مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3407|ئىنكاس: 21

تــــۈركـــىــيـــە  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 05:55:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈركىيە

The Requblic of Tuekey

باتۇرلار دۆلىتى

[align=justify]تۈركىيىنىڭ تولۇق نامى < تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى> ، ئاسىيانىڭ غەربىگە جايلاشقان، زېمىنى ئاسىيا،ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە تۇتاشقان . دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان. مىللەت نامى <تۈرك دوپپىسى> نامىدىن پايدا بولغان ،تۈركلەرنىڭ مۇنداق بىر خىل ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ،ئۇلار دائىم دوپپا كىيىدىكەن ،ھەم دوپپىنىڭ رەڭگى ياكى شەكلىگە قاراپ توغرا ھالدا قايسى قەبىلىدىن ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن،تۈرك ئەسلى <تۈرك دوپپىسى كەيگەن مىللەت>دىگەن مەنىدە بولۇپ،كىيىنچە ئاندىن مىللەت نامىغا ئۆزگەرگەن. تۈركلەر غەربىي تۈركلەرنىڭ باشقا مىللەت-ئېرقلارنى ئاسمىلياتسىيە قىلىپ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن .تۈركچىدە <تۈرك> سۆزى <كۈچلۈك>،<كۈچتۈڭگۈر>دىگەن مەنىدە،تاتارچىدا بولسا <باتۇر>دىگەن مەنىدە بولىدۇ ،1300-يىلى تۈركلەرنىڭ يولباشچىسى ئوسمان (1326 --- 1259) كىچىك ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى بويسۇندۇرۇپ مۇستەقىل بىر بەگلىك قۇرۇپ ، ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئاتىغان .1326-يىلى ، تۈركلەر ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىدىن بۇدسا شەھىرىنى تارتىۋىلىپ ،ئۇنى ئۆزىگە پايتەخت قىلغان ، يېڭى دۆلەت ئوسماننىڭ نامىدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتىلىپ،زېمىنى ئاسىيا ،ياۋروپا ۋە ئافرىقا قاتارلىق ئۈچ چوڭ قىتئەگە سوزۇلغان،12مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بار ئىمپىرىيىگە ئايلانغان. ئىمپىرىيە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئاجىزلاشقان . 1918-يىلى ئىمپىرىيە رەسمىي پارچىلانغان.تۈركىيە سۆزى 19-ئەسىردىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن . 1923-يىلى 10-ئاينىڭ29-كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا،رەسمىي ھالدا < تۈركىيە>دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان .

[align=justify]تۈركىيىنىڭ يەر مەيدانى 780مىڭ675 كۋادرات كىلومېتىر،ئاھالىسى 61مىليون 800مىڭ،تۈركلەر %98 تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ.قالغىنىنى كوردلار ، ئەرەبلەر، ئەرمەنلەر ، گرېكلار ۋە گروزىنلار ئىگىلەيدۇ ،تۈرك تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ ،%98 ئاھالىسى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ،%98 ئاھالىسى ئسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ،پايتەختى ئەنقەرە ، پۇل بىرلىكى لىرا .



مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)

كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
تەكلىماكان + 100 ياخشى تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:05:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلۇم جىق بولغان بولسا بىر كۆرۈپ كىلەتتىم.خۇدايىم بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتكۈزەر

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما
مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:05:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5694
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11321
تۆھپە نۇمۇرى: 416
توردا: 1490 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركلەر ياخشى چۈشەندۈرۈلۈپتۇ  [s:47]

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13944
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:07:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندە بىر دۆلەتنى تۇنۇشتىسىڭىز  ياخشى بولاتتى ، رەخمەت سىزگە داۋامىغا تەشنامىز .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە تارىخىنى چۈشەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

تـــۈن - شــامــ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:22:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى


[align=justify]تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى Republic of Turkey 11
    پايتەختى ئەنقەرەنىڭ نوپۇسى 3500مىڭ. ئەڭ چوڭ شەھرى ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى 9مىلىيۇن.
   ئورنى: ياۋروبا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە جايلاشقان بولۇپ، زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمى كىچىك ئاسىيا يىېرىم ئارىلىغا جايلاشقان . ياۋروپا قىسىمى گرېتسىيە، بولغارىيە بىلەن تۇتىشىدۇ؛ ئاسىيا قىسىمى سوۋېت ئىتتىپاقى، سۇرىيە، ئىران ۋە ئىراق بىلەن چېگىرىداش.
يەر مەيدانى :780مىڭ580 كۋادرات كىلومېتىر. زېمىنىنىڭ %97 ى ئاسىيادا، %3 ى ئاۋروپادا. قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2،573 كىلومېتىر ، دېڭىز قىۇغىقىنىڭ ئۇزۇۇنلۇقى 3،558 كىلومېتىر. 
  نوپۇسى: تۈركىيەنىڭ2007-يىلى 1-ئايدىكى نوپۇسى  71مىليون158مىڭ، بولۇپ تۈركلەر 80%، دىملى، زارا، كۇرمانجى قاتارلىق كۇردمىللەتلىرى 18%، ئۇندىن باشقا يەنە كاۋكاز ۋە شەرقى ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىمۇ 2%ئەتراپىدا. تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ 99.8%ى مۇسۇلمان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %85 ى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە، %14 شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ. %0.2 ئادەم خىرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ.
پايتەختى: ئەنقەرە.
ئاساسلىق شەھەرلىرى: ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، ئادانا، بۇرسا، كونيا قاتارلىقلار.
تىلى: تۈرك تىلى، دەسلەپتە ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىپ كەلگەن، مۇستافا كامال تۈركىيىدە غەربلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، لاتىن يېزىقىنى قولانغان.
سىياسىي تۈزۈلمىسى: 1961- يىلى 7- ئايدا گرژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ماقۇللانغان يېڭى ئاساسىي قانۇندا: «تۈركىيە مىللىي دېموكراتىك ۋە سىياسىي بىلەن دىن ئايرىلغان ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت» دەپ بەلگىلەنگەن. پارلامېبت 400 نەپەر ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. ئۇ تۈركىيىنىڭ بىردىنبىر قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، تۈركىيە67 ئۆلكىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر ئۆلكىدە بىردىن ئۆلكە باشلىقى تەسىس قىلىنغان، ئۇلارنى ھۆكۈمەت تەيىنلەيدۇ.
     ئىقتىسادى: تۈركىيە تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېزائىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. تۈركىيە ئەمگەك كۈچىنىڭ %35دېقھانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، بىراق دېھقانچىلىقتىن كىرىدىغان كىرىم دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %9.3نى ئىگىلەيدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەنت ياساش سانائىتىنى خېلى راۋاجلانغان. تۈركىيىنىڭ كان بايلىقى مول بولۇپ، كۆمۈر، مىس قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى بىرقەدەر كۆپ. 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 361مىلىيارد دوللار بولغان دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرغان. تۈركىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ 2006-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى9100دوللار  سانائەت مەھسۇلات مىقدارى ئۇمۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 31%نى، مۇلازىمەت كىرىمى 60%نى ئىگەللىگەن.
پۇل بىرلىكى: تۈركىيە لىراسى. تۈركىيە ئىقتىسادى سىياسىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا 2004-يىلىغا كەلگەندە پۇلى پاخاللىشىپ بىر مىليۇن500مىڭ لىرا بىر دوللارغا توغرا كېلىدىغان پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن ئىدى. 2005-يىلىدىكى 6نۆلنى قىسقارتىشتىن كېيىن تۈركىيەدە  1.34يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار، 2006-يىلى 1.42يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى: (1923-يىلى)10-ئايىنىڭ 29-كۈنى (جۇمھۇرىيەت كۈنى). 
     قىسقىچە تارىخى:  تۈركىيە سالجۇقىلار دەۋردىلا بۈيۈك ئىمپىرىيە قۇرغان. كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن شىمالى ئافرىقا ۋە شەرقى ياۋروپاغا قەدەر بولغان ئارىلىققا 500يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1- دۇنيا ئۇرۇشتا مەزگىلىدە، تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سېپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشتا مەغۇلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئافرىقا ھەم كىچىك ئاسىيادىكى بېقىندى دۆلەتلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە مۇستەملىكىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 1919- يىلى مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىنى چېكىندۈرىدۇ. 1920- يىلى مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1923- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇمھۇرىتەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، مۇستاپا كامال تۇنجى پىرىزدېنت بولىدۇ.
  تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرلىشىش ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئورتىھال تەرەققى قىلغان بولۇپ مۇقىم تېلپون ئابونتى19مىلىيۇن، يانپون ئابونتى44مىلىيۇن ، ئىنتېرنېت ئابونتى 13مىلىيۇن بولغان.

[align=justify]

[align=justify]

___________ ئوكيان تورىدىن ئىلىندى ____________


تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  subhinur كە 2010-08-21 06:05 PMئەۋەتىلدى  :
پۇلۇم جىق بولغان بولسا بىر كۆرۈپ كىلەتتىم.خۇدايىم بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتكۈزەر
خۇدايىم ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزەر. ئىستانبول ،ئەنقەرە دىگەن شەھەرلەر بەك گۈزەل كۆرۈپ كېلىشكە ئەرزىيدۇ . ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتى ۋە ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتىتى دۇنياغا داڭلىق بىلىم يۇرتلىرى ھىساپلىنىدۇ

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

ھاياتنىڭ پەيزى ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1023
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10545
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 912 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9-قەۋەت (bahram) نىڭ يازمىسىغا

ما بىر قەدەر كونكىرىتنى بولۇپتۇ.مومكىن بولسا كورىتلارنىمۇ بىر يوللاپ قويغان بولسىڭىز؟رەھمەت!

تەقدىرمۇ ئۆزگىرەر تەدبىر گە بېقىپ.

ئالدىۋالغانغا س

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1563
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11196
تۆھپە نۇمۇرى: 729
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-21 06:28:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخرام ئىزىپ كەتتىڭز مۇ قانداق ؟ نۇپۇسى 3500 مىڭ دەپ سىز مۇ ؟

زۇلۇم قىلغۇچىلارنىنڭ زۇلىمى قىيامەت كۇنى ئوزى ئۇچۇن قاراڭغۇ زۇلمەت بۇلدۇ ‹
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش