مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13825|ئىنكاس: 84

ئــۇيــغۇر بېكەت باشلىقلىرى بېيجىڭدا...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 29
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6971 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 01:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس بەتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

http://www.misranim.com/beijing/


aaaaa.jpg

2013 - يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ۋە نۇقتىلىق تور بېكەتلىرىنىڭ مۇۋاپىققىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ياخشى بولغان ئىجىتمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق يېزىقىدىكى سەركەردە توربېكەتلەردىن كارۋان تورى ، مىسرانىم تورى، چىمبۇلاق تورى ،باغداش تورى ،باس - باس تورى، كارۋان(قازاق تىلدىكى)تورى ،بايلىق تورى ،ئانا تۇپراق تورى ،يېزا - مەكتەپ پىدائىيلار تورى مەسئۇللىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى تور باشقۇرۇش خادىمى بولۇپ 14 كىشى بۇ قېتىملىق ئەھمىيەتلىك سەپەر ئۈچۈن بېيجىڭغا يول ئالدى.

    بۇ قېتىمقى پائالىيەت شىنجاڭ ئىچىدىكى سەركەردە توربېكەتلەر ،مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق توربېكەتلەردىن ۋەكىل خارەكتىرلىق خەلق تورى، تېڭشۈن تورى،سىنا تورى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش شۇنداقلا شىنجاڭ تورچىلىقىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇل سېلىشنى ئاساس قىلغان، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ دوستلۇق ئالغا سۈرۈلگەن تۇنجى سائەتلىك ئۇنتۇلغۇسىز قىممەتلىك دەرس بولدى.بېيجىڭ ئايرىپورتى بۇ كۈنى ئادەملەر توپى بىلەن تولغان ئىدى.ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بېيجىڭ ئايرىدىرومىدا مەخسۇس خادىم ماشىنا بىلەن بېكەت قۇرغۇچىلىرىنى قىزغىن كۈتىۋالدى، ۋە ئۈچ يۇلتۇزلۇق ئالىي مېھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇردى.
    توربەت قۇرغۇچىلىرى شۇ كۈنى يىغىلىپ تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇلدى،شۇنداقلا بۇرۇندىن تور بەتلەردە رەسىملىرىنى كۆرگەن ،بۇنچە يېقىن ئولتۇرۇپ بىرگە غىزالىنىپ باقمىغان بېكەت مەسئۇللىرىنىڭ تۇنجى كۈنلۈك دوستلۇق رىشتى تېخىمۇ كۈچەيدى .

03.jpg


    3- ئاينىڭ 3 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 دا مەركىزى ئىتتىپاق مەكتىپى سىنىپىدا ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تونۇشتۇرۇش پائاالىيتى بولدى، ھەرقايسى بېكەت مەسئۇللىرى بېكەت تارىخى ۋەبېكەت باشقۇرۇش ئەندىزلىرىنى ،دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىللەرنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

15.jpg


    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ قېتىمقى سەبداشلار سىنا تورىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئىش ئورنىغا كەلدى ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى بىلەن ئاساسلىق ئىش ئورۇنلىرى ،سۈرەتكە ئېلىش ئۆيى ،ئارام ئۆيلىرى ،ھەرقايسى تۈر باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى تەپسىلىي زىيارەت قىلدى ،زىيارەتتىن كېيىن سىنا تورىنىڭ مەلۇم تۈر دېرىكتورى سىنا تورىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ،مىكرو بىلوگنىڭ تەرەققىياتى، ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتى،بېكەت مەسئۇللىرىمۇ ئۆزىگە قاراڭغۇ بولغان بىر قانچە مەزمۇن ئۈستىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

34.jpg


3- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بويىچە خەلق تورى سەبداشلارنى قىزغىن قارشى ئالدى،ئۇلاردىكى ئۆلچەم ،شۇنداقلا خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىق شىنجاڭ تورچىلىرىدا يەنىمۇ يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشنى ئىختىيارسىز ئىپادىلەپ تۇراتتى.خەلق تورىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە رەقەملىك ئېكران ئۇچۇرلىرى بىلەن توربەتنىڭ كىيىنكى يۈكسەك تەرەققىياتى ،شۇنداقلا ئەينى چاغلاردىكى ھالەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ قىممەتلىك بىر سائەتلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.

42.jpg


    خەيرىلىك پائالىيەتلەر بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى ئەلۋەتتە،شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئالاقە تورى بولغان تېڭشۈن تورىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا سەبداشلارنى كۈتىۋالدى.ئۇلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىپ يول باشلىشى بىلەن ،تېڭشۈن تورىنىڭ ئىككى بىناسى ئايرىم – ئايرىم زىيارەت قىلىندى،نۆۋەتتىكى تېڭشۈن تورى بولسا ئاساسەن ياشلارنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان، چەتئەل كارخانىلىرىدىكى خىزمەت ئەركىنلىكىنى ئۆزىگە يۇقىرى مۇجەسسەملىگەن ،توختىماستىن ياشلار قوشۇنى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان پۇقراۋىي كارخانا ئىكەنلىكىنى بېكەت ئىگىلىرى زىيارەت جەريانىدا تولۇق ھېس قىلىشتى ،شۇناقلا 2 نۇمۇرلۇق يىغىن زالىدا ئىككى نەپەر تېڭشۈن تۈر مەسئۇللىرى تېڭشۈننىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ،كەلگۈسى پىلانلىرى، شۇنىڭدەك ئوخشاش ساھەلەردىكى يۇقىرى بولغان سانلىق قىممەت پەرىقلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەردى.


    3- ئاينىڭ 5- كۈنى بۇ قېتىمقى سەپەرداشلارغا بىر كۈنلۈك ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ۋاڭ فۇجىڭ ،مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى ،قاتارلىق ئورۇنلار ساياھەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى،6- چىسلا ئەتىگەندە شىنجاڭ سەركەردە توربەت مەسئۇللىرى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە يول ئالدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت نوقۇل ھالدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشلا بولماستىن ،توربېكەتچىلىرىمىزدىكى ئىناقلىق ،ئىتتىپاقلىق ئۇرۇقلىرىنى رەسمىي بىخلاندۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراقلىق رولىنى ئوينىدى،ئۇيغۇر ،قازاق تورچىلىقىدا تۇنجى قېتىملىق دەۋىر بۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. 14 كەسىپداشلار خۇددى ئاكا - ئۇكا ،ئاچا –سىڭىللاردەك ،خۇددى بىرلا مەقسەت، بىرلا توربەت باشلىقلىرىدەك ئىناق بولۇپ كەتتى،ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىمقى ساياھەت بېكەت باشلىقلىرىمىزنىڭ كونا باشقۇرۇش ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزگەرتىپ ،يېڭىچە ئۇيغۇر ،قازاق تور مەدەنىيتى ،يەنە شۇنداقلا بىرلەشكەن، ھەمكارلاشقان ،ئۆز – ئارا قوللايدىغان تور مەدەنىيتىنى بەرپا قىلىدۇ.
    بىزمۇ جۈملىدىن شىنجاڭ تورچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ياشلار بىرلەشمىسىگە ، ھەرقايسى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورۇنلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىپ شىنجاڭ تورچىلىقىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇل سېلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 100 ئەھمىيەتلىك ئۈگۈنۈش!
Aytugh + 416 يارايسىلەر
قەدىر + 39 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 555   باھا خاتىرىسى

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4462
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6305 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 01:45:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى پائالىىيەت بوپتۇ،شىنجاڭ تورچىلىقى تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانسۇن.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1490
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 02:08:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2013- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى گۇما ناھىيسىدىن موكويلا يىزىسى تەرەپكە ماڭغان كوچا ئاپتۇۋۇزى بىلەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان (جاڭساجى ) سوقىشىپ كىتىپتۇ. كوچا ئاپتۇۋۇزىدا گۇما ناھىيلىك تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بار بولۇپ، نەچچە نەپەر ئوقوغۇچى ئىغىر يارىلانغان ئىكەن. ھازىر ۋەقەگە ئۇچرىغۇچىلار جىددى قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5166
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 02:12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پائالىيەت بولۇپتۇ. مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق ھەرقايسى بىكەت باشلىقلىرى ئۆز-ئارا تونۇشۇپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ ئۇيغۇر تورچىلىقىنى تىخىمۇ تەرەققى قىلدۇرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2693
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5110
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1744 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 02:15:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇش خەۋەركەن ، ئۇيغۇر تورچىلىقى گۈللەپ ياشنىسۇن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10534
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2310 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 02:18:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى ئارقىلىق قازاق قېرىنداشلار بىلەن بولغان مىھىر-مۇھەببەت دوسلۇق تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1505
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 02:21:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى خەۋەر ئىكەن ..ئرشۇ سىنا پىنا لارغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار قىرىنداشلار !

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11066
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1177 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 02:30:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى، ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.
ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشايلى!

مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86925
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 02:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پائاليەت بوپتۇ.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54509
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1621
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1188 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 02:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاشكار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش