شاتلىقى بۇ قەدىمى دىياردا ياڭرىدى .
نۇرۇز- خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يىڭى يىل بايرىمى ،تەبىئەت بايرىمى ،دوسلۇق ،ئىتتىپاقلىق ، ئىناقلىق بايرىمى ،خەلقىمىزنىڭ تۇرلۇك ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئوزىگە جەملىگەن ۋە ئەۋلادلارغا ئوگۇتىدىغان ،ئۆرپ ئادەت ،سەنئەت ،تەنتەربىيە بايرىمى ،يىڭى بىر يىلدا روھنى ئۇرغۇتۇپ ھەر قايسى ساھە كەسىپلەرگە تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن يۇرۇش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان ،خاسىيەتلىرىنى سۆزلەپ تۇگەتكۇسىز قۇتلۇق ،ئۇلۇغ بايرام !!!!
بىر مىسقال مۇنبىرى بارلىق دوسىتلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلايدۇ !!! نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!
مەنبە ، بىر مىسقال مۇنبىرى www.1miskal.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-20 12:22 PM
|
|
|
|
|
|