زار بولدۇم
(يېڭى ئادەم يېتىشتۈرۈش " ئالاھىدە مەكتىپى " دىكى بىزارلىق ۋە ئىنتىزارلىقلار)
مەنبە: ئۆزقەلىمىم
سۆزۈمنى ئاڭلا دوستلىرىم "قۇل"لۇقتىن بەك بىزار بولدۇم،
پاك ،سەبىي _ ئۆسمۈرلۈكۈم،ئەركە چاغىمغا زار بولدۇم.
"مەكتىپىم"دىن ئايرىلىپ،"قانات "لىرىم قايرىلىپ،
"قەپەس"كە مەھكۇم بولۇپ،تۈمەن خارۇ-زار بولدۇم.
ئەھلى نامەرت، دۆت -نادانغا ئۆزگەرتمەك بولۇپ بىزنى،
"ئەمەل" بىلەن "سىياسەت"نى "باسقان"دىن بەك بىزار بولدۇم.
بىلىمسىزلىك،نادانلىققا قارشى ئوت ئاچار ھەر چاغ،
مەرىپەتپەرۋەر ئەمەلدار __"چاكار"لارغا زار بولدۇم.
ئاتا -ئانا ،پەرزەنىت مېھرىدىن نەپ ئېلىشقا ،
ئۆگەنگەن شۇ ھارامخور __ "ھازازۇل" دىن بىزار بولدۇم.
ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھۆرمەت تېپىپ ياشاپ كەلگەن،
نەسلى ساپ ،دىيانەتلىك نېنى پاكلارغا زار بولدۇم.
شۇم نىيەت ،تۇڭگۇز-قاۋانلار جەننىتى بولدى بۇ يەر،
مەن ئۈچۈن مىسلى _ دەۋزەخ بولدى بەك بىزار بولدۇم.
ئاش بەرگەن قازاننى ھەم چاقماققا تەييار تۇرار ،
ئەھلى تۇزكور،ۋاپاسىزلاردىن بەك بىزار بولدۇم .
ئۆز نېپى __ نەپسى ئۈچۈن ،ئۆزگىگە تۆھمەت قىلىپ،
"تۈگمە"نى "تۆگە" قىلغانلاردىن بەك بىزار بولدۇم.
ساداقەت، ۋاپا بىلەن ناھەققە ھەق گۆركار بولۇپ،
"ھەق"نى دوست تۇتۇپ كەلگەن دىلى پاكلارغا زار بولدۇم .
ئاتا-ئانا ، قېرىنداش مېھرىگە شەك كەلتۈرۈپ،
_"غەرەزلىك" ،دىگەن يۈزسىز -نۇمۇسسىزدىن بىزار بولدۇم.
ۋەلېكىن شۇلارغىلا بىر ئۆمۈر جاپا قىلغان ،
بالا ئەمەس،"نەپسى بالا" _ ئىنساپسىزدىن بىزار بولدۇم.
قېتىدىن خىلمۇ-خىل نەرسە چىقىپ كۆڭۈلنى ئاينىتار،
"ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى __ھور نان"دىن بەك بىزار بولدۇم.
سېلىپ ئەلگەكتە تاسقالغان،ئانام قولىدا تەم ئالغان،
بەدەنگە كۈچ-مادار سالغان __ تونۇر نانلارغا زار بولدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىراج تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 11:00 AM