بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم
بۇت كىتىپ
ھەممە ئالەم يۇمشىدى ، قار-مۇز جۇدۇندىن جۇت كىتىپ،
بىخ چىقاردى لالە-رەيھان ، سوغنى ھەيدەپ ھوت كىتىپ.
بىر زامانلار ھىنايانا- ماھايانا تارقىلىپ،
ساكيامۇنغا سەجدە قىلغان ، ئەقلى باردىن خۇد كىتىپ.
شۈكرىكىم ، تەۋھىد ئاقارتتى قارا دىلنى قايتىدىن ،
نۇرى ئىسلام كەلدى يۇرتقا توققۇز باتىل بۇت كىتىپ.
«لا ئىلاھە ئىللەلاھ»تىن باشقا بولسۇن كىمدە ھەق؟
«بار» دىگەنلەر ھالاك بولغان، يەر يۇتتىلەر لوت كىتىپ .
باتىل بىلەن تولغان دۇنيا پىتنە-كۈلپەت، جەبرىگە ،
يەردە بەركەت كۆتۈرۈلگەن،تىجارەتتىن سۇد كىتىپ.
بىر ئۈممەتتىن پارچىلانغان يەتمىش ئىككى پىرقىغە،
ئاھۇ-زارلار چەككە يەتكەن ئاسايىشلىق قۇت كىتىپ.
بەردى ئاللاھ سۇلتان ساتۇق خاننى بىزگە ھەق بىلەن،
كىردى ئىسلام بۇ زېمىنغا ھەممە خوش تاغۇت كىتىپ.
رەببىما!... قايتا بۈ ئۇيغۇر توغرا يولدىن ئازمىغاي،
رەھمە قىل، كۈل بولمىسۇن دەۋزەخكە چۈشۈپ ئوت كىتىپ!...
2013-يىلى3-ئاي 16-كۈنى.شەپەرەڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shepereng تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 11:51 AM