مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 831|ئىنكاس: 14

كۈندىلىك خاتىرەمدىن..... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93173
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 08:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ،كۈتۇپخانىغا چىقىش خوشياقماي ياتاقتا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتىم.
تۇيۇقسىز تېلىفۇنۇمنىڭ تىتىرشىدىن دىققىتىم چېچىلىپ قوشۇمام تۈرۇلدى.تېلىفۇننى ئېلىشىمغا قارشى تەرەپنىڭ:《تېز يوللانمىڭىز بار ،يېرىم سائەت ئىچىدە كىلىپ تاپشۇرۇپ ئېلىڭ .》دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ  خۇشاللىقىمدىن چاپانلىرىمنى كۆتۇرگىنمچە ئىشىكلەرنى تاقاشنىمۇ ئۇنتۇپ ياتاقتىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتىم.
توغرا،دەل شۇ ،نەق بىر يېشىك دادام ئۆيدىن ئەۋەتكەن نەرسىلەر ئىكەن .خۇشاللىقتا ئېمزايىمنى قويۇپلا نەرسىلەرنىڭ ئېغىر بولىشىغا قارىماي كۆتۇرۈپلا ياتاققا قاراپ ماڭدىم.ماڭغانسىرى يېشىك بارغانسىرى ئېغىرلاپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتاتتى،بىراق ئېچىمگە سىغمايۋاتقان خۇشاللىق بولغاچقا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى تەبئىلا ئۇنتۇلۇپ كىتىۋاتاتتى.
ئۇھ! ياتاققا ئاخىرى يىتىپ كەلدىم ،كىرسەم ياتاقدىشىم قايتىپ كەلگەن ئىكەن،قولۇمدىكى يوغان يېشىكنى كۆرۈپلا :
-"ئاتا-ئاناڭ يەنە يەيدىغان نەرسە ئەۋەتىپتۇ دە ؟“.
-"شۇنداق."دېدىم مەن خۇشاللىق بىلەن.
-" تەتىلدە ئېنگىلز تىلى ئۆگىنىمەن،ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ ئۆيۈڭگە كەتمەي تاماقتا تازا قىينالغان  ئېدىڭ ئەمدى بۇ يەردە مۇسۇلمانچە نەرسە ئىزدەپ جاپا تارتىپ يۈرمەيدىغان بوپسەن،ئاتا-ئاناڭ ئەجەپ ياخشى جۇمۇ سېنىڭ."
-"ئەلۋەتتىدە."كۈلۇپ قويدۇم مەن ۋە ئالدىراپلا يېشىكنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ كۆزلۈرۈمگە ئشەنمەيلا قالدىم،ئالدىمدا خۇددى <ئېچىلىڭ داستىىخىنىم>دەك مەن ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان ھەممە نەرسىلەر دىگۈدەك بار ئېدى،شۇ ئەسنادا خۇشاللىق ياشلىرىم دوملاشقا باشلىدى.مەن شۇنچە كۆپ ياخشى نەرسىلەر ئارىسدىن كۆزۈمگە ئەڭ ئېسسق كۆرۈنىدىغان ئايدەك بىر توقاچنى ئالدىم-دە كۆزلىرىمگە سۈرتتۈم.
-"ھە بۇ سەن ئالدىنقى قېتىم دېگەن 《نان》شۇ ئىكەندە؟."
-"شۇنداق،دەل شۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئانام ئۆز قولى بىلەن ياققان دېگىنە.”
ئەنە شۇ دەملەردە مھرىبان ،پەرىشتە سۈپەت ئانامنىڭ پىژغىرىم ئېسسقلاردا قەھرىتان سوغۇقلاردا ھېچبىر جاپا كۆرمەي تونۇر بېشىدا نان يېقىپ ئولتۇرغان ئاشۇ گۈزەل سېماسى كۆز ئالدىمغا كەلدى ۋە سېغىنش، مەمنۇنلۇق،تەشەككۈر،خۇشاللق.....ئارلىشىپ كەتكەن ياشلىرىمنڭ يىپلىرى يەنە ئۈزلۈپ كەتتى...
رەھمەت دادا،تەشەككۈر ئانا،پەرزەنتىڭلار سىلەرگە كۆپ قەرىزدار،مەن چوقۇم تېرىشىمەن،ئاللاھقا قەسەمكى  ھەرگىزمۇ سىلەرنى ئۈمۈتسزلەندۈرمەيمەن.....




                                 ئايىمنىسا تۇرسۇن
                                                             2013-3-17
                                                                                          چاڭچۈن.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78332
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3674
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 10:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئچكىرىدە ئوقۇيسىزكەن دە قارىسام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93173
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 10:48:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pikAso يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 10:45 PM
ئچكىرىدە ئوقۇيسىزكەن دە قارىسام

ھەئە.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 10:52:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلفۇن قىلىپ ‹رەخمەت› دەپمۇ قويدىڭىزمۇيا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73912
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3351
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 10:52:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇن بىر يىل تىل تۇرغان چاڭچۈندە ، قىشتا بەك سوغۇق.
كۆپ تىرىشىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93173
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 10:55:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Alain-Delon يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 10:52 PM
مەن بۇرۇن بىر يىل تىل تۇرغان چاڭچۈندە ، قىشتا بەك سوغۇق ...

راست دەيسىز ،مانا ھازىر مۇ قار يېغىۋاتىدۇ.... ماقۇل چوقۇم تېرىشىمەن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93173
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 10:56:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 10:52 PM
تىلفۇن قىلىپ ‹رەخمەت› دەپمۇ قويدىڭىزمۇيا؟

ئەلۋەتتىدە.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان سىتۇدىنىتلارنىڭ ھەممىسىدە سىزگە ئوخشاش ئاتا ئانىسىنى ئويلايدىغان ئسىل  پەزىلەت ، سۇلماس جاسارەت ، كۆيۈم مۇھەببەت بولغان بولسا چۇقۇم ھەممىمىزنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغان بۇلاتتى .
ئاتا ئانىلار شۇنچىلىك مېھرىبانكى ، ھەتتا ئۆزى جاپا تارتىپ پىشۇرۇپ سىزگە ئەۋەتكەن شۇ يىمەكلىكلەردىن بىر چىشلەم يىدىمۇ يىمىدى ......مېھرىبانلىرىڭىزنىڭ شۇنچىلىك كۆڭلى ، ئارزۇ ئۈمىدى ئۈچۈن چۇقۇم تىرىشىپ ياخشى نەتىجە قازىنىڭ دوستۇم .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93173
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:10:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 11:04 PM
ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان سىتۇدىنىتلارنىڭ ھەممىسىدە س ...

چوقۇم تىرىشىمەن ......ئىلھاملاندۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5271
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپاكەش ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى چۇقۇم ئاقلاڭ، دەرىسنى بەك ئۈگىنىپ ئۆلەپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىمىدىم، قارىغاندا ياتاقدىشىڭىز خەنلەدىن ئوخشايدۇ، شۇلارنىڭ ئالدىدا ئانىڭىز ياققان ناننى يىگەندەك ئالدىنقى قاتاردا ئۇقۇڭ

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش