ئايالىڭىزغا بولغان سۆيگۈڭىزنى قانداق ئىزھار قىلىسىز؟
دوكتۇر سەمىر يۇنۇس.
ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى: ھەر ئىككى تەرەپ ھايات سەپدىشى ياكى ئۆمۈرلۈكشىرىكىگە، يەنى ئايال ئېرىگە، ئەر ئايالىغا ئىخلاس قىلىش ۋە بىر-بىرىگە بولغان تەشنالىقىنى نامايان قىلىش، ئۆز- ئارا بىر- بىرىنى قەدىرلەش ۋە كۆڭۈل بۈلۈش، خەت ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق سۆيگۈ ئىزھار قىلىشىش، ھەدىيە تەقدىم قىلىشىش، بىر- بىرىنى توغرا چۈشنىش، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرگە بولغانرازىمەنلىكىنى ئاغزاكى ھالدا نامايان قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، لېكىن ھەممىدىنئۈنۈملۈك ۋە تەسىر كۈچى يۇقىرى ۋە قەلىبكە ئەڭ تىز يىتىپ بارىدىغان ئۇسۇل بولسا،ئاغزاكى ھالدا سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتۇر.
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭبىرىڭلار يەنە بىر قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇ قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن. (بۇ ھەدىسنى ئىمامى ئەھمەدرىۋايەت قىلغان).
يۇقىرىدىكى ھەدىستىن نورمال ئىنسانلار بىر- بىرىنى ياخشى كۆرسە بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، جۈملىدىن ئەر- خوتۇنلارنىڭ بىر -بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىدۇر. مەنئىچىڭلاردىكى ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەممەن. (تىرمىزى رىۋايىتى)
ئاللاھ تائالا ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى مۇھەببەتنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار بىلەن ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى،ئاراڭلاردا (يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اﷲ نىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن،شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار [ سۈرە رۇم 21-ئايەت].
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھاغا بولغان مۇھەببىتىنى ۋە ئۇنى ھەممە ئاياللاردىن بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ساھابىلىرى ئالدىدا ئېلان قىلغان:
ئەبۇ ئوسمان رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ماڭا سۆزلەپبەردىكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بىر قوشۇنغا قوماندان قىلىپزاتۇسسەلاسىلغا ئەۋەتكەن. ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەنرەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: سىلىگە كىشىلەرنىڭ قايسىسى ئەڭ سۆيۈملۈكرەك؟ دېسەم،رەسۇلۇللاھ: «ئائىشە» دېدى. مەن ئەرلەردىنچۇ؟ دېسەم، ئۇنىڭ ئاتىسى (ئەبۇبەكىر)دېدى. مەن ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېسەم «ئاندىن قالسا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب» دەپ بىرقانچە ئادەملەرنى سانىدى.
ئايالىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا قانداق ھېس قىلدۇرىسىز؟
بۇنىڭ بىر قانچە ئۇسۇللىرى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن:
1- ئايالىڭىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ۋە چىن قەلبڭىزدىنسۆيىدىغانلىقىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئاغزاكى ھالدا ئۇچۇق قىلىپ ئېيتىڭ. مەسىلەن: مەنسىزنى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن. سىز مىنىڭ ھاياتىم، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم دېگەندەكمۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھارقىلىشقا سەل قارىماڭ.
2- ئايالىڭىزغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىڭ: ئۇنى پات- پات ئەركىلىتىپ قۇيۇشقا ۋەئۇنىڭغا سۆز قىلغاندا چىرايلىق يەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۈنۈشكە سەل قارىماڭ.
3- ئىش ئورنىڭىزدىن تېلېفۇن قىلىپ، ئۇنى سېغىنغانلىقىڭىزنى ۋە ياخشىكۈرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.
4- ئۇنىڭ پىسخكىسىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى ئۇنتۇماڭ: بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەنسالامەتلىكى ياخشى بولمىغان ۋاقىتلاردا، مەسىلەن: ئادەت ياكى ھېيىز كۈنلىرىدە،ئائىلىسى ياكى يېقىنلىرىدىن بىرەرسىگە مۇسىبەت كەلگەن كۈنلەردە، ئۇنىڭ روھىي ۋەپسىخىك ھالىتىگە دىققەت قىلىڭ.
5- ئايالىڭىزنى ئۇ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم بىلەن چاقىرىڭ. بەزىدە ئەركىلىتىدىغانئىسىم بىلەنمۇ چاقىرىپ قۇيۇڭ.
6- ئائىلىسى ۋە يېقىن يورۇقلىرى ئالدىدا ماختاپ قۇيۇڭ.
7- ئايالىڭىزنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى ۋە ھۆسنى جامالىدا بولغان ئۆزگىرىشلەرگەدىققەت قىلىپ، كىيمىڭىز گۈزەل ئىكەن، سىزگە كىيىم بەكمۇ يارىشىدۇ، دېگەندەك سۆزلەربىلەن لايىقىدا ماختاپ قۇيۇڭ.
8- خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالسا ئەپۇ قىلىڭ. ھە دىسىلا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى تىلغائالماڭ. چۈنكى ھەممىمىز خاتالىشىمىز.
9- ئەتتىگەن ئۆيدىن ئىشقا ماڭغاندا ۋە ئىشتىن قايتقان ۋاقتىڭىزدا سۆيۈپقۇيۇڭ. سىزنى ئەگەر سىرتتىن بىر نەرسە تەلەپ قىلسا مۇمكىن قەدەر ئالغاچ كېلىڭ.ئەگەر ئايالىڭىز ئەتتىگەن سەھەر تۇرۇپ سىزگە ناشتىلىق ھازىرلاپ بىرگە ناشتاقىلغاندىن كىيىن سىزنى چىرايلىق ئىشقا يولغا سالىدىغان ئايال بولسا نېمە دېگەنياخشى؟.....
10- سېخى بولۇڭ، ھەرگىز بېخىللىق قىلماڭ. ئايالىڭىزنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداشتا بېخىللىق قىلماستىن قۇربىتىڭىزنىڭيېتىشچە ئۇرۇنداپ بىرىڭ.
11- ئايالىڭىز سىزگە گەپ قىلغاندا ئۇنىڭ سۆزىنى مۇھەببەت ۋە ئىشتىياق بىلەنقۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ.
12- ئايالىڭىزغا دائىم مېھرى شەپقەت كۆرسىتىڭ.
13- ئايالىڭىز ئۈچۈن خۇشپۇراق ئىشلىتىش ۋە زىننەتلىنىشكە سەل قارىماڭ.
14- داستىخانغا تاماق كەلگەندە، ئۇ داستىخانغا كېلىپ ئولتۇرمىغۇچە تاماقيېيىشكە باشلىماڭ، ئۇنىڭ داستىخانغا كېلىشىنى كۆتۈڭ ۋە ئۆز قولىڭىز بىلەن بىرەلوقما تاماق يېگۈزۈپ قۇيۇڭ.
15- ئەگەر ئايالىڭىز سىزگە ھەدىيە تەقدىم قىلسا، رەھمەت ئېيتىپ ماختاپ قۇيۇڭ.
16- سىزنىڭ ھاياتقا دائىر ئىشلىرىڭىزدا ئۇنىڭغىمۇ مەسلىھەت سېلىڭ .
17- ئايالىڭىزغا تاسادىپىي ياكى ئۇشتۇمتۇت ھالدا ھەدىيە تەقدىم قىلىش، بىرگەسەپەر گە چىقىش ياكى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىشقا ئوخشاش ئىشلار ئارقىلىق كۆڭلىنى خوشقىلىڭ.
18 - ئاددى بولسىمۇ ھەدىيە قىلىپ تۇرۇڭ.
19- ئۇنىڭ توغرا پىكىرلىرىگە قوشۇلۇڭ، خاتالىشىپ قالسا كەمسىتمەڭ.
20 - ئۇنى كۈنلەيدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپقۇيۇڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kosrap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-18 01:36 PM