شۇ تاپتا كۆل بويىدا يالغۇز ئولتۇرىمەن.كۆل سۈيىگە قارىسام،ئۇ مەندىنمۇ ئۆتە ھەسرەتلىكتەك كۆرىنىدۇ.ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سادا چىقمايدىغۇ؟مېنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىمنى كۆرمىدىمىكىنە؟ھېچ بولمىغاندا ئازراق ئىرغىنىپ قويسا نىمە
بولار؟ئۇمۇ مېنى قارشى ئالمايدىغاندەك قىلامدۇ نېمە؟
مەنغۇ ئەزەلدىنلا يالغۇز،نەگىلا بارسام يالغۇز،شۇنچىلىك يالغۇز،شۇنچىلىك
يىگانە...توۋا،مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم؟ئالجىپ قالدىممۇ-يە؟مەن چوقۇم خاتا ئويلاپ قالدىم.ئالدىمدىكى كۆل سۈيى چوقۇم مېنىڭ دەردىمگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن،مېنىڭ سادىق ئاڭلىغۇچۇم بولۇش ئۈچۈن تەييارلىنىپ سۈكۈت ئىچىدە جىمجىت تۇرىۋاتىدۇ...ئۇ ھازىر ھەتتا بىر تىنىپ قويۇشنىمۇ راۋا كۆرمەيۋاتىدۇ...ئۇنىڭ ئېغىر-بېسىقلىقىغا قاراپ ئەجەپ خىجىل بولىۋاتىمەن دىسە!
مەن نىمانچە دەرتمەن بولغۇيدۇم؟خۇددى پۈتۈن دەرتلەرنىڭ ئانىسىدەكلا بارلىق دەرتلەرنى ئەتراپىمغا يىغىۋاپتىمەنغۇ؟...ئەمدى ئۇلارنى تاشلىۋېتىمەن،ئۇلارنى ھەرگىز باقمايمەن....نەگە كەتسە كېتىشسۇن!ئۇلارنى كۆرگۈم يوق،ئۇلار دىلىمنى بەكلا رەنجىتتى...لېكىن،مەن...مەن ئەزەلدىن يەككە-يىگانە تۇرسام،ئۇلارمۇ كەتسە تېخىمۇ يالغۇز قالارمەنمۇ؟...
ياق!ياق!ئۇلار كەتسۇن!مەن يالغۇز قالمايمەن.ئەنە كۆكتە پارلاپ تۇرغان قۇياش ماڭا:‹‹نىمىشقا ياش تۆكىسەن؟سەن يالغۇز ئەمەس،ھاياتقا كۈلۈپ باققىن،مەندەك كۈلۈپ ياشىغىن،مەن ساڭا ھەمراھ ...››دەۋاتقاندەك.ئۇنىڭغا قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇمدە،‹‹رەھمەت››دىدىم.
ئاۋۇ يەردە بىر قۇش تۇرىدۇ.ئۇمۇ مەندەكلا ھەسرەتلىك كۆرۈنىدىغۇ؟ئۇ ئۆز ئىزىدا تۇرغىنىچە كۆلگە نەزەر سېلىۋاتىدۇ.بۇ كچىككىنە جانىۋارغا نىمە بولغاندۇ؟دوستىدىن كۆڭلى رەنجىپ قالغانمىدۇ ياكى بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەنمىدۇ؟نىمانچە ھەسرەتلىك ئۇنىڭ كۆزلىرى؟ئاشۇ جانىۋار چېغىدا ئازاپلىنىشنى بىلىدىكەن دىسە؟مەن يوغان ئادەم تۇرۇپ ئازاپلانسام نىمە بوپتۇ؟ھە بىلدىم،ئۇ بەلكىم يىراقتىن مېنى كۆرۈپ قېلىپ ،ماڭا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گەپ...
ئەجەپ ئۆزەمنىڭ كۆڭلىنى ئۆزەم خوش قىلىپ كەتتىما؟ئوبدان قاراپ باقايچۇ،زادى مەن يالغۇزمۇ،يالغۇز ئەمەسمۇ؟ھە، توغرا،توغرا،سايەم ماڭا ھەمراھكەن،ئۇخۇددى سادىق قوغدىغۇچىدەك باياتىن بېرى ماڭا ئەگىشىپ مۇشۇ يەرگىچە كەلدى.مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان سايەمگە قاراپ كۆڭلۈم باشقىچە بولۇپ قالدى...ئەسلىدە يېقىن دوستۇم يېنىمدا تۇرسا بىلمەپتىمەن ئەمەسمۇ؟
مەن يالغۇز ئولتۇرۇۋاتىمەن...مەيىن شامال يۈزلىرىمنى سىپاپ ئۆتۈپ،قۇلىقىمغا يىنىككىنە پىچىرلاپ قويدى...ئەجەپ مىھرىبان ئانام يۈزۈمنى سىلىغاندەكلا دىسە...ئانامنى ئەسلەپ قالدىم.ئۇمۇ مەندەك يالغۇز ئولتۇرامدىغاندۇ؟ئۇ شۇ تاپتا نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟
خىيالغا پېتىپ ئولتۇرسام،تۇيۇقسىزلا كەينىمدىن بىر قانچە كىشىنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.كەينىمگە ئىتتىكلا بۇرۇلۇپ قارىدىم.كملەردۇ ئۇلار؟نىمانچە جاراڭلىق كۈلىدىغاندۇ؟ئۆزەمچە خۇدۇكسىرەشكە باشلىدىم...چوقۇم مېنى يالغۇزكەن دەپ مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ!بولمىسا ئۇنچە قاتتىق كۈلەمدۇ ئۇلار؟ ئەجەپ ئاچچىقىم كەلدىغۇ؟!يالغۇز ئولتۇرسا نىمە بوپتۇ؟ئۇلارنى شۇنداق بىر تىللاپ ئىچىمنى بوشىتىۋالغۇم بار ئىدى.لېكىن،ئۇلار مېنى نەزىرىگە ئىلىپمۇ قويۇشماي كېتىپ قېلىشتى...مەنمۇ شۈمشىيىپلا قالدىم.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام،ئەتراپىمدىكى دەرەخلەر ماڭا ھومويۇشۇپ تۇرۇپتۇ.ئۇلار ماڭا:‹‹سەن ئەزەلدىن يالغۇز،خۇددى گۈللەر ئارىسىدا ئۈنگەن تىكەندەكلا يالغۇز...›› دەۋەتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.ئۇلار بەزى-بەزىدە مەغرۇرلۇق ئىچىدە لىڭشىپمۇ قويىۋاتاتتى.خەپ-خەپ،ئۇلار ماڭا نىمانچە ھومىيدۇ دەيمەن؟دوستلىرى بولسا شۇنچىۋالا مەغرۇرلىشىپ كېتەمدىكەن؟يالغۇزلۇق گۇناھمىكەن؟
يالغۇز بولسام نىمە بوپتۇ؟توۋا دەيمەن،يالغۇزلۇقۇم تۈپەيلى ئەتراپىمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار مېنى پەقەتلا كۆزگە ئىلمايۋاتىدىغۇ؟...تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى:‹‹مەنمۇ بېرىپ دوست تېپىپ كېلىپ،بايا ماڭا ھومايغان دەرەخلەرگە كۆرسىتىپ قويايچۇ تازا!دوستۇم بىلەن سىردىشىپ ئۇلار ئالدىدا مەغرۇرلىنىۋالايچۇ تازا!...››.
بۇ خىيالىمنى يۈرۈكۈم بىلىپ قالغان چېغى،سوقۇش قەدەملىرى ئىتتىكلەپ،تىپىچەكلەپلا كەتتى.خۇددى ھازىرلا كۆكرەك قەپىسىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تىپىچەكلەيدىغۇ بۇ يۈرۈكۈم؟ئۇنچە ھاياجانلىنىپ كەتمىسىمۇ بولاتتىغۇ؟...ئۇنى تۇتۇۋالاي!ھازىرلا پوككىدە ئالدىمغا چۈشۈپ ئۆلۈپ بەرمىسۇن يەنە؟!
ئەنە،ئەنە، قۇياشمۇ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇۋېرىشنى خالىمىغان ئوخشايدۇ،كۆردۈمكى،ئۇنى بۇلۇتلار ھىمايە قىلىۋالدى...ئۇ يالغۇز ئەمەسكەن،ئۇنىڭ بۇلۇتتەك ياخشى دوستى باركەن ئەمەسمۇ؟...سايەممۇ كېتىپ بارىدىغۇ؟سايەم كۆزۈمچىلا قۇياشنى قوغلاپ كېتىپ قالدى.ھەي...سادىق قوغدىغۇچۇم دەپ كېتىپتىمەن تېخى!ئۇمۇ يالغانچىكەن!ھېلىقى قۇشچۇ؟ئۇنىڭغا قاراپ باقايچۇ؟!ئۇنىڭ بىلەن دوست بولساممۇ بولىدىغۇ ئوخشاش دەرتمەن بولغاندىكىن....ئەپسۇس،ئۇ قۇشنىڭ يېنىغا يەنە بىر قۇش كەلگەنىدى،ئىككىسى بىللە ئۇچۇپ كېتىشتى...بايا يۈزلىرىمنى سىلىغان شامالمۇ بەك يۈزسىزكەن،ئۇ باشقىلارنىڭ يۈزىنى سىلىماقچى بولۇپ ئالدىراش كېتىپ قالدى...مەن يەنە يالغۇز قالدىم...ھەي،يالغۇزلۇق...
باياتىن بېرى ماڭا ھومىيىپ قارىغان دەرەخلەر ئەمدىلىكتە ماڭا مەسخىرىلىك بېقىشقا باشلىدى...مەن شۇنچىلىك بىچارىلىك ئىچىدە كۆل سۈيىگە تەلمۈردۈم،بىراق،ئۇمۇ ماڭا كەينىنى قىلىۋالدى...قانداقمۇ قىلارمەن؟يەنە يالغۇز قالدىمغۇ؟!پاڭڭىدە يىغلايدىغانغا ئازلا قالدىم...ئوڭ كۆزۈمدىكى بىر تامچە يېشىم خۇددى بۇيرۇقسىز سەپتىن چىققان ئەسكەردەك ھولۇقۇپ، ئەندىككەندەك ھالەتتە كۆز گىرۋىكىمنى بويلاپ ئاستا سېرىلىپ چۈشتى...
ئاسمان ئانا باياتىن بېرى ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ،ئۇ يامغۇر قىزلىرىنى مېنىڭ بىلەن بىللە ئويناشقا ئەۋەتتى.نىمانداق ئاقكۆڭۈل ئانىدۇ؟بەلكىم،ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالغاندۇ... يامغۇر قىزلار دەسلەپتە ئاسماندىن تارتىنىپقىنا ئاستا چۈشۈشكە باشلىغانىدى،كەينىدىنلا،چاقماق تېزلىكىدە ئىتتىك-ئىتتىك چۈشۈشكە باشلىدى...ئۇلار ئەتراپىمنى ئورىۋېلىشتى،چاچلىرىمنى سىلاپ،ياش يۇقى كۆزلىرىمنى سۈرتۈپ،مەن بىلەن دوست بولماقچى بولغۇسى بارلىقىنى ئىپادىلەشتى،ئۇلار ماڭا تەسەللىي بېرىشتى...مانا-مانا بىردەمدىلا يامغۇر قىزلارنىڭ ساپ دوستلۇق رىشتىسى پۈتۈن بەدىنىمگە تارقىدى.بەدىنىمدە بىر خىل ئىللىق سېزىم پەيدا بولدى....ئۇلاربىلەن سىڭىشىپلا كەتتۇق ،ئۇلارنىڭ قوينىغا ئۆزەمنى ئاتتىم....غەمگۇزار دوستى بولسا نىمانداق ياخشى؟!ئەجەپ جىق ياخشى دوست تېپىۋالدىمغۇ مەن؟!....ۋاھ!خوشاللىقىمدا ئۇلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتۈم...ئۇسۇل ئويناۋېتىپ كۆزۈمنىڭ قويرۇقىدا كۆل سۈيىگە قارسام،ئۇ دوستلىرىمنى ئۆزىگە تارتماقچى بولۇپ يۈزىدە چەمبىرەكسىمان كۈلكىلەرنى ھاسىل قىلغىلى تۇرۇپتۇ.يىرگىنىپ كەتتىم،نىمانچە ساختا كۈلكە،ساختا خوشامەت ئۇ؟
ئەمدى بېشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،قەددىمنى تىك تۇتۇپ ماڭا مەسخىرىلىك باققان ھېلىقى دەرەخلەرگە قارىدىم.ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىدىن خىجىل بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ ئۇ بىچارىلەر،شاخلىرى ئېگىلىپ يوپۇرماقلىرى يەرگە قاراپ ساڭگىلاپ قاپتۇ.
مەن ئەتراپقا قاراپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدىم:‹‹مەن يالغۇز ئەمەس!مەن يالغۇز ئەمەس!مېنىڭمۇ نۇرغۇن غەمگۇزار،ياخشى دوستلىرىم بار بولدى!....ھا....ھا....ھا...........››.