مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1024|ئىنكاس: 7

ھاياتلىق سوۋغىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 12:52:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                ھاياتلىق سوۋغىلىرى
      ئادەم ئۈچۈنلا ئەمەس پۈتكۈل جانلىقلار ئۈچۈن ھاياتلىقتەك قىممەتلىك سوۋغا بولمايدىكەن . باشقىلاردىن مەيلى قىممىتى قانچىلىك تۆۋەن بولسۇن مەلۇم سوۋغىغا ، ھېچ بولمىغاندىمۇ يېقىملىق بىر تەبەسسۇمغا ئېرىشىشمۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىكەن . باشقىلارغا گۈل سوۋغا قىل قولۇڭدا ھىدى قالىدۇ ، دېگەن ئىبارىلەرنىڭ ھاياتلىقىمىزغا تەدبىقلىنىشى ناھايىتى مۇھىم ئىكەن . ئادەم سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ ھاياتلىق شەربىتىدىن نېسىۋىلىنىۋاتقاندا باشقىلارغىمۇ ھاياتلىق ئاتا قىلىشى كېرەك ئىكەن . ھاياتلىقتىن ئېرىشكەن سوۋغىلىرىمىزنى ماددىي بويۇم بىلەنلا ئۆلچەش ھاياتلىقىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت بولسا كېرەك . مەن ئاتام رەھمەتلىكنىڭ باقىي دۇنياغا سەپەر قىلىش ئالدىدىكى ھاياتلىق نەپەسلىرىگە تارتىشىپ قانچىلىك ئازابلانغىنىغا شاھىت بولغان ۋاقتىمنى ئويلىسام ھەر بىر تىنىقىمغاياراتقۇچى ئاللاغا مىڭلارچە تەشەككۈر ئېيتىمەن . ئىنسان ئاخىرىدا ھاياتلىق نەپەسلىرىگە يېتىشىپ بولالمايدىكەن . ھاياتلىقىمىز ياراتقۇچىمىزنىڭ قۇدرىتىدە چەكسىز سوۋغىلارغا تولغان بولىدىكەن . پەقەت بىز ئۇنى بىلمەي ، ھېس قىلماي ، چۈشىنىشكە تىرىشماي چاكىنلاشتۇرۋالىدىكەنمىز .  " كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ . كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ " ( سۈرە زەلزەلە ،7-8 -ئايەت ) " ئىنسان ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ( نېمەتلىرىنى ) شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىدۇر.  ( سۈرە ئادىيات 6 - ئايەت ) دېگىنى

دەك ھاياتلىقىمىزغا بېرىلگەن بېھىساپ سوۋغىلارنىڭ قەدرىنى ، ئەجرىنى ، ھەققى - ھۆرمىتىنى تولىمۇ كېچىكتۈرۈشكە مايىلكەنمىز . راستىنلا " تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا ( يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا ) قەدەر ( پۇل - مال ، ياكى بالىلار بىلەن ) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى ." ( سۈرە تەكاسۇر 1-2-ئايەت ) دېگىنىدەك بولۇۋېتىپتۇ .  " ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز ، بىر تىل ، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ ؟ ( سۈرە بەلەد 8-10 -ئايەت ) دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ ياراتقۇچىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك " سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر ( سۈرە ئەئلا 16 - ئايەت ) دېگىنىدەك بوپتۇق . " ئاللا ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر .( سۈرە ئىنسان 30 - ئايەت )   " ئاللا خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ ( سۈرە بەقەر 213 - ئايەت .)    ھاياتلىق سوۋغاتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا سوۋغا ياراتقۇچىسىنى تونۇش ، ئۇ باشلىغان يولغا مېڭىشتۇر. ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى شۇنچىلىك يارقىن ، ئادىل ئىكەن . " قۇرئان ھەقىقەتەن ( ئاللانىڭ ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى ( ئارقىلىق نازىل قىلىنغان ) سۆزىدۇر ." " ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر ، ئاللانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر ." " پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر . بۇ يەردە ( يەنى ئاسماندا ) ئۇ ئىشەنچىلىكتۇر . " " ئۇ ( يەنى قۇرئان ) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر . (سۈرە تەكۋىر 19-20-21- 27- ئايەتلەر ) " سەن ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلغىن ، سەن پەقەت ( ئۇلارغا ) ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن . "  ( سۈرە غاشىيە 21 - ئايەت ) دېمەكچى ۋەز - نەسىھەت ، ئىلاھىي ۋەز - نەسىھەت بىزگە بېرىلگەن ئەڭ بۈيۈك سوۋغىدۇر . " قۇرئان ، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر ." ( سۈرە ھاققە 51-ئايەت )  ھاياتلىق ئالىمىدە ئالدىمىزغا زەبەردەست قەدەملەر بىلەن ماڭدۇرىدىغان ، مەڭگۈ ئازدۇرمايدىغان ، ھەر ئىككى دۇنيالىقىمىزدا بەختلىك بولۇشىمىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ، زولمەتلىك قەلبىمىزنى يورۇتقۇچى ، بىزنى ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئەڭ توغرا يولغا باشلىغۇچى ، ۋەز - نەسىھەتنىڭ يېگانىسى ، ئاخىرقىسى ، ئۇلۇغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ، پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ تەڭدىشى ، ئوخشىشى يوق ياراتقۇچىسى ئاللانىڭ كالامى " قۇرئان كەرىم " قولىمىزدا  " بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن " ( سۈرە فاتىھە 6-ئايەت ) دېگۈچىلەرگە ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇپتۇ . بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سوۋغا يوقتۇر . بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سوغىنى خىيال قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر . " قەيەرگە بارىسىلەر ؟ " ( سۈرە تەكۋىر 26 - ئايەت ) بۇ قىممەتلىك سوۋغا ھەممىمىزگە بېرىلگەن سوۋغىدۇر.. .
    مەنبە : قۇرئان كەرىم   مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 - يىلى نەشرى . مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى .   ھاياتلىق ھەققىدىكى ئويلىرىم .        2013 - يىل 3 - 18 .  ئەبەي تارىم .   شەھىرى شىخو . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 12:55 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 578 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 01:19:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۆزىمىزنى ھەقىقى قەدىرلەپ ، ھەر ئىككى دۇنيالىقىمىزنى سائادەتمەنلەردىن قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن بۇ كاتتا سوغىسىنى تىزدىن قوبۇل قىلىپ ، نىجاتلىق تىپىشىمىز زۆرۈل.   
    تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمات.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7550
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3790 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 04:32:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ . كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ "

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 06:19:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
apisi502 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 04:32 PM
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ مۇكاپاتى ...

دىگنىڭىز بەرھەق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 09:23:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 11:46:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
- سۈرە بەقەرە
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (يەنى مەككىنى) تېنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى. اﷲ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (يەنى ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) دوزاخقا ھەيدەيمەن» دېدى. (بۇ) نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت!.(126)
- سۈرە جاسىيە
يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! .(21)
- سۈرە قەسەس
سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ اﷲ نىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋەاﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى اﷲ نىڭ رەھمىتىدىندۇر.(73) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xiho تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 11:50 PM  


سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 11:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسەن، مۇشۇنداق تېمىلارنى كوپرەك يوللاپ تۇرارسەن! ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت قىلسۇن! ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 04:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kadam1 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 11:38 PM
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسەن، مۇشۇنداق تېمىلارنى كوپرەك ...

سېنىڭ ئىنكاسلىرىڭ مەن ئۈچۈن زور رىغبەتتۇر ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش