ئاكتىپ ئەزا
نەۋرۇز بايرىمى ۋە نەۋرۇز ئېشى توغرىسىدا
نەۋرۇزدا مەشرەپ ئويناۋاتقان خەلق ئاممىسى
نەۋرۇز بايرىمى بولسا 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئسلام دىىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدۇر. ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نەۋرۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پائالىيەتتە تارىختىن بۇيان شائىرلار مۇشائىرە ئېيتىشىش، ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن باشقا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن ئوغلاق تارتىشىش، قىزلار بىچە ئويناش، ئوغۇللار مەرە ئۇيۇنى ئويناش، چېلىشىش، گاگار-كالتەك ئويناش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى ھازىر بولسا ئىت سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. نەۋرۇز پائالىيىتىدە نەۋرۇز ئېشى ئىتىلىپ ھەممە بىردەك ئېغىز تىگىدۇ. ئىلگىرى نەۋرۇز پائالىيىتى ئېلىپ بىرىلىدىغان مەيدان بۇلاق بېشى،دەريا بۇيى، ئېتىزلىقلاردا بۇلۇپ ھەممە ئائىلە قازان ئېسىپ مال سۇياتتى ھازىر بولسا بىرەر يېزا ياكى كوللىكتىپ ئۇستىگە ئېلىپ كەڭ كۆلەملىك ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. نەۋرۇز ئېشىغا كېتىدىغان ماتېرىياللار 3 چوڭ تۈر بۇيىچە تەييارلىنىدۇ. 1. دانلىق زىرائەتلەر :بۇغداي،قۇناق،گۈرۈچ،ئارپا،پۇرچاق،ماش،تېرىق .2.كۆكتات: يېسىۋىلىك،كۈدە،تۇرۇپ،چامغۇر،سەۋزە،پىياز،سامساق.3.مىۋىلەر:ئۇرۇك قېقى،شاپتۇل قېقى،جىگدە،چىلان،ئۈزۈم،قۇغۇن قېقى،ئەنجۈر قېقى. ئۇنىڭدىن باشقا قوي گۈشى،تۈز،سۇ قاتارلىقلار ئىتىلىدۇ. ئېتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى بۇلۇپ ئالدى بىلەن نەۋرۇز ئېشى ئەتمەكچى بولغان قازانغا سۇنى قۇيۇپ سۇ قاينىغاندىن كېيىن تەييارلىغان بەلگىلىك مىقداردىكى گۆشنى سالىمىز ئاندىن 1- قېتىم7خىل كۆكتات، 2-قېتىم 7خىل مېۋە، 3-قېتىم 7خىل زىرائەت سىلىنىدۇ.
نەۋرۇز ئېشى ئىچەيلى مەنبە:خەلق تورى
پاش قىلىش
زەنجىر بوغار دۈشمەن قاچار!
مەستانە ئـــەزا
ئۇيغۇرباي
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