مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 419|ئىنكاس: 1

نوۋرۇز پائالىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9745
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7137
تۆھپە نۇمۇرى: 608
توردا: 2712 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 05:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھان ئىسىپ نوۋرۇز يىتىپ كەلدى . نوۋرۇز توغرىسىدا ھەرخىل گەپلەر ،ھەر خىل پەتىۋالار  بولدىكەن .ھەر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى ،بىلىدىغان نەرسىلىرى ئوخشىمىغاندىن كىيىن ھەرخىل باھالار بېرىلىدىغان گەپكەن.مۇنبەردىكى نوۋرۇز توغۇرلۇق تېمىلارنى كۈرۈپ مەنمۇ ئۆز چۈشەنچەمدىكى نوۋرۇزنى يېزىپ باقاي دەپ ئويلىدىم .
ئەڭ دەسلەپ يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ‹يىگانە ئارال › رومانىدىن نوۋرۇز توغۇرلۇق بايانلارنى ئوقۇغانتىم ،ئۇ كىتاپتا تەسۋىرلىنىشىچە نوۋرۇز كۈنى بىر قانچە يۇرۇتنىڭ ئادەملىرى بىر يەرگە يىغىلىپ ئوغلاق تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ ،ئوغلاقنى تاشلىغان ئادەمنىڭ ئۆيىدە مەشرەپ ئۆتكۈزىدۇ ،باشقا يۇرۇت ئەھلىمۇ ئوغلاق تارتىشنى كۈرۈپ كۆڭۈل ئاچىدۇ  مەشرەپ ئوينايدۇ.دىمەك مۇشۇ بويىنچە چۈشەنگەندە نوۋرۇز كۈنىدە يىراق يېقىندىكى كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ ،كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ مەنىۋىيىتىنى بېيتىدىغان بىر خىل پائالىيەت .
مىلىتىمىز ئەزەلدىن مەنىۋىي تۇرمۇشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت.توي- تۈكۈن ،ئۈلۈم يىتىملەرگە بارىمىز ،جامائەت بۇلۇپ ياشايمىز.غەرىپ ئەللىرىدەك يەككە يىگانە تەنھا ياشاشقا بۇ يەردىكى بىزلەر كۆنەلمەيمىز ، بەلكىم جاھان تەرەققى قىلىپ بىر يەرگە بارسىمۇ يەنە بىزلەر جامائەت بۇلۇپ ياشىشىمىز مۇمكىن .ئەسلى گەپكە كەلسەك نۇۋرۇز مۇ بىزنىڭ بىرخىل مەنىۋىي پائالىيىتىمىز ،قەدىمدە ئاتا بوۋىمىز باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى قۇتلۇقلاپ ،ئوغلاق تارتىپ ،مەشرەپ ئويناپ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ئىكەن .
قەدىم دىيىلگەن زامانلاردىغۇ نۇۋرۇز پائالىيىتىمىز مۇشۇ شەكىللەردە  بولۇپتىكەن ،ھازىرقى يېڭى زامانىمىزدىكى نوۋرۇز چۇ ؟؟ھازىر مىنىڭچە بۇرۇنقى پائالىيەتلەر ئاز ياكى يوقنىڭ ئورنىدا ،شەخسەن مەن كۈرۈپ باقمىدىم ،بەلكىم شىمالدىراق  ياشىغاچقىمۇ  ياكى باشقا سەۋەپمۇ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىمىز  بولغان ئوغلاق تارتىش ،چېلىشىش ،مەشرەپ قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۈرۈپ باقمىدىم ،ھازىر بەلكىم بەزى سەۋەپلەر بىلەن كۆپ ئادەملەر يىغىلغان  پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈلمەسلىكى مۇمكىن .
تور بەتلەردە دىيىلىۋاتقان ،  ھاراق ئىچىش،ئولتۇرۇش قىلىش، ‹مەن نوۋرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزمەيمەن › ....دىگەندەك گەپ سۆزلەر بەكمۇ بىرتەلەپلىمە .  بىر قانچە ئادەم يىغىلىپ يەپ ئىچىپ ، ئولتۇراش قىلغان بولسا ،بۇ نامدىكىلا بىر يەپ ئىچىش خالاس.بىر ئادەم چىقىپ مەن نوۋرۇزنى ئۆتكۈزمەيمەن ، ياكى ئۆتكۈزىمەن دىگەن بولسا  ،بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزىمەن ياكى ئۆتكۈزمەيمەن دىگىنىگىلا  بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. بىرقانچە ئادەم يەپ ئىچىپ ئۆتكۈزىۋالىدىغان بايرام ئەمەس .
مەن كۆپ كىشلەرنىڭ  بايرام بىلەن نوۋرۇز پائالىيىنىڭ خارەكتىرىنى  ئالماشتۇرۇپ قويغىنىنى ھىس قىلدىم . دۆلەت بايرام،ئەمگەكچىلەر بايرىمى،ياشلار بايرىمى ...دىگەنلار بايرام . نوۋرۇز بولسا ،ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي پائالىيىىتى .
مەن ئوقۇغان كىتاپلاردىن بىلىشىمچە ، نوۋرۇز كۈنى ،پۈتۈن يۇرۇت خەلىقى يىغىلىدۇ  ،نوۋرۇز ئېشى ئېتىلىدۇ ،مەشرەپ ئوينىلىدۇ، ئوغلاق تارتىلىدۇ ، ھەرخىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلار ئوينىلىدۇ ،ئىناقلىق ئۆملۈك تەكىتلىنىدۇ.يىتىم-يىسىرلار يوقلىنىدۇ .بۇ بىر خەلىقنىڭ مەنىۋىيىتى بېيىتىلىدىغان ،ئىتىپاقلىق تەكىتلىنىدىغان ناھايىتى ياخشى بىر خىل سورۇن .
ھازىر شەھەرلەردە ،بەزى شەھەرلەشكەن يەرلەردە ۋە ياكى كۆپ يەرلەردە بۇ پائالىيەتلەرنى قىلىش ئىمكانىيىتى يوق .پەقەت تېلۋىزوردىن نوۋرۇزغا ئاتالغان  سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرەلەيمىز .
مەن نوۋرۇزنى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى بىرخىل پائالىيىتىمىز دەپ چۈشىنىمەن .خۇددى بادام دوپپا بىزنىڭ مىللى كىيىم كىچىكىمىز ۋە بىزنىڭ بەلگىمىز بولغىنىدەك .


گۇناھىم سۆيگىدىن ئۆزگە،نىمەدۇر بىلمىدىم ئەسلا
barisjan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 08:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش