مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4129|ئىنكاس: 26

11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10887
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1693 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 11:06:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


«11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى»نىڭ تولۇق ئاتىلىشى «مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن قوراللىق توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى بىتىم». 1944- يىلى كۈزدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغان. 1945- يىلى 10- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىدىن رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ بىلەن دىخۇادا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچىدە) تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. 1946- يىل 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىككى تەرەپ 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمىنىڭ تېكىستىنى ۋە بىرىنچى قوشۇمچە ھۆججىتىنى ئىمزالىغان؛ 6- ئايدا ئىككىنچى قوشۇمچە ھۆجججىتىنى ئىمزالىغان. ئاساسلىق مەزمۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە؛ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە؛ شىنجاڭدىكى مەمۇرىي ئورگان ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىدە خەنزۇ يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى تەڭ قوللىنىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا سۇنغان ھۆججەتلىرىدە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنىلا قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ؛ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ مىللىي مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ ئەركىن تەرەققىياتى، خەلقنىڭ نەشىر قىلىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش؛ پىكىر ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ باج نىسبىتى، تاشقى سودا جەھەتلەردىمۇ مۇناسىپ بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىدۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. بىرىنچى قوشۇمچە ھۆججەت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئائىت بەلگىلىمىلەر بولۇپ،  مەركىزىي ھۆكۈمەت 25 نەپەر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزاسىنى تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 10 كىشىنى مەركەز بىۋاستە ئەۋەتىدۇ (ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەندە يەتتە كىشى ئەۋەتكەن)، رەئىس ۋە باش كاتىپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۈچ ۋىلايەت ئالتە نامزات كۆرسىتىدۇ (ئەمەلىيەتتە سەككىز نامزات كۆرسەتكەن)، مۇئاۋىن رەئىس ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ قالغان يەتتە ۋىلايەت توققۇز نامزات كۆرسىتىلىدۇ (ئەمەلىيەتتە 10 نامزات كۆرسەتكەن)، مۇئاۋىن رەئىسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېيىلگەن. ئىككىنچى قوشۇمچە ھۆججەت ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئائىت بەلگىلىمىلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۈچ ۋىلايەت قىسىملىرىنى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ شىتاتى بويىچە ئۈچ ئاتلىق تۇەن، ئۈچ پىيادە تۇەن قىلىپ تۈزۈش؛ ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 12 مىڭدىن ئاشماسلىق؛ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتە تۇرۇش؛ غۇلجا تەرەپ بىر باش قوماندان قويۇش ھەم ئۈچ ۋىلايەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇش، دەپ بەلگىلەنگەن. 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەسمىي تەشكىللەنگەن. جاڭ جىجۇڭ رەئىس، ئەخمەتجان قاسىمى، بۇرھان شەھىدى مۇئاۋىن رەئىس بولغان. شۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى كومپارتىيىگە، خەلققە قارشى ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان، شىنجاڭدا تىنچلىق بىتىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ۋەقە تۇغدۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە ھەر مىللەت دېموكراتىك كۈچلىرىگە زەربە بەرگەن، ئاخىرىدا مەسئۇدنى يۆلەپ ئۆلكە رەئىسى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت كادىرلىرى غۇلجىغا چېكىنگەن؛ بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئۈزۈل - كېسىل يىمىرىلگەن.
مەنبەسى: «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلار ئەسەر خاتىرىسى» 2- قىسىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuktulpar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 11:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 12:04:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ھەرقانچە قان تۈكۈپ جەڭ قىلغان بىلەن ئازاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغىننى بىلمەيتتىدە !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
fanteken بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 12:20:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 12:51:21 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىمىدىكى مەزمۇنلار جاللات سىتالىننىڭ تەقدىرىمىزنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئوينىغان ئويۇنلىرى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91716
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2014-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 02:48:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋېر قېرىنداشلىرىم

ئۇرە ئاغزىڭغا `!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92182
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 03:15:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇرۇشلارنىڭ تىرىك شاھىدى ، بوۋام ھازىرمۇ با ، دائىم سوراپ تۇرىمە ، جەڭلەرنى سۆزلەپ بىرىدۇ.   

سەن تىزلىنىپ باش ئىگىشكە ئادەتلەنگەن بولساڭ، سىنىڭ بۇ ئىتائەتمەنلىگىڭ زوراۋانلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تەخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپەتكە ئايلىنىدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 03:19:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kahazyolwas يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 03:15 AM
بۇ ئۇرۇشلارنىڭ تىرىك شاھىدى ، بوۋام ھازىرمۇ با ، دائىم  ...

بۇۋىڭىز كىمۇ  ئاڭلاپ باقايلى  قىرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92182
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 03:21:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇر******* بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kahazyolwas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 03:22 AM  


سەن تىزلىنىپ باش ئىگىشكە ئادەتلەنگەن بولساڭ، سىنىڭ بۇ ئىتائەتمەنلىگىڭ زوراۋانلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تەخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپەتكە ئايلىنىدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 09:27:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2821
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 09:49:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
11ماددا ئەمەس ،بەلكى 11‹‹مادا››.............ئۇنىڭ نومۇسىنى قايسى بىر ‹‹ھاڭگا›› بۇلغىدى..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش