مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 787|ئىنكاس: 8

جابىر ئىبن ھەيياننىڭ ئاتوم ۋە ‹‹تۈپ بۇۋاق›› نەزەرىيەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 10:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جابىر ئىبن ھەيياننىڭ ئاتوم ۋە ‹‹تۈپ بۇۋاق›› نەزەرىيەسى

(ئېنسىكلوپېدىك ئالىم جابىر ئىبن ھەييان)

يۈسۈپجان ياسىن

مەلۇمكى، ئاتوم بومبىسى ۋە  سۈنئىي  ئۇسۇلدا ھامىلە يىتىلدۈرۈش تېخنىكىسى 20 – ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ  زور كەشپىياتلاردۇر. لېكىن بۇ ئىككى تېخنىكىنىڭ بۇنىڭدىن 1200 يىل بۇرۇن ياشىغان ئالىم جابىر ئىبن ھەييان تەرىپىدىن ئاللىقاچان تەسەۋۋۇر قىلىنغانلىقى بۈگۈنكى كۈندە غەرپتە  يېزىلغان پەن-تېخنىكا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە ئومۇمەن تىلغا ئېلىنماي كەلدى. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يەر يۈزىدە ئىنسانلار تۈرلۈك ئىرقلارغا ۋە ھەر خىل مىللەت تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، يەنە كېلىپ بۇ مىللەتلەر بىربىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئەھۋالدىمۇ ئەينى بىر مەقسەت يولىدا بىر بىرىگە ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىدىغان زىھنىي ئىقتىدارغا ئىگىدۇر.  شۇڭا ، مەلۇم بىر چۈشەنچە ياكى نەزەرىيەنى ياكى مەلۇم بىر مەدەنىيەت ئامىلىنى بىرلا  مەدەنىيەت مەركىزىدىن باشقا جايلارغا قاراپ تارالغان دېيىش ھەم ئىشەنچىسىز ھەم زەئىپ بىر قاراشتۇر. يەنە كېلىپ يېقىنقى دەۋرلەردىن باشلاپ ئەۋج ئالغان ئىلىمگە مىللىي، دىنىي ۋە سىياسىي خائىشلار بىلەن نەزەر تاشلاش خائىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ ھەقىقىي ۋە بىتەرەپ ھالەتتە يېزىلىشىغا توسقۇن بولۇپ كەلدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ غەرپلىكلەر ئىمپېرىيالىزملىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سىياسىي ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرگە ئۈزىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى سىڭدۇرىدىغان تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى قوللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغىنى مەدەنىيەت ساھەسى ئىدى. بۇ مەقسەت يولىدا ئۇلار <<ھەر نەرسە غەرپتە مەۋجۇت، ھەر قانداق بۈيۈك شەخس، ئالىم ۋە كەشپىياتچىلار غەرپتىن چىققان>> دېگەن شۇئارنى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ئۈستۈنلىكىگە، مەتبۇئات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ بېسىۋېلىنغان رايونلاردا كۈچەپ تارقاتتى. غەرپتە مەيدانغا چىققان نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارمۇ غەرپ بىلەن شەرقنى پەرقلىق ۋە زىددىيەتلىك ماھىيەتتە تەتقىق قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، <<غەرپ قەدىمكى يۇناندىن مىراس قالغان ئىزچىل تەتقىقات، ئەقىدە ۋە مەنپەئەت كۈرۈشىنى ئۆزى ئۈچۈن پىكرىي(ئىدىيىۋىي) ھاياتنىڭ مەنبەسى قىلغان، تەقدىردىن بەكرەك ئەقىلگە ۋە بىلىمگە ئىشىنىدىغان، تەبىئەتنى ئىنسانغا بېقىندا قىلىش ئىستىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بىر ئاكتىپ دۇنيادۇر، شەرق بولسا ھوزۇر ۋە پاراغەتتىن لەززەتلىنىدىغان، نازارەتچى، جاھىل، ناھايىتى دىندار، ئاڭسىز، مەۋجۇت ھاياتقا ئۆتكۈنچى نەزەر بىلەن قارايدىغان، بۈگۈنكى كۈنىنى پەقەت ئۆتمۈشكە باغلاپ چۈشىنىدىغان، تەقدىرگە ئىشىنىدىغان، تەبىئەتنى ئۆز مەيلىگە تاشلىۋەتكەن پاسسىپ بىر دۇنيادۇر>> دېيىش ئارقىلىق، شەرقنى ئەقىلگە، ئىلىمگە ۋە ئىزدىنىشكە ئېتىبار بەرمەيدىغان دۇنيا دەپ سۈرەتلەش بىلەن بىرلىكتە شەرقنىڭ ئىلىم – پەن تارىخىغىمۇ  سەل قارايدىغان  پوزىتسىيەدە بولغان. مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن 8-13- ئەسىرلەردە باغدادنى مەركەز قىلغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن ئەرەب- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىمۇ تازا توغرا ۋە تولۇق يورىتىلمىدى. مەسىلەن، رەسمىي ئىلمىي ئورگانلار تەرىپىدىن يېزىلغان پەن- تېخنىكا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە، ئالى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىدە ئېينىشتېىن نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنى ياراتقان بىر فىزىك سۈپىتىدە ھەيرانلىق بىلەن تىلغا ئېلىنغاندا،  ئۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان فىزىك كىندى(796-866) تىلغا ئېلىنمايدۇ. بىئولوگىيە پىنىدە لامارىك(1744-1829) بىلەن دارۋىن(1890-1882) تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادچىسى دەپ تەكىتلىنىدۇ، بىراق بۇلاردىن كۆپ ئەسىر بۇرۇن نەززام(?-845)، جاھىز(769-866)، بىرۇنى(973-1051)، ئىبن مىسكەۋەيخ(940-1030) ۋە كازۋىنى (1203-1283) قاتارلىقلارنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ياراتقانلىقىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ. كولومبو (1451-1506)نىڭ ئىلمىي مەقسەتتىن خالى ھالدا تاسادىپىي پۇرسەتتە ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ قالغانلىقىنى <<يېڭى بىر قىتئەنى بايقاش>> دەپ تەرىپلىگەندە،  11- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىرۇنىنىڭ سىزغان دۇنيا خەرىتىسىدە ئامېرىكا قۇرۇغلۇقىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن سۆز ئېچىلغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمەيدۇ. يەنە نيۇتون(1643-1727)نىڭ يەرنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىنى بايقىغانلىقى كۈچەپ تەرغىپ قىلىنىدۇ، لېكىن بىرۇنىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئاشۇ قانۇنىيەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئائىت تەتقىقاتلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمايدۇ. شۇنىڭدەك، 20- ئەسىردە ئاتوم بومبىسى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە يىتۈلدۈرۈش زور بىر كەشپىيات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا بۇنىڭدىن  1200 يىل بۇرۇن جابىر ئىبن ھەيياننىڭ مۇشۇنداق بىر  نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن سۆز ئېچىلمىدى. بۇ نەزەرىيە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېنىق يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ پەن تارىخىدىكى زور بىر بايقاش ئىكەنلىكى ئىلمىي ئەسەرلەردە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىلدى.  شۇڭا، ئىنسانىيەتنىڭ پەن تارىخىدىن سۆز ئاچقاندا، ھەر قانداق بىر ئىلىم ئىگىسى ھەم ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا، ھەم ئىنسانىيەتكە  ھەمدە ئىلىمگە يۈز كىلەلەيدىغان مەۋقەدە تۇرۇپ بايان قىلىشى ئىلىمدىكى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپ سۈپىتىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جابىر ئىبن ھەييان ۋە باشقا بىر مۇنچە ئالىملارنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان ئىلمىي نەتىجىلىرىنى قېزىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي ئوبرازىنى تىكلەش دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېمىلاردۇر.

جابىر ئىبن ھەيياننىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ مۇسا بىن ھەييان ئەل –ئەزدەئىل-كۈفى ئەبۇ ئابدۇللاھ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىسلام دۇنياسىدا <<ئەل -ھەررانى>>، <<ئەل - تۇسۇ>>، غەرپتە بولسا <<گەبىر>> دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر بولغان بىر خىمىيە ئالىمىدۇر. جابىر ئىبن ھەيياننىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر ئۇنى تۈرك دېسە، بەزىلەر ئەرەب دەپ قارايدۇ، يەنە پارس دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. 721- خۇراساندىكى تۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە بىر دورىگەرنىڭ ئوغلى بولغان جابىرنىڭ ھاياتى ھەققىدىمۇ كۆپ مەلۇمات يوق. ھاياتىنىڭ دەستلەپكى يىللىرى تۇس شەھرىدە ئۆتكەن ۋە  باشلانغۇچ ئوقۇش ھاياتىنىمۇ مۇشۇ شەھەردە باشلىغان. كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا بىرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن كۇفە شەھرىگە كەلگەن ۋە ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ ئىلىم مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن. ئاخىرىدا باغدادقا بارغان ۋە ئۇ يەردە  ھارۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا  ۋەزىر ياھيا بىن خالىد ئەل -بەرمەكىنىڭ ھېمايىسىگە ئىرىشىپ، شۆھرەتلىك بىر ئالىمغا ئايلانغان. بەرمەكى ئائىلىسىگە زەربە بىرىلگەندىن كېيىن جابىر ئىبن ھەييانمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. جابىر ئىبن ھەييان كۇفەدە ئەلەمدىن ئۆتكەن. لېكىن، قاچان ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ مەلۇماتلارنىڭ بىرىسىدە ئۇنىڭ 808-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، يەنە بىرىسىدە 815- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن دېيىلىدۇ. جابىر ئەينى دەۋرنىڭ شارائىتىغا يارىشا پەن بىلىملىرىنى ئىسلام ئىلىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆگەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ تەتقىق قىلغان ساھەلىرىمۇ دىن بىلىملىرى بىلەن بىرلىكتە تېبابەت، پەلسەپە، پېداگوگىكا، لوگىكا، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، مېتاللورگىيە، بىئولوگىيە، زوئولوگىيە، بوتانېكا ۋە مۇزىكا قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

776- يىلىدىن باشلاپ ئاۋۋال تېبابەت ۋە كىمياگەرلىك(سېھرىگەرلىك، مىتاللارنى بىر بىرىگە ئايلادۇرۇش ھۈنىرى)   ساھەسىدە تۇنۇلۇشقا باشلىغان ۋە بىر مەزگىل ھەرراندا باش مۇدەررىس بولغان جابىر ئىبن ھەييان كېيىنچە پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە داڭق چىقارغاچقا، ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يېزىلغان كىتاپلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى. شۇڭا، ھازىرغا قەدەر جابىرنىڭ ئۆزى يازغان ئەسەرلەرنىڭ سانىنى تولۇق ئېنىقلاش قىيىنغا توختىغاچغا، ئۇنىڭ زادى قانچىلىك ئەسەر يازغانلىقىنى ھەققىدە كەسكىنىك بىلەن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. نېمىس شەرقشۇناسى پ. كرائۇس كۇللىيات دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يېزىلغان دەۋرى ھەققىدە : ‹‹ئىسلامىيەت نەقىل كەلتۈرىدىغان قەدىمكى ئىلىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كەڭ دائىرىلىك ئەسەرلەر يالغۇز بىرلا مۇئەللىپنىڭ ئەسىرى ئەمەس.  7-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا مەنسۇپ بولۇشىمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىر بىرىگە  ئۇيغۇن كەلگەن پۈتۈن ۋەقەلەر كۇللىياتنىڭ 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ›› دەيدۇ. بۇنىڭدىن كۇللىياتتىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئەسەرنىڭ جابىرنىڭ ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئەرەبلەردىن چىققان شەرقشۇناس فىلپ ھىتتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، غەرپتە ئاپتورى جابىر دەپ يېزىلغان 22 ئەسەرنىڭ نامى مەلۇم بولغان. بۇلاردىن <<كىتابۇل رەھمە>>، <<كىتابۇت تەجمى>> ۋە <<ئەززى ھەقۇس شەرقى>> قاتارلىق بەش ئەسىرى 12 – ئەسىردە ياۋروپادا نەشىر قىلىنغان. بۇ بەش ئەسەر ھەم شەرقتە ھەم غەرپتە ناھايىتى مەشھۇر بولغان ئەسەرلەردۇر. ئۇنىڭ يەنە بەزى ئەسەرلىرى 1473- 1710- يىللار ئارىسىدا نۇرنبېرگ، فرانكۇفورت ۋە سىترازبۇرگدا لاتىن ۋە نېمىس تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان.

ئېنسىكلوپېدىك ئالىم جابىر ئىبن ھەيياننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى خىمىيە ساھەسىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ۋە ئەسلى شۆھرىتىنى چىقارغىنىمۇ دەل مۇشۇ ساھەدۇر.  ئۇ ئەينى دەۋرلەردە كەڭ يېيىلغان كىمياگەرلىكنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى  خىمىيەدىن ئىبارەت يېڭى بىر پەنگە ئايلاندۇرغان تەجىرىبە ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. جابىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئەرەب زىمىنىدا كىمياگەرلىك ئىككى يول بىلەن تەرەققىي قىلغان. بىرى، يىلتىزى جافەر سادىققا قەدەر تاقىلىدىغان ھەمدە بىرمۇنچە ئالىم ۋە تەسەۋۋۇپچىلار ۋەكىللىك قىلغان، ھەقىقىي مەنىسى بويىچە ‹‹روھى خىمىيە›› ياكى سىمىيا(كىمياگەرلىك)  دەپ ئاتالغان، مىتاللارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ماھارەتتۇر. يەنە بىرى، بۈگۈنكى زامانىۋىي مەنىدىكى خىمىيەدۇر. بىرىنجى ئېقىمنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا مەدەنلەر، مېنېراللار ياكى باشقا ماددىلارنى خىمىيەلىك تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى بويىچە تەھلىل قىلماي، بەلكى ھەر نەرسىدە روھنىڭ بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، روھ بىلەن خىمىيەلىك ئالاھىدىلىك ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى، روھنىڭ تەربىيەسى بىلەن مەدەن ياكى باشقا ماددىلارنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك تۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر قانداق ماددىنىڭ ماھىيىتى بىر بولغانلىقى ئۈچۈن مەدەنلەرنىڭ تۈرلۈك روھىي ۋە خىمىيەلىك پائالىيەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىر بىرىگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جابىر ئىبن ھەييان دەستلەپتە بۇ ئېقىمنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇ ساھەدە كۆپ  تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزدىنىش ۋە تەجىرىبە ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ خاس مېتودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەجرىبە، ئانالىز ۋە ماتېماتىكىغا تايانغان ھەقىقىي خىمىيە ئىلمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنىدى.

ئۇ خىمىيە پىنىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەم نەزەرىيىگە ھەم تەجىرىبىگە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن. پەننىڭ ھەر تۈرلۈك نەزەرىيىۋىي پىكىرىلىرىنى ‹‹مىزان›› ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادە قىلغان جابىر خىمىيەنى بىر تەجىرىبە پىنى دەپ تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەجىرىگە تايانمىغان خىمىيەلىك بىلىملەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەقىقەت ھېساپلانمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە: ‹‹خىمىيەدىكى تۇنجى مۇھىم نەرسە سېنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە تەجىرىبىۋىي سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشىڭدۇر. ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىغان ۋە تەجىرىبىگە ئورۇن بەرمىگەن كىشى خىمىيەدە ئەڭ ئۇستادلىق دەرىجىسىگە ئۇلىشالمايدۇ. بىراق، ئەي ئوغۇل سەن تەجىرىبە قىلساڭ ھەقىقىي بىلىمگە ئىرىشىسەن. ئىلىم ئىگىلىرى ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپلىكىدىن زوقلانماي، پەقەت تەجىرىبە ۋە سىناق مېتودلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىن سۆيىنىدۇ›› دېگەنىدى ۋە ئۆزى لابوراتورىيە قۇرۇپ شۇ ئورۇندا تەتقىقات ۋە ئەمەلىي تەجىرىبە بىلەن شۇغۇللانغان. دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان يەنە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ خىمىيە لابوراتورىيەسىنى قۇرغان ئالىم ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئۆزى قۇرغان ئاشۇ تەجىرىبەخانىدا تۇنجى بولۇپ سۇنئىي ھۈجەيرە ياسىغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ ئىككى ئەسىردىن  كېيىن كۇفەنىڭ شام دەرۋازىسىغا يېقىن يەردىكى بىر يول قايتا ياسالغان چاغدا ئۇ قۇرغان لوبوراتورىيەنىڭ خارابىسى بايقالغان. جابىر تەجىرىبە ئارقىلىق ئىرىشكەن بىلىم  ۋە پىرىنسىپلارنى  قەتئىي ۋە ئۆزگەرمەس دەپ قارىغان ئەمەس، ئەكسىچە ھازىرقى زاماندىكى پەن تەتقىقاتىدىكىگە ئوخشاش بۇنىڭ قىياسىي ۋە ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مېتودىنىڭ ئاساسىنى ‹‹مۇنتىزىم دەلىل ۋە ساغلام تەجىرىبە›› تەشكىل قىلغانىدى. ئۇ  خىيال ۋە قۇرۇق پەرەز بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزمەي، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقاتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەندە يېڭى بىر يول ئاچقانىدى.

جابىر خىمىيەلىك ماددىلارنى ئۇچۇچان (پارغا ياكى گازغا ئايلىنىدىغان) ماددىلار، ئۇچۇچان بولمىغان ماددىلار، كۆيمەيدىغان ماددىلار ۋە مەدەنلەردىن ئىبارەت تۆت تۈرگە ئايرىغان. بۇ  تۈرلەرگە مەنسۇپ بولغان ۋە شۇ دەۋرگە قەدەر  مەۋجۇتلىقى مەلۇم بولغان خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ خىمىيەۋى خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈرگەن. جابىر  بۇ نەتىجىسى ئارقىلىق خىمىيە پىنىدە تۇنجى قېتىم تۈرگە ئايرىش(تەسنىف) ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گۈڭگۈرت بىلەن سىمابنى ئارىلاشتۇرغاندا قىزىل رەڭلىق بىر تاشنىڭ (zencefre)نىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. جابىرنىڭ گۈڭگۈرت ۋە سىماپ پىرىنسىپى خىمىيە پىنىدە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت قوللىنىلغان. بۇ يەردە گۈڭگۈرت كۈيۈش پىرىنسىپى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. بۇ پىرىنسىپ 18- ئەسىردە فلوژىستون نەزەرىيىسى بارلىققا كەلگەن دەۋرگىچە داۋام قىلغان. فلوژىستون نەزەرىيىسىنىڭمۇ يەنە جابىرنىڭ ئاشۇ پىرىنسىپىگە تايىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.      

ئۇ خىمىيەدىكى ئىككى ئاساسىي پىرىنسىپ بولغان ئوكسىدالاش بىلەن ئوكسىدسىزلاش ئۇسۇلىنى دەلىللەپ، كرىستاللاشتۇرۇش، دىستىللەش، سۈزۈش، سۇبلىماتسىيەلەش، ئېرىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تېخنىكىلىق بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، بۇنى خىمىيە تەجىرىبىسىدە كەڭ تەدبىقلىغان.  بۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك خىمىيەۋىي ۋە سانائەت بوياقلىرى ھەققىدىمۇ ساۋات بىرىپ،  چاچ بوياش، رەخت بوياش ۋە ئەينەك سىرلاش ئۇسۇللىرىنى تۇنۇشتۇرغان. ئوتتا كۆيمەيدىغان قەغەز ئىجاد قىلغان. يەنە تۇنجى قېتىم تەجىرىبىدە قوللىنىلىدىغان تېمىتىش سايمىنىنى ياسىغان. مېتاللارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، پولات قۇيۇش تېخنىكىسى، سۇ سىڭمەس رەختلەرنى بوياش تېخنىكىسى، ئەينەك ئىشلەشتە مانگان تۆت ئوكسىتنىڭ قوللىنىلىشى، مىتال سايمانلارنىڭ داتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كرال سۈيى(تىللا سۈيى) ھاسىل قىلىش جەھەتتە بىرمۇنچە كەشپىياتلارنى ياراتقان. بۇنىڭدىن باشقا جابىر سۇلفات كېسلاتاسى ۋە ئازوت كېسلاتاسى قاتارلىق كېسلاتالىق بىرىكمىلەرنى، ناترىي كاربونات ۋە كالىينى، ئەڭ زەھەرلىك ماددا بولغان ئارسىن تۇزىنى بايقىغان. ئەسەرلىرىدە خىمىيەلىك بەلگىلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتىنى تۇنۇشتۇرغان. جابىر ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ تەھلىل ۋە تەجىرىبىلىرىنى ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە بايان قىلغان، ئىرىشكەن نەتىجىلىرىنىمۇ ناھايىتى سەگەكلىك ۋە ئەستائىدىللىق  بىلەن تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ  خىمىيە ئىلمىنىڭ بارلىققا كىلىشىدە ياراتقان ئاساسلىق تۆھپىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بىرىنجىسى، جابىر بەزى مۇھىم خىمىيەۋى ماددىلارنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلىغان. ئىككىنجىسى خىمىيەدە قوللىنىلىدىغان بەزى مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈچىجىسى، تەجىرىبىدە ئىشلىتىلىدىغان بەزى سايمانلارنى ياساپ، بۇلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسەتكەن. جابىرنىڭ خىمىيە تەتقىقاتىنى چۈشىنىشتە مۇراجىئەت قىلىدىغان ئەسەرلىرى <<كىتابۇل كىمىيا>>، <<كىتابۇسسۈمۇم>> قاتارلىق  كىتاپلىرىدۇر.

جابىر ئىبن ھەيياننىڭ خىمىيە ساھەسىدە ياراتقان ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ئۇنىڭ ئاتوم ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئاتوم بومبىسىدەك ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە  كۈچلۈك بىر قۇرالنى ياساش مۈمكىنچىلىكىدىن بىشارەت بەرگەنلىكىدۇر. جابىر ماددىلارنىڭ ئاتوم تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئورگىنال ئېنىقلىمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىمىيەلىك رېئاكسىيەدە بەلگىلىك بىر مىقدارنىڭ يەنە بىر بەلگىلىك مىقدار بىلەن رېئاكسىيەلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئارقىلىق مۇقىم نىسبەت قانۇنىيىتىىگە يول ئاچقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن بىلەن كۆمۈشنىڭ رەڭگى ۋە ئېغىرلىقىدىن باشقا پەرقى يوق بولۇپ، بۇ ئىككى ئالاھىدىلىكنى يوقىتىش مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭ ئۇسۇلى بولسا ھەر ئىككى ماددىنى تەشكىل قىلغان ئاتومنى پارچىلاپ ئۇنىڭ ۋالىنتىنى ئۆزگەرتىشتۇر. بۇ قاراش  ھازىرقى زامان  خىمىيە پىنى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان بىر ھەقىقەتتۇر.  جابىرنىڭ ئاتوم قارىشى قەدەمكى يۇنان(گرېك) ئالىملرىنىڭ قارىشىدىن پەرقلىنەتتى. يۇنان ئاتوم نەزەرىيەسىدە ‹‹ئالەم بوشلۇقتىن، سانسىزلىغان چوڭ-كىچىك زەررىچىلەردىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ زەررىچىلەر بۇزۇلمايدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ، بۆلۈنمەيدۇ. بۇ زەررىچىلەر ئاتوم دەپ ئاتىلىدۇ...ئاتوم ماددىنىڭ شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكىنى پەرقلىق قىلغان ئۇل تېشىدۇر... ئاتوم يوقتىن بار بولمايدۇ، بارلىرى يوقالمايدۇ...›› دەپ قارالغان. يۇنان ئالىملىرى زەررىچىلەرنى پارچىلانمايدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇنى ‹‹پارچىلانماس›› دېگەن مەنىدە ‹‹ئاتوما››(ئاتوم) دېگەن سۆز بىلەن ئاتىغان. ھازىرقى زامان خىمىيەسىدە بولسا ئاتومنىڭ  سانسىزلىغان  پارچىغا بۆلىنىدىغانلىقى، ئاتومنىڭ ئېلىكترون دەپ ئاتالغان كىچىك زەررىچىلەردىن مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ  زەررىچىلەرنىڭ زىچلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئاتوم يادروسىنى چۆرىدەپ تىز ئايلىنىدىغانلىقى ئالغا سۈرىلىدۇ. جابىرنىڭ ئاتوم  قارىشى يۇنان ئالىملىرىنىڭكىدىن پەرقلەنگەن ھەم ھازىرقى زامان خىمىيە پېنىدىكى ئاتوم چۈشەنچىسى بىلەن بىرخىل بولغان ئىدى . ئۇ ئاتوم ھەققىدە مۇنداق دېگەن: <<ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك پارچىسى بولغان ئاتومدا كۈچلۈك بىر ئېنىرگىيە بار. يۇنان ئالىملىرىنىڭ دېگىنىدەك بۇنى پارچىلانمايدۇ دېيىشكە بولمايدۇ. ئاتوممۇ پارچىلىنىدۇ. پارچىلانغاندا شۇنداق بىر كۈچ مەيدانغا كېلىدۇكى، بۇ كۈچ  باغداتنى بىردەمدە خارابىگە ئايلاندۇرىۋىتىدۇ>> دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان ئاتوم ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە جون دالتون (1766-1844)، ئوتتۇ ھان(1779-1868)، ئېرنىك فېرمى(1901-1954) ۋە ئالبېرت ئېينىشتېئىن(1879-1955) قاتارلىق مەشھۇر ئالىملاردىن مىڭ يىللار بۇرۇن ئاتومنىڭ پارچىلىشى ۋە ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى ھەققىدە توغرا  قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 20- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ قاراش ئەمەلگە ئېشىپ، ئاتوم بومبىسى بىرەر شەھەرنى بىردەمدىلا تۈزلىۋىتىدىغان كۈچلۈك بىر قۇرالغا ئايلاندى. شۇڭا، جابىرنىڭ ئاتوم ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى پەن تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن بىر تەۋرەنمەس بىر نەزەرىيە ۋە بۈيۈك بىر كەشپىيات دېيىشكە بولىدۇ. جابىر ئىبن ھەيياندىن كېيىن مۇتەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇپچى شائىر جالالىدىن رۇمى(1207-1273) بىلەن شائىر ۋە پەيلاسوپ ياھيا بىن پىر ئالى نەۋى(?-1598)مۇ   ئەسەرلىرىدە ئاتومنىڭ پارچىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئۆز پىكىرلىرىنى سىمۋوللۇق بىر سۆز بىلەن ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىگەن.  

  ئوپتىك قانۇنىيەتلىرىنىڭ بايقىلىشى ۋە مەرجەك نەزەرىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ  جابىر تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.   ئۇ  پېتىنقى ئەينەك ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى بىر يەرگە يىغىپ يىراقتىكى ياغاچقا ئوت تۇتاشتۇرغان، يەنە شۇ ئۇسۇل بىلەن  بىر قاچا سۇنى قايناتقانىدى. بۇنىڭدىن جابىرنىڭ يەنە پەن تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنىمۇ تەجرىبە قىلغان ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.  

مەشھۇر ئالىم جابىر ئىبن ھەيياننىڭ پەن تارىخىدا ياراتقان ئەڭ زور كەشپىياتلىرىدىن بىرى پروبېركىدا بوۋاق يىتۈشتۈرۈش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر. جابىر بەزى ئەسەرلىرىدە ئىنساننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلار تۈرىنى سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن يارىتىلىدىغان بۇ جانلىقنى ئۇ ‹‹تەكەئىن›› دەپ ئاتىغان. جابىر ئەسەرلىرىدە يەنە جانلىقلارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا قانداق يارىتىلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇسۇل ۋە تەجىرىبىلەرنى چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن، ئىنساننىڭ ئىسپىرمىسىنى باشقا بىر مۇنچە ماددىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ بىر ئەينەك پروبىركىغا قاچىلاپ، زۆرۈر ھەرىكەت ۋە شەرتلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن تىرىك بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ قارىشى بىزگە بۈگۈنكى كۈندىكى ‹‹تۈپ بۇۋاق››(پروبىركىدا ھامىلە يىتۈشتۈرۈش) تەجىرىبىسىنى ئەسلىتىدۇ. لېكىن، جابىرنىڭ مۇشۇنداق بىر تەجىرىبىنى ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەمما،  شۇ بىر نوقتىنى  قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، شۇ دەۋردە جابىر ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى، ئومۇمىي پىكىر سەۋىيەسى ۋە تېئوكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى  قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىق يارىتىش تەجرىبىسىگە يول قويۇشى ناتايىن ئىدى. پ. كرائۇس جابىرنىڭ  ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىقى خىمىيە، تېبابەت، ئاسترونومىيە، تېلېسمولوگىيە(سېھرىگەرلىك)، ماددىنىڭ خاس خۇسۇسىيەتلىرى نەزەرىيەسى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىقلارنى يارىتىش تەتقىقاتىغا بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن جابىرنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىقلارنى يارىتىش تەتقىقاتى بىلەن كۆپ مەشغۇل بولغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. لېكىن، جابىر ئىجتىمائىي مۇھىتتىن كېلىدىغان قارشىلىقنى نەزەرگە ئېلىپ بۇ تەتقىقاتىنى پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن داۋاملاشتۇرۇپ، تەجىرىبە قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنداق نەزەرىيە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىڭ يىل داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى ۋە تەجىرىبىمۇ قىلىنمىدى. پەقەت 20- ئەسىرنىڭ  60-يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ نەزەرىيە غەرپ مېدىتسىناسىدا تەجىرىبە قىلىنىشقا باشلىدى. 1973- يىلى بەدەن سىرتىدا ھامىلە يىتىلدۈرۈش ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بولسىمۇ، ھامىلەنى ئانىنىڭ بالاياتقۇسىغا كۆچۈرۈش تەجىرىبىسى مەغلۇپ بولغان. 1978- يىلى ئىيۇلدا ئەنگلىيەدە دوكتۇر ستېپتې بىلەن ئېدۋاردس تەرىپىدىن  پروبىركىدا يىتۈلدۈرۈلگەن تۇنجى بۇۋاق ‹‹لوئىس بروۋن›› دۇنياغا كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋە ھورمۇن ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۈچەيتىلدى. ‹‹تۈپ بۇۋاق›› يىتىلدۈرۈش ھەققىدىكى بىلىممۇ چوڭقۇرلىشىپ، تەدبىقلاش جەرىيانىمۇ كۆپ خىللاشتى. بولۇپمۇ پروبىركىدا يىتىشتۈرۈلگەن ھامىلىنى GIFT، ZIFT  ئۇسۇلى بىلەن ئانا تېنىگە كۆچۈرۈش تېخنىكىسى مۇھىم بىر باسقۇچقا كىردى. SUZI ۋە PZD تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇرۇق(سىپىرما) بىلەن تۇخۇمنى ئۇچراشتۇرۇش ئۇتۇقلۇق ئۇرۇندالماقتا. بولۇپمۇ 1996- يىلى مىكروئېنژىكسيون (İCSİ) ئوكۇلى ئۇرۇش ئارقىلىق ئانا تېنىگە ھامىلە كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ھەقىقىي بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ‹‹تۈپ بۇۋاق›› يىتۈشتۈرۈش نىسبىتى تېخىمۇ  ئاشتى. ھازىر دۇنيادا بۇ تېخنىكا بىلەن يىتۈلدۈرۈلگەن بوۋاقلار نەچچە مىڭغا يەتتى.

يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، جابىر ئىبن ھەييانغا بېغىشلانغان كىتاپلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆزى يازغان كىتاپلارنى تولۇق ئايرىپ چىقىش قىيىن. مەنبەلەردە جابىر ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېغىشلانغان ئەسەر سانىنىڭ 500 دىن كۆپرەك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. پ. كرائۇس جابىر ھەققىدە <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>گە يازغان ماقالىسىدا جابىرغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنىڭ سانى ۋە بۇ ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : <<112 كىتاپ  خىمىيەگە ئائىت كۆپلىگەن مەلۇماتلار بىلەن خىمىيەنىڭ تەدبىقلىنىشى ھەققىدە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رىسالىلاردۇر. 70 كىتاپ خىمىيە نەزەرىيەسىنىڭ سىستېمىلىق تەسنىفىدۇر. 114 كىتاپ خىمىيە بىلەن ئۇلۇمى- غايىبىيەت(غايىب ئىلىملەر)نىڭ نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ پەلسەپىۋىي ئاساسلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ سانغا خىمىيە ھەققىدە توختالغان باشقا كىچىك كۇللىياتلارنى، ئارىستوتېل ۋە ئەپلاتۇننىڭ ئەسەرلىرىگە يېزىلغان شەرھىيلەرنى، پەلسەپە، ئاسترونومىيە، ئاسترولوگىيە، ماتېماتىكا، مۇزىكا، تېبابەت ۋە سېھرىگەرلىك ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى، نىھايەت دىنىي ئەسەرلەرنىمۇ قوشۇشقا بولىدۇ.>> جابىرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەتقىق قىلغان فرانسۇز پەن تارىخچىسى، شەرقشۇناس م. بېرتېلېتمۇ بۇ تېمىدا مۇنداق بىر خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان : <<بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپى بىر ياكى بىر قانچە بۆلۈمدىن ئىبارەت بولغان قىسقا ماقالىلاردۇر. بۇ ئەسەرلەردە پەقەت خىمىيە تېمىلىرىلا  بولۇپ قالماي، يەنە ئارىستوتېل لوگىكىسىنىڭ خۇلاسىسى، خىمىيە ۋە فىزىكا تېمىلىرى ھەققىدە توختالغان ماقالىلار، تەن، روھ، ئۇزۇقلىنىش، ھەزىم قىلىش، بالاياتقۇ، مىڭە ھۈجەيرىسى، ئەستە ساقلاش، خىيال  ۋە تەپەككۇر مەركەزلىرىنىڭ مىڭىدىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر، تېبابەت ۋە فىزىئولوگىيە تېمىلىرىمۇ بايان قىلىنغان. يەنە ئاسترولوگىيەمۇ باردۇر... ئىسلام دۇنياسىدا يېزىلغان خىمىيە كىتاپلىرى جابىرنىڭكىدەك كەڭ ۋە تەپسىلى ئەمەس.>>  17- ئەسىردە ياشىغان تۈرك ئالىمى كاتىپ چەلەبىمۇ جابىرنىڭ يەتتە پارچە ئەسىرىنى تىلغا ئالغان. جابىرنىڭ كۇللىياتىغا ئائىت ئەسەرلەر ھازىر بېرلىن، پارىژ، لېيدېن ۋە قاھىرە كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.  جابىرغا ئائىت دەپ قارالغان كىتاپلارنىڭ تىزىملىكى ئالدۇ مىئېلىنىڭ ئەسىرىدە بىرىلگەن.

جابىر ئىبن ھەيياننىڭ نامى مىلادى 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلىم ساھەسىدە تىز يېيىلغان. ئەبۇ بەكىر ئەل – رازى(865-925) ۋە ئىبن سىنا(980-1037)  ئۇنى <<ئۇستادلارنىڭ ئۇستادى>> دەپ تەرىپلىگەنىدى. كېيىن ئەسەرلىرى لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن جابىر ئىبن ھەييان <<گەبىر>> دېگەن نام بىلەن غەرپتە تونۇلۇشقا باشلىغان. 13- ئەسىردىن كېيىن نامى چىقىشقا باشلىغان غەرپلىك نۇرغۇن خىمىيە ئالىملىرى ۋە فارماكولوگلار جابىرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئاساسىي خىمىيە ئىلىملىرىدىن پايدىلانغان. بۇ چاغدا جابىرنىڭ نامىمۇ ياۋروپادا كەڭ تارالغان. جابىر  ئۆزىنىڭ ھەم نەزەرىيەگە  ھەم تەجىرىبىگە تايانغان ئىلمىي نەىجىلىرى بىلەن زامانىۋىي مەنىدىكى خىمىيە ئىلمىنى ياراتقاچقا ھەمدە  ھازىرقى زامان خىمىيە پىنىمۇ ئۇنىڭ ئاچقان يولىنى بويلاپ ئىلگىرلىگەچكە،  پەن تارىخىنى تەتقىق قىلغانلار ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بىرىدۇ. 16- ئەسىردە ياشىغان ئىتالىيەلىك ئالىم كاردانو(1501-1576)  ئۇنى <<دۇنيادىكى مەۋجۇت 12 داھىنىڭ بىرى>> دەپ كۆرسەتكەن. باشقا بەزى مەنبەلەردە جابىر <<خىمىيەنىڭ ھىپۇگراتى>>، <<بۈيۈك خىمىك>>، <<ئىسلام خىمىيەسىنىڭ ئاتىسى>>،  <<ئىسلام  دۇنياسىدىكى زامانىۋىي خىمىيەنىڭ تۇنجى يىتەكچىسى>>،  <<ئوتتۇرا ئەسىر خىمىيەسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئادىمى>>، <<ئىسلام خىمىيەسى بىلەن زامانىۋىي خىمىيەنىڭ قۇرغۇچىسى>>، <<ئەسەرلىرى ئاۋۋال ئىسلام خىمىيەسىگە، كېيىن غەرپ خىمىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تىز تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم>> دېگەن ناملاردا تەرىپلىنىدۇ. سارتون(1884-1956) ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ‹‹ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ پەنلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى›› دەپ تەرىپلىگىنىدەك، ئۇنىڭ شۆھرىتى ۋە تەسىرى 17- ئەسىرگە قەدەر داۋام قىلغان. ھەقىقەتەن، 17- ئەسىرگە قەدەر خىمىيە پىنى ساھەسىدە ئۇنىڭ سەۋىيەسىگە يىتەلىگەن ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتكەن بىرەر خىمىك ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس. خىمىيە تارىخچىسى لېكرېس ‹‹ئەرەب مىدىتسىنا تارىخى›› دېگەن كىتابىدا جابىر ئىبن ھەيياننى ‹‹ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەڭ بۈيۈك ئالىمى، ئىلمىي نوپۇزى ۋە تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن تەڭدىشى يوق بىر ئۇستاد، مېتود ئارقىلىق يول كۆرسىتىش جەھەتتە بۈيۈك بىر ئىلىم تەرغىباتچىسى، نىھايەت ئۇ زامانىۋىي خىمىيەنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر›› دەپ تەرىپلىگىنىدەك، ئەبۇ بەكىر ئەل -رازى، ئىبن سىنا، ئەل-مەجرىتى(950-1007)، فارابى(870-950) ۋە باشقا بىر مۇنچە شەرق ئالىملىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. غەرپ ئالىملرىدىن گالىلې(1564-1642)، فرانكىس باكون(1561-1626) نيۇتون(1643-1727) قاتارلىق كۆپ ئالىملارمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈگەنگەن. بولۇپمۇ بۇلاردىن بۇرۇن ياشىغان پەيلاسوف ۋە تەجىرىبىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئالىم روگېن باكون(1214-1291) ئۇنىڭغا تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 17-، 18- ئەسىرلەردە غەرپ ئىلىم مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن بىرمۇنچە كەشپىياتلاردا جابىر ئەسەرلىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. م. بېرتېلېت ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر خىمىيە تارىخى›› دېگەن كىتابىدا جابىرنىڭ خىمىيە تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا مۇنداق باھا بەرگەن : ‹‹ئارىستوتېلنىڭ لوگىكا ئىلمىدىكى ئورنى قانداق بولسا جابىر ئىبن ھەيياننىڭ خىمىيە ئىلمىدىكى ئورنىمۇ شۇنداقتۇر. ئارىستوتېل لوگىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئۇستادى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغىنىدەك، جابىر ئىبن ھەييانمۇ خىمىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئۇستادىدۇر.››

جابىرغا ئائىت ئەسەرلەرنى كەڭ دائىرىلىك تەتقىق قىلغان شەرقشۇناس پ . كرائۇس ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغاندا: ‹‹ جابىرنىڭ خىمىيەسى قەدىمكى خىمىيە(سىمىيا)دىن بىزگە قالغان ھەر نەرسىدىن ناھايىتى رۇشەن پەرقلىنىدۇ. جابىرنىڭ خىمىيەسى پەلسەپىۋىي بىر نەزەرىيەنى ئاساس قىلغان بىر ئىلىمدۇر. ئىسلام دۇنياسىغا ئائىت ھىچقانداق بىر خىمىيە كىتابى دەستلەپكى دەۋر ئەسەرلىرى ھەققىدە جابىرنىڭ يازغانلىرىدەك كەڭ دائىرىلىك بىر بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس ۋە ئۇنىڭدەك ئېنسىكلوپېدىك ئەمەس›› دەپ كۆرسىتىدۇ. جابىرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەلۇماتلار ئاۋۋال ئىسلام خىمىيەسىگە، كېيىن غەرپ خىمىيەسىنىڭ  تەرەققىياتىغا تىز تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان  ئىسلام خىمىيەچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ نامىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، بىر مۇنچىسى جابىرنىڭ ئەسەرلىرىگە شەرھىي يازغان. لېكىن، غەرپتە جابىرنىڭ ئىلمىي ئوبرازىغا ھەسەت قىلغان ئالىملارمۇ بولغان. ئۇلار ئەسەرلىرىدە جابىر ھەققىدە ‹‹ھىيلىگەر...››، ‹‹گرېك نەسىللىكتۇر...››، ‹‹ئەسەرلىرى يۇنان مەنبەلىرىگە تايانغان...›› دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىلمىي ئوبرازىنى چۈشۈرۈشكە ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمۇشقا ئۇرۇنغان. لېكىن، ئوبيېكتىپ قاراشقا ئىگە بەزى غەرپلىك شەرقشۇناسلار بۇ خىل خائىشقا قارشى تۇرۇپ : ‹‹جابىر ھەقىقىي مۇسۇلماندۇر. ئىسلامىي ئاساسلار دائىرىسىدە ياشىغان. ئەسەرلىرىدە ئىلگىرىكىلەرگە ئائىت ئىزلارنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس›› دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يۇنان تەسىرىدىن خالى ھالدا مۇستەقىل تەتقىقات ۋە تەجىرىبىگە تايىنىپ خىمىيە ئىلمىنى ياراتقان ئالىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئاخىرىدا جابىرنىڭ  ھازىرقى زامان خىمىيە ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان فرانسىيەلىك فىزىك ۋە خىمىك  لاۋوزىئېر(1743-1794) بىلەن بولغان باغلىنىشىمۇ ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بىر مەسىلىدۇر. بۇ مەسىلىدە ئەلبەتتە جابىرنى يول ئاچقۇچى، لاۋوزىئېرنى ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچى دەپ قاراشقا بولىدۇ. لاۋوزىئېر 1789- يىلى <<خىمىيە ئىلمىگە كىرىش>> دېگەن بىر ئەسەر يازغان. بۇ ئەسەردە يېڭىدىن بايقالغان بىرەر خىمىيەلىك ماددا ياكى خىمىيەگە ئائىت تېخى مەلۇم بولمىغان بىرەر يېڭى مەلۇمات يوق ئىدى. لاۋوزىئېرنىڭ بۇ ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويغىنى پەقەت ئۆزىدىن بۇرۇن ياشىغان خىمىيە ئالىملىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى سىستېمىلىق بىر شەكىلدە كۆرسەتكەنلىكى ۋە شۇ ۋاقىتقا قەدەر مەلۇم بولغان خىمىيەلىك ماددىلارنى ئاتاش ئۈچۈن يېڭى بىر سىستېمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر. دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان لاۋوزىئېر ۋە ئۇنىڭ دەۋرداشلىرى ئۈچۈن بىر بىلىم غەزىنىسىنى مىراس قالدۇرغان. شۇ ۋەجىدىن، ئىلىم ساھەسىدىمۇ جابىرنىڭ ئاچقان يولىنىڭ لاۋوزىئېر ۋە پرىئېستلىي(1733-1804)نىڭ ئاچقان يولىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق ئىختىلاپ يوق. فرانسىيەلىك ئالىم ماكس مايېرخافنىڭ ‹‹ياۋروپادا خىمىيەنىڭ تەرەقىياتى بىۋاسىتە جابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈگىنىشتىن باشلانغان›› دېگەن سۆزىمۇ بۇ نوقتىنى دەلىللەيدۇ.

   

                              




              

جابىر ئىبن ھەيياننىڭ 15- ئەسىردە                                 جابىر ئىبن ھەيياننىڭ تۈركىيىدە ئىلان

ياۋروپادا سىزىلغان رەسىمى                                                قىلىنغان بىر سۈرىتى

      



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 11:27 PM  


♥دىلىم سەۋىر قىل♥

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92800
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 11:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بىرئادەم يەنە بىرئادەمنى قانچىلىك ۋاقىتتا چۇشۇنەلەيدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6894
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 11:21:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئاتوم بومبىسى چۈشكەن يەردە 40 نەچچە يىلغىچە گىياھ ئۆسمەيدىكەن . شۇ يەردە ياشاۋاتقان نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگىچە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھەقىقەتەن خەتەرلىك قورلكەن بۇ.




زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1082
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 12:50:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا  مۇنداق  گەپمۇ  بار  كىچىكىمىزدە  مەكتەپلەردە  ئۆگەنگىنىمىزنىڭ  ھەممىسى  ساختا  ئالىملاركەنغۇ  ،،بۇرۇن  ئىسپاتلىنىپ   بولغان  نەرسىلەركەن  ،جاھاننىڭ  ئىشلىرىدە  .توۋا  دىسەم  توۋا دەپ   ،،ھەقىقەتەن  قايىل  بولدۇم  ،،بولۇپمۇ  ئىسلام  ئالىملىرى  بايقىغان  ئىلمىي  مۆجىزىلەرنىڭ  نۇرغۇنلىرى  تاشلىنىپ  قالغان

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 01:21:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاتتا تېما يوللاپسىز ،تەشەككۆر!.ئالىمنىڭ سۆرىتى چىقماي قاپتۇغۇ؟.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9561
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 552 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 08:01:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىلگرى ئاڭلاپ باقىمغان خەۋەر ئىكەن. ئوقوۋالدوق. تىما يوللىغىچىنىڭ ئەجىرىگە رەخىمەت.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 503
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 09:05:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmat kieindixim islambuyuktur

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3941
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:28:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دىگەنلىرىڭىز ھەقىقەت بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى زامانىۋى پەنلەرنىڭ بارلىقا كىلشىدە غەربلكلەرنىڭ تۆھپىسى چوڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10378
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2531 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 11:52:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىم،سۈنئىي ھۈجەيرە ياسىغان،تەدرىجى تەرەقىيات ئىلمىنى تەتقىق قىلغان ،ما ۋۇ مەزمونلارنى كۆرۈپ تىنىم شۈركەندى.بۇ مەزمونلار بوھتان بولۇپ قالمىغاي .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش