|
|
|
|
ئومباشتا نورۇز تەنتەنىسى ئەۋجىگە چىقتى
مەملىكىتىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ، ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بارلىق تۈركىي، فارىسىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى-نورۇزنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى باي ناھىيەسىنىڭ ئومباش يېزىسىدا يېزىلىق پاركوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشىدە، بۇ يېزىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان «يېڭى مۇزات دېھقان-چارۋىچىلار سەنئەت ئۆمىكى» بىلەن ئومباش يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىدىكى كادىر-خىزمەتچىلەرنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلىشىدا، نورۇزنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. سەنئەت كېچىلىكىگە باي ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەنىۋىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى، ئومباش يېزىسىدىكى دېھقان-چارۋىچلاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ سەنئەت كېچىلىكىگە ئىشتىراك قىلدى. كېچىلىكتە، بۇ يېزىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان «يېڭى مۇزات دېھقان-چارۋىچىلار سەنئەت ئۆمىكى» نىڭ ئارتىسلىرى، ۋە ئومباش يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىدىكى كادىر-خىزمەتچىلەر مەزمۇنى ساغلام، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا، ئىتوت قاتارلىق رەڭدار سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن باي ناھىيەسىدە نورۇزنى تەبرىكلەشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 09:20 PM
|
|
|
|
|
|