ھەقىقى ئايال قانداق بولىدۇ؟
مۇھاببەتلىشىپ تۇي قىلغان ، ھەتتا نەچچە توي قىلغان ئەرلەرنىڭمۇ ئاغزىدىن دائىم ھەقىقى ئايالنى ئۇچراتتىم ۋە ياكى ئۇچرتمىدىم دىگەن سۆزنى ئاڭلايمىز، ئۇنداقتا ھەقىقى ئايال قانداق بۇلىدۇ؟
ھەقىقى ئايال ، سۆيۇنۇشنى سۆيۇندۇرۇشنىمۇ، قەدىرلەشنىمۇ قەدىرلىنىشنىمۇ، كۈلۈشنىمۇ، كۈلدۈرۈشنىمۇ، ئەركىلەشنىمۇ ، ئەركىلتىشنىمۇ، سۆيۈشنىمۇ سۆيدۇرۇشنىمۇ بىلىدۇ. ھەقىقى ئايالنىڭ تۇرمۇشىدا ئىگىز پەسلىك بولمايدۇ، ھەقىقى ئايال بىر يۇتۇم سۇغا ئوخشايدۇ، ئازاپتىن ھىرىپ چارچاپ ئۇسسىغىنىڭىزدا قەلب بىغىڭىزنى ئەقىل دۇردانىلىرى بىلەن سۇغرالايدۇ، تۇرمۇش بىسىملىرىڭىزنى كاللىڭىزدىن لىرىك مۇزىكىدەك كۆتىرۋىتەلەيدۇ، مۇزلىغان جىسمىڭىزنى مىھرى بىلەن ئىللىتالايدۇ. ئەركىلەشنىمۇ بەزلەشنىمۇ بىلىدۇ. سىزگە بەخت ئاتا قىلالايدۇ، قولىدىكى بەختنى قەدىرلىيەلەيدۇ، سۆيگىنىنى تەنھالىق ۋە تەشۋىش بىسىملىرىدا تەمتىرەتمەيدۇ، كۆڭۈل بىرىشنىمۇ كۆڭۈل ئىلىشنىمۇ بىلىدۇ. ھالۋىنى كۆپ يىگۈزۇپ زاڭ تىتىتقۇزۇپمۇ قۇيمايدۇ، قەھرىنى شىرىن ھىس قىلدۇرالايدۇ،كۆڭۈلنى مىھرى مۇھاببىتى بىلەن سۇغۇرۇپ، كۆڭۈلنى قاغجىراتمايدۇ. سۆيگەن يارىنىڭ يەلكسگە يۆلنىشنىمۇ يېقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنىمۇ بىلدۇ.
ھەقىقى ئايال، ئۆز سەمىمى- ساداقىتى، شۈكرى قانائىتى، ھايا -ئىپپىتى بىلەن بىشىنى تىك تۇتۇپ،كۆڭلى بولمسا ، پادشاھنىمۇ رەت قىلىپ ، ئىشقى باغلانسا ، كۆك نامراتنىڭ ئايىغىغا بىشىنى قويالايدۇ. سۆيگەن يارىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلالايدۇ.
ھەقىقى ئايال، مۇۋەپپەقيەت قازىنىش يولىدىكى قابىل ياردەمچى ، ئۇتۇق قازنىشىنىڭ تۇپ مەنبەسى بولۇپ، سۆيگەن يارىنىڭ كۆڭلىنى رام قىلىپ ئۆزىگە باغلىيالايدىكى بىراق بىزار قىلىپ چاندۇرمايدۇ. سۆيگەن يارىنى مەغرۇرلۇق بىلەن ئەركىن قويىۋىتىدىكى ئائىلىگە ئەسىر قىلىپ باغلىۋالمايدۇ.
ھەقىقى ئايال ، سۆيگەن يارىنىڭ ئىززەت بابرويى ۋە ھۆرمىتىنى قىلىپ، تەڭ مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىدۇكى ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن ئىقتىساتنى بۇزۇپ چىچىپ بەدخەجلىك قىلمايدۇ. سۆيگەن يارىنىڭ جەمىيەتتىكى ئىززەت ئابرويىنى قوغدايدۇكى ئۇنىڭ مەخپىيەتلىگىنى ئاجىزلىغىنى ئاشكارىلاپ، جىدەل قىلىپ يۈزىنى تۆكمەيدۇ.
ھەقىقى ئايال ، كەڭ قوساق ئەپۇچانلىق بىلەن سۆيگەن يارىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ، ئۇ قىلغان خاتا ئىشىنى بىرىنجى بولۇپ قۇرقماي تۇرۇپ دىيىشكە جۈرئەت قىلغۇدەڭ ئىشەچ ۋە كەڭچىلىك ئاتا قىلالايدۇكى كۈنلەمچىلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ئورۇنسىز گۇمان بىلەن يۈرىگىنى سىقمايدۇ.
ھەقىقى ئايال ، سۆيگەن يارىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر باسقۇچلىرىدا ئۇنى ئاسرىغۇچى پەرشتە، پىداكار دوستى، بەختسىز ھەمدە غەم-ئەلەملىك كۈنلەرنىڭ تەسەللىيچىسى بولالايدۇكى بىشەملىك، ھازازۇللۇق ۋە قانائەتسىزلىك قىلىپ ئۇنى چارچىتىپ قويمايدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ }0 i2 F ?$ N$ A% l
ھەقىقى ئايال ،ئەقىل ۋە ۋىجداننى قۇرال قىلىپ، سۆيگەن يارىگە بەخـت ئىلىپ كىلەلەيدۇكى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن قولىدىكى بەختىنى سورىۋەتمەيدۇ.
ھەقىقى ئايالنىڭ بەختى: ئايالدەك ياشاپ ئۆتىشىدە ! تەن -جىنى ساق بولسا ، ئوت ياقىدىغان ئۆز ئوچىقى ، بېشىدىن يىراق كەتمەيدىغان ئۆز باشپاناھى ، ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ ئىشىكتىن ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كىردىغان ئەركىكى ، قىزدۇر ، ئوغۇلدۇر ، ياقىسىغا چىرمىشىپ ئەركىلەپ تۇردىغان بالىسى. ھەقىقى ئايالنىڭ ۋۇجۇدىنى تولدۇرۇپ ، تىندۇرۇپ تۇردىغان بەخت مانا شۇ !
ھەقىقى ئايالنىڭ ئاغزىدىن ھەرگىز " كېرەك ئەمەسسەن " ، "كىم ئىدىڭ سەن ؟ "،"مەن سەندىن بىزار"، "سەن ئۇنىڭغا يەتمەيسەن"دىگەن ئىنساننى سوۋۇتىدىغان سەت سۆزلەر چىقماستىن يۈرەكنى تىتىرىتىدىغان شىرىن شەربەت دۇردانىلەر تۆكىلىدۇ،
ھەقىقى ئايال، سۆيگەن يارىنىڭ ئۇۋىغىنى يەرگە چۈشۈرمەي بىشىدا كۆتۇرىدىكى مەنسىتمەسلىك بىلەن ئۇنىڭ ھۇجۇدىنى مۇزلاتمايدۇ.
ھەقىقى ئايال، سۆيگەن يارى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلالايدۇكى يوق ئىشلارغا چىچىلىپ، ئاچچىقلاپ يارى قەلبىدىكى ئوبرازىنى تۆكىۋالمايدۇ.
ھەقىقى ئايال، ھاياتنىڭ ئۇلۇغ تىرىكى،ھاياتنى روھلاندۇرغۇچى دورا، ئەمىلىيەتنىڭ كۈزەتكۈچىسى،ئەرلەرنىڭ ئۇلۇغ تەربىيەچىسىدۇر. ئۇ ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىغۇچى شىپائى زەم-زەم، بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق- پەزىلىتى دۇنيانى دېزىنفىكسىيە قىلىدۇ. ھەقىقى ئايال- پۈتكۈل دۇنيانى «ئوزۇق» قا ئىگە قىلىدىغان كىتاب، سەنئەت ۋە بىلىم بۇلىقىدۇر. ئۇنىڭدىكى ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت- مۇلايىملىقتۇر.ئۇنىڭ مېھرى- تەپتى ھېچقاچان سوۋۇماستۇر. گۈزەللگى ئۇنىڭ پەخرى، ئار- نومۇسى ئۇنىڭ پاكلىقى، گۈزەل- ئەخلاقى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئىززەت- ئىكرامىدۇر. ھەقىقى ئايال قانغا قان، قاناتقا قانات، جانغا جان قوشقۇچى خاسىيەتتۇر.كۇنىلارنىڭ" بىر قوتان مېلىڭ بولغىچە، كۆيۈمچان، پەزىلەتلىك ئايالىڭ بولمىسا بىكار" دىگىنى ھەقىقى ئايالغا قارىتىلمىغانمىدۇ؟
ھەقىقى ئايال، سۆيگەن يارىنى ھايات چۆلدىكىنىڭ بوران چاپقۇنلۇق دالاسىدا تەنھا يولوچى قىلىپ قويماستىن غەمخورلۇق ۋە ۋاپادارلىق بىلەن قوينىغا ئالالايدۇ، يوقسۇللۇق ۋە مۇھتاجلىقتىمۇ قانائەتچانلىق ۋە سەۋرە ئىچىدە بىرگە ياشايدۇ. ياكلىقنى پاكىزلىقنى قانات قىلىپ ناز قىلىشنى ۋە ئەركىلەشنى بىلىپ،دىللارنى يايرىتىپ ھوزۇرلاندۇرۇپ،سۆيگەن ئادىمىنى ھەرگىزمۇ روھسىز جەسەتكە ئوخشىتىپ قويماستىن، سۆھبەتداش، پىكىرداش دىلكىشى بولۇپ، سۆيگەن يارىنىڭ غېمىنى ۋەيۈكىنى ئىغىرلىتىۋەتمەيدۇ. سۆيگەن يارىنىڭ چىھرىدە بەخت جىلۋىسى پەيدا قىلالايدىكى دەرت ئازاپ غەمدە تۇنجۇقتۇرمايدۇ. ھەقىقى ئايال، ئەرلەرنىڭ ھەقىقى بەختى، ئۇنى قەدىرلەش كىرەك.