مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 909|ئىنكاس: 21

كەچۇر مىنى ئانا (پوۋسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 04:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   بۇ ئەسىرىم ئارقىلىق ئېچىش ــ چېكىش،ئويۇن تاماشەلەرگە بىرىلىپ،ئاتا ــ ئانىلارنى زار ــ زارقاخشىتىۋاتقانلار، ئۆزقىلۋاتقان ئېشىدىن قول ئۈزسە، مەن بۇ ئەسەرنى يازغانلىقىمدىن خۇرسەن بولاتتىم.
                                                                            (خاتىرەمدىن)
   قاراڭغۇ چۇشكەندىن بۇيانقى جىمجىتلىقنى،تۇن نىسپى بولغاندا يىراقتىن ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، بۆرىلەرنىڭ ئۈزۇپ ــ ئۇزۇپ ھۇۋلاشلىرى بۇزۇپ تۇراتتى. ئاسماندىكى نۇرلۇق چىراغدەك،جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار، ئەمدى نەلەرگىدۇر يوقالغانىدى. ئەتراپنى تۇن قاراڭغۇلۇقى قاپلىۋالغان بۇلۇپ، ھىچنىمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتى.
  كۆكتىن ۋال ــ ۋۇل قىلىپ نۇرلارنىڭ چېقىشى بىلەن تەڭلا، يامغۇر چۇشۇشكە باشلىدى. ئۇياقتىن ــ بۇياقتىن كۈچلۇك ئوت يالقۇنى چىقىپ تۇراتتى.چاقماقنىڭ ئاۋازى ئۇزۇلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. خۇددى ئاشۇ چاقماق بىلەن بەسلىشۋاتقاندەكلا ئايشەنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كەتتى. ئۇ تولغاق ئازابىدا پەريات چىكىۋاتاتتى. ئۇ ئاشۇ ئازاپلارغا ئازراق بولسىمۇ داۋا بولدىغاندەك، ئۆزىنى ھەر يانلارغا سىلكىيتى، ئۆزىنى ئاتاتتى. لىكىن يەنىلا پايدىسى بولمىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يەنە ئۆمۇرلىك ھەمرايى، ھالال جۇپتى بولغان بەكرى كەلدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئاستا ـ ئاستا ياستۇققا چۇشۇۋاتاتتى. ئۇ ئۆز ــ ئۆزىگە غايىبانە سۆزلەيىتى:
ــــ ئاھ بەكرى! سەن بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ كەتتىڭغۇ؟ بىز ساڭا مۇھتاج ئىدىققۇ؟ بۇ بالىغا ، ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايتى، سەن بۇلارنى ئويلاپمۇ قويماي كەتتىڭ.ھازىر سىنىڭ يىنىمدا بولشىڭنى،  قانچىلىك ئارزۇ قىلدىغانلىقىمنى ئۇيلاپمۇ باقمىغاندىڭ.ھەر قىتىم بۇ بالىنى ئويىسام سەن يادىمغا كىلىسەن.  بىزگە سەن بولمىساڭ بولمايتى. ــــ كىمدۇر بىرىنىڭ سوزۇپ ـ سوزۇپ گېلىنى قېقىشى بىلەن ، ئايشەم نەزىرىنى ئېشىك تەرەپكە ئاغدۇردى. ئېشىكتىن:
  ـــــــ قىزىم قانداراق تۇرىسەن؟ ـــ دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر موماي كىرىپ كەلدى.  ئۇ ئايشەمنىڭ تام قوشنىسى بۇخلىچەم ئىدى.  يېشىنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ مەھەللىدىكىلەر ئۇنى <<بۇخلىچىخان>> دەپ ئاتىشاتتى.
  بۇخلىچىخان ئۆيگە كىرىپ، ئايشەمنىڭ ئەھۋالىنى كۆردى. ئۇ ئايشەمنىڭ يېنىغا بىرىپ ، ئۇنىڭ تىنىچ ـ ئامان تۇغۇشىغا ياردەملەشتى. چاقماق تىخىمۇ قاتتىق چېقىۋاتاتتى. بىردىنلا چوڭ بىر ئوت يالقۇنى كۆكنى يېرىپ ، ئەتراپنى يوپيورۇق قىلۋەتتى.ئۆي ئېچىدىن بىر بۇۋاقنىڭ ئېڭڭەلەپ يىغلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
                                         (2)
   ئايشەم پاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇققانىدى.
   بۇگۇن بۇ بالنىڭ تۇغۇلغىنىغا يەتتە كۈن بولغان بۇلۇپ، ئىسلام شەرىئەت قائىدىللىرى بويىچە، ئىسىم قويىدىغان ۋاقىت ئىدى. ئايشەم بۇلارنى تىخىچە ئويلاپ باقمىغاندەك،  غەمكىن قىياپاتتە ئولتۇراتتى.
ـــ قىزىم بۇگۇن بۇ بالىغا ئىسىم قويۇۋىتەيلىمۇ؟ ــــــ بۇخلىچىخاننىڭ ئاۋازى بىلەن، ئايشەم ئەندىكىپ ئەسلىگە كەلدى. ئاندىن:
  ـــــــ ماقۇل.ـ دىدى ئۇ بىشىنى ئاستا لىڭشىتىپ.
بۇخلىچىخان ئايشەمنىڭ مەيۇس چىرايىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن:
  ـــــ بالىغا ئىسىم قويۇش ئاتا ـ ئانا ئۈچۇن پەرىز ھەم قەرىز، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن ئاتا ـ ئانىنىڭ دۇچ كىلدىغىنى، بالىغا ئىسىم قويۇشتۇر. ئىسىم قۇلاققا يىقىملىق بولغاندىن باشقا، مەنىسنىڭ ياخشى بولىشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ. شۇڭا سەن ياخشىراق بىرەر ئىسىم ئويلاپ قويغانمىدىڭ؟ ـــــ دەپ سورىدى. ئايشەم <<ياق >>دىگەن مەنىدە، بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى. ئاندىن:
ـــ مالال كۆرمەي سىللى دەپ بەرگەن بولسىلا، شۇ ئىسىمنى قويساق دىدى.
    ئۇلار خىلى ئۇزۇن گەپ ــ سۆزسىز ئولتۇردى. يىقىنلا ئەتراپتىن دان ئېزدەپ يۇرگەن قۇشلارنىڭ،سايراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار بىردە يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتسە، بىردە باش ئۇستىدىلا ئۇچۇپ يۇرشەتتى.
ــــ بۇ بالا بەكرىنىڭ بىردىنبىر ئەۋلادى. ـــ دىدى،بۇخلىچىخان ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ. ئۇ يەنە:
ــــ ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ تىخىمۇ كۆپىيشى ئۇچۇن، بۇبالا ھايات تۇرمىسا بولمايدۇ.شۇڭا بۇ بالنقڭ ئىسمى <<تۇرسۇن >> بولسۇن. ـــ دىدى.ئايشەم بېشىنى ئاستا لىڭشىتىپ قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
    ئۇلار يەنە جىمجىت ئولتۇرشاتتى. ئايشەمنىڭ كۆز ئالدىغا يەنە بەكرى كەلدى. ئۇزۇن يىللىق ھالال جۇپتىنى كىممۇ ئۇنتالىسۇن ــ ھە؟ ياشلىق ۋاقىتلىرىدىكى، ئاشۇ گۇزەل ئەسلىملەر، ئۇنىڭ كۆزئالدىغا كەلدى. يىڭى توي قىلغان ۋاقىتلاردىكى شىرىن كۈنلەر، كىچىچە كىرپىك قاقماي مۇڭداشقان ئايدىڭ كىچەلەر، تارتىنىپ تۇرۇپ قىيا بىقىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قايتا نامايەن بولۇشقا باشلىدى. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالمىدى. بۇخلىچىخان ئۇنىڭغا:
ـــ بولدى قىزىم ئەمدى يىغلىمغىن.<<بالاغا سەۋىر، قازاغا رىزا>> دەپتىكەن. ئۆلۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ كەينىدىن ئۆلۋالغىلى بولمايدۇ. بۇ بالىغا يەنە سەن، مەن قارىمىساق كىم قارايدۇ؟ كىم بىقىپ چوڭ قىلىدۇ؟سەن بۇ بالاڭنى بەكرىگە ئوخشاش ئەخلاقلىق، ئەقىللىق، ئاللاھنى تونۇيدىغان قىلىپ، چوڭ قىلساڭ بەكرى سەندىن رازى بولاتتى. ـــ ئۇنىڭ سۆزى قانچە داۋاملاشقانسىرى، ئايشەمنى شۇنچە يىغا تۇتاتتى. بۇخلىچىخان يەنە:
ــــ ئەمدى يىغلىما قىزىم. مەن بىرىپ مەھەللە ئىمامىنى چاقىرىپ كىلەي، بۇگۇنلائىسىم قويۇۋىتەيلى. ئايشەم ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۇرتۇپ <<ماقۇل> دىگەن گەپنى ئارانلا قىلالىدى.
   پىشىن نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، بۇ بالىغا ئىسىم قويۇلدى.
                               (3)
   كۈنلەر، ئايلار بىرــ بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە.ياشاپ بولغانلار كىتىۋىرىدۇ،ياشاش ئۇچۇن كەلگەنلەر كىلىۋىرىدۇ، ھايات ئەنە شۇنداق بىر خىل ئىزدا داۋاملىشىدۇ. مانا بۇ كۈنلەردە، ئايشەمنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ، يۇز كۆزلىرىنى يىللارنىڭ سۇۋغىسى بولغان<<قوۇق>>لار قاپلىغاندى. بۇخلىچىخان بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قازا قىلغانىدى.ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرسۇن بىلەن ئايشەم يالغۇز قالغانىدى. تۇرسۇن تىخىمۇ ئوماقلىشىپ ، تىخىمۇ ئەركە چوڭ بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ قاش،كۆزلىرى بەئەينى دادىسى بەكرىگە ئوشاش ئىدى.
   سىنتەبىرنىڭ غۇر ــ غۇر شاماللىرى، كىشىلەرگە قىشنىڭ سۇغۇقلىرىنى ئەسلىتەتتى. تۇرسۇنمۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكەن بولۇپ، ساۋاقداشلىرى ، دوستلىرى بىلەن خۇشال ئويناۋاتاتتى. ئانىسى ئايشەم يىراقتىن ئوغلىنىڭ ھەركەتلىرىنى كۆرۇپ ئىچ ــ ئىچىدىن سۆيۇنمەكتە ئىدى. ئانا ئۇچۇن ئۆز بالىسنىڭ خۇشاللىقىدىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بارمۇ ـــ ھە؟!!
   ئەنە ئۇلار بىرىدە پومداقلاشسا، بىردە چېلىشاتتى. تۇرسۇن باشقىلارغا قارىغاندا قاۋۇل بولغاچقا، ھەممىنى بېسىۋالاتتى،ھەممىنى يىقىتىۋالاتتى.
   دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. ھەممە بارلىلار،سېنىپقا قاراپ يۇگۇرمەكتە ئىدى. تۇرسۇن يەنىلا ھەممىنىڭ ئالدىدا بولۇپ كېتىپ باراتتى. ئۇ ھەر قاناىق ئېشتا ئۆزتەڭتۇشلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تۇراتتى. دەرىسلەردىمۇ ئەڭ ياخشىسى ئىدى. شۇڭا ساۋاقداشلاردىن تارتىپ، ئوقۇغۇچىلارغىچە ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى.
                                      (4)
   كۈزنىڭ سالقىن كۈنلىرىدە،تۇرسۇننىڭ ئوقۇش ھاياتى باشلانغىنىغا، كۆزنى يۇمۇپ ــ ئاچقۇچە 5 يىل بولۇپ قالدى. ئۇ تەڭتۇش بالىلاربىلەن بىر يەردە،بىللە تۇرسا خۇددى بىر توپ قوي پادىسى ئارسىغا بىر تۇگە كىرىپ قالغاندەك كۆرنەتتى. بويلىرى ئىگىز، گەۋدىلىك،قاۋۇل يىگىتلەردەك كۆرنەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئايشەم ، ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ كېتەتتى. چۇنكى تۇرسۇننىڭ چىرايى بەكرىگە بەك ئوخشاش ئىدى.
  كۆپكۇك تال سايىسى ئاستىدا ئولتۇرغان ئايشەم، ئوغلى تۇرسۇننى كۈرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. تۇرسۇن ئانسىغا:
ـــــ ئانا بۇ يەردە نىمە ئېش قىلۋاتسەن؟ بۇگۇن مەكتەپكە باراتتىڭغۇ؟ ـــ دىدى. شۇندىلا ئايشەمنىڭ ئېسىگە ، مەكتەپتە ئاتا ــ ئانىلار يىغىنى بارلىقى كەلدى. ئاندىن:
ـــ يۇر، ئوغلۇم. مەكتەپكە بارايلى. ــــ ئۇ  شۇنداق دەپ تۇرسۇننىڭ قولىدىن تارتىپ ماڭدى. يولدا ماڭغۇچە تۇرسۇن ئانىسىگە :
ـــــ ئانا بۇ يىغىنغا دادام كىلىپ قاتناشسا بولۇپتىكەن. داۋاملىق باشقا بالىلارنىڭ ئۆز دادىللىرىنى << دادا>> دەپ چاقىرىشقىننى كۆرۇپ دادام يادىمغا كىلىدۇ. دادام قانداق ئادەم بولغىيتى؟ مىنى نىمىشقا كۆرگىلى كەلمەيدۇ؟ دەپ ئويلاپ كىتىمەن. ئانا ئەمدى دەپ بەرگىن دادام نەگە كەتتى؟ ــ دىدى. ئايشەم ئاللىبۇرۇن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ بولغانىدى. تۇرسۇن يەنە:
ــ ئانا نىمە بولدۇڭ؟ گەپ قىلە! ــ دەپ ئانىسنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇراتتى. ئايشەم ئوغلىنىڭ خىلى چوڭ بولغانلىقىنى ئويلاپ بەكرىگە مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى دەپ بەرمەكچى بولدى. ئاندىن:
ـــ ماڭغىن بالام،يولدا ماڭغاچ دەپ بىرەي. ــــ ئايشەم گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي ، ئۇن تىنسىز مېڭىۋاتاتتى. تۇرسۇن يەنە:
ــــ ئانا گەپ قىلە! دادام نەگەكەتتى؟ ـــ دەپ سورىدى، ئايشەم خىلى ئۇزۇندىن كىيىن :
ــــ بالام داداڭ.......... داداڭ ئۇ.........ئۆلۇپ كەتكەن. ــــ ئايشەم ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، ئاۋازىنى قويىۋىتىپ يىغلاپ كەتتى. ئانىسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان تۇرسۇن،خىلى ئۇزۇنغىچە ئىسىنى يىغالماي قالدى. بىر ئازدىن كىيىن بولسا،كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا:
ــــ ئىيىنقىن، ئانا. دادام .......... دادام نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بولىسۇ؟ مەن ئۇنىڭ دادىلىق مىھرىگە تىخى قانمىغانىدىمغۇ؟ مەن تىخى ئۇنى كۆرۇپ باقمىغان ئىدىمغۇ؟ ئىيىتقىن ئانا.ئىيىتقىن ........ ــــ تۇرسۇننىڭ سۆزلىرى ئانىنىڭ باغرىغا خۇددى نەشتەردەك سانجىلماقتا ئىدى. ئۇلار خىلى ئۇزۇن يىغلاشقاندىن كىيىن. ئايشەم:
ــــ دادام سەن تۇغۇلۇشقا ئاز قالغاندا،كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ كىسلىنى دوختۇرلارمۇ تاپالمىغانىدى. ئۇنىڭ كىسلى كۈندىن كۈنگە ئىغىرلاشماقتا ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ............... ــــ ئايشەمنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار،يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك چۇشەتتى. تۇرسۇننىڭ ئاۋازىمۇ يىراقلارغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دەل مۇشۇ دەقىقىلاردە تۇرسۇن << مەن چوڭ بولۇپ ، بىرشىپاخا ئاچىمەن. ئۇنىڭدا كىسەل سەۋەبىدىن بى.ەجەل ئۆلۇپ كىتىۋاتقان ئاشۇ نامىرات،بىچچارە كىشىلەرنى ھەقسىز داۋالەيمەن.>>دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇلار ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۇرتۇشكىنىچەمەكتەپكە راۋان بولدى.
                                     (5)
  مانا ھەش ــ پەش دىگىچە،تۇرسۇننىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتى ئاخىرلىشىپ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى باشلاندى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ جەمىيەت بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى ئىدى.
   تۇرسۇن جەمىيەت بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ تۇنجى ئالغان تەلىمى ـــــــــ نەشە چىكىش بولدى . ئۇ تۇنجى قىتىم تارتىپلا، شۇنداق راھەتلىنىپ كەتتى. ئارقىدىن سۇنايلىنىپ يىتىپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى خۇددى ئۇچۇۋاتقاندەك، بۇلۇتلار ئارا ئۇزۇپ يۇرگەندەك سىزەتتى. ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ <<ئۇستازى>> بولغان ئەكبەر ئۇنى يۆلەشتۇرگەنىچە ئۆيگە ئىلىپ كەتتى.
   شۇنىڭدىن كىيىن، تۇرسۇن بەزىلدە ئۆيگە كىرمەس بولۇپ قالدى. بۇ تۇغۇرلىق ئانسىگە:
ــــ مەن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە دەرىس ئۈگنىۋاتمەن .سەن ئەنسىرەپ كەتمە. ــــ دىگەن سۆزلەرنى قىلدى.
   كۈنلەر بىر ــ بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. تۇرسۇن نەشە چېكىشكە بەكلا قىزىقىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۇستازى بولغان ئەكبەرمۇ، ئۇنى داۋامنىق ھەقسىز مال بىلەن تەمىنلەپ بولالمايتى.شۇڭا تۇرسۇن ئەمدى پۇل تېپىشى كىرەك ئىدى. بۇ مەسلە ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتاتتى. بىر كۈنى ئەكبەر:
ــــ پۇت ــ قولۇڭنى ئىشقا سىلىپ پۇل تاپ دىدى.ــــ تۇرسۇن بۇ گەپنى تازا چۇشنەلمەي بېشىنى لىڭشىتى.
   ئۇ ئەتىسدىن باشلاپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ پۇل تاپتى. بىر كۇن كەچكىچە تاپقان پۇلىغا، شۇ كۈنى كەچتىلا چېكىپ بولاتتى. ئەمدى ئۇ مەكتەپنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.
   بۇگۇن ھاۋا شۇنداق ياخشى بۇلۇپ، تۇرسۇن ئەتتىگەندىلا مەكتەپكە بارىمەن دەپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنىدى.ئۆيدە بولسا ئايشەم يالغۇز قالغانىدى. ئۇ ئۇخلىمەقچى بولۇپ ئەمدى ياتاي دەپ تۇرشىغا، بىرسى ئېشىكنى ئۇرۇپ <<تۇرسۇن >> دەپ توۋلىدى. تۇرسۇننىڭ ئانىسى ئېشىك ئالدىغا چىقىپ:
ــــ تۇرسۇن مەكتەپكە كەتتى. ــ دىدى. ئۇ بالا:
ــــ تۇرسۇن نەدىكى مەكتەپكە كەتتى؟ ئۇ خىلى ئۇزۇن بولدى مەكتپكە بارمايۋاتىدىغۇ؟ ــ دىدى.
ـــ نىمە مەكتەپكە بارمايۋاتىدۇ دىدىڭىزما؟!! ــ ئايشەم كۆزلىرىنى پاقىرتىپ تۇرۇپ شۇنداق سورىدى.
ـــ ھەئە. تۇرسۇن ئوقۇش باشلىغاندىن تارتىپ مەكتەپكە بارمايۋاتىدۇ. سىللى ئۇنىڭ نىمە ئېش قىلدىغانلىقىنى بىلمەملا؟ ــ دەپ سورىدى.
ـــ ياق مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن. ئۇ نىمە ئېشلارنى قىلۋاتىدغاندۇ؟ يامان يوللارغا كىرىپ قالغانمىدۇ ــ ھە؟ ــ ئۇ قايتا ــ قايتا سورىغان بپلسىمۇ ھەممىسى جاۋاپسىز قالغانىدى.
                             (6)
  تۇرسۇن شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، ئايشەمنىڭ <<سوراقلىرىغا>> تۇتۇلدى. ئۇ ئانىسنىڭ << مەكتەپكە بارماي نىمە ئېش قلۋاتسەن؟ >>دىگەن سۇئالىغا:
ـــ ئانا ئەمدى ئوقۇمايمەن. ساڭا ياردەملىشىپ ، ئائىلە ئېشلىرىنى قىلاي. ئۈتنىڭ ھەممە ئېشى ساڭا يۇكلىنىپ قاپتۇ. مەنمۇ چوڭ بولدۇم. ئەمدى ساڭا ياردەملىشەي. ئائىلە ئىقتىسادىمىز ماڭا ئايان شۇڭا،ئۇزۇندىن بىر ئېش ئېزدەپ يۇرۇپ، تۇنۇگۇن ئېش تاپتىم. ــــ دىدى. ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ:
ـــ  ياق! سەن ئوقۇمىساڭ بولمايدۇ. مەن سىنى چوقۇم ئوقۇتىمەن. داداڭمۇ سىنىڭ ياخشى ئوقۇشىڭنى ئارزۇ قىلاتتى. سەن ياخشى ئوقۇساڭ داداڭمۇ خاتىرجەم ياتىدۇ.
ــــ ياق! ــ دىدى، تۇرسۇن كەسكىنلىك بىلەن.  ــــ مەن ئائىلە ئەھۋالىمىزنى ئوبدان بىلىمەن. سەن مىنى ئاخىرگىچە ئوقۇتىمەن دىسەڭ جىق جاپا تارتىپ قالىسەن. ھىلىمۇ كۆپ جاپا تارىتتىڭ. ماقۇل بولغىن ئەمدى ئوقۇمايمەن. ـــــ  ئۇ ئانىسنى گەپتە قايىل قىلىشنى ئويلاۋاتقاندەك، ئۆزىگە توختىماي ئاساس ئزدەيتى. ئۇلارنىڭ پارىڭى تۇن نىسپى بولغۇچە داۋام قىلدى. ئايشەم ئاخىرى تۇرسۇننىڭ ئېشلىشىگە ماقۇل بولدى.
                                 (7)
  تۇرسۇن كۇندۇزى ئېشلەپ، كىچىسى چېكىپ ، ئېچېپ،ئويناپ يۇردى. ئۇنىڭغا ئېچىشنىمۇ  ئەكبەر ئۈگەتكەنىدى. چىكىشتە<<تەرەققى>> قىلىدى. باشتا بىر قىتىم تارتىپلا بولدى قىلاتتى، لىكىن ھازىر بولسا توختىماي تارتىۋەرسىمۇ، ھىچقانداق تەسىر كۈرسەتمىدى. قىسقىسى ئۇ چېكىشكە بەكلا كۆنۇپ كەتكەنىدى.
  تۇرسۇن بۇەۇن ئارام ئالغان بولۇپ بۇگۇن ئۆيدە ئولتۇراتتى.ئەكبەر دەل بۇگۇنكىدەك كۈننى ئۇزۇندىن بىرى كۈتۇۋاتاتتى. چۇنكى ئەكبەر يىڭى بىر<<ئويۇن>> تاپقانىدى. شۇڭا ئۇ تۇرسۇننىڭ يىنىغا بىرىپ :
ــــ تەييارلىق قىلغىن. سېنى ئەڭ ياخشى بىر يەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلەي .  شۇ باھانىدە كۆزۇڭ ئېچېلىپ قالسۇن . ــــ دىدى، تۇرسۇن ئەكبەر خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۇن تىزلا ماقۇل بولدى.
   ئۇلار شۇ ماڭغانچە، شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىغا جايلاشقان، بىر دىسكوخانىگە كىرىپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن، ئىككى قىزچاق كىرىپ كىرىۋاتاتتى. قىزلار ئۇزۇن كۈينەك كىيۋالغان بولۇپ، يۇز ــ كۆزلىرىن يۇگىۋىلىشقانىدى. تۇرسۇنلار بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇشقاندىن كىقىي ، سەھنىدە ھىلقى ئىككى قىز پەيدا بولدى. ئۇلار كۈينەكلەرنى سىلىۋەتكەن بولۇپ، چاچلىرىنى ئەركىن قويۇۋەتكەنىدى. تۇرسۇن كۆڭلىدە: << قىزلار دىگەنمۇ مۇشۇنداق بولدىكىنە،   مىللىتىمىز قىزلىرىغا نىمە بولغاندۇ؟ ئۇلارنى باشقۇردىغان ئاكىللىرى، ئىنىللىرى يوقمىدۇ؟ ئاللاھ ماڭا بۇنداق قىزلارنى يولۇقتۇرۇشتىن ئۆزۇڭ ساقلىغايسەن.>> دىگەنلەرنى ئويلىدى.
   ناخشا ــ مۇزىكا ساداسى توختىغاندىن كىيىن، قىزلار تۇرسۇنلار ئولتۇرغان ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى. ئەكبەر ئۇلار بىلەن تونۇش بولسا كىرەك. ناھايىتى قىزغىن كۈرشۇپ كەتتى. ئۇلار خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كىيىن.، تۇرسۇن يەنە بىر قىزنى يىتىلەپ، ئۇسۇل ئوينىغىلى سەھنىگە چىقىپ كەتتى. ئەمدى تۇرسۇن بىلەن يەنە بىر قىز يالغۇز قالغانىدى.  ئۇزۇن جىمجىتلىقتىن كىيىن تۇرسۇن :
ــــ ئىسمىڭىز نىمە؟ ــ دەپ سورىدى.
ــــ ئايشەم. سىزنىڭچۇ؟ ــــ دىدى، قىز . كۆزلىرىگە چۇشۇپ تۇرغان چاچلىرىنى تۇزەشتۇرگەچ.
ــــ تۇرسۇن.
  ئۇلارنىڭ پارىڭى مۇشۇ سۆزدىن باشلاندى. ئۇلار ياخشى كۆردىغان، يامان كۆردىغان نەرسىلەر ھەققىدە، مىللەت، دىن ھەققىدە، كەلگۇسى، ھازىرى ھەققىدى ئۇزۇن پاراڭلاشتى. قاچان كەلدىكىن ئەكبەرنىڭ گېلىنى قىرىپ قويىشى بىلەن توختاپ قېلىشتى.  ئەكبەر:
ـــ كەچ بولۇپ قاپتۇ. يۇرە تۇرسۇن ئەمدى بىزمۇ ئۆيگە قايتايلى، ئۇلارمۇ ئۆيلىرىگە قايىتسۇن. ـــ دىدى.
  تۇرسۇن ئايشەمنىڭ كۆزلىرىگە لەپپىدى بىرنى قاراپ قويۇپ ئورنىدىن تۇردى، كۆزلەر ئۈنسىز خوشلاشتى.
                             (8)
   مانا شۇ قېتىملىق ئۇچۇرشىشتىن كىيىن، تۇرسۇن ئۆزى تەلەپ قىلىپ دىسكوخانىگە بىر نەچچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئايشەملەرنى ئۈچرىتالمىدى. ھەر قېتىم خۇشاللىق ئېچىدە بارغان بولسا، قايتىشىدا غەم ـــ قايغۇ ئىچىدە قايتىۋاتاتتى. ئاخىرى چىداپ بولالماي ئەكبەرگە:
ـــــ  ئەكبەركا، ئايشەمنى ئەجەپ ئۇچرىتالمايمەنا؟ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشسەم بولاتتى. ـــ دىدى. ئەكبەر:
ـــــ ئالدىرماي تۇرغىن ئۇلارنىڭمۇ كىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. ــــ ئۇنىڭ سۆزى تۇگىمەيلا يىراقتىن:
ـــــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ـــ دىگەن سىلىق ئاۋاز ئاڭلاندى. تۇرسۇننىڭ بۇ ئاۋازدىن يۇرەكلىرى يايراپ كەتتى. چۇنكى بۇ ئاۋاز ئايشەمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
  قىسقىغىنە سالام ــ ساھەتتىن كىيىن، ئەكبەر تۇرسۇن بىلەن ئايشەمنى يالغۇز كويۇپ، يەنە ھىلقى قىز بىلەن ئۇسۇل ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى. تۇرسۇننىڭمۇ ئارزۇسى شۇ ئىدى. ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئايشەم بىلەن تۇرسۇن قايتىدىن تىنىچ ــ ئامانلىق سوراشتى.
   ئۇلار خىلى ئۇزۇن گەپ سۆزسىز ئولتۇرغاندىن كىيىن. تۇرسۇن ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:
ــــ  سىز بۇ يەرگە داۋاملىق كىلەمسىز؟ ــــ  دەپ سورىدى.
ــــ ياقەي بۇ يەرگە تىخى ئىككى ــ ئۈچ قېتىم كىردىم. سىزچۇ؟
ــــ مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاشكەنمەن، ئانچە كۆپ كىرمىدىم.
ـــ ھە. ــــ قىز شۇنداق دەپ كۈلۇمسىرەپ قاراپ قويدى. تۇرسۇن يەنە:
ـــ سىز نىمە ئېش قىلسىز؟ ـــ دەپ سورىدى.
ـــ ھازىر ئۆيدە. ئېشلەي دىسەم، ئۆيدىكلەر ماقۇل بولمىدى. ــ دىدى.
  ئۇلار شۇ تەرىقىدە خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى. ئايشەمنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولدىكى: ئۇ بىر باينىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، ئوووويدىكلەر ئۇنى كىچىكىدىن تارتىپ قاتتىق باشقۇراتتى. شۇڭلاشقا ئايشەم كىچىككىنە بىر ئېش بولۇپ قالسىمۇ يىغلاپ كىتەتتى. مانا شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك. ئۇ سىرىتلارغىمۇ ئانچە كۆپ چىقمايتى.  ئۇ 13ــــ2 1ياشلارغا كىرگەن يىلى، ئاتا ــ ئانىسى قاتناش ۋەقەسىدە ئۈلۇپ كىتىپ، ئايشەمگە ۋە ئۇنىڭ  دادىسنىڭ مال ــ مۇلۇكىگە تاغىسى ئىگىدارلىق قىلىدۇ. تاغىسى ئېچىپ، چىكىپ يۇرگەچكە، ئايشەمنىڭ دادىسنىڭ مال ــ مۇلۇكىنى ئۇزۇنغا بارماي تۇگەيدۇ.  دەل شۇ ۋاقىتتا، بىر باينىڭ ئوغلى ئايشەمگە ئەلچى كىرگۇزىدۇ. ئايشەمنىڭ تاغىسى، ئايشەمنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا بۇ تويغا ماقۇل بولىدۇ. ئايشەم تويغا 3 كۈن قالغاندا ھەممە ئەھۋالنى بىلىپ، ئۆيدىن چىقىپ كىتىدۇ. ئايشەم ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ھىلقى قىز بالا بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدۇ.
   ئەكبەرنىڭ كېلىشى بىلەن گەپ يەنە توختاپ قالدى.ئۇلار خوشلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. تۇرسۇن ئۆيگە كەلگۇچە ئايشەمنى ئويلاپ كەلدى. ئۇلار شۇنىڭدىن كىيىن، خىلى كۆپ كۈرۇشتى. ھەر قىتىملىقتا بىر ــ بىرگە كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلىشاتتى. يالغۇز قالغان ۋاقىللاردا بىر ــ بىرىگە كۆڭلۇدىكى گەپلەرنى دىيىشەتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇلار بىر ــ بىرىگە كۆڭۇل ئىزھار قىلىشقانمۇ بولدى.
  مانا شۇنىڭدىن كىيىن تۇرسۇن ئېچمەس، چەكمەس بولدى. بۇنىڭ ھەممىسى ئايشەمنىڭ تۇھپىسى ئىدى.
                                (9)
  كۈنلەر، ئايلار بىر ـــ بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى. تۇرسۇن بىلەن ئايشەمنىڭ مۇھەببىتى تىخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، بىرــ بىرىنى كۆرمىسە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.
   ئاي نۇرى ئۆز نۇرىنى سىخىيلىق بىلەن چاچقەن بولۇپ، گويا بۇ ئىككى ئاشىق ــ  مەشۇقلارنى تەبرىكلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇلار تاتلىق پىچىرلاشقىنىچە بىرــ بىرىگە قىيا بىقىپ كىتىپ باراتتى. تۇرسۇن توختاپ ئايشەمنى ئۆزىگە قاراتتى، ئاندىن يۇزىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ:
ـــــ ئايشەم بىر توي قىلايلى. ـــ  دىدى.  ئايشەم كۆزلىرىنى تۇرسۇنغا تىكىتى ۋە تىزلا يۆتكىۋالدى. تۇرسۇن:
ــــ نىمە؟ قوشۇلمايدىغان ئوخشىمامسىز؟  ــ دەپ سورىدى. ئايشەم:
ـــ ياق. ئۇنداق ئەمەس ھازىر مىنىڭ سىزدىن باشقا يىقىن ئادىمىم يوق. مىنى ئانىڭىز قوبۇل قىلامدۇ، قىلمامدۇ بىنى بىز تىخى بىلمەيمىز. شۇڭا سىز باشتا ئانىڭىزگە دەپ بېقىڭ. ـــ دىدى.
   تۇرسۇن ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا ئانىسىگە دىدى. ئانىسى ھەيران بولغان ھالدا گەپ قىلمىدى. ئارىدىن ئىككى ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن:
ـــ ھىلقى قىز بىلەن قانداق تونۇشتۇڭلار؟ ـــ دەپ   سورىدى. تۇرسۇن ئانىسنىڭ سۇئالىغا قىزىقىپ جاۋاپ بەردى.ئەمما راستىنى ئەمەس، يالغاننى دىدى.
ـــ مەكتەپتە ئاغىنا بالىلارنى ئىزدەپ بىرىپ تونۇشقان، يۇرۋاتقىلىمۇ خىلى ئۇزۇن بولدى. بۇ ۋاقىتلاردە شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق. ئۇنىڭ بىلەن مەڭڭۇ شۇنداق ياخشى ئۆتۇشۇمگە ئېشەنچىم بار. ـــ دىدى. ئانىسى:
ـــ ئۇ قىزنىڭ ئىسمى نىمە؟  ـــ دەپ سورىدى.  
ـــ ئايشەم.
ــــ نىمە؟ ئايشەم دىدىڭما؟!!
ــــ ھەئە. ئۇنىڭ ئىسمى ساڭا ئوخشاش بولۇپلا قالماي، يانا ئەخلاق ، پەزىلەتلىرىمۇ ساڭا ئوخشاش. ـــ دىدى. ئانىنىڭ كۆزلىرى ياشلاندى. بۇ قانداقتۇ ئەلەم ـــ قايغۇ يىغىسى ئەمەس، خۇشاللىق يىغىسى ئىدى. چۇنكى ئانا ئۇچۇن ئۆز بالىسنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاش نىمىدىگەن ھوزۇر ــــــ ھە؟!!
                                  (10)
   مانا بۇگۇن تۇرسۇن بىلەن ئايشەمنىڭ تويى. ئىككى ياشنىڭ ھالال بىرگە بولشىنىڭ باشلىنشى ئىدى. ناغرا ــ سۇنايلار پەلەككە يەتكەن، ھەممە دوستىلار تۇرسۇننى تەبرىكلەپ ئۇسۇلغا چۇشكەنىدى.
  ئۇلار توي قىلىپ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، شۇنداق باخىتلىك تۇرمۇش كەچۇرگەنىدى.ئەمما بىر ئادەمگە بەخىت، خۇشاللىقنىڭ مەڭگۇلۇك بولمىغىنىغا ئوخشاش بۇلارنىڭمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشى ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى. كىيىنچە تۇرسۇن يەنە ئېچىش چېكىشكە بىرىلىپ كەتتى ھەتتا كۈن كۈنلەپ ئۆيگە قايىتمايدىغان ۋاقىتلارمۇ بولدى. بۇنداق تۇرمۇشقا چىدىمىغان ئايالى ئايشەم تۇرسۇنغا:
ــــ  ئەگەر ئېچىش، چېكىشنى توختاتمىسىڭىز، سىزبىلەن بولغان ئەر ــ خوتۇنچىلىقنى ئۈزمەن. ــــ دىدى. تۇرسۇن بۇ سۆزلەرگە پەقەت كۈلۇسىرەپلا قويدى.
  ئارىدىن خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى.تۇرسۇن تىخىچە ئېچىش، چېكىشنى توختاتمىغان بولۇپ، ئۆيگىمۇ قايىتماس بولۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئايالى ئايشەم  يەنە بۇرۇنقى <<ماكانىغا>>قايتىپ كەتتى. ئانىسى ئايشەم بۇ ئېشنى پۇتۇنلەي تۇرسۇندىن كۆرەتتى.
   بىر كۈنى كىچىسى ئۇ ئۇخلىماي ئوغلى تۇرسۇننى ساقلاپ تۇردى. لىكىن شۇنچە كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، تۇرسن تىخىچە كەلمەيۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرساتۇرسۇننىڭ ئالا ــ تاغىل توۋلاشلىرى ئاڭلاندى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئوغلىنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئانا كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا، ئوغلىنى ئۆيگە ئەككىردى.
   ئايشەم ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ قالدى ،چۇنكى تۇرسۇننى يۈلەپ بولالمىغانىدى. ئايشەم ئوغلىغا شۇنچە كۆپ گەپ قىلغان بولسىمۇ، تۇرسۇن ئۇنسىز ئولتۇراتتى. ئانىسى:
ــــ  بالام ئايشەم بىلەن بىر ئوبدان ئۆتەتتىڭلار. نىمە بولدۇڭلار؟ ــ دىدى. تۇرسۇن:
ـــــ مەنمۇ بىلمىدىم.  ـــ دەپ جاۋاپ بەردى.
ــــ سەن نىمىنى بىلمەيسەن؟ ئېچىپ ،چېكىپ  يۇرمىگەن بولساڭ ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتەمتى. سىنىڭ مۇشۇ ئېچېپ، چىكىشلىرىن بېشىڭغا بالا بولغاندا توختايسەنغۇ ئاخىر. ئاتاڭنىڭ پۇشتىدىن سەندەك بىر ئوغولنىڭ تۇغۇلۇپ قالغىنىغا مىڭ پۇشايمان. بالدۇراق بىلگەن بولسام ،سىنى قورسىقىمدىكى ۋاقتىمدىلا ئۆلتۇرۇپ قويغان بولاتتىم. نەرىڭ ئەرگە ئوخشايدۇ؟ نەدىكى بۇزۇقلارنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۇرسەنغۇ ــ ھە؟!! ــــ دىدى. ئانىسى ئۇنىڭ بىر <<بازارچى>> ئايال بىلەن يوشۇرۇن توي قىلۋالغىننى بىلگەنىدى. ئايشەمنىڭ سۆزى تۇگىمەيلا، تۇرسۇن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ:
ــــ بۇزۇق دىمە جۇما!ـــ دىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قىزىللىق قاپلىۋالغانىدى.
ــــ دەيمەنغۇ قانداق.
ـــ نەدە كۆرگەن بۇزۇقلىقىنى؟ ـــ تۇرسۇننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، ئايشەم يىغلاپ كەتتى. ئارقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تۇرسۇننىڭ يۇزىگە بىرنى سالدى. كىچىكىدىن تارتىپ بىر تاياق يەپ باقمىغان تۇرسۇنغا بۇ تاياق بەك ھار كەلدى.
   ئېچكەن ھاراقنى <<كۈچىنى>> ئەمدى كۆرسىتىلۋاتاتتى.  تۇرسۇن ئۆز ئانىسنى قالايمىقان ئۇرۇپ كەتتى. ئايشەمنىڭ ئېغىز ــ بۇرۇنلىرىدىن قانلار چۇشۇۋاتاتتى. ئايشەم ئۆزئوغلىنىڭ بۇنداق قىلشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغلىنىڭ بۇنداق قىلىشلىرىغا چىدىماي، ئۆيدىكى پىچاقنى قولىغا ئالدى،ئاندىن ئوغلىغا قارىتىپ قالايمىقان شېلتىشقا باشلىدى. پىچاق چىراغ نۇرى ئاستىدا ۋال ــ ۋۇل قىلىپ نۇر چاقنىتاتتى. تۇرسۇن ئانىسنىڭ قولىنى تۇتىۋىلىپ، پىچاقنى قولىغا ئالدى. ئاندىن ئانىسنىڭ كۆكسىگە قارىتىپ ئارقا ــ ئارقىدىن پىچاق ئۇرۇشقا باشلىدى.
ـــــ ۋا........يى...........جان. ـــ دىگە ئاۋاز بىلەن تەڭ ئانا يەرگە يىقىلدى. تۇرسۇننىڭ قوللىرى قانغا بويالغانىدى، ياق قوللىلا ئەمەس پۇتكۇل ۋۇجۇدى، پۇتكۇل بەدىنى قانغا بويالغانىدى.
   ئۇ شۇ جايىدا ئولتۇرۇپ ئۇيقىغا كەتتى. چۇشىدە قورقۇنۇشلىق بىر مەخلۇق ئۇنى قايتا ــ قاتيا يۇتاتتى، يەنە چىقىرىپ يەنە يۇتاتتى، ئاغزىدىن ئوت پۇرقىيتى، ئۇنى كۆيدۇراتتى. ئۇ چۆچۆپ ئويغىنىو كەتتى، مەسچىلىكتە قېلىپ قويغان ئېشىنى ئويلاپ ئۇزۇن يىغلاپ كەتتى، ئاندىن كۆزلىرىدىن ياشلار تۆككەن ھالدا:
ـــ ئاھ خۇدا، مەن نىمە ئېشلارنى قىلىپ قويدۇم. ئۆز ئانامنى ئۆلتۇردۇم . دۇنيادا مەندىنمۇ قەبىھ ئىنسان بارمۇ؟ ئەي ئانا مىنى كەچۇرگىن. مەندەك نادان ئوغلۇڭنى كەچۇرگىن.ـــ ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى پىچاقنى كۈچەپ يۇرۇپ، يۇرەك قىسمىغا ئۇردى.
                              ( خاتىمە)
   مانا ئىككى ئادەمنىڭ نامىزى بۇگۇن سەھەردىلا چۇشۇرلۇپ، قەبرىستانلىققا ئېلىپ كېتىلدى. ناماز ئۇزاتقۇچىلار ئارىسدا ئانىغا گۇزەل جەننەتنى، بالىغا بولسا دوزاخ ئازابىنى تىلەۋاتقانلا كۆپ ئىدى.ئايشەم ئۆلدى. ئايشەم بۇ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ قىيىنئانىسى ئۇچۇن يىغلاپ قالدى.

                      مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
                      يوللىغۇچى: توغراق شاھزادە  

ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى:ئۆتۇپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىندە،‹‹ ئەجەپمۇبىر چاكىنا ئېشلارنى  قىلىپ قويۇپتىمەن.›› دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.
                           ئابدۇراخمان روزى(توغراق شاھزادە)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 05:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقى بولسا كەچۇرگەيسىزلەر ــ ھە؟ ئالدىراپ يىزىپ.........

ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى:ئۆتۇپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىندە،‹‹ ئەجەپمۇبىر چاكىنا ئېشلارنى  قىلىپ قويۇپتىمەن.›› دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.
                           ئابدۇراخمان روزى(توغراق شاھزادە)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 05:57:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ياخشى ئىكەن ،،،،قەلەم كۈچى قابىليىتېڭز باركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3683
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28384
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 05:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي ... كىيىنچە ئوقۇيمەن .            قارىغاندا بۇ چىنلىق ئاساسىدا يېزىلغان كىچىكراق پوۋېست ئوخشايدۇ .

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 06:09:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر ۋەقەلىكى چىن،(راسىت بولغان ئېش) ئەمما جەريانى ئۆزۇمنىڭ ئويلىغانلىرى.

ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى:ئۆتۇپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىندە،‹‹ ئەجەپمۇبىر چاكىنا ئېشلارنى  قىلىپ قويۇپتىمەن.›› دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.
                           ئابدۇراخمان روزى(توغراق شاھزادە)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 06:13:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى سۇئال ، ئايشەم ئانىنىڭ يولدىشى بەكرى نىمە سەۋەپتىن تۈگەپ كەتتى ؟

ئىككىنچى سۇئال ،  تۇرسۇن مەكتەپتە بىر ئوبدان ئوقۇۋېتىپ نىمە سەۋەپتىن ئىچىملىك چىكىملىككە ئۆگىنىپ قالدى ؟
  
ئۈچۈنى سۇئال ، تۇرسۇن ئالماقچى بولغان قىز ئايشەم تويىغا ئۈچ كۈن قالغاندا ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ باشقا بىر بالا بىلەن بىرگە تۇردى دەپ يىزىپسىز ، شۇنداق ئەھۋالدا تۇرسۇن يەنە نىمە سەۋەپتىن ئايشەم بىلەن توي قىلىدۇ ؟؟
تۆتىنچى  سۇئال ، تۇرسۇننىڭ ئالغان ئايالى ئايشەمنى نىمە مەقسەت بىلەن ئاۋال ئۇزۇن كىيىم كىيىپ ئورانغان قىياپەتتە كەينىدىنلا زامانىۋى قىياپەتتە تەسۋىرلىدىڭىز ؟

يەنە كاللامدا نۇرغۇن سۇئال ......

[color=Navy]ئەزىز كۈسەن دىيارى  . [/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 06:15:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا تولۇق  ئوقۇدىڭىزما؟

ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى:ئۆتۇپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىندە،‹‹ ئەجەپمۇبىر چاكىنا ئېشلارنى  قىلىپ قويۇپتىمەن.›› دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.
                           ئابدۇراخمان روزى(توغراق شاھزادە)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 06:16:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇغان بولسىڭز  چوقۇم جاۋاپ تاپالايسىز.

ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى:ئۆتۇپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىندە،‹‹ ئەجەپمۇبىر چاكىنا ئېشلارنى  قىلىپ قويۇپتىمەن.›› دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.
                           ئابدۇراخمان روزى(توغراق شاھزادە)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82139
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5416
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-6-26
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 07:12:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ئاتا قىلارسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 07:18:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقۇم. (ئاللاھ خالىسا)   دوسلارنىڭ قوللىشى ئارقىسدا، تىخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى چوقۇم يېزىپ چىقىمەن.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurahman5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 07:19 PM  


ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى:ئۆتۇپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىندە،‹‹ ئەجەپمۇبىر چاكىنا ئېشلارنى  قىلىپ قويۇپتىمەن.›› دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.
                           ئابدۇراخمان روزى(توغراق شاھزادە)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش