tax1 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 11:46 AM 
ھەر كىشىنىڭكىم ئىبادەتكە دىلى مەغرۇر ئەمەس،
بىخرەتد ...
ھەر كىشىنىڭ كۆڭلىدە ئىشقنىڭ ئوتى پەيدا ئەمەس،
بولماسا بۇلبۇل سۈفەتلىك يار ئۈچۈن شەيدا ئەمەس.
يار ئۈچۈن ئۆرتەنمەسە يا كۆپ جەفالەر چەكمەسە،
قىلماسا جانىن پىدا ئول ئاشىقى دىلخاھ ئەمەس.
يۈرمىسە يارنى سوراغلاپ سۈبھى-شام بەلكى داۋام،
ئانداغ ئەر ئابدۇلقەرىندۇر تەرك ئىزرۇ جاھ ئەمەس.
دىللارى يەلدا تۈنىدۇر نە كەۋاكىپ بار ئاڭا،
بىر تۈتۈننىڭ ئۇچقىنىدۇر كەۋكەبى بەيزا ئەمەس.
ھەر سەدەفكە تامماسە رەخمەت سۈيى بىشەك بىلىڭ،
بولغۇسى خەر مەخرە پەيدا گەۋھەرى يەكتا ئەمەس.
ھەر پەرى ئولماس بەدىئى، ھەر گۇل ئوماس نەستەرىن،
ھەر بەشەر بىلسەڭ مۇھەممەددەك دىل ئاگاھ ئەمەس.
ھەر دەرەخت شەمشاد بولالماس، ھەر كىشى مەجنۇن سۈفەت،
ھەرچە مەشۇق ئولكى مەشۇقدەك مەلەك سىيما ئەمەس.
ئاشىق ئېرسەڭ ئۇشبۇ سۆزنى ئاڭلاغىل جانىڭ بىلە،
ئەي مۇھىب، ئەھلى خىرەد سەن بۇ سۆزۈم بىجا ئەمەس.
تەئنە قىلما ئەي غىنا ئەھلى مېنى پەقىر ئەھلى دەپ،
تالىبى ياردۇر بىلالى تالىبى دۇنيا ئەمەس.