بىپەرۋا قىز
سىنى دىلدىن سۆيگەن چاغلاردا،
چىن يۈرەكتىن كۆيگەن چاغلاردا.
سەن بىپەرۋا يۈردۈڭغۇ قىزچاق ،
مەن كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغاندا.
ئاشىق يۈرەك ئارام بەرمىگەچ،
يازدىم ساڭا نەچچە پارچە خەت.
بەزى چاغلار كەينىڭدىن يۈرۈپ،
تەلەپ قويدۇم ساڭا نەچچە رەت.
لىكىن قىزچاق چۈشەنمىدىڭغۇ،
مۇھاببەتكە تەشنا قەلبىمنى.
سەندەن ھىچبىر جاۋاپ كەلمىگەچ،
يۇلتۇزلارغا تۆكتۈم دەردىمنى.
سەندىن قىلچە ۋاپا بولمىغاچ،
ئاشىق كۆڭلۈم قەدرى بولمىغاچ،
باششقا قىزغا كۆڭۈل بەردىممەن
يۈرىكىمگە دەرتلەر پاتمىغاچ.
بىر چاغ كەلدىڭ مىنىڭ يىنىمغا،
كىلىپ مەندىن سۆيگۈ سورىدىڭ.
قاراپ تۇرۇپ مىنىڭ كۆزۈمگە،
مىنى يەنە سۆيەمسەن دىدىڭ.
شۇۋاخ نەدىن كەلدى بىر يالقۇن،
ئوت ئىچىدە كۆيدى بۇيۈرەك.
بىپەرۋالىق كۈنلەرنى ئەسلەپ،
يەنە قايتا تۈرۈلدى بىلەك.
مەن دېدىم:«ئەي بىپەرۋا قىزچاق،
بولدى قىلغىن ئەمدى سۆزلىمە.
مۇزلاپ قاتقان ئاشىق يۈرەكنى،
ئېرىتىشنى سەن ھەم كۆزلىمە.
مەن كۆيگەندە بىپەرۋا يۈردۈڭ،
ئەمدى مەندىن مۇھاببەت كۈتمە.
سۆيەلمەيمەن ئەمدى يۈرەكتىن،
مىنى قايتا ياد ئېتىپ يۈرمە.»
گىپىم تۈگەپ ياندىم ئارقامغا،
قەلبىم شۇ دەم ئۆرتەندى يۈز گەز.
قانداق ئۇنتاي سىنى مەڭگۈگە،
يۈرىكىمنىڭ بارچىسى چاك دەز.....
مۇھاببەتنى قەدىرلەيلى بىز،
ئاسراش كۆيۈش مۇھاببەتكە خاس.
قەدىرلەنمەي يۈرگەن مۇھاببەت،
نادانلارغا تەنھالاراغا ماس.
مەنبەسى : بۇرۇنقى مەن