نورۇز بايرىمى توغۇرلۇق ياردەم سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار:
نورۇز بايرىمىغا ئاز قالدا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتەپ ھەيئەتلەر گۇرپىسى مەكتىپىمىزدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدۇق لىكىن قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى كەيپىيات ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تازا بىلەلمەيۋاتىمىز.
بىز نورۇز پائالىيىتىنى نورۇز ئېشى ئېتىش ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش قاتارلىق ئىككى تۈر بويىچە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق. يەنى بىر تەرەپتىن مەيداندا سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ يەنە بىر تەرەپتىن تاماق ئېتىلىدۇ. ئەمدى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بولسا .
1- سەنئەت پائالىيىتىگە ئادەتتە ئۆتكۈزىلىدىغان پائالىيەتلەردىن سىرت يەنە قانداق مەزمۇنلارنى قوشساق بولىدۇ؟
2-نورۇز ئېشىنى ئىتىش مەسىلىسى، نورۇز ئېشىنى قانداق ئەتكەن ۋاقىتتا ياخشى بولىدۇ؟(بىز ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بىزنىڭ مەكتەپ ئىلگىرى بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ باقماپتىكەن، بىزنىڭ فاكولتىت ئۆتكۈزۈش قاراغىغا كەلگەن ئىدۇق). نورۇز ئېشىنى ئۈرۈمچىدە ئېتىدىغانلقىمىز ئۈچۈن ماتىرياللاردىن قېينىلىپ قىلىۋاتىمىز. قەيەردىن تاپساق ياخشى بولار.
3-بالىلارنى تەشكىللەش جەھەتتە، بۇ ئىشقا بىز ئوقۇغۇچىلار مەسئۇل بولغانلىقىمىز ئۈچۈن سەل تەمتىرەپ قىلىۋاتىمىز، قانداق قىلغاندا ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىنى بولىدۇ دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق.
مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكرىنى بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەمدە بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار نامىدىن كۆپتۈن -كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بالدۇراق تەستىقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بەك جىددى لازىم ئىدى.