مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1238|ئىنكاس: 16

مەرھابا نورۇز !!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7006
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1220 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 09:16:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەرھابا نورۇز ، سەن باھار ئەلچىسىسەن

مۇھەممەتجان جېلىل لوپنۇر


ـــ ئاھ، نورۇز بايرىمى ! سەن تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغ بايرىمى!زىمىن قىشلىق ئۇيقىسىدىن ئويغۇنۇپ توققۇز مەرىكە مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.زىمىستان ئۈستىدىن غالىپ كېلىۋاتىدۇ…نورۇز بوۋاينىڭ خىتاپ قىلىشى بىلەن، دىيارىم كىشىلىرى ئۆزلىرىنڭ بايراملىق كىيملىرىنى كىيىپ زوق – شوخ بىلەن نورۇزدىن ياخشى كۈنىنى باشلاپ كاتتا بايرام بەزمىسى قىلىۋاتىدۇ… بارچە قەلىبلەر ئىپتىخارلىق ھېسىياتىدا قۇتلۇق نورۇز بايرىمىنىڭ-يېڭى يىل بايرىمىنىڭ پەيزىنى دىللىرى سۆيۈنگەن ھالدا سۈرىۋاتىدۇ…
           قارلىغاچلار، گۈل بارھارغا مەدھىيە ئوقۇپ كۆكلەم ھوزورىدا زوق-شوق بىلەن ۋېچىرلاۋاتىدۇ…بۇلبۇللار باھار ئىشقىدا خەندان ئۇرىۋاتىدۇ … بارلىق تەبىئەت كۆكلەم جىلىۋىسدە گۈزەللىككە تولۇپ، شادىمان كۈلىۋاتىدۇ… كۈلىۋاتىدۇ. دىيارىمدىكى سۇلغۇن چىرايلار باھارئاپتىپى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ گويا گۈل – گىياھ نوتىلىرىدەك بېخلىنۋاتىدۇ،چېھرىيىدەكۈلكە جىلۋە قىلىۋاتىدۇ…
        ناغرا-سۇنايلارنىڭ ياڭراق ساداسى، دۇمباقلارنىڭ گۆلدۈرلەشلىرى، ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغان تەبىئەت ئانا قەلبىنى ھاياجاندىن لەرزىگە سېلىۋاتىدۇ … ئوت يۈرەك شائىرلىرىمىز نورۇز شەنىگە، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت ئانىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك نەزمىلىرنى ئوقۇپ، نورۇز ئەھلى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۈپ ،ئۇلۇق تىلەكلەرنى تىلەۋاتىدۇ…باھادىر چەۋاندازلار ئات بەيگىسىگە چۈشۈپ،نۇرۇز مەشرىپىى ئۈچۈن ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلاق تارتىشش،توخۇ،ئىت،قوشقار سوقۇشتۇرغۇچىلار سۈرەن – چوقانلار سېلىۋاتىدۇ،بەيگىدە يەڭگەنلەر بولسا غەلبە مارشىنى ياڭرىتىپ، زېمىننى لەرزىگە سېلىۋاتىدۇ…باتۇر ئەزىمەتلەر بەل تۇتۇشۇپ، ئۆزىدە كۈچ قۇۋۋەتنىڭ تېخى كەتمىگەنلىكىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ…
        ئۆز ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلالايدىغان داۋازچىلىرىمىز كۆكتە ماھارەت كۆرسىتىپ، قانلارنى سۇيۇلدۇرۇپ، دىللارنى سۆيۈندۈرۈپ، نورۇز ئەھلىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۈپ نۇرۇز مەشرىپىنى ئەۋجىگە چىقارماقتا… تەبىئەت ئانا ،كۈن بىلەن تۈننىڭ باراۋەرلىك ئوردىسىدا ،پەسىلەرنىڭ شاھى باھار بىلەن ئاللىقانداق ئارزۇ-ئارمانلار توغرىسىدا مۇڭدىشىۋاتىدۇ. يېقىملىق باھار شاماللىرى، نورۇز ئەھلىنىڭ لەۋلىرىگە ئوماققىنە سۆيۈپ، قارا قىش ئازاپلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىۋاتىدۇ، ئۇنتۇلدۇرىۋاتىدۇ…
     دوستۇم، قارا، نورۇز ئەلچىسى باھار خاسىيتىدە غېرىبلىق بېسىپ چۆلدەرەپ كەتكەن ئېتىز – ئېرىقلاردا كۈمۈشتەك سۇلار ئېقىپ، دېھقان ئاكىلار قەلبىنى چەكسىز ھاياجانغا سېلىۋاتىدۇ. بىز بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈننى خاتىرلەۋاتقان بەختلىك مىنۇتلاردا، دېلىمىز بىلەن تىلىمىزنى بىر قىلىپ، ئۆملۈك تۇغىىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇتلۇق كۈنلەرنى تەنتەنە قىلىشنى تاشلاندۇق قىلماي، ئۆز – ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنى، ۋىجداني بۇرچىمىز قىلالىساقلا، ئەڭ سۆيۈملۈك ھەم ئۇلۇغ ئادەم بولالايمىز. مەۋجۇتلۇق ئادەمنىڭ ئەڭ زور بايلىقىدۇر، يېڭىلىق، ئىجادچانلىق ئۇنىڭ مەنبەسىدۇر. دوستۇم، كۆرىۋاتامسەن؟ دېھقان ئاكىلارنىڭ مېزىلىك نورۇز ئېشىنى ئىچىپ، ماغدۇرغا كېلىپ، مېھنەت گۈل چېچەكلىرى بىلەن بېزەلگەن خاسىيەتلىك نورۇز بەزمىسىدە:مەھمۇد بوۋام بىلەن يۈسۈپ بوۋام ۋە ئۇنىڭ ئۈممەتلرى تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ئىچىدە ساماغا چۈشۈپ، نورۇز ئەھلىگە بەخت- تەلەي ۋە ئاسايىشلىق تىلەۋاتىدۇ…
        شوخ ناخشا، يېقىملىق ساز،جاراڭلىق كۈلكە، ھۇرا توۋلىغان خىتابلار، ھەر ياندا جۇش ئۇرۇپ، ياڭراۋاتقان شادلىق سادالىرى ئىچىدىن ئەتىمىزنى قانداق قۇرۇشنى ئۈگنىۋالايلى !! ئاھ، قۇتلۇق كۈن، يېڭىلىق ئەلچىسى نورۇز ! سەن ئەسىرلەردىن بۇيان ئەجدادتتىن- ئەۋلادقا مىراس بولۇپ، مۆتىۋەر مەدەنىيەت سەھىپىسىنى يارىتىپ، ھاياتبەخىش ۋە ئىلھامبەخىش بېغىشلايدىغان سەنئەت بۆشۈكىسىەن !! سەن –شېئرىيەت مۇنبىرى، دوستلۇق بەلبىغى، ئۈمىدۋارلىق مەشئىلىسەن! سەن ـــ تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغ ھەم خاسىيەتلىك بايرىمىسەن!! مەن نورۇز ناۋاسىدىن ئالەمنىڭ مەغرۇر كۈلكىسىنى ئاڭلاۋاتىمەن. يەتتە ئىقلىمنىڭ بايرام سەلتەنەتلىرىدە باھار ئىلھامىدا شادلىنىۋاتقانلىىقىمىزنى كۆرىۋاتىمەن…
        دوستۇم، مەن باھارغا ئاشىقمەن، چۈنكى ئۇ قەلىبلەرگە ئۈمىد چىرىغى يېقىپ، ئالەمنى گۈزەل كۆرسىتەلەيدۇ، يازنىڭ مەدىتىدە كۈزنىڭ مول – ھوسۇل ۋېسالىغا يېتىشكە ئۈندەيدۇ … ئېھ، دوستلىرىم،بۈگۈنكىدەك ئۆملۈك ئىچىدە نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋىلىش نەقەدەر كۆڭۈللۈك ــ ھە ؟! بىز شۇتاپتا، ۋاقىت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بىخ روھىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلىپ،ئۆزىمىزنىڭ ھەربىر ئشىنى يىڭى باشتىن باشلاپ ، غەيرەت تۇلپارىغا مېنىپ ۋاقىت دۇلدۇلى بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشكە ھەر ۋاقىت جۈرئەت قىلالىساقلا، بەخت نىشانلىرىدىكى ئوۋلانغان تىلسىمات ئوردىسىدىكى رېسقىلىرىمىزنىڭ تەمىنى ھامىنى تېتىشقا مۇۋەپپەق بولالايمىز!! شۇنداقمۇ؟ قېنى دوستلار نورۇز ئىلھامى ، باھار ئاتا قىلغان كۈچ ماغدۇر بىلەن ئەتىمىز ئۈچۈن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئالغا، ئالغاسېرى ئىلگىرلەيلى! پەقەت شۇندىلا مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئابىدىلىرىنى تىكلىيەلەيمىز. ئاھ ،مەرھابا نورۇز ، سەن باھارئەلچىسىسەن! قەلبىلەرنىڭ شادلىق بۈلىقىسەن !! بارچە دىللارنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىسەن!!…
مەنبە: مۇھەممەتجان جېلىل لوپنۇرنىڭ“ھايات ھەقىقەتلىرى“ ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yulghunjan + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kukhelal + 10 ئىسىل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85552
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 10:11:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ھايات ھەقىقەتلىرى»،دىگەن كىتابنىڭ ئىلكىتاب نۇسخىسىنى تاپالماي يۈرتتىم ، بولسا يوللاپ بىرەمسىز ، بىزمۇ تەڭ پايدىلىنايلى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1336
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەۈرۇز كەلدى ياز كەلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86881
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1628
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 908 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جېنىم نەۋرۇززززززززززززززززززز!!!!!!!! ئاخىرى يېتىپ كەلدىڭ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! نەۋرۇزنى قوللايدىغان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ نەۋرۇزىنى تەبرىكلەيمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!!!

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1229 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېلىش ئالدىدا تۇرغان نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

^_^سۈبىھى ^-^

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2651
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15022
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 4100 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:21:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوروز كەلدى باغلار ياساندى ،
نورۇز كەلدى تاغلار ئويغاندى .
ئەل قەلبىدە نورۇز سۆيگۈسى ،
گويا ئۆچمەس گۈلخان بوپ ياندى.

...................................
ئاھ  ھھھھھھھھھھ!    بەك ھاياجانلنىپ كېتىۋاتىمەن.

مەن قايتلانمايمەن...ھاياتىم قايتىلانمايدۇ، قايتىلىندىغىنى يېڭى ئارزو ،يېڭى  ئارمانلار...



كۈلۈپ  تۇرۇپ خوشلاشتىم يەنە ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1056 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:24:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھھھھھھھھھھ،كاتتا بايرىمىڭلار كەپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5164
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1152 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:27:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇزدىن خوش خەۋەر يەتكۈزگىنىڭىزگە رەخمەت .

مۈرىڭىزىدىكى كا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22968
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7193
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:30:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجبا ئۆزىڭىىز قايسى مېللەتتن ...................................؟

ئادەم قەدىر -قىممىتنى ئەمەس ،قەدىر -قىممەت ئادەملەرنى قو غدىغان بولسا   ھە ممە يەردە   <ئەخلاق  >دەپ جار سالمغان بولاتتۇق ....!

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20197
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2261 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:32:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 11:24 PM
ۋاھھھھھھھھھھ،كاتتا بايرىمىڭلار كەپتۇ.


باشقا مىللەتتىكىلەرمۇ تەبرىكلەپتۇ دە...
راستلا كاتتا بايرام بولغاچقا...دەڭە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkuk11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 11:40 PM  


سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش