بەخىت ئىزدەپ يۈرسەڭ ناۋادا
ئەسلەيتىم سۈيۈملۈك ئىدىڭ مەن ئۈچۈن،
تاتلىق چۈش ئەمما ئۇ يۈتكەن خاتىرە.
يۈرمەيتىم گۈل ئىزدەپ باغلاردا پىنھان،
ئاي ئىدىڭ يىگانە يۇلتۇزلار خىرە.
سىمايىڭ قەلبىمدە ئاجايىپ تۇيغۇ،
چۈشەنمەس دەردىنى كۈيۈپ باقمىغان.
ئېيتالماي ھىجراندا ئۆتتى نەچچە يىل،
خىيالىم باشقىغا كۈنۈپ باقمىغان.
ئەتە يوق مەن بەلكىم جانان قېشىڭدا،
ياد ئىتىپ يۈرمىگىن ھالىمنى سوراپ.
ھىدلىرى باھارنىڭ ئەسلەتسە سىنى،
بارىمەن بويۇڭنى گۈللەرگە ئوراپ.
بەختىڭنى تاپالماي يۈرسەڭ ناۋادا،
قىلمىغىن كۆڭلۈڭنى ھەرگىز پەرىشان.
تېڭىرقاپ يۈرمىگىن ھىجران چۆلىدە،
مەنزىلگە يول ئېچىپ تۇرىمەن ھامان..
شىرئەلى مەمەت
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-11-17 09:54 PM):
دوستۇم زۇلخۇمارغا بېغىشلايمەن