مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 400|ئىنكاس: 2

توردەۋرى ھەققىدە ئويلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 02:26:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توردەۋرى ھەققىدە ئويلىنىش

ئەركيارتەرجىمىسى


تور ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا كەڭ قوللىنىشقا ئېرىشتى،تەسىرىمۇ زور بولماقتا ھەم كىشلەر تورغا بىرخىل ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىماقتا.نۆۋەتتە،يېڭىچە تورمەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ كىشىلەرنىڭ تورغا نىسبەتەن تۇنۇشىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرماقتا.بۇ خىل پەۋقۇلئاددە  تاينىشقا قاراپ شۇنداق دېيەلەيمىزكى،تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ۋە ھەرىكىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى.ئۇنداقتا،تورنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە ھەرىكەت شەكلىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى قايسى تەرەپلەردىن چۈشىنىش مۇمكىن؟ ئىنتىرنىت دەۋرىدە،مەۋھۇملاشقان كىشىلىك ئالاقە يېڭى بىرخىل«ھالقىش»قا قاراپ تەرەققىي قىلالامدۇ؟ بۇلار  ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە تېگىشلىك مەسلىلەردۇر.
«تېزتائام»چە ھەزىم قىلمايلا ئوقۇشتىكى چۇڭقۇرلۇق قەيەردە؟
كىتاب-ژۇرناللار دەۋرى كىشىلەرنىڭ سىزىقلىق تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ياراتقان ئىدى.كىشىلەر بىركىتابقا چۇڭقۇر چۆكۈپ،كىتابنىڭ بەت سانى،مەزمۇن تەرتىۋىگە دېققەت قىلىپ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ  پىكىر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى.تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن «پەيتىدە»بولۇشنىلا قوغلىشىپ،ئەنئەنىۋى ئوقۇش شەكلىنىڭ ئورنىنى «تېزتائامچە»ئوقۇش ئالدى.پىسخولوگ مارىئاننا.ۋورفنىڭ ئېيتقىنىدەك:« ئوقۇغان مەزمۇندىن قارار قىلىپلا قالماي،ئوقۇش شەكلىدىنمۇ قارار چىقىرىدىغان»،«مائۇس يەڭگىل چېكىلىپ تۇرىدۇ،مەزمۇن توسۇلۇپ-دۆۋىلىنىپ تۇرىدۇ»غان ئوقۇش ھالىتى شەكىللەندى.ئوۋچىنىڭ قىزىقىشغا ئوخشاش پىسخىكىدا تۇرۇپ چېكىلگەن توريازمىلىرىغا چۇڭقۇرلاپ تەپەككۇر قىلىش نېسىپ بولماي،«چېكىش مەدەنىيتى»تەسىرىدىكى سىزىقسىز تەپەككۇر،مەلۇم ئۇچۇردىن باشلىنىپ سىرتقا كېڭىيىپ چېچىلىپ كېتىدىغان تەپەككۇر قۇرۇلمىسى تورئەھلىدە بىر قېتىمدا ئىككى ئىشنى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشنى ئويلايدىغان تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.نۇرغۇن كىشىلەر تورغا چىققاندا بىرقانچە كۆزنەكنى ئېچىۋالىدۇ،ئوخشىمىغان كۆزنەكتە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ ئۇچرىشىدۇ.ھەتتا،باشقا قوللىنىشچان دېتاللارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىشلەۋاتقان بولىدۇ.
تورمەدەنىيتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى يېزىق ۋە رەسىمنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئوبرازلاشتۇرۇلغان«كۆرۈش»دۇنياسىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا يايدى.ھالبۇكى،ئويلاشقا ئېتىبار سۇسلاشتى.تېزتائام مەدەنىيتى تەسىرىدىكى ھاسىلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىخچام،ئۇششاقلانغان شەكىلدە كۆرۈلىدۇ،بۇ خىل مۇھىتتا يېتىلىدىغىنى«مەزمۇن تەرجىمانلىقى»،كەم قالغىنى بولسا مەسلىگە قارىتا ئويلىنىش جەريانى.بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋام قىلسا ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.
«كىشىلەرنىڭ تورئارقىلىق ئىگىلەيدىغان ئۇچۇرى ئىنتايىن كۆپ،ئەمما چۇڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ،يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئەقلى بىلىشكە يېتىشى كەمچىل.نەتىجىدە بۇ ئۇچۇرلار كۆز ئالدىدىن ئۆتكەن تەسىراتلا بولۇپ قالىدۇ.كىشىلەرنىڭ دېققىتى تېخىمۇ چېچىلىپ تۇرمۇشىدىمۇ پارچىلىنىش بولىدۇ.تەپەككۇر شەكلى تېخىمۇ ھېسسىيلىشىدۇ،ئەقلىي تەپەككۇر ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ،شەخسنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەلگىلىك پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرلاريېتەكچىسى دوڭ تىيەن سې پروففىسور تەشۋىشلىنىپ شۇنداق دەيدۇ.


*خەنزۇچە ئەسلى مەنبە: http://news.xinhuanet.com/politics/2011-11/26/c_122338890.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 02:38 AM  


مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7678
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1800 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 12:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇيۇقسىز پۈتۈن دۇنيادا تور توختاپ قالسا قانداق بولا؟ ......

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

تۇرمۇش مەڭگۇ ئاچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2633
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10507
تۆھپە نۇمۇرى: 563
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 12:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇر شەكلى تېخىمۇ ھېسسىيلىشىدۇ....
مۇشۇ گەپ شۇنداق توغرا جۇمۇ. ھازىر قارايدىغان بولساق ،چ چ ، مەكتەپ تورى ، بلوگ،دىگەندەك يەلەرنىڭ كەيپىيات يىزىدىغان (shuo shuo)يىرىگە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق،تۇتۇق ،يامغۇر ياغدى،قار ياغدى ،تاماق يىدىم ،يىمىدىم ،كەيپىياتىم ئۇنداق -مۇنداق دەپ ياكى ھىچكىمگە دىمەيدىغان ئىچ سىرلىرىمىزنى ،گەپلىرىمىزنى شۇ يەرگە تۆكىمىز .ئىشقىلىپ بەزى كىشىلەر ئوبىرنىغا نەچچە قىتىم كىرگىنىنى يازمايدۇ ،قالغان ھەممە ئىشلىرىنى يىزىپ چىقىرىدۇ . مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ھىسسىيلىشىشىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن .
بىزنىڭ بالىلىرىمىز دەۋرىگە بارغاندا كىشىلەر پەقەتلا ئۆز-ئارا گەپ قىلىشمايدىغان ،ئىزدەشمەيدىغان ،پەقەت توردىلا ئىزدىشىپ ،گەپ قىلىشىپ ، بىر- بىرىنىڭ ئىشلىرىنى ،ئەھۋاللىرىنى توردىلا بىلىشىپ ماڭىدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدىغان ئوخشايدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش