مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1309|ئىنكاس: 9

قىزلار ئۈچۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10052
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3155 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 01:08:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى تۇرمۇش ھاياتىمنى بەرىكەتلىك ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە باشلىشىم ئۈچۈن ماڭا پايدىلىق يوليورۇق ۋە نەسىھەتلەرنى قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ئاللاھ تائالادىن تۇرمۇشىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى، يېڭى ھاياتىڭىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.
بىزنىڭ نەسىھىتىمىز: ئاشكارا يوشۇرۇن ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىشقا، توسقانلىرىدىن چەكلىنىشكە تىرىشىڭ. ھەرۋاقىت ئاللاھقا گۈزەل شەكىلدە ئىلتىجا ۋە تەۋەككۇل قىلىڭ. ئاللاھنىڭ تولۇق ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭ.
ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىڭىز، ئېرىڭىزنى رازى قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد، ھۈسەيىن ئىبنى مۇھسىندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «ئۇ كىشىنىڭ ھاممىسى ئۆزىنىڭ بىر ھاجىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالدىن: سىز تۇرمۇشلۇق بولغانمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يولدىشىڭىز بىلەن قانداق ئۆتىسىز؟دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئېرىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى سىزنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئوتتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ» دېدى. شەيخ ئەلبانى جامىئۇل سەھىھدە بۇ ھەدىسنى ياخشى ھەدىس دېگەن.
ئېرىڭىز بىلەن بولغان تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ، رىغبىتىنى تولۇق ئورۇنداشقا تېرىشىش بىلەن باشلاڭ. تۇرمۇش قۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز ئۇنىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بولسۇن.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئايالىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئېرىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان ئايالغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.
كېيىم-كېچەك، زىبۇ-زىنەتلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ. يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا دائىم گۈزەل ھەيئەتتە، (يەنى سىزنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەتتە) كۆرۈنۈشكە تېرىشىڭ. ئېرىڭىزگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق چىراي بولۇڭ. تەبەسسۇمنى ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزگە دوست تۇتۇڭ. پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىڭ. ئۆيىڭىزنى رەتلىك تۇتۇپ، مۇھىت گۈزەللىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى تەييار قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، چۈنكى ئەرلەر خىزمەتتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئائىلىدە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ۋە ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ تەدبىرچانلىقى ۋە ئائىلىنى ياخشى تۈزەشتۈرىشى بىلەن بولىدۇ.
بىرەر قېتىم سىزدىن رەنجىپ قالسا، گەرچە سىزدىن خاتالىق سادىر بولمىسىمۇ ئۇنى رازى قىلىشقا تېرىشىڭ. بۇنىڭ بىلەن سىز جەننەت ئاياللىرىدىن بولۇشقا ھەقلىق بولىسىز. ئاللاھنىڭ دىنى شەرىئەتلىرىدە گۇناھ بولمايدىغانلا بولسا، ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ ۋە ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ. تاكاللىشىپ جېدەل-ماجرا قىلماڭ، چۈنكى بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. شەرىئەتكە خىلاپ بولغان بىرەر ئىشلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئاللاھنى ئەسلىتىپ چىرايلىق گۈزەل ئۇسلۇبتا نەسىھەت قىلىڭ. ئېرىڭىزدىن بىرەر ئازار كۈلپەتكە ئۇچرىسىڭىز سەۋىر قىلىڭ. ئەر-ئايال ئىككىڭلار ئارىسىدىكى نورمالسىزلىقنى ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىزگە دەرت تۆكۈپ شىكايەت قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئەر-ئايال ئىككىڭلار مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى ئائىلىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئېچىپ بېرىش، ئېرىڭىزنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئارىدىكى سۇغۇقچىلىقنى كۈچەيتىدۇ. قىينى ئاتا، قىينى ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ، ئاچا-سىڭىل، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئېھتىرام قىلىڭ. ئەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بىر تۇغقانلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش، ئايالنى ئېرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى ئەسلىتىش بىلەن نەسىھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئەۋرەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال ئۈچۈن قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكلىرىدىن خالىسىڭىز جەننەتكە شۇ ئىشىكتىن كېرىڭ دىيىلىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (1664) رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.
ئاللاھ تائالادىن ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى، تۇرمۇشىڭلارنى ياخشىلىق ئۇستىگە قىلىشىنى سورايمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   galwang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 01:09 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90025
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 01:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرۈشكە تىگىشلىك تېما ئىكەن. كەلگۈسىدە شۇنداق ئايال بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن ئاللاھ خالىسا. بارلىق خانىم قىزلىرىمىزغىمۇ ئاللاھ ئىمان ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم!!!

يۈتۈپ كەتسە ئەگەر بىر كالاڭ،
سوراپ كىتىسەن كالام قەيەردە.
سەندىن ئىمان يۈتكىلى نەۋاق،
سوراپ قويمايسەن ئىسلام قەيەردە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7666
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3758 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 04:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن پايدىلىق نەسىھەتلەر !ئوڭ قۇلاقتا چىڭ تۇتايلى!

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 08:02:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق تىرىشايلى تىرىشىشىمىز كېرەك . تىمىڭىزغا رەھمەت .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87698
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 08:49:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشائاللاھ....
جەزەكەللاھۇ خايران(رەھمەت سىزگە،اللاھ سىزنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!)
ياخشى تېمىكەن

مۇسۇلمانلارنىڭ نىشانى ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش ، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆلۈش ، قانداقتۇر بايلىق ، مەنسەپ ۋەياكى بىرەر گەۋدە ئۈچۈن ياشاش ۋە ئۆلۈش ئەمەس !

كۆك ئەتتىرگۈل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 07:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت . بىلىۋالدىم . نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88037
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 05:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۈچۈنلا يېزىلدىمۇ نېمە ،رەھمەت ،دىققەت قىلىمەن ،

تېلفۇنۇڭنىڭ سايراۋاتقىنىنى ئاڭلىغىنىڭدا سەن بىلەن مەلۇم كىشى ئالاقە قىلماقچى بولغانلىقى جەزمەن. شۇنىڭدەك ئەزاننى ئاڭلىغىنىڭدا پۈتكۈل ئىنسانلار ۋە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى سەن بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان بولىدۇ. بىلگىنكى، ئەھمىيەت بەرگىنىڭگە چۇشلۇق جاۋاپقا ئېرىشىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92192
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 05:01:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرۈشكە تىگىشلىك تېما ئىكەن. كەلگۈسىدە شۇنداق ئايال بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن ئاللاھ خالىسا. بارلىق خانىم قىزلىرىمىزغىمۇ ئاللاھ ئىمان ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1027
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 05:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ...  ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن  ..  

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93768
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 02:29:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن....ياخشى تېما ئىكەن..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش