شىۋىتسارىيەدە چاخنىغان ئۇيغۇر
(سۈرەتلىك)
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت
ئابدۇشۇكۇر ئابدۇرىشىت، 1970-يىلى 9- ئاينىڭ 25 كۈنى كۇچادا بىر ھاللىق زىيالىي ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1977-يىلدىن 1982-يىلغىچە كۇچا 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1982- يىلىدىن 1988- يىلغىچە 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. ئابدۇئۈشكۇر ئابدۇرىشىت باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ ياخشى ئوقۇغان، ھەر مەۋسۈم ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى، ئۆگۈنۈش ئۈلگىسى بولۇپ باھالىنىپ، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.
1985- يىلى ئۇ كۈندىن- كۈنىگە تىرىشىپ ياخشى ئوقۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا بەخىتكە قارشى دادىسى ماشىنا ھادىسىسى بىلەن قازا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئابدىئۈشكۈرگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. ئەمما ئانىسى:- "رەخمەتلىك داداڭنىڭ ئارزۇسى سېنى داڭلىق ئۇنۋىرىستىتلاردا بولسا چەتئەللەردە ئوقۇتۇش ئىدى، سەن مۇنداق چۈشكۈنلىشىپ كەتسەڭ ھەرگىز بولمايدۇ. سەن ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرۇشۇڭ، تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، داداڭنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلىشىڭ كېرەك، مەن قىينىلىپ قالسام كۆڭلەكلىرىمنى سېتىپ بولسىمۇ سېنى ئوقۇتىمەن" دەيدۇ.
ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ھەر يىلى شەرەپ تاختىسىدىن يەر ئالىدۇ. 1988- يىلى ئالى مەكتەپكە تاللاش ئىنتامىسىدىن مەكتەپ بويىچە 1- بولۇپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتۇتىدىن ئىمتاھان ئالماي ئوقۇغۇچى تاللاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار 1- بولۇپ ئۇنى تاللايدۇ. ئەمما ئابدىئۈشكۈرنىڭ تېخىمۇ چوڭ بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش غايىسى بولغاچقا ئۇ تەكلىپنى چىرايلىقچە رەت قىلىدۇ.
ئالى مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ۋاقىتلار يېقىنلىشىشى بىلەن كۇچادا ۋاي ئابدۈشۈكۈر كۇچا بۇيىچە 1- بولۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ، ۋاي 550 نۇمۇر ئېپتۇ، ئاقسۇ ۋىلايەت بويىچە 1- بولۇپ ئۆتۈپتۇ، 560 نومۇر ئېپتۇ ... دېگەندەك سۆزلەر تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئابدىئۈشكۈر بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ھاياجانلانماي تۇرالمايدۇ. ئاخىرى ئالى مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. 1988- يىلى ئابدىئۈشكۈر 578 نومۇر بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇن بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتكەن ئىدى. بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كۇچا خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئالى مەكتەپ ئىنتاھان خۇلاسە يىغىنى ئېچىلىدۇ. ئابدىئۈشكۈر گۈلدۈراس ئالقىشلار ئىچىدە سەھنىگە چىققان ۋاقىتتا ئانىسىنىڭ ئېيتقان سۆزى قۇلىقىنىڭ تۆۋىدە ياڭرىغاندەك بولىدۇ. ئۇ يىغىندىن كېيىن رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى سورىغان سوئالغىمۇ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: „بۇ نەتىجە ماڭىلا ئەمەس، ئاپامغىمۇ مەنسۇپ.
بۇ مەزگىللەردە ئابدۇشۇكۇرنىڭ ئاپىسى تولا كۆز يېشى قېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئابدۇشۇكۇر ، "ئاپا سەن نىمىشقا يىغلايسەن، مەن سېنىڭ ۋە دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئوقۇشقا كېتىۋاتىمەن، مەن سىلەرگە جاپا سالماي ئوزەم ئوز كۈچۈمگە تايىنىپ ئوقۇيمەن" دەيدۇ. ئانىسى ئابدۇشۇكۇرنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: „بالام مەن بىر تەرەپتىن سېنىڭ ئالىي مەكتەپكە كېتىۋاتقانلىغىڭنى كۆرۈپ خوش بولۇپ يىغلاۋاتىمەن، يەنە بىر تەرەپتىن رەھمەتلىك داداڭ بولغان بولسا بۇ كۈنلەرنى كۆرۈپ قانچە خوشال بولار ئىدى دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ يىغالاۋتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بۇنداق نومۇر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېتىپ قالساڭ مەن سېنى يىلدا بىر كۆرگۈدەكمەن دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ“ دەيدۇ. ئابدۇشۇكۇر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ.
