مەندىن ‹‹سەن ھازىر بەختلىكمۇ ؟››دەپ سورىغان شۇ ۋاقىتتا ‹‹ھەئە!››دەپ بەرگەن جاۋابىمغا نىسپەتەن ئىچ ئاغرىتىش،قېيىداش،قىزغىنىش ،ئىشەنمەسلىك،مەنسىتمەسلىك نەزىرىڭ بىلەن قارىغىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە،سېنى تۆۋەن كۆرۈپ باي بىرسى بىلەن توي قىلىپ،بايلىقىغا بۇرنى –قۇلۇقۇمغىچە تويۇپ،ئۆز –ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىپ،ساڭا قىلغانلىرىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىپ،ھەسرەت ئوتىدا پۇچلىنىپ يۈرگەن بىر كۈنلەردە كوچىدا تەسادىپى ئۇچرۇشۇپ قېلىپ...! بىلسەڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىمنى مەندىن راستىنلا نەپرەتلەنگەن،‹‹خوپ بوپتۇ››دېگەن بولار ئىدىڭ ۋە ياكى ‹‹ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن بەندە،بىر ئازماس اللاھ ››دەپ ئەپۇ قىلىۋەتكەن بولار ئىدىڭ...!
بىلەمسەن،ئادەم ياندا بارىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىكەن،قانائەت قىلمايدىكەن ،ئۇنىڭدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىكەن،ئايرىلغاندىن كېيىن بولسا ،قەدرى ئۆتۈلۈپ پۇشايمان ياشلىرىنى،تۆكۈپ ئۆكسۈپ –ئۆكىنىدىكەن....! مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسياتىم دەل ئەڭ ياخشى نەرسەمنى قەدىرلىمەي تاشلىۋېتىپ،كېيىن پۇشايمان قىلغان ئادەمنىڭ ھېسياتى،بۇنى مىسكىن تۇرقۇمدىن پەرەز قىلىپ بولدۇڭ بەلكىم...! سەندىن ئايىرىلىپ ھېلىقى پۇلدار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ كۈنلەمچىلىكى،ئۇششاق سۆزلىكى،ھاراقسىز بىر كۈنىنىڭ ئۆتمەسلىكى،مەس كېلىپ بولدى دېگۈچە تاياق –توقماق ئاستىغا ئېلىشىچە جېنىمغا ئىكەك بولغانسېرى ،سېنى ئەسلەيدىغان،سەندىن ئايرىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىدىغان،سېنىڭ ئاھلىرىڭنىڭ تۇتقانلىقىنى كۆرىۋاتقان كۈنلىرىمدىن كۆرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى،كۆزلىرىمنىڭ ياشتىن قۇرىمايدىغانلىقىنى ....سېنىڭ ئالدىڭدا قانداقمۇ ئېغىزىمدىن چىقىرالاي ...!
ماڭا مەيلى نەپرەتلەن،مەيلى ھېسداشلىق قىل،مەيلى مەنسىتمە....بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى،ئۆتمۈشكە ،چۈشكە ئايلاندى،ئۇ ئىشلار مېنىڭ قانچە ئاھ ئۇرۇپ ۋايسىغىنىم بىلەن ئەسلىگە كەلمەيدۇ،خەير،ئەمدى ئۆتكەن كەچمىشلەرنى ئەسلەپ،سېنى قاخشاتقانلىرىمنى جازاسىنى تارتاي، ساڭا قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلىش بىلەن ئۆتەي ئەمدى...!
مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 11:06 PM
|