كىچىككىنە ھاياتتا...........
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۇنى (قەشقەر)
تەھرىرلەپ يازغۇچى:ئوسمانجان قۇربان(ئۈمۈدى)
بۇ تىما بۇندىن 5 يىل بۇرۇن بىر يىقىن دوستۇم تەرىىپىدىن يىزىلغان بولۇپ، ئۆز مۇنبىرىم پاسىبان مۇنبىرىدە ھەم دىيارىم تورى قاتارلىق بىر قانچە چوڭ بىكەتلەردىن ياخشى تىما قاتارىدا ئورۇن ئالغان.قارىسام دەپتىرىمنىڭ بىر پۇشقاقلىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئىكەن، تولۇق نۇسخىسىنى تاپالمىدىم، شۇنداقتىمۇ ئۆزەم بىر قۇر تەھرىرلەپ مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم ،
بۇ بىر يىقىن قىز دوستۇمنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشى ئىدى.
-----------------
مەن بەزى ۋاقىتلاردابەزى ئىشلار ئادەمنى تۇغۇلشىغىمۇ باغلىقمىدۇ دەپ قالىمەن.
ئەمدىلا قىش چىكىتىپبارغان ۋاقىت ئكەن ، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىر ئانىنىڭ تۇيۇقسىزلا قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كىتىپتۇ. ئۇ تۇغۇشىغائاز قالغىنىنى سەزگەن بولغاي، يولدىشىغا ھازىرلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىنى ئېيتىپتۇ، يولدىشىمۇ ئالاقزادە بولۇپ ئۈچ چاقلىق ھارۋۇنى ئارانتىپىپ كەپتۇ. شۇنداقىلىپ ئۇلار دوختۇرخانىغا مىڭىپتۇ. كىممۇ بىلسۇن دەيسىز ئۇلار دوختۇرخانىغا بارمايتۇرۇپلا بالا تۇغۇلۇپتۇ. قىز ئىكەن. گەرچە 3- ئاينىڭ ئاخىرى بولسىمۇ ھاۋا شۇنداق سوغۇق ئىكەن. ئانا بالىسىنىئۆزىنىڭ كىيىملىرى بىلەنيۆگەپتۇ. ئەكىشى نىمە ئىشلارنى بۈلدۇ دەيسىز،
بولدى ئۆيگىلاكىتەيلى، ھامان بالىمۇ تۇغۇلۇپ بولدى.
ھە، شۇندا قىلايلى. ئانىنىڭ ئاۋازى ئاران چىقىۋاتاتتى.
سىلەر ئەرلەر ئاياللارنى چۈشەنمەيسىلەر، ئۆي، ئۆي، ئۆيلا دەپ كۈنى ئۆتىدۇ. بىرتىيىن بولسىمۇ ئۆيگە قالسۇن دەيدۇ. شۇندا قىلىپ ئۇلار ئۆيگە قايتىپتۇ. كۈنلەر بىر بىر-بىرىنىقوغلاپ ئۆتىۋىرىپتۇ. ئانا بولسا شۇندا ياخشى كۈتۈلۈپتۇ. بالىمۇ شۇنداق ساغلام تۇرۇپتۇ. لىكىن ئانىنىڭياخشى لۈتۈلگىنى نەدەقالدى، ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بوپتۇ. ئاپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىكەن. ئەمدىبالىنى قاندا قىلىش كىرەك. ئاچا-ئاكىللىرى باقسۇن دىسە ، ئۇلارنىڭمۇ بالىلىرى بار ئىكەن. شۇڭا ئامال قانچە، دادا بولغۇچى ئۇ قىزىنى ئىنىسىغا بىرىپتۇ. ئۇ ئىنىسى تويقىلىپ 5--6 يىلغىچە بالىلىق بولماپتىكەن. ئۇلار بۇ قىزنى شۇندا ئەتىۋارلاپ بىقىپتۇكى.................. ھەي.... ئېشنى قىلىپ ئۆز ئاتا-ئانىسىمۇ مۇنداق باقماس بولغۇيتتى، ھە.!
شۇندا قىلىپ بۇ قىز 9 ياشقا كىرىپ قاپتۇ. بۇ قىزنىڭئايىغى ياراشتى بولغاي، بۇ قىزنىباققان ئانىسى بىر ئوغۇل ئىككى قىز پەرزەنىت كۆرۈپتۇ. ئۇلار شۇندا خۇشال ئىكەن. بىقىۋالغان ھىلىقى قىزنىمۇ شۇندا ياخشى كۆردىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ .ىقدىسادى تازا دىگەندەك ياخشى ئەمەس ئىكەن. بۇنى ئۇلارنىڭ ئاكىسى يەنى ھىلىقى بىقىۋىلىنغان قىزنىڭ ئۆزدادىسىئۇقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئۆزقىزىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپقىپتۇ. ئۇلارمۇ قوشۇلماپتۇ. چۈنكى ئۇ قىزغا بەكمۇ مىھرى بار ئىكەن. ئۇقىزمۇ ئۇلارغا شۇنداق ئامراق ئىكەن. ئەلۋەتتە ئۇقىزمۇ بۇلارنىئۆز ئاتا-ئانىسى ئەمەسلىكىنى ھەم ئۆز ئاتا-ئانىسىنى بىلدىكەن. پات-پات ئۆز ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىگە بىرىپ تۇردىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكى ئۇلارمۇبۇ قىز ئۆز ئاتانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلگەندىكىن ھەم ئۇلار بىلەن ئۇرۇق-تۇققان بولغاندىكىن دىگەننى ئويلاپ ئاخىرى ئۇقىزنىئۆز ئاتا-ئانىسىغا بىرىشكە ماقۇلبوپتۇ. ئۇ بۇ ئۆيگە بەكمۇ تەستە كۆنۈپتۇ. لىكىن بۇ ئۆينىڭ ئائىلە شارائىتى، ئىقدىسادى بەكمۇ ياخشى ئىكەن. ئۇ بۇرۇن كىيمىگەن كىيىملەرنى، يىمىگەن تائاملارنى يەپتۇ. ئوينىمىغان ئويۇنلارنى، قىلمىغان ساياھەتلەرنى قىپتۇ. لىكىن يەنىلا خۇشال يۈرمەيدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئۆيىدە 3 ئاكىسى،4 ئاچىسى، بىر ئىنىسى بار ئىكەن. ئۇ بۇ ئاچا- ئىنىلىرىغا بەكمۇ تەستە كۆنۈپتۇ. كىيىن شۇنداق چىقىشىپ قاپتۇ. ئەلۋەتتە، بۇلار ئۇنىڭ ئۆز ئاچا-ئاكا، ئىنىسى ئىدى. بىراق ئۇ بۇلارنىڭئىچىدە ئەڭ كىچىك ئاچىسىنى بەكمۇ ياخشى كۆردىكەن. ئۇ ئاچىسىمۇ ئۇنىڭغا شۇندا ئامراق ئىكەن. ئۇلار پەقەت ئىككى ياشلا پەرىقلىندىكەن. ھەم ئاچا-سىڭىل، ھەم يىقىن، سىرداشدوستلاردىن بوپ ئۆتۈپتۇ. شۇنداقىلىپ بۇ قىز 17 ياشقا ، ئاچىسى بولسا 19 ياشقا كىرىپتۇ. ئۇنىڭ ئاچىسنىڭ ياخشى كۆردىغان بىر يىگىتى بار ئىكەن، ئاچىسىمۇ ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆردىكەن. ئۇلار توي قىلماقچىبوپتۇ،
ئائىلىرىدىكىمۇقوشۇلۇپتۇ. بىراق بۇ تەقدىر نىمە دىگەن رەھىمسىز ھە!!!!!!!!!! ئۇنىڭ ئاچىسى تۇيۇقسىزلا ئاغرىپ قاپتۇ. دوختۇرخانىداپەقەت
8كۈنلايىتىپتۇ. دوختۇرلا كىسلىنى پەقەتلا تاپالمىغاچقا كىسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كىتىپتۇ. بۇ ئىشلارئۇ قىزغا شۇنداق ئىغىر كەپتۇكى............
تاسلا قاپتۇ ئۇمۇ يوقاپلا كەتكىلى. ئۇنىڭ ئاچىسى تۈگەپكىتىپ 2 كۈندىن كىيىن دوختۇرلارئۇلارنىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلىپ، << سىلەرنىڭ قىزىڭلار مىڭە پەردە ياللۇغى ئىكەن>> دەپ خەۋەر قىپتۇ. بۇ خەۋەر ئۇنىڭغا بەكمۇ ئىغىر كەپتۇ.(بۇدوختۇرلامۇ ئەمدى تاپقانمىدۇ، بالدۇرراق نىمىشقا تاپالمايدۇ.
ئەگەر تاپقان بولسا...........) دىگەن خىياللار ئۇنىڭ مىڭىسىدىن ئەگىپ يۈرۈپتۇ. بۇ ئىش ئەڭ ئىغىر كەلگىنى ئانا بوپتۇ. ئانا بولسا ئىغىر كىسەل ئىكەن. بۇ ئىشلار ئانىغا بەكمۇ ئىغىر كىلىپ ، كىسلى تىخىمۇ ئىغىرلىشىپتۇ. ئانىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەي قىزى تۈگەپ كىتىپ، بىر يىلدىن كىيىن ئانىمۇ تۈگەپ كىتىپتۇ. ئۇ قىز بولسا ئاشۇ ئاچىسىبىلەن ئاشۇ ئانىسىغا ئەڭ ئامراق ئىكەن. ئۇ ئەمدى قاندامۇقىلار ؟؟؟؟ ئۇ ئۆزىنى يىتىم چاغلاپتۇ. دۇنيادىكى ئەڭ بىچچارە، ئەڭ ئاجىز....... كۆرۈپتۇ. ئۇئوقۇشتىنمۇ چىكىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز ئانىسنىڭ ھايات ۋاختىدا دىگىنى بويىچە كومپىيوتىر كەسپىدە ئوقۇپتۇ.(ئانىسى ئۇنىڭغايا مەكتەپ پۈتكۈچە ئوقۇڭ ئەگەرئوقۇشنى خالىمىسىڭىز كومپىيوتىر كەسپىدە ئوقۇڭ، بىرەر ئۇتۇق قازىنشىڭىز مومكىن. ھەرگىز ئۆيدە ئولتۇرماڭ، دادىڭىزنى ئوبدان بىلسىز، ئۇ سىزنى كىچىك دىمەيلا ياتلىق قىلىۋىتىدۇ دەپتىكەن.) ئۇنىڭ ھازىرقىبىلمىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن. ئۇ بىر يەردە ئىشلەپتۇ. ئىشلەش جەريانىدا بىر بالا بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ئۇقىز بولسا ئۇ بالىغا شۇنداقئامراق ئىكەن. ئۇنى ئەڭ يىقىن دوستى، سىردىشى چاغلايدىكەن. ئۇلار پات-پات بىرگە تاماق يەپ، بىرگە سەيلە قىلدىكەن.
لىكىن ئۇ بالا بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. قىز بولسابۇنى پەقەتلا ھىس قىلماپتۇ. بىغەميۈرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يىگىتنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنى توي قىلشقا قىستاپتۇ. ئۇ يىگىتمۇ بۇ گەپلەرنى ئۇ قىزغا دەي دەپتۇيۇ دىيەلمەپتۇ. چۈنكىئكزىنى ياراتماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئۇقىزنىڭ ئىقدىسادى يىگىتنىڭكىدىن ياخشىراقتۇ بەلكىم. شۇڭا دىيەلمىگەن گەپ.
ئاخىرى ئۇ يىگىتنىڭ تويى بوپتۇ . بىراق قىز بولسابىخەۋەر ئىكەن. 15 كۈندىن كىيىنئۇقۇپ قاپتۇ . ئۇقۇپلا ئۇ بالىنى ئۆزىنىڭمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىپتۇ. لىكىن كىچىكىپتۇ. بىر كۈنى ئۇلار بىرگەتاماق يەپتۇ، يەپ بولۇپبىللە يول مىڭىپ سەيلە قىپتۇ. ئۇقىز بولسا ئىختىيارسىزلا ئۇ يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، لىكىن ئەمدى كىچىككەنلىكىنى دەپتۇ. يىگىتمۇئۇ قىزغا كۆڭلىدىكى بارلىق سۆزلىرىنى ئىېيتىپتۇ. قىز ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ. يىغلاپتۇ، يىغلاپتۇ،
يىغلاپتۇ................... ئۇ ئىككىسى بولدىلا ئەمدى بىز بۇرۇنقىدەكلا يىقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتەيلى دىيشىپتۇ. ئۇلار ھازىرمۇ شۇندايىقىن ئۆتۈپتۇ.
ئەمدى ئۇ قىز بولسا ، تورغا قىزقىپ قاپتۇ. بىكارۋاختى بولسىلا تورغا چىقىدىكەن. نۇرغۇندوست تۇتۇپتۇ، سىردىشىپتۇ. ئۇنىڭ توردىكى ئەڭ ياخشى كۆردىغان يىرى مۇنبەر ئىكەن. ئۇ مۇنبەرنى بەكمۇ ياخشى كۆردىكەن. چۈنكى باشقىلارنى ئىجادىيەتلىرىنى كۆرەلەيدىكەن ھەم ئۆزىمۇ يىزىپ تۇردىكەن.
بىر كۈنلەردە ئۇ ئۆزى ئەزا بولغان مۇنبەردىكى بىرتىمىنى بەك ياقتۇرۇپ قاپتۇ. بۇتىمىنى يازغۇچى داۋاملىق تۈردە تىما يوللاپ تۇردىكەن.يوللىغاندىمۇ بەك نادىرتىمىلارنى يوللايدىكەن. ئۇ قىز ئۇنىڭ تىمىلىرىنى بەكمۇ ياقتۇردىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىما ئىگىسىگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ.<< ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز؟ مەن سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرمەن، يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرسىڭىز>> بۇ ئۇچۇر بىر بالىغا بىرىپتۇ. ئۇ قىز بۇنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەن. ئۇ بالىمۇ جاۋاپ قايتۇرۇپ:<<ۋەئەلەيكۇمئەسسالام ، ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟ مەنمۇ سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى ياقتۇرمەن. بولسا ماڭا تەلىم بىرەرسىز. بۇمىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم xxxxxxxx>> دەپ يىزىپ قويۇپتۇ. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ چ چ نۇمۇرىنى قوشۇشۇپتۇ. سىردىشىپتۇ، مۇلاھىزە قىلشىپتۇ...... بىر كۈنى ئۇلار ئەمىليەتتە كۆرشۈپتۇ. ھەمدە داۋاملىق كۆرشۈپ تۇرۇپتۇ. يىقىن دوستلاردىن بوپتۇ. كىيىنچە ئۇ بالا ئۇقىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. بىراق دىمەپتۇ. ئۇ قىز ئۇنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆردىغانلىقى يەنە بىر توردىشىدىن ئۇقۇپتۇ. ۋە ئۆزىمۇ ئويلۇنۇپ ئۇمۇ ياىشىكۆرۈشكە ئەرزىيدىغان بالا دەيدىكەن. لىكىن ياخشى كۆرسەم بولمايدۇ دەپ يۈرۈيدىكەن. چۈنكى ئۇ قىزنىڭ يىقىنداتويى بولماقچى ئىكەن. لىكىن ئۇتوي قىلماقچى بولغان يىگىتنى پەقەتلا تونۇمايدىكەن. ئېسمىنىمۇ ئۇقمايدىكەن. نىمە ئامال دەيسىز . ئۇ
ئۆيدىكىلەرنى زورلىشىغا قوشۇلۇپتۇ. ئەمدى ئۇنىڭ تويى بولغۇدەك........ھەي............بۇھايات قارىڭە مانا مۇشۇنچىلىكلا ئىكەن. مۇھەببەت.......؟.
تەھرىرلەنگەن ۋاقىت:2013-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۇنى (خوتەن)