بۇ مەزگىلدە ئابدۇئۈشكۈرنىڭ شاڭخەي مىدىتسىنا ئۇنۋىرسىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. ئۇ ئويلۇنۇپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى پىزىكا پاكولتىتىنى تاللىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر ئايلىق ھەربى مەشىقنى تۈگۈتۈپلا ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ. بۇ سىنىپتىكى بالىلار ھەممىسى دېگۈدەك شۇ يىلدىكى يۇقۇرى نومۇرلۇق تاللانغان بالىلار بولغاچكا رىقابەتمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمما بۇ رىقابەتلەردىن ئابدۇشۇكۇر تېزلا ئۈزۈپ چىقىپ يىل ئاخىرى 1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ 5 يىللىق مەكتەپ ھاياتىنى 1- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ياخشى ئوقۇش بىلەن تۈگىتىدۇ. شۇنداقلا ياپونىيىلىك ساھاۋەتچى تەرىپىدى تەسىس كىلىنغان كوجىما ياسۇرى (小岛康誉) مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 1992- يىلى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالىنىپ، خەلق سارىيىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئابدۇئۈشكۇرنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن فاكۇلتىتتىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە ئۇنى 1993-يىلى باكلاۋىرلىقنى پۇتتۇرۇش ئالدىدا ئىمتاھانسىز ماگېستىرلىققا تەۋسىيە قېلىدۇ. ئابدۇئۈشكۇرنىڭ غايىسى بولسا ئالىي مەكتەپنى تىزرەك پۈتتۈرۈپ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىدى، ئەمما بۇنىڭغا ئانىسى قارشى چېقىدۇ، ئانىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: „ئويلاپ باق، بۇنداق پۇرسەت ساڭا كۈندە كېلىپ ئولتۇرامدۇ، قانچىلىك ئادەم سەن ئېرىشكەن بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتى، مېنى رازى بولسۇن دېسەڭ ماگېستىرلىقنى ئوقۇپ مىللەتكە ياراملىق ئادەم بول، ئائىلىدىن غەم قىلما، ئۇكاڭ ئابلىكىم ھازىر ئائىلىنى قامداپ كېتىۋاتىدىغۇ“ دەيدۇ. ئابدۇئۈشكۇر يازلىق تەتىلنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلايدۇ.
ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا دەرس بېرىۋاتقان پروفېسسورلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى „قارا، سەن ئوزەڭنىڭ تىلىدا ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭچىلىك بىر نەرسىنى بىلمەيسەن“ دەپ تەنقىتلەشلەر ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالىدى. شۇنداق قېلىپ 2- مەۋسۇم ئاخىرىدا 1-مەۋسۇمدىن كېيىن ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن 2 خەنزۇ ساۋاغدىشى يەنە ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي مەكتەپتىن چىقىرىلىدۇ. بۇ ئىش فىزىكا فاكۇلتېتىدا زىل-زىلە قوزغايدۇ.
95-يىلى يازدا جوڭگو يادرو ئېنېرگىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئابدۇئۈشكۇر بۇ ئىنىستىتۇتقا كېلىپ بۇ يەر بىلەن شىنجىاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان زېمىن پەرقنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە ھەممىلا ئىشخانىلاردا دېگۈدەك شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئىلغار كومپىيوتۇر بولغان pentium 486 كومپۇتېرلار، چەتئەللەر بىلەن ئېمائىل ئالاقىسى ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان بولۇپ، „Physical Review Letters“, „Physical Review“ دېگەندەك جورناللار ساماندەك ئىدى. ئابدئۈشكۇر بۇ شارائىتنىڭ كەم تېپىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تېخىمۇ تىرىشىپ، ياخشى ئوقۇيدۇ. ئۇ يەنە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆگەنگەن 77 Fortran ھىساپلاش تىلىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولغان ئىنىستىتۇت باشلىغى ئۇنىڭغىمۇ بىر دانە 486 تىپلىق كومپىيوتۇر ئېلىپ بېرىدۇ.
95- يىلى يىل ئاخىرىدا مەكتەپتىن ئالاقە كېلىپ، مەكتەپنىڭ ئابدۇئۈشكۇردىن خەلقارا نەزىرىيەۋى فىزىكا مەركىزى ICTP غا ماگېستىرلىك ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىشىنى سورايدۇ. بۇ ئېنىستۇتتا ئىسلام دۇنياسىدىن چىققان تۇنجى فىزىكا نوبېل مۇكاپات لائۇرىئانتى پاكىستانلىق دوكتۇر ئابدۇسسالامنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن 70- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيىدە قۇرۇلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ تارمىقىدىكى بىر خەلقارالىق ئىلمى ئورگان بولۇپ، بۇ ئىنستۇت قۇرۇلغاندىن تارتىپ غەرب بىلەن شەرىق ئوتتۇرىسىدا ئىلمى ساھەدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايتتى. بۇ ئورۇن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ماگىستىرلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئابدىئۈشكۇر دەرھال بۇ ئىنستىتۇتقا ئىلتىماس قېلىدۇ.
شۇنداق قېلىپ ئابدىئۈشكۇر بىر يىل بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا ئۇستازلىرىدىن خېلى كوپ نەرسىلەرنى ئۇگىنىش بىلەن بىرگە „يادرونىڭ يىمىرىلىش كەسمە يۈزىنى ھېساپلاش“ تېمىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ تېمىدا بىر ماگىسترىلىق تېزىسىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. 5- ئايدا ئۇرۇمچىدىن كىشىنى خوشال قېلىدىغان بىر خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ. ئابدىئۈشكۇر
ICTP غا قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇ 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئۇرۇمچىگە قايتىدۇ، 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا كۈتكەن كۈنلەرمۇ كېلىدۇ، ئابدۇئۈشكۇر ماگېستىرلىك تېزىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلايدۇ.
ئابدۇئۈشكۈر ئۆز زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئۇنچە يېنىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىدۇ. ئۇ ئىتالىيەگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ بىرگە ئوقۇغان، سانائەت ئىنىستوتىنى پۈتتۈرۈپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتقان گۈلنار مەمتىمىن بىلەن توي قىلىدۇ. ئارىدىن ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئايالى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئىتالىيەنىڭ Trieste شەھرىدىكى
ICTP غا ئوقۇشقا ماڭىدۇ.
بۇ مەركەزدە ھەر يىلى نەچچە يۈز قېتىملاپ خەلقارالىق يىغىنلار ئېچىلىپ تۇراتتى، ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پىزىكا نوبېل مۇكاپاتى لاۇرېنتلىرىمۇ كېلىپ- كېتىپ تۇراتتى.
بۇ مەركەزدىكى دەرسلەر يوقۇرى ئېنىرگىيە، قېتىشما ماتىرىياللار ۋە ماتىماتىكا بولۇپ 3 سىنىپ ئىدى. بۇ ئۈچ سىنىپتا ئوقۇيدىغان 30 نەپەر ئوقۇغۇچى 900 دىن ئارتۇق كاندىداتلار ئارىسىدىن تاللانغان بولۇپ، ئۇلار ئالجىرىيەدىن جەنۇبى ئاپرىقىغىچە، مۇڭغۇلىيەدىن پىلىپىنغىچە، تۈركىيەدىن رومانىيەگىچە مېكسىكىدىن بىرازىلىيەگىچە بولغان دۆۋلەت ۋە رايۇنلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدىن ئوغلىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدەك سۆيۈندۈرگىچى خەۋەر كېلىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇئۈشكۈر بىر تەرەپتىن ھاياجانلانغان بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن قەتئىلىك بىلەن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ جاپالىق ۋە تىرىشىپ ئۆگۈنۈش ئارقىلىق مەكتەپ پۈتتۈرۈش تېزىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايدۇ. نەتىجىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن شىۋىتسارىيەنىڭ Basel ئۇنۋىرىستىتىدىن تەكلىپ قىلىپ، دوكتۇرلۇققا تاللىنىدۇ.
Basel رېيىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان قەدىمى بىر شەھەر بولۇپ، باسېل ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمى ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى. فىزىكا فاكۇلتېتى بولسا ماتىرىيال فىزىكا ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تېما „scanning tunneling microscope (STM)“ غا ئاساس سالغان گۇرۇپپا ئابدىئۈشكۇر بارماقچى بولغان گۇرۇپپا ئىدى. ئابدۇئۈشكۇر ئەنە شۇ تېخنىكىنىڭ داۋامى بولغان
„Atomic Force Microscope (AFM)“ نىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسىنى چۇشەندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئاساس تىكلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئوقۇتقۇچىسى بولسا 1960-يىللىرى يېرىم ئوتكۇزگۇچ ساھەسىدە فىزىكىنى زىل-زىلگە سالغان „Ambegaokar-Baratoff“ نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان Baratoff ئىسىملىك ئامېرىكىلىق كىشى ئىدى. ئابدۇئۈشكۇر بۇ يەردىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، 2.5 يىللىق ئوقۇش نەتىجىسىنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. كەينى-كەينىدىن يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ قىلغان نەزىرىيەۋى پەرەزلىرى ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان نەچچە 10 مىڭ قۇرلۇق پىروگراممىلار بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان سانلىق قىممەتلەر تەجرىبىدىكى سانلىق قىممەتلەرگە ماس قېلىپ
AFM تېخنىكىسىنىڭ بىر قىسىم نەزىرىيەۋى ئاساسىنى تىكلەپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى خەلقارادىكى داڭلىك فىزىكا كەسپىگە دائىر ژوۇرناللاردا كەينى –كەينىدىن ئېلان قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەجرىبە گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن يېزىپ چىققان Subatomic Features in Atomic ForceMicroscopy Images ئىسىملىك ماقالىسى تەبىئى پەن ساھەسىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلىك جورنال Science "پەن" جوۇرنىلىدا 2001- يىلى 3- ئاينىڭ 30 كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ بۇ 2.5 يىل جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەتلىك ۋە خەلقارالىق يىغىنلاردا دوكلات بېرىپ ئوز ئەمگىكىنى تونۇشتۇرىدۇ.
ئابدۇئۈشكۇرنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئەلۋەتتە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ھەم قىزىقىپ ئۇنىڭ تېگىنى سورايدۇ. ئابدۇئۈشكۇر ئوز نۆۋىتىدە، پۇرسەت بولغان يەرلەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارنى پەخىرلەنگەن ھالدا تونۇشتۇرىدۇ.
ئابدۇئۈشكۈر 2000- يىلىنىڭ بېشىدا دوكتۇرلۇق تېزىسىنى يېزىپ، تاماملايدۇ. ئۇ 2.5 يىل ئىچىدە ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تۈگۈتۈپ فاكۇلتېت تارىخىدا ئوقۇشنى ئەڭ تىز پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنۋىرىستىت رەھبەرلىگى ئابدۇئۈشكۈرنىڭ شەرىپىگە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەخسۇس زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ.
ئابدۇئۈشكۈر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىۋىتسارىيەدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئوچۇر تېخىنىكا شىركىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئالىي ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەتكە كىرىدۇ. ئۇ خېلە چوڭ، مۇرەككەپ ئوچۇر سېستىما قۇرۇلمىسىنى لاھىيەلەپ، ئۇنىڭدىن مەسىلە كۆرۈلگەندە دەل يېرىدىن، ۋاختىدا تېپىپ چىقىش، تېخنىكىلىق مەسلىھەت بىرىش قاتارلىق ئىشلاردا ئوز قابىلىيىتىنى نامايەن قېلىپ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. شۋېتسارىيە دۇنياغا ئۆزىنىڭ بانكا سېستىمىسى بىلەن تونۇلغان، بۇ بانكىلار بولسا خەلقارالىق بانكىلار بولۇپ 24 سائەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مۇلازىمەتلىرىنى بىر سېكۇنتمۇ ئۈزۈپ قويماسلىغى كېرەك. ئابدۇئۈشكۇرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بانكا سېستىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى لاھىيەلەپ، يېڭى تەلەپلەرنى ۋاختىدا بېجىرىپ بېرىش، سېستىمىنىڭ تۇراقلىقلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش، سېستىمىنى ئاپتۇماتىكلەشتۈرۈش دېگەندەك مۇرەككەپ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندىن باشقا يەنە بىر گۇرۇپپىغا مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش ئىشلىرىغىمۇ مەسئۇل ئىدى.
ئۇ بۇ جەرياندا ھەر يىلى دېگۈدەك خەلقارالىق تېخنىكىلىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردى. ئالدىنقى يىل شىركەتكە ۋاكالىتەن IBM شىركىتىنىڭ باش تەجرىبەخانىسىغا بېرىپ ئۇ يەردىكىلەر بىلەن كەلگۈسى سىتىراتىگىيە ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدى. ئابدۇئۈشكۈر ھازىر Swisscom IT Services Ltd (شىۋىتسارىيە دۆۋلەتلىك ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى) نىڭ كەم بالسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئالى ئىنژېنىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئابدۇئۈشكۇر ھازىر شۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى بەرن دە ئايالى گۈلنار ۋە 3 ئوغلى بىلەن ياشىماقتا.
پايدىلىنىلغان مەنبەلەر
http://ch.linkedin.com/in/abduxukurabdurixit
http://www.xing.com/profile/Abduxukur_Abdurixit
http://www.sciencemag.org/content/291/5513/2509.full
https://www.facebook.com/gulnar.mamtimin
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-18 10:50 AM