«تۇمانلىق سەھەر» تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
( بۇ ئۈچ قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى 1980-يىللاردا ئىشلەنگەن.) سىنارىيە ئاپتۇرى-پىردەۋىس ئەزىزى، ئوبۇلقاسىم غوجىئەخمەت. رىژىسۇر-پىردەۋىس ئەزىزى. ئاساسلىق روللاردا: ئابلىكىم-پىردەۋىس ئەزىزى. ئالىيە-خۇرشىدە تۇردى. ئارزىگۈل-مۇقەددەس قۇربان. خالىق- ئابلىز ئابدۇرىشىت قىسقىچە مەزمۇنى: بىر قىتىملىق كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا ئوقۇتقۇچى-ئابلى كىم بۇرۇن يۈرگەن قىز دوستى-ئالىيە بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە ئالىيە ئابلىكىمنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئابلىكىم بىلەن توي قىلىش ئارزۇسىغا يېتەلمايدۇ. شۇڭا ئالىيە ئۇزۇندىن بېرى ئابلىكىمنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىش مەخسىدىدە كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كېلىدۇ. ئۇ بۇ قىتىم ئابلىكىمغا قايتا كۆڭلىنى ئىزھار قىلغاندىن كىيىن ئابلىكىم ئۇنىڭ تەلىبىنى رەت قىلىدۇ. ئالىيە ئابلىكىمغا يەنىمۇ ئۆچمەنلىك قىلىپ، قىزى-ئارزىگۈلنى زەھەرلىك چېكىملىك سودىگىرى خالىققا يوشۇرۇن تونۇشتۇرۇپ قويۇپ،ئارزىگۈلنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋىتىدۇ. خالىق ئارزىگۈلنى قولغا چۈشۈرۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا مەجبۇرى ھالدا زەھەرلىك چېكىملىكنى ئېلىپ-سېتىش يولىغا زورلايدۇ. ئارزىگۈل خالىقنىڭ سۈيىقەستىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسۈتىدۇ. ئۇ قەپەس ئۇۋىسىدىن قېچىپ كېتىۋاتقاندا خالىق ئۇنى يەنە تۇتۇۋىلىپ، ئۇرۇپ ئۇنىڭغا زەھەرلىك چېكىملىك ئوكۇلىنى ئۇردۇرىدۇ. كىيىن ئابلىكىم دوست-بۇرادەر ۋە ساقچىلارنىڭ يارىدىمى بىلەن قىزى- ئارزىگۈلنى تېپىپ،ئۇنى يولۋاس ئۇۋىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، دوختۇرخانىدا داۋالىتىپ ساقايتىپ،ئۇنىڭغا يېڭى ھاياتلىق يولى ئاتا قىلىدۇ. بۇ تىلۋىزىيە فىلىمىنىڭ ۋەقەلىگى جەلپ قىلارلىق، ئاكتىيۇرلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئۆزگىچە بولۇپ،تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ. تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-18 01:25 PM
|