مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1262|ئىنكاس: 7

بايلىق ، مەنسەپ ، ئۆلۈم ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:54:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                     بايلىق ، مەنسەپ ، ئۆلۈم ...
   تارىختا تالاي خانلىقلارنىڭ ئېگىلىرى بايلىقىنى ، مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ئاماللارنى قىلسىمۇ ئۆز يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ، زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ساقلىنالمىغان . ئۇرۇشۇپ رەقىبى تەرىپىدىن يېڭىلىپ ئۆلگەنلەرمۇ كۆپ ، ئەمما ئۆز يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس . مەن پەقەت بىر قىسىملىرىنى رەتلەپ يوللاپ باقتىم . ( ئەلۋەتتە تولۇق دېگىلى بولمايدۇ ، كۆپچىلىكنىڭ تولۇقلايدىغانلىقىغا ، مەندىنمۇ كۆپ بىلىدىغانلىقى ئېنىق . )
   مىلادىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلى ھۇنلارنىڭ باشلىقى باتۇر تەڭرىقۇت (مۇدۇ چەنيۈ) دادىسى تۈمەن تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرۈپ ، تۈمەن شەھىرىدە ھۇن قۇلدارلىق دۆلىتىنى قۇرغان .
   مىلادى 409 - يىلى تۇۋا گۈي ئۆز ئوغلى تۇۋا سى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى . نەتىجىدە خانلىق ئىچىدە قانلىق تەخت تالىشىش كۈرىشى باشلاندى . تۇۋا گۈينىڭ پۈتۈن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى يەر بىلەن يەكسان بولدى .
   مىلادى 552 - يىلى جۇجان خانلىقى ئاشنا تۈرك قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تۈمەن قاغان تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى ، خان ئاناغاي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى .
   مىلادى 558 - يىلى باغا قاغان قۇرىغار رايونىغا ( تاردۇش قاغانغا ) قارشى يۈرۈش قىلغان چاغدا ، ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ ۋاپات بولدى . ئىشبارا قاغاننىڭ ئوغلى ئۆرۈڭ كېڭەش ئارقىلىق تەختكە چىقىپ ، " تۇران قاغان " دەپ ئاتالدى . لېكىن مىلادى 599 - يىلى تۇران قاغان ئۆز ئادىمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
  مىلادى 591 - يىلى شېخۇ تەختكە چىقتى ، خاقان سۈي ۋېندى مەلىكە گۋاڭ خۋانى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدى . 597 - يىلى ئۆز ئادىمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، خاقان سۈي ۋېندى مەلىكە گۋاڭ خۋانى ئاكىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان يۇڭلېگە ياتلىق قىلدى  .
    مىلادى 618 - يىلى 3 - ئايدا جياڭدۇدا زىيارەت قىلىۋاتقان سۈي ياڭدىنىڭ يېقىن مۇھاپىزەتچى قوشۇنلىرى توپىلاڭ كۆتۈردى . بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھلىرىدىن بولغان مادېكەن ، يۈەن لى ، فېي چيەنتۇڭ قاتارلىقلار بارىگاھقا بېسىپ كىرىپ ، خاقان سۈي ياڭدىنى بەلباغ بىلەن ئېسىپ ئۆلتۈردى .
    مىلادى 712 - يىلى سوگا قاغاننىڭ ئىنىسى جەنۇ ئاكىسىنىڭ ئۆزىگە زور ھوقوق ۋە يەر بەرمىگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ ، كېيىنكى تۈرك خاقانلىقىنىڭ 2 - ئەۋلاد قاغانى مۇيۇنچۇرنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ، ئۇلارغا يول باشلاپ  ، ئاكىسى سوگا قاغاننى يوقىتىشقا ۋەدە بەردى . مىلادى 714 - يىلى مۇيۇنچۇر  بۆگۈ قاغاننى 20 نىڭ قوشۇنغا باشلىق قىلىپ سوگا قاغانغا قارشى ئۇرۇش باشلىدى . بۇ زور قوشۇن جەنۇنىڭ باشلامچىلىقىدا ھازىرقى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىن ، شىمالدا ئالتاي تاغلىرى ، تارباغاتاي تاغلىرى ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىننى بېسىۋېلىپ ، سوگا قاغاننى تىرىك تۇتقۇن قىلدى . ئۇزاق ئۆتمەي بۆگۈ قاغان جەنۇنى " ئاكىسىغا سادىق بولمىغان ئادەم ماڭا سادىق بولامدۇ " دەپ سوگا بىلەن بىللە ئۆلتۈردى .
    ئوغۇز ئايالىنى ئۆزىگە ئوخشاش مۇسۇلمان قىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان دادىسى بالىسىغا قارشى لەشكەر تارتماقچى بوپتۇ . بالىسى بۇ خەۋەرنى ئايالىدىن ئاڭلاپ ، دادىسىغا قارشى ئاتلىنىپ دادىسى قاراخاننى ئۆلتۈرۈپتۇ .
    ( مىلادى 628 - يىلى تۈن يابغۇ قاغان ئۆزىنىڭ تاغىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .)
    مىلادى 734 - يىلى بۆگۈ قاغان ئۆز ۋەزىرى بۇيرۇقچۇر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
    مىلادى 789 - يىلى تۈن باغا تارقان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئوغلى تۆلىش قاغان تەختكە چىقتى . لېكىن 790 - يىلى ئۆز ئىنىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
    مىلادى  757 - يىلى ئۆڭلۈك لوياڭ شەھىرىدە ئۆز ئوغلى ئەن چىڭشۈي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
    مىلادى 761 - يىلى سۆيگۈننىڭ ئوغلى ئۆز ئالدىغا قوشۇن تەشكىللەپ دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزىنى " خان " دەپ ئېلان قىلدى .
    مىلادى 839 - يىلى قاغان قۇغۇ تېكىن ئېسياندا مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى .

    مىلادى 846 - يىلى ئۈگە تېكىن ئۆز ئادىمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
    مىلادى 932 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان تاغىسى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختكە چىقتى . ( ئەسلى تەخت ۋارىسى ئىدى .) سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى بىر - بىرىگە قارشى ئىككى چوڭ گوروھقا بۆلۈندى ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كېيىنچە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولدى .
    مىلادى 1056 - يىلى سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن ئىنىسى مۇھەممەت بىننى يۈسۈپ يۈسۈف ئوتتۇرىسىدا ئېغىر زىددىيەت بولۇپ سۇلايمان ئارسلانخان تۇتقۇندا ئۆلدى . مۇھەممەت تەختكە چىقتى . 15 ئايدىن كېيىن ، 1058 - يىلى ئۆز تەختىنى ئوغلى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەتكە ئۆتكۈزۈپ بەردى . بۇ ھال مۇھەممەت بىننى يۈسۈفنىڭ خانىشلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتتى ، نەتىجىدە بۇغراخاننىڭ بىر كىچىك خانىشى خان ۋە ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەتكە زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈپ ئۆزى تۇغقان ئوغلى ئىبراھىم بىننى مۇھەممەتنى بۇغراخانلىق تەختىگە چىقاردى . ( ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەت مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئاتىسىدۇر . )
  مىلادى   1167 - يىلى پۇسۇرمان قاتۇن ئۆزىنىڭ باش ۋەزىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
    مىلادى 12 - ئەسىرنىڭ 1 - يېرىمىدا بۇرتچىن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى يېسۇكەي ئونۇن دەريا ۋادىسىدىكى كۈچلۈك بىر سىياسىي كۈچكە ئايلاندى . مىلادى 1155 - يىلى يېسۇكەينىڭ ئوغلى تېموچىن تۇغۇلدى . 1164 - يىلى ئاق تاتارلار يېسۇكەي باتۇرغا زەھەر بېرىپ ئۆلتۈردى . 9 ياشلىق تېموچىن يېتىم قالدى .
    مىلادى 1241- يىلى چاغاتاي ئۇزۇن مۇددەت ئىچىملىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى . مەسئۇت يالىۋاچ 2 ئېرانلىق تېۋىپنى چاقىرتىپ داۋالىغان بولسىمۇ ، شىپا تاپالماي ئۆلۈپ كەتتى . چاغاتاينىڭ خانىشى يەسولۇن قاتۇن بۇ تېۋىپلەرنى ئۆلتۈردى .

    مىلادى 1334 - يىلى ماۋارائۇننەھرىدىكى تارماشىرى ئۆزىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى چىنگىش تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى . چىنگىشنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى يەسۇن تۆمۈر تەخت تالىشىپ توپىلاڭ قوزغىدى . مىلادى 1338 - يىلى يەسۇن تۆمۈر چىنگىشنى ئۆلتۈرۈپ تەختىنى تارتىۋالدى
ۋە چىنگىشنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كەستى .
    مىلادى 1428 - يىلى مىرزا ئۇلۇغبەگ تەرىپىدىن ماۋائۇننەھرىدىن قوغلانغان ساتۇق خان مۇغۇلىستانغا كېلىپ ، ئۇۋەيس خانغا قارشى ئۇرۇش قىلدى . ئۇرۇشتا ئۇۋەيىسخان ئۆزىنىڭ تاھىر ئىسىملىك بىر ئادىمى تەرىپىدىن خاتا ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئىلىغا دەپنە قىلىندى .
    مىلادى 1466 - يىلى سەمەرقەندنى مەركەز قىلىپ ، ناھايىتى ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەن مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۆز ئوغلى ئابدۇلەتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
    مىلادى 1591 - يىلى ئابدۇكېرىم خان ئۆز ئىنىسى قۇرەيىش سۇلتان ۋە ئوردا ۋەزىرلىرىدىن ئەبۇلمۇئانى ، مۇھەممەت قاسىم قاتارلىقلارنىڭ ئوردا توپىلىڭى تۈپەيلىدىن مارالبېشىدا ئۆلتۈرۈلدى .
   (  مىلادى 1694 - يىلى ئاپپاق خوجا ئۆلتۈرۈلدى .)
    ئۆز يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاياقلاشمىدى ، بۇ پەقەت بىر قىسمىلا خالاس . قالغانلىرىنى يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدىنىپ يوللارمەن دېگەن ئۈمىدتىمەن . تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەنقىدىي پىكىرلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .
    مەنبە : < شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى >   بېيجىڭ . مىللەتلەر نەشرىياتى  1991 - يىلى 11 - ئاي 1 - نەشرى ، 1999 - يىلى 3 - ئاي بېيجىڭدا 2 - قېتىم بېسىلىشى .  ئاپتورى :  ئەنۋەر بايتۇر ، خەيرىنىسا سىدىق .
        2013 - يىل 3 - 17 .      ئەبەي تارىم .    شەھىرى شىخو .

         
   
                   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 11:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 01:16:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسابى بار ھاياتنىڭ

Made in Answer

^_^سۈبىھى ^-^

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2651
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15022
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 4100 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 01:49:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا !  ئۆز يېقىنلىىرىمۇ شۇنداق زىيانكەش قىلغان بارمۇ ... ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم باردە، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرىنمۇ .....

مەن قايتلانمايمەن...ھاياتىم قايتىلانمايدۇ، قايتىلىندىغىنى يېڭى ئارزو ،يېڭى  ئارمانلار...



كۈلۈپ  تۇرۇپ خوشلاشتىم يەنە ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 03:32:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئاتىسىنى ، بالىسىنى ئۆلتۈرگەنلەر قانداق كۈنلەرنى كۆردىكىن ئاخىرەتتە ، ھىسابى بار دۇنيا بۇ

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 10:32:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلار ئاخىرقى ھىساپتا، ئوتكىزگەن  ھەر بىر گۇنالىرىدىن ھىساپ بەرگۇچىدۇر،ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى بىر ئاللادۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93375
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-3-15
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 05:08:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇ  كىشىلەرنىنڭ  بىھۇدى  كەتكىنى  كەتكەن  ، بۇنداق  ادالەتسىزلىك  قىلغانلارمۇ  ئاللا قاچان  جەننەمدە ئۇزىنى كورگەندۇ. بىز  بۇ  تارىخقا خاتىمە  بىرىپ  ،ادالەت  يۇلىدا  مانڭغانلارنى  ھورمەت قىلىپ  ئۇتايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 11:32:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلىق پەرىشتىنىمۇ يولدىن چىقىرىدۇ دەپتىكەن بۇرۇنقىلار.

سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 08:50:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپپاق غوجا ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەن!

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش