مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 8

ھىدايەت قەسىدىسى (شېئىر ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91936
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 12:33:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىدايەت قەسىدىسى

(شېئىر )

بەخىت قوينىغا ئىنتىلسەڭ ، ئىلىم ئىرپان يۈلەك بولسۇن ،
سەپەرداش بولما جاھىلغا ، يۈرەر مەنزىل بۆلەك بولسۇن .
ياساپ كەتسەڭمۇ گەر ئۇچقۇ ، پەلەكلەردە كېزىپ يۈرگەن ،
ياراتقان زاتقا يۈزلەنگىن ، ئەقىل ئىدراك تىرەك بولسۇن .

غەنىمەت بىل قانائەتنى ، ئېسىل تۇرمۇشقا كۆزتىكمە ،
ئىماندىن ئۆزگە راھەتنى ، بولۇر دەپ ھىچ ئۇمۈت كۈتمە .
دىنىڭ كۈلگەندە سەن كۈلگىن ، مۇسىيبەتلەنسەقان يىغلا ،
پىشانەڭ سەجدىگە بارماي ، بىرەركۈن بىۋاپا ئۆتمە .

بىراۋ كەلتۇرسە پەردازلاپ ، ئىمانسىزلىقنى پەرمايىش ،
تېپىلماس زەررىچە بۇرھان ، ئۇنىڭ دەسمايىسى خاھىش .
تەپەككۇرنى يۈلەك قىلغىن ، ھىدايەتنى سورا ھەقتىن ،
ئىجابەت ئەيلىسە رەببىم ، باھارغا ئايلىنار جۇت قىش .

تۈمەن رەڭلىك يىمەكلىكتىن ، قىزىل قان بولغاننى ئويلاپ باق ،
ئانا رەھمىدە چىشلەم گۆش ،ئاڭا جان بولغاننى ئويلاپ باق .
باھار كەلسە قۇرۇق شاختىن ، ھايات ياشناپ بېرەر مىۋە ،
ئۇنى زاۋۇتتا ئىشلەشكە ، نە ئىمكان بولغاننى ئويلاپ باق .

ئۈژۈم ياپراقىدىن "پىلقۇرۇت" يىپەك قىلغانىنى ئەسلە ،
ئۇنى زاۋۇتتا ئىشلەش ھەم ، مۇھال بولغانىنى ئەسلە .
ئەشۇ ياپراقنى قوي ياكى ، كالاڭغا بىر ئۆمۈر بەرسەڭ ،
ئېغىلدا نە غوزەك بولسۇن ، ماياق تولغانىنى ئەسلە .

دېڭىزدىن پارلىغان بۇژغۇن ، شامالدا ئۆرلىدى كۆككە ،
ئىتائەت ئەيلەبان ھەرچاغ ، ئۇلۇغ قادىرۇ-قۇدرەتكە .
قۇيۇلماستىن بىراق كۆكتىن ، زىمىنغا چۈشتى زەر تامچە ،
ئەقىل لال بولمىسا كاشكى ، ئۇنىڭدەك كاتتا ھىكمەتكە .

كۆرەلمەستىن تۇرۇپ جانسىز ، تىزىلدى شۇنچە ئۇز رەتلىك ،
ئۇنىڭسىز بولمىغاچ تەسۋىر ، گۈزەل ھۆسنىڭگە قاش كىرپىك .
بولالامتى ئانا ھەمدەم ، ئۇزۇق بەرمەككە پەرزەنتكە ،
ئىلاھى كۈچ قۇۋەت ئىيلە ، ئەگەر ئۇلانمىسا كىندىك .

تۇخۇمدىن سىرتقا چىقماستىن ، قانات تەخ بولدى قۇشلارغا ،
مەگەر بولغاندا شۇ پەيسىز ، نىچۈك ئۆرلەيتى ھاۋاغا .
بېرىلگەن بولسا گەر تاللاش ، ياساشقا خالىغان ئەزا ،
قەيەردىن بىلدى ئۇچماقنى ، تۇغۇلغان چاغدا دۇنياغا .

ھەرە قارنىدا گۈل بەرگى ، ھەسەلگە ئايلىنار تىزدىن ،
تېپىلمايدۇ ئەشۇ خىسلەت ، يولۋاس ۋەياكى يىلپىزدىن .
دىمەك خالىق ئاتا قىلغان ، ياراتقان ھەرنىگە خاسلىق ،
ئەقىل بابىدا ھەر جانزات ، تۆۋەن تۇرغان كەبى بىزدىن .

يېزىشتى قانچىلاپ داستان ، كېلىپ دەۋرانغا كۆپ ئاقىل ،
ئىرىشتى ئۇشبۇ ھۆرمەتكە ، تۇتۇپ ئۇستاز ئوقۇپ كۆپ يىل .
بىراۋدىن ھېچ ئىلىم ئالماي ، مىسىلسىز بولدى پەيغەمبەر ،
ئېلىپ كەلمەس ئۇنىڭدەك يول ، ئەگەر بىرلەشسە مىڭ پازىل .

دەلىل بولغاندا بىر ئوكيان ، مىنىڭ كەلتۈر گىنىم تامچە ،
سۈپەتلەشكە تىلىم ئاجىز ، ئورۇنسام بۇ ھەقتە ھەر قانچە .
بېسىپ ئون-نەچچە دەۋراننى ، ھەرىپ ئۆزگەرمىدى قۇرئان ،
ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ھەرچاغ ، تىرىشقان بولسىمۇ شۇنچە .

ھىدايەت تاپسا بىر ئىنسان ، مىنىڭ ئۇشبۇ قەسىدەمدىن ،
يېنىك بولغاننى ھىس قىلسام ، مۇسۇلمانلىق ۋەزىپەمدىن .
ياشاپ ئۆتسەم پۈتۈن ئۆمرۈم ، بولۇپ ھەق دىنغا دەۋەتچى ،
يېراقلاشماي بىرەر لەھزە ، سۈزۈك تەۋھىد ئەقىدەمدىن .

فارۇق571
2013-3-12


مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19363
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1924 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 01:38:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇخۇمدىن سىرتقا چىقماستىن ، قانات تەخ بولدى قۇشلارغا ،
مەگەر بولغاندا شۇ پەيسىز ، نىچۈك ئۆرلەيتى ھاۋاغ
بېرىلگەن بولسا گەر تاللاش ، ياساشقا خالىغان ئەزا ،
قەيەردىن بىلدى ئۇچماقنى ، تۇغۇلغان چاغدا دۇنياغا .

ئالماشقاچقا ئىتەك بىلەن ياقىلار،
ئۇچىمەن دەپ خەقىش قىلار پاقىلار.
  كىم بىلىدۇ مۇشۇنداق كىتىۋەرسە،
  ئالمىشامدۇ تېخى تۇماق بىلەن تاقىلار.

مەزمۇننى بەك ياخشى ئىپادىلەپسىز،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 01:40 PM  


كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 541
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 01:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز .(ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11197
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 02:20:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا مانا مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلارغا ئىنكاس تولىمۇ ئاز بولۇۋاتىدۇ . قىرىنداشلىرىمىز شۇ قالايمىقان مۇنازىرە بولسىلا بولدى .
شىئىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ،ھەم كۆچۈرۈپ ئىلىپلا كەتتىم(ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ)خاپا بولمىغانسىز.

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91936
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 02:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Janbar يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 02:20 PM
مىسرانىمدا مانا مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلارغا ئىنكاس تولىم ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ياقتۇرغان بولسىڭىز ، كۆچىرۋاسىڭىز بولىۋىردۇ ، بىرەر قىرىندىشمىزنى ، ھاياتنىڭ
ھەقىقىتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ، ۋە رۇھى ئۇزۇق بېرىشكە مۇيەسسەر بولالىسام ، ئەجىرنى ئىگسدىن
كۈتمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun420 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 02:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4820
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 790 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 02:46:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىغان بەندىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدۇ،خالىغان بەندىنى غەپلەتتە قالدۇرىدۇ...قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 07:24:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،  اللە رەھمەت قىلسۇن!  بەك ياخشى يېزىپسىز،  قولىڭىزغا دەرت  كەلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89792
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 07:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
217156520 چ چ  توپ  كومپىيوتېر  تېل فۇن مەسىللىرى بول سا سوراڭ

كۈيچى *ئاباخان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 1561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25489
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 12:30:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەششەت ئىسىل يېزىلىپتۇ

ئادەم بولساڭ بولغىن ئۆتكۈر شەمشەر قىلىچتەك ، بولمىغىن ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   owchi. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 12:31 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش