جۇڭگۇ دېڭىز چارلىغۇچى قىسمى مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگۇ دىياۋيۇ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ باردى
(تەرجىمە قىلغۇچى:تىلماچ13)
مۇخپىېر 18-چىسلا جۇڭگۇ دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئېدارىسىدىن ئېگىلىشىچە،2013-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگۇ دېڭىز چارلىغۇچى 137-،15-،8002-نومۇرلۇق پاراخۇت قىسمى جۇڭگۇنىڭ دىياۋيۇ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ باردى.بۇ مەزگىلدە جۇڭگۇ دېڭىز چارلاش قىسمى ياپونىيە تەرەپكە دىياۋيۇ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگۇنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكىنى كۇچلۇك مۇراجەت قىلىپ،ياپونىيە پاراخۇتلىرىنىڭ جۇڭگۇ دېڭىز تەۋەلىكىدىن دەرھال ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا،شۇ كۈنى چارلاشقا قاتناشقان جۇڭگۇ دېڭىز چارلىغۇچى 8002-نومۇرلۇق پاراخۇت ئالدىنقى ئايدىلا يېڭدىن قۇرۇلغان مىڭ توننىلىقلار دەرىجىسىدىكى دېڭىز چارلاش پاراخۇتىغا قوشۇلغان بولۇپ، ئوق مۇساپىسى 100 مېتىردىن ئۇزۇن بولغان ئىككى يۇرۈش يۇقۇرى بېسىملىق سۇ توپى سەپلەنگەن.كۈزەتكۇچىلەرنىڭ كۆرسىتىشچە،نۆۋەتتە جۇڭگۇ دېڭىز چارلىغۇچى پاراخۇتلىرى پەقەت قۇرال سەپلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا،يۇقۇرى بېسىملىق سۇ توپى بىلەن دېڭىز چارلاشتا قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئەڭ پايدىلىق قۇرال بولۇپ،قانۇنسىز پاراخۇتلارنى ئەڭ ئۇنۇملۇك تىترىتەلەيدۇ.
دېڭىز چارلاش كۇچىنىڭ كېڭىيىش دەرىجىسىنى ئاشۇرغاندىن باشقا،نۆۋەتتە تارقالغان جۇڭگۇنىڭ دېڭىز ئۈستى قانۇن ئىجرا قىلىش كۇچى ئەمدىلا يېپىلغان 12-نۆۋەتلىك پۇتۇن مەمىلكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماس دەستىلىنىش ئىمكانىيتىگە ئېگە بولدى.قۇرۇلتاي ماقۇللىغان «گوۋۇيۇئەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىش لاھىيەسى»گە ئاساسلانغادا،جۇڭگۇ دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنى قايتىدىن ئۆزگەتىپ تەشكىللەپ،جۇڭگۇ دېڭىز ساقچى ئىدارسىنىڭ دېڭىز ئۇستى ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە جۇڭگۇنىڭ دېڭىز ئۇستى قانۇننى ئېجرا قىلىش كۈچىنى«توققۇز ئەجدەرھانىڭ دېڭىزنى ئىدارە قىلىش»دىيىشكە بولىدۇ.جۇڭگۇ دېڭىز ئوكيان ئىدارىسى جۇڭگۇ دېڭىز چارلاش،جامائەت خەۋىپسىزلىك مېنىستىرلىقى چىگرا مۇداپىئە دېڭىز ساقچىسى،يېزا ئېگىلىك مېنىستىرلىقى جۇڭگۇ بېلىقچىلىقى،تامۇژنا باش مەھكىمىسى ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ساقچىسى قاتارلىق «كۆپ تەرەپ باشقۇرۇش»ىغا تەۋە بولۇپ،بىر تۇتاش پېلانلاش كەمچىل،مەسئۇلىيەت قاتلاملىغى كۆپ بولۇپ،ۋاگۇم بەلۋاغ ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە جۇڭگۇ دېڭىز ئۈستى قانۇننى ئىجرا قىلىش كۇچىنى ماس ھالەتتە بىرلىككە كەلتۇرۇشكە قارىتا،جۇڭگۇ مەرگىزىي ئورگان شىتات كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى ۋاڭفېڭ: جۇڭگۇ دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنى قايتا تەشكىللەش-نۆۋەتتە قانۇننى ئىجرا قىلىش كۈچىنىڭ چېچىلاڭغۇ بۇلۇش،تەكرار تەكشۇرۈش ۋە ئۈنۇم تۆۋەن بولۇشتەك ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى.
شۇنداقلا جۇڭگۇ دېڭىز-ئوكيان ئىدارسى دېڭىز-ئوكيان ئىككىنچى پونكىتىنىڭ مۇئاۋېن پونكىت باشلىقى لىجىيابىياۋنىڭ قارىشچە،ئۇزاقتىن بۇيانقى خىزمەت مەسئۇلىيتى ئارلىشىپ كېتىش،ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت ئايرىلىپ كېتىش،ھوقۇق-مەنپەت تالىشىپ،مەسئۇلىيەتتىن قېچىش قاتارلىق قالايمىقان ھادسلەرنى ئۆزگەرتىپ،ھەقىقى مەنىگە ئېگە بولغان دېڭىز-ئوكيان باشقۇرۇشىنى يولغا قويۇپ،دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى ھەقىقى باشلىنىشقا ئېگە قىلىشتىن ئېبارەت.
جۇڭگۇ دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ18-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋېىرىگە ئاساسلانغاندا،مەركەز لىيۇۋسىگۇينى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارسى پارتىيە گۇرۇپسىنىڭ شۇجىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى.
مەنبە:جۇڭگۇ خەۋەر تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-19 01:27 PM