جوڭگو تەرەققىي قىلغان دۆلەتمۇ؟
جى لەيچۇەن
دولان تەرجىمىسى
ساۋخۇ تۇرىنىڭ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۇنىدىكى خەۋىرىدە، جوڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتىخەسىسلىرى نىۋيۇرىكتا « ئۆتكەن ئونيىلداجوڭگو ئىقتىسادى تىز تەرەققىي قىلىپ ئوتتىرىھال تەرەققىي قىلغان دۆلەت سەۋىيىسىگەيەتتى، مۇشۇنداق سۇرئەتتە يەنە ئونيىل تەرققىي قىلسا دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ » دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
2003-يىلدىن 2011-يىلغىچە جوڭگونىڭ ئىقتىسادى ھەر يىلى %10.7 لىك سۇرئەت بىلەن ئاشتى، GDP سى 4 تىرىلۇن 720 مىڭ مىليارت يۇەنگە يەتتى، مال باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە 2002-يىلدىكىدىن 1.5ھەسسە ئاشتى، ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيادا سىجىل ئىششنى قولغا كەلتۇرىپ، 2010-يىلى دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىختىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.
2011-يىلى، جوڭگونىڭ كىشى بىشى GDP سى 35 مىڭ يۇەنگە يەنى 5432 ئامىرىكادوللىرىغا يەتتى، دۇنيا بانكىسىنىڭ 2011-يىلدىكى ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا جوڭگو «ئوتتۇرىھال كىرىملىك دۆلەت » قاتارىغا كىرگەن.
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۇنى نىۋيۇرىكتائۆتكۇزىلگەن « كۇلىمبىيە ئونۋىرسىتىتىنىڭ جوڭگو تەرىققىيات مۇنبىرى » دە، جوڭگوخەلق ئونۋىرسىتىتى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ماۋ جېنخۇا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا « ئۆتكەن ئونيىلدا جوڭگو ئىقتىسادى ئوتتۇرىچە %10.7 لىك سۇرئەتتە ئىشىپ، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىختىسادىي گەۋدىگە، ئەڭ چوڭ سودا ئىكىسپورىت دۆلىتىگە ئايلاندى » دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇيەنە « ئۆتكەن ئونيىلدا جوڭگو تىز سۇرئەتتە شەھەرلىشىش باسقۇچىغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ كىرىمى ئاشتى، مۇقىم بولغان تاشقى مۇھىت جوڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت ئىقتىسادى ئىشىپ ئوتتۇرىھال تەرەققىي قىلغان دۆلەت سەۋىيىسىگە يەتتى » دىدى.
بۇنداق خەۋەرنى كۆرگەندە بەلكىم بىر قىسىم كىشىلەر ھاياجانلىنىپ، دۆلەتنىڭ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىللىرىدىن ئىپتىخارلىق ھىسقىلىشى مۇمكىن، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر بىئاراملىق ھىس قىلىپ، كۆڭلىدە باشقىلارنىتىللىغۇسى كىلىدۇ، كەمىنە قەلەم ئىگىسى كىيىنكى كىشىلەرگە تەۋە.
مەن بۇيەردە ماۋ جېنخۇادىن شۇنى سۇراپ باقسام «ئوتتۇرىھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟، ئاشۇ ئاتالمىش سانلىق-مەلۇماتمۇ؟، ئەجىبا ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە كۆپ قىسىم پۇخرالار ئۆي سەتىۋالالماسلىق، كىسەل كۆرستەلمەسلىك، پەرزەنتىنى ئوقۇتالماسلىق، تويغىدەك تاماق يىيەلمەسلىكمۇ؟، رايۇنلار تەرەققىيات پەرقى چوڭ، كىرىم تەخسىماتى تەكشىسىز،باي-كەمبىغاللىق پەرقى چوڭ بۇلىش كىرەكمۇ؟، ئەڭ تۇۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن تۇۋەن ئاچ-زارلىقتا ياشاۋاتقان نەچچى يۇز مىليۇن نامراتلىرى بۇلىش كىرەكمۇ؟، ئەجىبائوتتۇرىھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە ئەمەلدارلار چىرىكلىشىپ، ئەمەلنى تۇۋارئورنىدا سەتىپ، چىرىكلىشىپ باي بولغاندىن كىيىن چەتئەلگە كۆچمەن بۇلۇپ چىقىپ كىتىشىكىرەكمۇ؟، ئەجىبا پۇخرالىرى « يۇندا ياغ »، « زەھەرلىك كاپسۇل »، « زەھەرلىك يىمەكلىك » ئىستىمال قىلىشى، ئەمەلدارلار پايدا-مەنپەئەت ئۇچۇن ئۆز پۇخرالىرىنى تالان-تاراج قىلىش كىرەكمۇ؟، ئىلمىي ئۇنۋاندا، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشى،دىپلۇمنى تۇۋار ئورنىدا سىتىشى كىرەكمۇ؟، پۇتۇن ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسى يۇقىلىپ ئەخلاق كىرىزىسى يۇزبىرىشى كىرەكمۇ؟.
ئىشقىلىپ ئىقتىساد شۇناس ماۋ جېنخۇانىڭ سەپسەتىسىنى جوڭگودىكى كۆپلىگەن پۇخرالار ئىتىراپ قىلارمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.
كەمىنە قەلەم ئىگىسى شۇنداق ئويلاپ قالىمەن،جوڭگودىكى كۆپلىگەن مۇتىخەسىسلەر، مەنپەئەتدار گۇرۇھ ئۇچۇن ئۆز ۋىجداننى يۇقىتىپ،ئۇيالماستىن ئاۋامنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلىشى، ئەمەلدارلارغا گۇپپاڭچىلىق قىلىشى،تاپىنىنى يالاپ قۇيرۇق شىپاڭشىتىشى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، جوڭگو ھازىردۇچ كەلگەن رىيالنى مەسىلىنى مۇشۇنداق نان كۇچىكى مۇتىخەسىسلەرگە تايىنىپ ھەلقىلىش مۇمكىنمۇ؟.
مىنىڭچە بۇنداق نان كۇچىكى مۇتىخەسىسلەرنى مەجبۇرىي ھالدا نامرات رايۇنغا ئىۋەرتىپ دىھقان قىلسا ياكى قۇرۇلىش ئورنىدا ئىشلەمچى قىلساۋە ياكى كۇچىلاردا يايمىكەشلىك قىلدۇرسا، ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇلار يەنە « جوڭگوئوتتۇرىھال تەرەققىي قىلغان دۆلەت سەۋىيىسىگە يەتتى » دەپ جار سالغىننى بىر كۇرەي.
بۇ يازما « ئاۋام فىلياتۇن تورى » دا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۇنى ئىلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 11:51 AM