مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3661|ئىنكاس: 5

ھەقىقىي ئەپۇ قىلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1275
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 12:42:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىر قېتىم كەشپىيات ئاتسى دەپ نام ئالغان ئېدىسۇن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بىر لامپۇچكا ياساپ چىقىپتۇ . ئۇلار بىر كېچە- كۈندۇز جاپالىق ئىشلەپ پۈتتۈرگەنىكەن .
   ئېدىسون بىر ياش شاگىرتىنى بۇ لامپۇچكىنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى يەنە بىر تەجرىبىخانىغا ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ . بۇ شاگىرىت ئېدىسوننىڭ قولىدىن لامپۇچكىنى ئېلىپ ، چېقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەلەمپەيگە قاراپ مېڭىپتۇ . بىراق كاللىسىغا لامپۇچكىنى چېقىۋەتمەسلىك خىيالى كىرۋالغاچقا ، جىددىيلىشىپ ، قوللىرى قولاشمايلا قاپتۇ . ئۇ مېڭىپ پەلەمپەينىڭ ئۈستىگە چىقىشىغىلا ، لامپۇچكا يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كېتىپتۇ . بۇ چاغدا ئېدىسون بۇ شاگىرتىنى قىلچە ئەيىپلىمەپتۇ . بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېدىسون ياردەمچىلىرى بىلەن يەنە بىر كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ ، يەنە بىر لامپۇچكىنى ياساپ چىقىپتۇ . لامپۇچكىنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن ، ئېدىسون ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا ، لامپۇچكىنى ھېلقى شاگىرتىغا تۇتقۇزۇپ ، يەنە ئۈستىگە ئاچىقىشقا بۇيرۇپتۇ . بۇ قېتىم ھېلقى شاگىرتى خاتىرجەم ھالدا لامپۇچكىنى ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپتۇ . بۇ ئىشتىن كېيىن بىر ئادەم ئېدىسوندىن :
___ سىز ئۇنى ئەپۇ قىلغاندىن كېيىن بولدىغۇ ، يەنە ئۇنىڭغا لامپۇچكىنى يەنە ئۈستىگەئاچىقىشقا بەرگىنىڭىز نېمىسى ؟ ناۋادا يەنە يىقىلغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز ؟ - دەپ سوراپتۇ . ئېدىسون :
___ ھەقىقىي ئەپۇ قىلىش ئېغىزدا دەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ .بەلكى ئۇنى ئۆز ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىپادىلىشىمىز كېرەك ، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .

         مەنبە : خەنزۇچە << ئوقۇرمەن >> ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 06:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2785 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 03:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس ئادەملەر كۆرسە بولىدىكەن ،
ياراپمۇ قالىدۇ يولۋاسقا تۈلكە ،
بولغاچقا يۈزىدە خۇشامەت كۈلكە .
ھەزەر قىل ئاشۇنداق تىلى شىكەردىن ،
چاپىدۇ بىر كۈنى پۇتۇڭغا كەكە .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 05:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك . ياخشى تېمىكەن .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 05:36:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ،ئەپۇقىلىشنى بىلگەن ئادەم ئاندىن باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 05:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېبرەتلىك ھېكايىكەن . چىن يۈرەكتىن كەچۇرمەك  ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس !

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91419
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 642
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 11:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزسەك ،باشلىقلار ھەر قېتىملىق يىغىندا بىر قېتىم ئەيىپلەيدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش